قىسقىچە چۈشەنچە

قەدىمقى زامان دىن دۇشمەنلىرى بىلەن ھازىرقى زامان دىن دۇشمەنلىرىنىڭ ئۈلۈغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆبرازىنى خۇنىكلاشتۇرۇشتا قوللانغان ۋەسىلىلىرىنىڭ سىلىشتۇرمىسى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزى يازغۇچىلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە دىگەنلىرى ھۆزۇرۇڭلاردا.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

پەيغەمبىرىڭىزنى تونۇۋىلىڭ

 

ھەر قانداق بىر ھەقىقەتنىڭ دۈشمەنلىرى بولغىنىدەك،  ئاللاھ تائالانىڭ ھەق دىنىغا ۋە ھەق دىننى ئېلىپ كەلگەن بەرھەق پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققانلارمۇ ئاز بولمىغان. تارىختا ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر ھەقىقەت دۈشمەنلىرىنىڭ تەنىلىرىدىن، قارا چاپلاشلىرىدىن ۋە ھۇجۇملىرىدىن خالى بولغان ئەمەس. ئىنسانلارنىڭ ئىككىنچى ئاتىسى1  دەپ تونۇلغان نۇھ ئەلەيھىسسالاممۇ ھەقىقەت دۈشمەنلىرىنىڭ مەسخىرىلىرىگە ۋە قارشىلىقلىرىغا ئۇچرىغان ئېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئاتىسى باشچىلىقىدىكى ھەقىقەت دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئوتقا تاشلانغان بولسا، مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن مىسىردىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن دارغا ئېسىشقا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، ئاخىر زامان پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاۋۋال ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن، ئاندىن يەھۇدىيلار تەرىپىدىن كۆپ ئەزىيەتلەرگە ۋە دۈشمەنلىكلەرگە ئۇچرىغان ئىدى.

لېكىن  ئاللاھ تائالا ھەمىشە ھەقىقەتچىلەر بىلەن بىللە بولغاچقا،  ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى ۋە ئىگىدارچىلىقى سايىسىدا پەيغەمبەرلەر  ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتلەر زامانىمىزغا قەدەر داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

ئاخىر زامان پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتىلىشى يېڭى دۇنيانىڭ توغۇلىشى ئىدى. بۇ ۋاقىت پەيغەمبەرلەرنىڭ زامانلىرى ئۇزاقتا قالغانلىقتىن، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ھەق دىنلار خۇراپاتلارغا ئايلىنىپ قېلىشى سەۋەبلىك ساماۋىي  دىنلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە ئاساسلىق غايىلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان بىر ۋاقىت ئىدى. تەۋرات، ئىنجىل ۋە زەبۇر قاتارلىق ساماۋى2 كىتابلاردا بىشارەتلىرى بېرىلگەن ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنى يەھۇدىيلار بىلەن خرىستىئانلار زامانلاردىن بىرى كۈتۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ پەيغەمبەر ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك ئىسرائىل نەسلىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئەڭ قالاق ۋە مەدەنىيەتسىز مىللەت سانالغان ئەرەب مىللىتىدىن كەلگەنلىكى سەۋەبلىك يەھۇدىي ۋە خرىستىئان ئالىملىرى كىتابلىرىدىكى بىشارەتلەر ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇپ تۇرۇپ، ھەقىقەتكە ئاسىيلىق قىلىپ بۇ بىشارەتلەرنى گاھ تەۋىل قىلىش گاھ ئۆچۈرۈش يولى بىلەن بۇ ھەقىقەتلەرنى خەلقتىن يوشۇرۇشقا تىرىشتى.  قۇرئان كەرىم ئۇلار ھەققىدە ئۆز ۋاقتىدا مۇنداق بايانات ئېلان قىلغان:« بىز كىتاب بەرگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار بىلەن خرىستىئانلار) ئۇنى ( يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى، شۈبھىسىزكى ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ»3 .

ئەرەبلەرنىڭ  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ھەق دىنغا قارشى تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ئاتا - بوۋىلىرىدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كەلگەن خۇراپات ۋە بۇتپەرەسلىكنى ياقلىغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ كۆپ ئىلاھلىق خۇراپى ئەقىدىلىرىنى ھەق دىندىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكىدىن ئىدى.  قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ جاھىللىقى ۋە بويۇنتاۋلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« ھەرقاچان ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «ئاللاھ چۈشۈرگەن نەرسىگە (يەنى ھەق دىنغا ۋە قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار :«ياق، ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان دىنغا ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئاتا - بوۋىلىرى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟»4 . ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تاشلاپ بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان ھەق دىنغا ئەگىشىشگە چاقىرىلغاندا:« ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش» دېدى.5

شۇنىسى ئېنىقكى، بۇددىست ئەرەبلەر ئۆز دىنلىرىنى قوغداش يولىدا بۇ يېڭى دىنغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە شۇنچىلىك قارشىلىق كۆرسەتكەن، ھەرخىل بەدناملارنى چاپلىغان بولسىمۇ، بۇ يېڭى دىننى(ئىسلام دىنىنى) خاتا ياكى ھەقىقەتكە ئويغۇن ئەمەس دىيەلىگىنى يوق. پەقەت ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىغا خىلاپ كېلىدۇ، دىيەلەيتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا شۇنچىلىك دۈشمەن بولۇپ، ئۇنى «سېھىرگەر»، «مەجنۇن»دەپ قارىلىغان بولسىمۇ، ئۇنى« يالغانچى» ياكى«ئالدامچى»دېيەلىگىنى يوق. چۈنكى ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كىچىكىدىن ياخشى بىلەتتى. ئۇنىڭ ھاياتىدا بىر قېتىممۇ يالغان سۆزلىمىگەنلىكىگە گۇۋاھ ئېدى6 . شۇڭا ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كىچىكىدىن «راستچىل مۇھەممەد» ۋە « ئىشەنچلىك مۇھەممەد»دېگەن لەقەملەر بىلەن ئاتاييتى. ئامانەتلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدا ساقلىتاتتى. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.« ئۇلارسېنى (ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ، (ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ » .7

كېيىنكى ئەسىرلەردىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە بۇ دىننىڭ يېتەكچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۈشمەن بولىشىنىڭ سەۋەبى ئوقتەك تىزلىكتە تارقىلىۋاتقان ئىسلام دىنىنىڭ يەر شارىغا ئومۇملىشىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن چىركاۋ  ئادەملىرى چىركاۋ نامىدىن خەلقنىڭ بېشىدا قامچا ئوينىتىپ زورلۇق -زومبۇللۇق قىلىش پۇرسىتىنىڭ قوللىرىدىن كېتىپ قېلىشىدىن قورقۇپ پۈتۈن خەلقنى ئىسلام دىنىدىن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدىن نەپرەتلەندۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەنلىكىدىن ئېدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋروپا شۇنچىلىك قالاق ئىدىكى، خەلق ھازىرقى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىنمۇ جاھىل، نامرات ۋە قالاق ھايات كەچۈرەتتى. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوللىرىغا ئېلىۋالغان خرىستىئان چركاۋلىرىدىكى دىن ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ خرىستىئان دىنىدىن ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتلىرىدىن شۇنچىلىك يېراقتا ئىدى. ئۇلار دىن نامىدىن خەلقنىڭ ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزەتتى. ئىلىم - پەن ئۈگىنىشنىڭ ۋە ھەقىقەتنى ئىزدەشنىڭ يوللىرىنى توسىۋەتكەن ئىدى. يەرشارىنىڭ توپ شەكىللىك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئالىم گالىلۇ گالىلىيونىڭ خرىستىئان چىركاۋلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىمۇ، ئۇنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدىگەنلىكى ۋە ھەقنى سۆزلىگەنلىكىدىن ئىدى.

خرىستىئان چىركاۋلىرىنىڭ ئىسلام دەۋىتىنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن پىلانلىغان ئويۇنلىرىغا ماسلاشقان ئەھلى سەلەپ ئارمىيىسى شەرققە 8 -قېتىملىق يۈرۈشىدە مۇسۇلمانلارغا ئورنىنى تولدۇرۇپ بولالمايدىغان زىيان - زەخمەتلەرنى كەلتۈردى. ئۇلار بۇ ھەقسىز تاجاۋۇزچىلىقلىرىنى ياۋروپا چىركاۋلىرىدىكى دىن ئادەملىرىنىڭ پەتىۋالىرى بىلەن دىن نامىدىن ئېلىپ باردى. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خرىستىئان دىنىنىڭ روھىدىن شۇنچىلىك يېراقتا ئېدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ « ئوڭ ئېڭىكىڭگە ئۇرسا، سول تەرىپىنىمۇ تۇتۇپ بەرگىن. كۆڭلىكىڭنى تارتىۋالسا، ئىشتىنىڭنىمۇ سېلىپ بەرگىن»دەيدىغان يۇمشاقلىق ۋە مېھرىبانلىققا تەشەببۇس قىلىدىغان تەلىماتلىرىنى يادىسىغا بىلسىمۇ، ئۇلار بۇ تەلىماتلارغا ئەمەل قىلىشتىن ئىنتايىن يېراقتا ئېدى. شۇندىن بىرى ياۋروپا ئەللىرىدە قارغۇلارچە ئىسلام دىنىغا قارشى تۇرۇش ئېقىمى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قايسىبىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ياكى قوراللىق كىرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئىسلام دىنى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە بەزى ياۋروپا ئەللىرىگە پەقەت ئىسلام دەۋەتچىلىرىنىڭ ئەخلاقى گۈزەللىكلىرى ۋە ھەققانىيەتچىلىكى سەۋەبى بىلەن تارقالغان. ئانا ۋەتىنىمىزگە ئىسلام دىنىنىڭ كىرىش ۋە ئومۇملىشىش قىسسىسىمۇ ئەبۇ نەسىر سامانى ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان سودىگەرنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، ئېسىل پەزىلىتى ۋە ھەققانىيلىقى خارانىيلار شاھزادىسى سۇتۇق بۇغرا خاننى تەسىرلەندۈرگەنلىكىدىن باشلىنىدۇ. ئىسلام دىنى قورالنى پەقەت ئۆز تەۋەلىرىنى قوغداش ئۈچۈنلا قوللانغان.

11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرېكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆچمەنلىكلىرى ئەۋجگە كۆتۈرۈلدى. بۇ ۋەزىيەتنى پۇرسەت  بىلگەن يەھۇدىي قىساسچىلىرى بىلەن بەزى خرىستىئان رادېكال گۇرۇپپىلىرى ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنىگە داغ قوندۇرۇپ باشقىلارنى مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلام دىنىغا دۈشمەن قىلىش ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئىسلام دىنىنىڭ زىددىغا ماقالىلار ۋە كىتابلار نەشىر قىلىندى. ھەتتا دانىيەدىكى رادېكال دىنچى گۇرۇپپىلار  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرىنى سىزىشقىمۇ جۈرئەت قىلالىدى. ھەجۋىي رەسىملەر ئىسلام دۇنياسىدا قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراپلا قالماستىن، كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەرنىڭمۇ تەنقىدلىرىگە ئۇچرىدى. چۈنكى بۇ زورىغا قىلىنغان دۈشمەنلىك ۋە دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليونغا يېقىن مۇسۇلمان خەلقنىڭ غۇرۇرىغا تەككەنلىك ئېدى.

ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ بۇ ھەقسىز قىلمىشلىرىغا قارشى نارازىلىقلار ۋە رەددىيەلەر ئارقا - ئارقىدىن داۋام قىلىپ كەلدى. باشقا دىنلار مەنسۇبلىرىدىنمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ ھاقارەتكە رەددىيە بەردى. شۇ ئارىدا ياۋروپا دۇنياسىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرىدىن بەزى ھەقىقەتپەرۋەرلەرمۇ قوللىرىغا قەلەم ئېلىپ ھەقىقەتنى سۆزلەشكە باشلىدى. تۆۋەندە ئەنگىلىيەنىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى توماس كارلايلنىڭ« قەھرىمانلار»ناملىق ئەسىرىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇداپىئە قىلىپ يازغانلىرىدىن بەزىسىنى دىققىتىڭىزگە سۇنىمەن:

توماس كارلايل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇداپىئە قىلىپ، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ۋە ئادالىتىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ھازىرقى زامان كىشىلىرىدىن قايسىبىرىنىڭ ئىسلام دىنى يالغان، بۇ دىننىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ھەق يولدا ئەمەستى دەيدىغان ئەرزىمەس دەۋالارغا قۇلاق سېلىشى ھەقىقەتەن نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتۇر. بۇنداق يارىماس دەۋالارغا قارشى كۈرەش قىلىش پەيتى كەلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام چاقىرغان بۇ ھەق دىن 14ئەسىردىن بىرى مىليونلارچە كىشىنىڭ قەلبىدە نۇرلۇق قۇياشتەك چاقناپ كەلمەكتە. مىليونلارچە كىشى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن مۇشۇ دىننى بىرەر ئالدامچىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان پىكرى دېيىشكە بولامدۇ؟ يالغان بىلەن ئالدامچىلىق كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بۇ دەرىجىدە راۋاجلىنالايدىغان بولسا بۇ ھاياتلىق ئەرزىمەس ۋە ئەھمىيەتسىز بىر ھاياتلىق بولۇپ قالغان بولاتتى. سىلەر دۇنيا تارىخىدا بېرەر ئالدامچىنىڭ بىر دىننى ئىجاد قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىدىغانلىقىنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن جاكارلىغانلىقىنى ۋە ئەمەلىيەتتە شۇنداق تارقالغانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ؟! مەلۇمكى يالغانچى ئادەم كىسەك قىشتىن بىرەر ئۆينىمۇ قۇرۇپ چىقالمايدۇ. چۈنكى مۇنداق ئادەم ئۆزىنىڭ نادانلىقىدىن بىناكارلىققا ئىشلىتىلىدىغان ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. قۇرۇپ چىققاندىمۇ قوللانغىلى بولىدىغان بىرەر ئۆي قىلالىشى ناتايىن. بىر بىنانى قۇرۇپ ئەسىرلەردىن بىرى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇنىڭدا ئورۇن ئالدۇرغان كىشىگە نېمە دەيسىز؟!

خۇلاسە كالام شۇكى، مۇھەممەدنى بىرەر غەرەزنىڭ كەينىدىن كىشىلەرنى ئالداپ ئوتتۇرىغا چىققان بىر يالغانچى شەخس دېيىش ئىنتايىن چوڭ خاتالىقتۇر. مۇھەممەد رەببىدىن ئېلىپ كەلگەن دىن ھەقىقەتنىڭ ئۆزى. ئۇ سۆزلىگەن سۆزلەر ھەقىقەتنىڭ سادالىرىدۇر. ئىسلام دىنى پۈتۈن ئالەمنى يۇرۇتقان نۇرلۇق مەشئەلدۇر! بۇ دىن  ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى. بۇ پەيغەمبەرلىك  ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى - كەرەمى بولۇپ،  ئاللاھ تائالا ئۇنى خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ.»

توماس كالاين ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ«مۇھەممەد كىشىلەرنى بۇ يېڭى دىنغا دەۋەت قىلشتا پەقەت شۆھرەت تېپىش، مال - دۇنيا يىغىش ۋە ھاكىمىيەتكە چىقىشنى مەقسەت قىلاتتى»دېگەن باتىل دەۋالىرىغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:« ئەرەبلەر يۈرىكى قاتتىق، قوپال بىر مىللەت ئىدى. ئۇلارنى باشقۇرۇش ۋە يولغا باشلاش ئىشلىرى ئىنتايىن قىيىن ئىدى. ئەمما مۇھەممەد ئۇلارنى ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش، كۆپىنچە ۋاقىتلىرىنى ئۇلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىدا غەلىبە قىلدى. 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتى جەريانىدا ئۇلار بىلەن بىللەن ياشىدى، بىرگە سەپەر قىلدى، بىرگە غازاتلارغا چىقتى. شۇ ۋاقىتتىكى ئەرەبلەرنى تەربىيىلەپ يولغا كىرگۈزۈش ۋە ھەق دىنغا باش ئەگدۈرۈش ئىشلىرىدا غەلىبە قىلالىغان ئادەم ھەقىقەتەن قەھرىماندۇر!

ئۇلار مۇھەممەدتىكى ئالىي پەزىلەتلەرنى، گۈزەل ئەخلاقلارنى ۋە ھەققانىيلىقنى ۋايىغا يەتكەن خالىسلىقنى كۆرمىگەن بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنمىغان بولاتتى. ئويلايمەنكى، شۇ ۋاقىتتىكى ئەرەبلەرگە مۇھەممەد كەلمەستىن، شۇ زاماندىكى ھەيۋەتلىك پادىشاھ قەيسەر شۇ قۇدرىتى ۋە داڭلىق تاجىسى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇشقا ئورۇنغان بولسا، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ بويسۇندۇرالمىغان بولاتتى. ئەمما مۇھەممەد يىرتىق، كونا كىيىملىرى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇلارنى يولغا باشلىيالىدى. تالانت دېگەن ئەنە شۇ. ئۇلۇغلۇق دېگەن ئەنە شۇ. قەھرىمانلىق دېگەن ئەنە شۇ!».

 

------------------------------------------------------------------

1. نۇھ ئەلەيھىسسالام تۇفان بالاسىدىن كېيىنكى يېڭى دۇنيانىڭ تۇنجى پەيغەمبىرى بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىككىنچى ئاتىسى ۋە تۇنجى پەيغەمبىرى ھېسابلىنىدۇ.

2.ساماۋى – ئاللاھ تەرىپىن كەلگەن دېگەن مەنىدە.

3. بەقەرە سۈرىسى 146- ئايەت

4. بەقەرە سۈرىسى 170- ئايەت.

5. ساد سۈرىسى 5- ئايەت

6. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى مەككە بۇددىست كۈچلىرىنىڭ كاتتىبېشى ۋە قوماندىنى ئەبۇ سۇفيان ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەبەشىستانغا بېرىپ پادىشاھ نەجاشىسنىڭ ئالدىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق سورالغاندا، نەجاشىسنىڭ «سىلەر مۇھەممەدنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىغانمۇ؟»دەپ سورىغان سوئالىغا« ياق! بىر قېتىممۇ يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلمەيمىز»دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەبۇ سفيان پادىشاھنىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سەبداشلىرىغا:« ئەگەر گىپىم يالغان چىڭىپ قېلىپ، مات بولۇشتىن قورقمىغان بولسام، مۇھەممەد ھەققىدە باشقىچە جاۋاب بەرگەن بولاتتىم»دىگەن.

7. ئەنئام سۈرىسى 6-ئايەت

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز