قىسقىچە چۈشەنچە

شۇنىسى ئېنىقكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۆلگىسى، ياخشىلارنىڭ سەرخىلى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش، ئۇنىڭ شەنىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى دۈشمەنلەرنىڭ ھاقارەتلىرىدىن مۇداپىئە قىلىش ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچى ۋە  ئۇنىڭدىن تەلەب قىلىنىدىغان ئەڭ ئاددى بىر تەلەب. چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا ئىمان تولۇقلانغان بولىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ ماقامىنى قانداق قوغدايمىز!

 

ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

جىمى ھەمدۇسانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇسانا ئېيتىمەن. ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇپرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن، شۇنداقلا گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئالىي پەزىلىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنى قايىل قىلغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزلەرگىچە يەتكۈزگەن ساھابىلىرىغا، شۇنداقلا تاقىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۆمىنلەرگە ئەڭ ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.

.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنىڭ ئىككى ئالەملىك بەخت - سائادىتى ئۈچۈن كەلگەن شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىغان ئەڭ قەدىردان زات ئېدى. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ھەر بىر ئىش - ئىزى بىز ئۈچۈن ئۆلگىدۇر. بۇنى بىلگەنلەر بىلىدۇ. بىلمىگەنلەر تېڭىرقاش بىلەن ئۆمۈر سۈرىدۇ. بۇ پەيغەمبەرنىڭ قەدرىنى بىلگەنلەر نېمە دېگەن تەلەيلىك كىشىلەر ھە!

 شۇ ئېنىقكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۆلگىسى، ياخشىلارنىڭ سەرخىلى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش، ئۇنىڭ شەنىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى دۈشمەنلەرنىڭ ھاقارەتلىرىدىن مۇداپىئە قىلىش ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچى ۋە  ئۇنىڭدىن تەلەب قىلىنىدىغان ئەڭ ئاددى بىر تەلەب. چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا ئىمان تولۇقلانغان بولىدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن ئالەملەرگە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەنلىكىنىڭ مەنىسى- ئۇنىڭ ئىمان ئېيتقان ۋە ئېيتمىغان پۈتۈن ئىنسانىيەتكە، بارلىق جانلىقلارغا رەھىم - شەپقەت، كەڭچىلىك، كەچۈرۈم، ئازادىلىك ۋە ھۆرلۈكنى دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ تەشۋىق قىلغان ھەم ئەمەلىيىتى بىلەن تەتبىق قىلغانلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھىم - شەپقىتى ئۇنىڭ بارلىق ئىش - ئىزلىرىدا، ھەتتا دۈشمەنلىرى بىلەن بولغان غازاتلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. تۆۋەندە ئۇنىڭ چەكسىز مېھرى - شەپقىتىنىڭ ئۆلگىلىرى توغرۇلۇق قىسقىچە توختىلىمىز:

مۇسۇلمانلارغا بولغان شەپقەتتە:

1- قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ:« مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر) ئۇرۇش ئاچقان) كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر»[فەتھ سۈرىسى29- ئايەت].

2- قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى»[ئال ئىمران سۈرىسى 159- ئايەت].

3- قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھىم - شەپقىتىنى كىشىلەرگە نامايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر»[ توۋبە سۈرىسى 128- ئايەت].

ئىبادەتلەردە مۇسۇلمانلارغا كۆرسەتكەن شەپقەتتە:

1- ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ:«ئۇلار ئەلچىگە ـ ئۈممى پەيغەمبەر ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)گە ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا - كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (قۇرئان )غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»[ئەئراف سۈرىسى 157- ئايەت].

بۇ ئايەت، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دىنىنىڭ ئىبادەت ۋە تەكلىپلىرىدە ئاسانلىق، كەڭچىلىك ۋە يېنىكلىك ئاساسىي پرىنسىپ قىلىنغان بىر ئىلغار دىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

2- بەش ۋاخ نامازنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىكى بىلەن 50 ۋاختىن 5 ۋاخقا قىسقارتىنغانلىقى، بۇرۇنقى ساماۋىي دىنلاردىكى تەركىيدۇنيالىقنىڭ ئىسلام دىنىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، ئىسلام دىنىدا دۇنيالىق بىلەن ئاخىرەتلىك ئوتتىۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنىڭ بەلگىلەنگەنلىكى، سەپەردە نامازنى قەسرى قىلىپ 4 رەكئەتنى 2 رەكئەتكە قىسقارتىپ ئوقۇشنىڭ، سۇ تېپىلمىغان ياكى سۇ ئىشلىتىش خەتەرلىك بولغاندا تەيەممۇم ئارقىلىق پاكلىق ھۆكمىگە كىرىشنى بەلگىلىگەنلىكى ۋە سەپەردە روزا تۇتماسلىقنىڭ بەلگىلەنگەنلىكى، شۇنداقلا خالىس نىيەت بىلەن قىلىنغان ئازراق ئەمەل بىلەنلا جەننەتكە كىرىش يولىنىڭ ئېچىپ بېرىلگەنلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئەھلىگە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەنلىكىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرىدۇر.

ئائىلىسىدىكىلەرگە بولغان شەپقەتتە:

1- ئىمام بۇخارىي ئىمام مۇسلىم ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى تەرىپلەپ:«ئۇنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئېدى»دېگەن.

2- يەنە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ساھابىلارنىڭ:« ئاياللارغا مېھرىبانلىق قىلىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئارتۇق بىراۋنى كۆرمىدۇق»دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت خىزمىتىدە بولغان ئەنەس ئىبنى مالىك ئۇنىڭ مېھرى - شەپقىتىنى تەرىپلەپ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىغا ۋە كىچىك بالىلارغا ئەڭ شەپقەتلىك، كۆيۈمچان زات ئېدى»دېگەن.

4- يەنە ئۇ:«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بېرەر كىشىگە ياكى خىزمەتچىلىرىدىن بىرىگە تاياق سالغانلىقىنى ياكى دۇنيالىق ئىشلار يۈزىسىدىن ئاچچىقلانغانلىقىنى بىلمەيمەن»دېگەن.

5- ئىبنى ماجە ھەدىس كىتابىدا قەيت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:«سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار، ئۆز ئەھلىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر. مەن ئۆز ئەھلىگە ئەڭ مېھرىبان كىشىڭلارمەن»دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.

6- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىغا شۇلارنىڭ ئەقلىغا مۇۋاپىقلاشقان ھالدا مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇلاردىن مەسلىھەت سورايتتى، ھەتتا ئۇلارغا ماسلىشىپ ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىغىمۇ ئىشتىراك قىلاتتى. بەزىدە  ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئۇزاققا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئېلىپ  باراتتى، بەزىدە يېڭەتتى، بەزىدە يېڭىلاتتى.

بالىلارغا بولغان شەپقەتتە:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر كىشىگە ئۇنىڭ ئەقلى ۋە سەۋىيىسىگە مۇناسىپ مۇئامىلىدە بولاتتى.

1- بىر كۈنى مەدىنە شەھىرىدە كەپتىرى ئۇچۇپ كەتكەنلىكىدىن خاپا بولۇپ، غەمكىن ئولتۇرغان بىر بالىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوينايدۇ ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ خوشال قىلىدۇ. ئىككىسى ئەڭ يېقىن سىرداشلاردىن بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇ بالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر كۈن كۆرمىسە چىداپ تۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

2- ئابدۇللا ئىبنى شەدداد ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەۋرىلىرىدىن ئىمام ھەسەن ياكى ئىمام ھۇسەين(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي)نى كۆتۈرگىنىچە بىزگە پىشىن ياكى ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بېرىشكە چىقىپ، مىھرابقا ئۆتتى، ئۇنى ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ نامازغا باشلىدى. سەجدىنى شۇنداق ئۇزۇن قىلدىكى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ سالدىم ۋە ھېلىقى كىچىك بالىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈمبىسىگە مىنىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئاندىن ھامان سەجدىگە قايتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ساھابىلار:يا رەسۇلەللاھ! سەجدىلەرنىڭ بىرىنى بەكمۇ ئۇزۇن قىلدىڭىزكى، بىز بېرەر ئىش يۈزبەرگەنمىدۇ ياكى ۋەھى كەلگەنمىدۇ دەپ قالدۇق، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ، سىلەر گۇمان قىلغانلارنىڭ ھېچقايسىسى يۈزبەرمىدى. ئەمما بالام ئۈستۈمگە مىنىۋالغانىدى، ئۇنىڭ ئويۇنى تۈگىمەستىن تۇرۇپ كېتىشنى ياقتۇرمىدىم.دېدى»[نەسائى ۋە ئىبنى ئەساكىر رىۋايىتى، ھاكىم سەھىھ ھەدىس دېگەن].

3- بىر سەھىھ ھەدىستە رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى يېنىغا كەلگەن قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پىشانىسىگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ، يېنىدا ئولتۇرغۇزىدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن بىر ئادەم «يارەسۇلەللاھ! سىز بالىلارنى سۆيىدىكەنسىز، مېنىڭ ئون بالام بار، ھازىرغىچە بىرىنىمۇ سۆيۈپ باققىنىم يوق.دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ تاش يۈرەكلىكىگە ئېچىنىپ:كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلمىغانلارغا ئاللاھ رەھىم قىلمايدۇ»دەيدۇ.

دۈشمەنلىرىگە قارىتا شەپقەتتە:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۈشمەنلىرى ئىچىدىمۇ چوڭقۇر ھۆرمەتكە ئېگە ئىدى. دۈشمەنلىرى ئۇنىڭ چاقىرغان دىنىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى، راستچىللىقىنى ۋە ئىنسانىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك مېھرى - شەپقەت، رەھىمدىللىق، ئادالەت ۋە باشقىمۇ بارلىق ئېسىل سۈپەتلەرنىڭ ئۇنىڭدا مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى ئىقرار قىلاتتى. شۇڭا قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىپ:« ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلارسېنى (ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ، لېكىن زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ»[ ئەنئام سۈرىسى 33- ئايەت]. شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى ۋە قۇرەيش كۈچلىرىنىڭ لېدىرى ئەبۇ سۇفيان قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق بولغانلىقىدىن سۆيۈنىدۇ ۋە قارشى چىقمايدۇ. چۈنكى ئۇ يۈرىكىنىڭ پارىسى بولغان قىزىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۆلگىسى بولغان زات - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا، بارچە سائادىتىنى تولىقى بىلەن تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

1- بىر كۈنى يەھۇدىيلاردىن بىر گۇروپپا كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا سالام بەرگەننى قىلىپ ئازار قىلغان ھالدا"ئەسسامۇ ئەلەيكە يامۇھەممەد - ساڭا ھالاكەت بولسۇن ئى مۇھەممەد" دەيدۇ. بۇ سۆزگە دىققەت قىلمىغان ئادەم ئۇنى "ئەسسالامۇ ئەلەيكە..."دگەن سالام مەنىسىدە ئاڭلايدۇ. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھامان ئۇنى پەرقلەندۈرگەن بولسىمۇ، ئاچچىقلانماستىن: "ۋەئەلەيكۇم - سىلەرگە شۇنداق بولسۇن"دەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ يىنىدا ئولتۇرغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ئەدەبسىزلەرچە ھاقارەتكە غەزەبلىنىپ: ئىي ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى! ھالاكەت ۋە ئۆلۈم سەندەكلەرگە بولسۇن! دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا :بولدى قىلىڭ، نېمانچە چېچىلىپ كېتىسىز دېگەندە، سىلە ئاڭلىمىدىلىمۇ بۇ ئەدەبسىز يەھۇدىيلارنىڭ ھاقارىتىنى؟ !دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :ئاڭلىدىم، شۇڭا" سىلەرگە بولسۇن"دېدىمغۇ، دەيدۇ.

2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا ئىنسان چىداپ تۇرلمايدىغان ئېغىر زۇلۇملارنى سالغان، ئۇلارنى ئەڭ ۋەھشى قىيىن - قىستاقلارغا ئالغان، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان، بۇنى ئاز دەپ ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى خالىغانچە تالان - تاراج قىلغان، ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىكى ئۆيىنىمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلىپ تۈزلىۋەتكەن قۇرەيش قەبىلىسى باشچىلىقىدىكى مەككىلىك ئەرەبلەر مەككە فەتھى بولغان كۈنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى قانداق ئېغىر جازالارغا تارتىدىغانلىقى ۋە قىلغانلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى قانداق ئېچىنىشلىق ئالىدىغانلىقىنى كۈتۈپ، بىر تەرەپتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت مېھرى - شەپقىتى، كۆڭلىنىڭ يۇمشاقلىقى، كەچۈرۈمچانلىقى بىلەن ھەممىگە بىردەك تونۇلغان ئۇلۇغ بىر ئادەمزاتنىڭ شەپقىتىگە تەلمۈرۈپ، قاتتىق قورقۇنچنىڭ يېنىدا ئۈمىدلىرىنى ئۈزمىگەن ھالدا تۇرىشاتتى. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خىتاب قىلىپ:«ئى قۇرەيش جامائەسى! مېنى سىلەرنى قانداق قىلىدۇ دەپ ئويلايسلەر؟ دەيدۇ. ئۇلار ھەممىسى بىر ئېغىزدىن چىققاندەكلا: ياخشىلىقنى كۈتىمىز. قىرندىشىمىز ۋە قېرىندىشىمىزنىڭ ئوغلى بولغان زات كەرەملىكتۇر.دېيىشىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:مەنمۇ خۇددى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئېيتقىنىدەك: "بۈگۈن سىلەر ئەيبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ئاللاھ ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر"دېگەن سۆزىنى ئېيتىمەن. تارقىلىڭلار، سىلەر ئازات!»دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنچە يىل ئۆزىگە ۋە ساھابىلىرىغا چىدىغۇسىز زۇلۇملارنى سالغان دۈشمەنلىرىنى كەچۈرىۋەتكەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى توپ - توپ بولۇپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋەقەلىكنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىكى نەسىر سۈرىسىدە بايان قىلغان.

3- مەككىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن 9 كىشىنىڭ كاللىسىنى ئېلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرىشتىن ئاۋۋال بۇيرۇق بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ، كېيىنچە مۇسۇلمان بولىدۇ. شۇلارنىڭ ئىچىدىن ھىبار ئىبنى ئەسۋەد دېگەن بىرى بار ئېدى، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئىسلام دىنىغا شۇنچىلىك قاتتىق ئۆچمەنلىك كۆرسەتكەن ۋە قىلىدىغان ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ ھەممىنى ئىشلىگەننىڭ سىرتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغىنىدا، ئۇنى ئۇرۇپ تاشقا يېقىتىۋەتكەن ۋە قۇرسىقىدىكى بوۋىقىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىگە سەۋەپ بولغان تۇرۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىدۇ ۋە كېيىنچە مۇسۇلمان بولىدۇ.

4- ئۇھۇد غازىتى بولغان كۈنى دۈشمەن قوشۇنىنىڭ داڭلىق ئۇرۇشچىسى ئابدۇللا ئىبنى قەمئە قىلىچى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىنى يارىلاندۇرى ۋە ئىككى چىشىنى چۈشۈرىۋېتىدۇ. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا قاتتىق ئېغىر تۇيۇلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام »:ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ يۈزىنى قانغا بويىغان قەۋمگە ئاللاھنىڭ غەزىبى تاشتى«دەيدۇ ۋە بىر لەھزە تۇرىۋالغاندىن كېيىن، دۇئاغا قول كۆتىرىپ:»ئى ئاللاھ قەۋمىمنى كەچۈرگىن، ئۇلارنى ھىدايەت قىلغىن، چۈنكى ئۇلار بىلمەيدۇ«دەپ مۇناجات قىلىدۇ.

5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتتىن بۇرۇن مەككىدىكى ۋاقتىدا تائىفنىڭ ئەڭ چوڭ قەبىلىسى سەقىفكە ئىسلام دىنىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ھىمايىسىنى سوراش ئۈچۈن تائىفقا بارىدۇ. لېكىن تائىفلىقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاش - كېسەكلەرگە تۇتۇپ قوغلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى مۇبارەك پۇتىدىن ئاققان قىزىل قانلار بۇ زېمىننى شۇ جەۋر - زۇلۇملارغا گۇۋاھ قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدىنىدىن قەلبى بەكرەك يارىلانغا ھالدا تائىفتىن قايتقىنىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى جىبرىئىل ئۇنىڭغا كېلىپ: ئى مۇھەممەد!«ئەگەر خالىساڭ مەككىدىكى ئەبۇ قەيس ۋە  قەئىقىئان دېگەن ئىككى تاغنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرىمىز دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:" ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان ياخشى كىشىلەرنىڭ چىقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن » "دېيىش ئارقىلىق جىبرىئىلنىڭ تەلىبىنى رەت قىلىدۇ.

بۇ نېمە دېگەن ئېسىل كەچۈرۈمچانلىق -ھە، دۇنيادا قايسىبىر كۆڭلى - كۆكسى كەڭ لېدەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك ئىنتىقام ئېلىشقا تامامەن كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ باش كۆزىنى قانغا بويىۋەتكەن، يۈرەك باغرى بولغان قىزىنى ئۇرۇپ قۇرسىقىدىكى بالىسىنى چۈشۈرۋەتكەن جىنايەتكارلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، دەپ ئويلايسىز؟!

ئۇرۇش ئەسناسىدىكى شەپقەتتە:

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەسىلىنى ئۇرۇشسىز ھەل قىلىشقا تىرىشاتتى. پەقەت ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا چارە قالمىغان ياكى دۈشمەنلەر بېسىپ كەلگەن ۋاقىتتىلا ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ئۇرۇشقا چىقىشتىن ئاۋۋال مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىگە يول يورۇق بېرىپ:« سىلەرگە تىغ تەڭلىمىگەنلەرنى، ياشانغانلارنى، ئاياللارنى، بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار! زىرائەتلەرنى نابۇت قىلماڭلار، دۈشمەنلەرنىڭ بەدەنلىرىنى پارچىلىماڭلار، ئەسىرلەرنى خورلىماڭلار»دەپ جېكىلەيتتى. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنىڭ مۇنۇ تەۋسىيەسى بىلەن ئەخلاقلانغان زاتتۇر: «سىلەر كۇففارلارغا (جەڭ مەيدانىدا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ (مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغان چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توختاپ)،  ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار، ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، تاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر (يەنى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر) ئىش مانا شۇنداقتۇر.»[مۇھەممەد سۈرىسى4 -ئايەت].

بۇ ئايەتتە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرى دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش مەيدانىدا يۈزمۇ - يۈز ئۇچراشقان چاغدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا، دۈشمەننىڭ كۈچى ئاجىزلاشقان ھامان ئۆلتۈرۈشنى توختىتىپ، ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ، ئاندىن ياخشىلىق قىلىش يۈزىسىدىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە تەۋسىيە قىلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇرۇش قائىدە - پرىنسىپلىرى تۇرماستىن سۆزلىنىۋاتقان ھازىرقى تەرەققى قىلغان ئەسىردىمۇ قايسىبىر ئۇرۇشتا ئىنسانىي ئەخلاق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىنغانلىقىنى بىلىسىز؟! ئۆزلىرىنى دېمۇكراتىيەنىڭ ھامىيسى دەپ ئاتىۋالغان ئامېرىكىلىقلار ئابغانىستان بىلەن ئىراقتا نېمىلەرنى قىلمىدى؟ ئىراقنىڭ ئەبۇ غۇرەيب تۈرمىسىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىكلەرچۇ؟ ئەمما قۇرئان كەرىمنىڭ ئەسىرلەر توغرۇلۇق تەۋسىيەسى مۇنداق:« ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئاننى ئاڭلىغانغا (يەنى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن، ئاندىن (ئۇ ئىمان ئېيتمىسا)، ئۇنى (جېنى، مېلى) ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن.»[تەۋبە سۈرىسى 6- ئايەت].

تەۋراتنىڭ ھازىرقى زامان يەھۇدىيلىرى ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان نۇسخىسىدىكى:»سىلەر بېرەر شەھەرگە بېسىپ كىرگىنىڭلاردا، شەھەردىكى ئەر - ئايال ھەممە كىشىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈڭلار، مال - مۈلكىنى غەنىمەت ئېلىڭلار، چۈنكى بۇلار سىلەرنىڭدۇر«دېگەن تېكستنى ئاڭلىغىنىمىزدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇممەتلىرىدىن ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغان قوماندانلاردىن سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ قىزىل كرېست ئارمىيىسىنىڭ مۇسۇلمان ئەسىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەڭ ۋەھشىي شەكىلدە قەتلى قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يېنىدىكى خرىستىئان ئەسىرلىرىگە خۇددى مېھرىبان ئاتىدەك شەپقەت كۆرسىتىپ، يارىدارلىرىنى داۋالاتقۇزۇپ، كېسەللىرىنى ساقايتىپ، ئۆز يۇرتلىرىغا تىنچ - ئامان يولغا سېلىپ قويغانلىقىنى - مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەس، خرىستىئانلارنىڭ ئىشلىگەن فىلىملىرىدىن كۆرۈپ - بىلگىنىمىزدە، قۇرئان كەرىم پرىنسىپىنىڭ نەقەدەر ئىلغار ۋە ئېسىل پرىنسىپلار ئىكەنلىكىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەس ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن قانچىلىك مېھرى - شەپقەتلىك زات ئىكەنلىكىنى  تېخىمۇ ياخشى تونۇپ يېتەلەيمىز.

ھايۋانلارغا شەپقەتتە:

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەپقىتى ئىنسانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ھايۋانلارغىمۇ شامىل ئېدى. نان، سۇ بەرمەستىن باغلاپ قويغانلىقى تۈپەيلى ئۆلگەن بىر مۆشۈك سەۋەبلىك بىر مۆمىنە ئايالنىڭ دۇزىخى بولۇپ كەتكەنلىكىنى، بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن تىلىنى چىقىرىپ تەلمۈرۈپ تۇرغان بىر ئىتنى ئۆتۈكىنى سېلىپ، قۇدۇقتىن سۇ ئېلىپ سوغۇرغانلىقى ئۈچۈن جەننىتى بولۇپ كەتكەنلىكىنى مۇسۇلمانلارغا سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا بارلىق جان ئېگىلىرىگە رەھىم - شەپقەت قىلىشنى ئۈگەتكەن زات مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەمەسمۇ؟!

بىر ھايۋاننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىق تۈپەيلى بىر مۆمىنە ئايالنىڭ دۇزاخقا، يەنە بىر ھايۋاننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قويغان بىر پاھىشە ئايالنىڭ بۇ ياخشىلىقى ئۈچۈن جەننەتكە لايىق بولغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئاددىغىنە قىسسە چوڭقۇر مەنىگە ئېگە بولۇپ، بىزگە شەپقەتنىڭ ئاللاھ تائالا دەرگاھىدا قانچىلىك كاتتا ئورنى بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. تەبىئىيكى، بۇ قىسسىدىن بىرەر ھايۋاننى قۇتقۇزۇپ قويغان ئادەم جەننەتكە، بىرەر ھايۋاننى ئۆلتۈرگەن ئادەم دۇزاخقا كىرىدۇ، دەيدىغان پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسەت قىلىنغان ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قانداق جان ئىگىسىنىڭ ھاياتىنى نەقەدەر مۇقەددەس بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ شەپقىتىنىڭ ھەممىگە شامىل ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا شەپقەتنىڭ بۇ دىننىڭ ۋە بۇ دىننى ئېلىپ كەلگەن زات مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى  ئوچۇقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

1- ئىمام مۇسلىم ھەدىس كىتابىدا قەيت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ھەممە نەرسىگە رەھمەتنى پۈتىۋەتتى. مال بوغۇزلىغاندا، مالنى قىيناپ قويماستىن ياخشى بوغۇزلاڭلار».

2- يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە، بىر ئادەمنىڭ پىچاقنى قوينىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ بۆلىگەنلىكىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا:« پىچاقنى مالغا كۆرسەتمە! ئۇنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟»دەپ كايىغان.

3- يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە:« باشقىلارغا رەھىم قىلمايدىغان كىشىگە ئاللاھمۇ رەھىم قىلمايدۇ. رەھمەت پەقەت بەختسىزلەرنىڭلا قەلبىدىن سوغۇرۇۋېلىنغاندۇر «دېگەن.

4- يەنە بىر ھەدىستە: » يەر يۈزىدىكىلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلىڭلاركى، ئاسماندىكى زات - ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلسۇن»دەپ كۆرسەتكەن.

نېمە ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈنلا رەھمەت دېمەستىن، پۈتۈن ئالەملەر ئۈچۈن رەھمەت دەيمىز؟ چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن نۇرلۇق شەرىئەت سايىسىدا، ئاللاھ تائالانىڭ سانسىز شەپقىتىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەت ۋە بارلىق جان ئىگىلىرى ئۆز نېسىۋىلىرىنى ئالىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئاسانلىق ۋە كەڭچىلىكنى ئاساسىي پرىنسىپ قىلغان نۇرلۇق شەرىئىتى سايىسىدا كىشىلەر بۇ دىنغا ئاسانلا كىرىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىككى ئالەملىك بەخت - سائاەتلىرىنى تاپىدۇ. مۇسۇلمان بولمىغانلارمۇ ئىسلام قانۇنى سايىسىدا، ھەتتا ئۇرۇش مەيدانلىرىدىمۇ مېھرى - شەپقەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەرمۇ ئىسلام قانۇنىنىڭ ئادالىتى ۋە رەھىم - شەپقىتىدىن نېسىۋىلىرىنى ئالالايدۇ. ئىنسانلاردىن باشقا جانلىقلارمۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ شەپقىتىدىن ئۆز ھەسسىلىرىنى ئالىدۇ. شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پۈتۈن ئالەملەرگە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەيمىز!  

كۇففارلارنىڭ گۇۋاھلىقى:

ئەمدى غەربلىك مۇسۇلمان ئەمەس يازغۇچىلاردىن بەزى ھەقىقەتپەرۋەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى:

1- ۋول دېيۇرانت «ئىسلام توغرۇلۇق دېيىلگەنلەر»ناملىق ئەسىرىنىڭ 111- بېتىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:" كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان  ئۇلۇغ بىر كىشىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلماقچى بولساق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تارىختىكى ئىنسانىي ئۇلۇغلۇقنىڭ  بىردىنبىر سىمۋولى دېسەك ئەڭ توغرا ئېيتقان بولىمىز. چۈنكى ئۇ ئىسسىق سەھرالاردا ئىبتىدائىي جەمئىيەت دەۋرىدە ھايات كەچۈرىۋاتقان قالاق بىر خەلقنى ئەخلاقىي ۋە روھىي ئۈستۈنلۈككە كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، شۇ پىلان بويىچە ئىش كۆرۈپ غەلىبە قىلىش بىلەن  تارىخقا قەيت قىلىنغان بىر ئۇلۇغ ئادەمزاتتۇر. ئۇ ئىنسانلارنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشقا غەرەزنى مەقسەت قىلغان ئەمەس".

2- كلود كاھىن « ئىسلام»ناملىق ئەسىرىنىڭ 126- بېتىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:" تەرەپسىز تارىخچىغا ئايان بولىدۇكى، ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەخلاقىي ۋە پىكرىي جەھەتتىن تەڭلا كۆتۈرۈلگەن، ئەڭ ئۆلگىلىك شەخسلەرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇپ تاللىنىشقا ئەرزىيدۇ".

3- مېكىر.ھارت«تارىختىكى تەسىرى ئەڭ زور  100 ئەرباب» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ:"مەن مۇھەممەدنى دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور ئەربابلار تىزىملىكىنىڭ ئەڭ بېشىغا قويۇشنى تاللىدىم. بۇنىڭغا بەزى كىتابخانلار ھەيران قېلىشى ۋە بەزىلەر بۇنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. بىراق ئۇ ھەقىقەتەن تارىختىكى دىن ۋە ھاكىمىيەت جەھەتتە تەڭلا ئاجايىب نەتىجە ياراتقان بىردىن ـ بىر ئۇلۇغ ئەربابتۇر".

4- ئانى بىسنتو«مۇھەممەدنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئۇنىڭ دىنىي تەلىماتلىرى» ناملىق ئەسىرىنىڭ 4 ـ بېتىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:" ئەرەب مىللىتىنىڭ بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبىرىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە پەزىلىتىنى تەتقىق قىلغان ھەر قانداق كىشى بۇ ئالىيجاناب پەيغەمبەرگە ھۆرمەت قىلماي تۇرالمايدۇ. بۇ پەيغەمبەرنىڭ دىن تەشۋىقاتى ۋە تۇرمۇش جەريانىنى چۈشەنگەن كىشى مۇھەممەد ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن بىر ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئىكەن، دەپ تونۇشى مۇمكىن. گەرچە مەن سىزگە ئېيتقان كۆپ ئىشلار نۇرغۇن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولسىمۇ، لېكىن مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ تارىخىنى قايتىلاپ ئوقۇغىنىمدا، بۇ ئالىيجاناب ئەرەب يولباشچىسىغا نىسبەتەن مېنىڭدە قايتىدىن ئەقىدە باغلاش ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ھىسسىياتى قوزغىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەن".

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان قەۋملەر تەرىپىدىن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شانلىق ئىش - ئىزلىرى خاتىرلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزمەكچى بولغان بىر قىسىم ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرىنىڭ بۇ ئەخلاقسىزلارچە قىلمىشىغا رەددىيە بېرىشنى ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمانلىق بۇرچۇم دەپ بىلىمەن.

دانىيەنىڭ «جىيلاندز پوستىن»گېزىتى 2005-يىلى 30 - سىنتەبىر سانىدا، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە نۇمۇسسىزلارچە تىل ئۇزارتىپ، ئۇنى 12 پارچە ھەجۋى رەسىمىدە سىزىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلار ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت ئالدىدا كەچۈرۈلمەس جىنايەت ئۆتگۈزگەنىدى. مەزكۇر 12 پارچە ھەجۋى رەسىمىنىڭ بىرىدە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بېشىغا ئورالغان بومبىغا ئوخشىتىلغان سەللە كىيگەن ھالدا تەسۋىرلىگەن. رەسىمنىڭ لىسانى ھالى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گوياكى بىر ئۇرۇش جىنايەتچىسىگە  ياكى تېرورىستقا ئوخشىتىلغان. ئىسلام ئەللىرى، خۇسۇسەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى گېزىت تەھرىراتىنىڭ بۇ كەچۈرۈلمەس جىنايىتىگە قارشى قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە بۇ جىنايەتكە نازارىلىق بىلدۈرۈپ دانىيە ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، دانىيە ھۆكۈمىتى »پىكىر ئەركىنلىكى« نى باھانە قىلىپ دەسلەپتە بۇ مۇراجىئەتكە ئىنكاس قايتۇرمىغان ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى دانىيە بىلەن ئالاقىسىنى ئۆزۈش ئۈچۈن دانىيە پايتەختى كۇبىنھاگىندىكى باش ئەلچىسى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ھۇجەيلاننى قايتۇرۇپ كەلگەنىدى. بۇ ئەھۋالدىن دانىيە ھۆكۈمىتى خېلى چوچۇغان بولسىمۇ، دانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا مەھسۇلات ساتىدىغان شېرىكەتلىرى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋاللىرىدىن خەلقنىڭ سارسىمبىگە چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ۋەزىيەتنى سىلىقلاشتۇرۇپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ مۇنداق دەپ بايانات ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ: »سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى بىزنى دەھشەتكە سالدى. بىراق بۇ سەئۇدى ئەرەبىستان - دانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلۇماتيە ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ«. چۈنكى دانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان دىپلۇماتىيە ئالاقىسى ئۈزۈلىدىغان بولسا، دانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا چىقىرىدىغان مەھسۇلاتلىرى توختاش سەۋەبلىك مىليارتلارچە زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق ئېدى. مەلۇمكى سەئۇدى ئەرەبىستاندا سېتىلىدىغان سۈت بىلەن ياسىلىدىغان يېمەك ۋە ئىچمەكلەرنىڭ 50%دىن كۆپرەكى دانىيەدىن كېلىدۇ. دانىيەنىڭ «Arla foods» يېمەك - ئىچمەك شېرىكىتى ياۋروپادىكى ئىككىنچى چوڭ شېركەت بولۇپ، شېرىكەتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا چىقىرىدىغان يىللىق مەھسۇلات كۆلىمى 268مىليون يۇرو قىممىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇفتىسى شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللا ئال شەيخ دانىيە ھۆكۈمىتىگە قىلمىشكارلارنى جازالاپ بېرىش توغرۇلۇق بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغانىدى. لېكىن دانىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۆزىنىڭ » پىكىر ئەركىنلىكى«باھانىسى بىلەن خرىستىئان رادىكاللارنى قوللاشقا داۋام قىلىۋەردى. بۇ ھەقتە دانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى »ھەجۋى رەسىم مەسىلىسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھېچبىر ئالاقىسى يوق«دەپ بايانات ئېلان قىلغانىدى.

دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ چەك -چىگرىسى بولغىنىدەك، دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭمۇ ئەلۋەتتە چەك - چىگرىسى باردۇر. پىكىر ئەركىنلىكى باھانىسى بىلەن بىر مىليارت 400مىليون مۇسۇلمان خەلقنىڭ غۇرۇرىغا تېگىش ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشنى راۋا كۆرىدىغانلار قانداق دېموكراتىيە ۋە قانداق پىكىر ئەركىنلىكى تەبىقىسىدىندۇ؟ دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى باشقىلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەسلىك ۋە ئازار بەرمەسلىك شەرتى بىلەنلا ھەركىمنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى سانىلىدۇ. بۇنىڭدىن چەتنىگۈچىلەر ھەددىدىن ئاشقانلىقى سەۋەبلىك جازاغا لايىق بولغۇچىلاردۇر. بۇلارنىڭ سادىر قىلغان بۇ كەچۈرۈلمەس جىنايىتى پىكىر ئەركىنلىكى ئەمەس، بەلكى ھاقارەت، دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. مەن پىكىر ئەركىنلىكىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ سىزنى ھاقارەتلىسەم، ئابرويىڭىزنى چۈشۈرۈشكە ۋە سىزنى كىشىلەرگە سەت كۆرسىتىشكە ئورۇنۇپ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ئازار بەرسەم، سىز بۇنى ھەركىمنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى دەپ قوبۇل قىلىپ جىم تۇرامسىز ياكى ماڭا بولغان نارازىلىقىڭىزنى ئىپادىلەمسىز؟ ئەلۋەتتە ئىككىنچى يولنى تاللايسىز! ھەتتا مەھكىمىلەرگىچە بارىسىز. چۈنكى سىز بۇنداق قىلىشقا تامامەن يوللۇقسىز. دېموكراتىيە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قائىدىسى بويىچە،  مېنىڭ سىز توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىم يالغان بولسا، سوت مەھكىىسى مېنى سىزگە تۆھمەت قىلغان جىنايىتىم بىلەن ئېيىبلاپ جازالايدۇ. ئەگەر مېنىڭ ئېيتقانلىرىم راست بولۇپ سىزدە بار كەمچىلىكلەر ۋە ئېيىبلارنى سۆزلىگەن بولسام سوت مەھكىىسى يەنە مېنى كىشىلەرگە ئازار بەرگەن ۋە ھۆرمەت، ئابرويىنى تۆككەن دېگەن جىنايىتىم بىلەن مېنى جازالايدۇ. بۇ ئىككى گېزىت ئېگىلىرىنىڭ سادىر قىلغان قىلمىشى ئەلۋەتتە ئاۋۋالقىسىغا ياتىدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، بۇ رەزىل تۆھمەتكارلارنىڭ جازاسى ئەلۋەتتە ئېغىر بولىشى تەقەززا قىلىنىدۇ.

ۋەقەلىك مۇنداق ئېدى، دانىيەدىكى بالىلار كىتابچىسىنىڭ ئاپتورى كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋى رەسىمىنى سىزدۇرۇش ئۈچۈن رەسسامنى تەكلىپ قىلغىنىدا، رەسسام مۇنداق قىلىشنى رەت قىلىدۇ. شۇندىن كېيىن ئاپتور پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋى رەسىمىنى سىزىش مۇسابىقىسى ئېلان قىلىدۇ. نەتىجىدە 12 نەپەر رەسسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تەسۋىرلىگەن 12 پارچە ھەجۋى رەسىمنى تەييارلايدۇ. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن خرىستىئان رادىكال گۇروھىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان«جىيلاندز پوستىن »گېزىتى تەھرىراتى بۇ ھەجۋى رەسىملەرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق دانىيەدىكى 200مىڭدىن كۆپرەك ئازسانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە دۇنيادىكى بىر مىليارت 400مىڭ مۇسۇلمان خەلقنىڭ قەلبىنى جاراھەتلەيدۇ. ئىسلام دىنى دانىيەدە ئىككىنچى چوڭ دىن بولۇپ، دۆلەت دىنى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتىستانتىيە مەزھىبىدۇر. دانىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئېلان قىلىنغان ھەجۋى رەسىملەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ رەسىملەرنى نەشر قىلىش ئىشىنى توختىتىشنى تەلەب قىلىپ، دانىيە ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، دانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابى مۇسۇلمانلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىش ۋە «پىكىر ئەركىنلىكى»باھانىسى بىلەن  رادىكال گۇروھنىڭ بۇ دۈشمەنلىك ھەرىكىتىنى شەرتسىز قوللاش بولدى. دانىيە ئالى سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمەتنىڭ بېۋاسىتە قوللىشى ئارقىسىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ سۇنغان ئەرزىسىگە «دىنلارنىڭ ھۆرمىتىنى تۆككۈچىلەرگە خاس جازا قانۇنىمىز، گېزىت، ژۇرناللارنىڭ زىددىغا قوللىنىلمايدۇ»دەپ جاۋاب بەردى.

دانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان دۈشمەنلىكى دانىيە جەمئىيىتىنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ  كەلمەكتە. مۇندىن بۇرۇن دانىيە دۆلىتىنىڭ ئايال پادىشاھى مارگېرت2 مەلۇم بىر باياناتىدا:« ئىسلام دىنى دۇنيادا ئەڭ چوڭ تەھدىد ھېسابلانماقتا» دېگەن ۋە دانىيەدىكى مۇسۇلمان ئازسانلىقلىرىغا كەڭچىلىك بەرمەسلىك توغرۇلۇق مەخسۇس پەرمان?

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز