Cantidad de items: 2597
Traductor, Autor, 21 / 6 / 1428 , 7/7/2007 Cantidad de items : 410
ياش تەرجىمان دىنى زىيالىي سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ھەدىسشۇناسلىق پاكۇلتىتىدىن باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
Autor, Revisor, Publicador, 15 / 2 / 1427 , 16/3/2006 Cantidad de items : 744
Revisor, Autor, 25 / 11 / 1430 , 13/11/2009 Cantidad de items : 542
تۇرك تەرجىمان
Revisor, Autor, Traductor, 14 / 2 / 1430 , 10/2/2009 Cantidad de items : 948
دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ئىنگىلىزچە قىسمىنىڭ باشقۇرغۇچىسى
Revisor, Traductor, Autor, 15 / 2 / 1427 , 16/3/2006 Cantidad de items : 876
Autor, Revisor, Traductor, 8 / 6 / 1428 , 24/6/2007 Cantidad de items : 975
Traductor, Revisor, Autor, 15 / 2 / 1427 , 16/3/2006 Cantidad de items : 867
Revisor, Autor, 26 / 12 / 1428 , 5/1/2008 Cantidad de items : 1042
Autor, 15 / 2 / 1427 , 16/3/2006 Cantidad de items : 1250
قىسقىچە ئىسلام پىقھىسى ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى
Revisor, Autor, Traductor, 15 / 2 / 1427 , 16/3/2006 Cantidad de items : 813
نىزامىددىن تەمكىنى سەئۇدى ئەرەبىستان رىياد رەبۋە رايۇنى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزىگە قاراشلىق دارۇل ئىسلام توربېكىتىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلىمىدە خىزمەت قىلىدۇ.
Revisor, Autor, Traductor, 14 / 9 / 1428 , 26/9/2007 Cantidad de items : 1267
Revisor, Autor, Traductor, 15 / 2 / 1427 , 16/3/2006 Cantidad de items : 1438
رىياد شەھرىدىكى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئىسلامىيە ئۇنېۋىرسىتىنىڭ شەرىئەت پاكۇلتېتىنى پۇتكۇزگەن.
Autor, 13 / 7 / 1428 , 28/7/2007 Cantidad de items : 1421
Autor, Revisor, 15 / 2 / 1427 , 16/3/2006 Cantidad de items : 1877
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇپتىسى
Revisor, Autor, Traductor, 22 / 3 / 1429 , 30/3/2008 Cantidad de items : 1583
رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان كۈرت تىلىدا تەرجىمان ۋە دەۋەتچى.
Autor, 15 / 2 / 1427 , 16/3/2006 Cantidad de items : 2007
شەيخ ئۇسەيمىيننىڭ قىسقىچە ھاياتى نەسىبى: ئۇ ئىمام، ئەللامە، فەقىھ ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنىى سالىھ ئىبنىى ئۇسەيمىين ئەلمۇقبىل ئەلۋۇھەيبى ئەتتەمىيمىي. ھاياتى: ئەللامە ئەبۇ ئابدۇللاھ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قەسىم رايونىغا قاراشلىق ئۇنەيزە شەھىرىدە ھىجرىيە 1347- يىلى، رامىزان ئېيىنىڭ 27- كۈنى دىن ۋە دىيانەتتە ھەممىگە تونۇشلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. شەيخ ئەبۇ ئابدۇللاھ ئۆزىنىڭ ئانا تەرەپ چوڭ دادىسى شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنىى سۇلايمان ئال دامىغدا تەلىم ئالغان. ئۇنىڭدا قۇرئاننى يادلىغان ۋە خەت يېزىش، ھېساب، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىلىملىرىنىمۇ ئۈگەنگەن. ئاللاھ شەيخقا ھۇشيارلىق ۋە ئىلىم ئېلىش قىزغىنلىقى ئاتا قىلغان. شەيخ ئابدۇرراھمان ئەسسەئدىي باشلىق نۇرغۇن ئالىملارنىڭ ھوزۇرىدا دەرس ئوقۇغان. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رىيادتىن باشقا جايلارغا ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلمىغان. ئۇنىڭ رىيادقا كېلىپ ئوقۇشى ھىجرىيە 1372- يىلى ئىلمىي ئىنىستىتوتلار ئېچىلغاندىن كېيىن توغرا كېلىدۇ. ئۇ ھىجرىيە 1421- يىلى 15- شەۋۋال (مىلادىيە 2001- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى، ناماز شامدىن كېيىن جىددە شەھرىدە ۋاپات بولدى. 1- ئاينىڭ 11- كۈنى (چارشەنبە) ئەسىر نامىزىدا مەككە مۇكەررەمەدە نامىزى چۈشۈرۈلدى. ئىلمىي ھاياتى: ئۇستازى ئابدۇرراھمان ئەسسەئدى ۋاپات قىلغاندىن كېيىن، شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىن ئۇستازىنىڭ جامىئىل كەبىر دەپ ئاتالغان مەسجىدىگە ئىماملىققا تەيىنلەنگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇستازىنىڭ ئورنىدا دەرس ئۆتۈشنى باشلىۋەتكەن. ئۇ يېزىقچىلىق ئىشلىرىنى پەقەت ھىجرىيە 1382- يىلى تۇنجى قېتىم «فتح رب البريە بتلخيص الحمويە» ناملىق كىتابى ئارقىلىق باشلىغان. (بۇ ئىبنىى تەيمىييەنىڭ «الحمويە في العقيدە» دېگەن كىتابىنىڭ قىسقارتىلمىسى ئىدى) شەيخ رىيادتىكى شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازدا سەھىھۇلبۇخارى، ئىبنى تەيمىييەنىڭ رىسالىلىرى ۋە بىر قىسىم فىقھىي كىتابلارنى ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئۇستازلىرى: ئەللامە ئىبنى بازنىڭ ئۇستازى ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەسسەئدى شەيخ مۇھەممەد ئەلئەمىين ئەششەنقىيتى شەيخ ئەلىي ئىبنى ھەمەد ئەسسالىھى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەلمۇتەۋۋەئ شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلىي ئەۋدان شەيخ ئابدۇررھمان ئىبنى سۇلايمان ئال دامىغ شەرئىي مەسىلىلەردە تۇتقان يولى: ئۇ ئۆزىنىڭ شەرئىي مەسىلىلەردىكى مەيدانىنىڭ ئۇستازى ئابدۇرراھمان ئىبنى سەئدىنىڭ تۇتقان يولى بويىچە ئىكەنلىكىنى بىر نەچچە قېتىم تەكىتلىگەن. ئابدۇرراھمان ئىبنى سەئدىنىڭ تۇتقان يولى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى كۆپىنچە ئۆلىمالار تۇتقان يولغا ئوخشىمايتتى. شاخچە (فەرئىي) مەسىلىلەردە ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ فىقھىي ئەھكاملىرىغا تايىنىپ (زادۇل مۇستەقنىئ ناملىق كىتابنى ئاساس قىلىپ) تورۇپ ھۆكۈم چىقىراتتى. ئابدۇرراھمان ئىبنى سەئدى نۇرغۇن مەسىلىلەردە ھەنبەلىي مەزھىبىنى ئاساس قىلمايدىغانلىقى بىلەن ھەممىگە مەشھۇر ئىدى. شەيخ سەئدى كۆپىنچە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبنىۇل قەييۇمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ ئۈستىگە قۇياتتى. ئۇنىڭدا مۇئەييەن مەزھەبكە باغلىنىپ قېلىش قاتماللىقى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ھەقىقەت قەيەردە بولسا، شۇ يەردىن ئېلىش روھىي شاگىرتى ئىبنى ئۇسەيمىينگە يۆتكەلگەن ئىدى. شەيخ ئۇسەيمىيننىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى 50 پارچىدىن ئاشقان. ئاللاھ ئۇنىڭ شۇ خىزمەتلىرىگە ئۆز دەرگاھىدىن كاتتا ئەجىر ئاتا قىلغاي!
Fuente, Publicador, Autor, 15 / 2 / 1427 , 16/3/2006 Cantidad de items : 9744
سەئۇدى ئەرەبىستان دىنى ئىشلار مېنىستىرلىكى رىياد شەھىرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى