قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ ماقالىدا مىراج كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئاللاھ تەرىپىدىن قىلىنغان بۈيۈك مۆجىزە ۋە ھۆرمەت ئىكەنلىكى، ئۇ كېچىنى تەبرىكلەشنىڭ بىدئەت سانىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىس نۇرى ئاستىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

مىراج كېچىسىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

 

ناھايىتى سەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەقىقەتەن مىراج كېچىسى (پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىچىدە مەككىدىى مەسچىتى ھەرامدىن پەلەستىندىكى ئەقسا مەسچىتىگە بېرىپ ئۇ جايدىن يەتتە قات ئاسمانغا ئۆرلەپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا چىقىپ قايتىپ چۈشكەن كېچە) ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ھەقىقى ئەلچى ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاللاھ ھوزۇرىدىكى ھۆرمىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان كاتتا ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چەكسىز ۋە ئورنىنىڭ ھەممە خەلقتىن يۇقىرى ۋە ئالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ(بارچە نۇقساندىن) پاكدۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسچىتى ھەرامدىن ئەتراپىنى بەركەتلىك قىلغان مەسچىتى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر». ئىسرائ سۈرىسى 1- ئايەت

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كۆپچىلىك ساھابىلار رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: «ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاسمانلارغا ئۆرلىتىلدى، ھەممە ئاسمانلارنىڭ ئىشىكلىرى ئىچىلدى ھەتتا يەتتىنچى ئاسماندىن ئۆتتى، ئاللاھ بىلەن سۆزلەشتى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزلىدى، بەش ۋاقىت ناماز بۇ كېچىدە پەرز قىلىندى، دەسلەپتە بىر كىچە كۈندۈزدە ئەللىك ۋاقىت ناماز پەرز قىلىنغانىدى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن ئەللىك ۋاقىت نامازنى يەڭگىللىتىپ بېرىشنى قايتا قايتا تەلەپ قىلدى، ئاللاھ ئاخىردا نامازنى بىر كىچە كۈندۈزدە بەش ۋاقىت قىلىپ ساۋابتا ئەللىك ۋاقىت نامازغا باراۋەر قىلدى، ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئاتا قىلغان بارلىق نېمەتلىرىگە ھېسابسىز شۈكۈر ئېيتىمىز ۋە ماختايمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام(مەككىدىن پەلەستىندىكى ئەقسا مەسچىتىگە بېرىپ ئۇ جايدىن يەتتە قات ئاسمانغا ئۆرلەپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا چىقىپ قايتىپ چۈشكەن) بۇ كېچىنىڭ رەجەپ ئېيىدا ياكى باشقا ئايلاردا بولغانلىغىنى بىلدۈرىدىغان سەھىھ ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنمىغان، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بىرىلگەن ھەدىسلەرنى ھەدىسشۇناس ئالىملار سەھىھ دەپ بېكىتمىگەن.

ئاللاھنىڭ بۇ كېچىنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى كىشىلەردىن ئۇنتۇلدۇرىشىمۇ ئاللاھنىڭ ناھايىتى ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر بۇ كېچىنىڭ ۋاقتى ئېنىق بولغاندىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ كېچىگە مەلۇم ئىبادەتلەرنى خاسلاشتۇرۇپ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشى توغرا ئەمەس؛ چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋە ساھابىلار بۇ كىچىدە بىر يەرگە يىغىلىپ، بۇ كېچە ئۈچۈن تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزمىگەن. بۇ كېچىگە خاسلاشتۇرۇپ ئايرىم ئىبادەتلەرنىمۇ قىلمىغان، ئەگەر بۇ كىچىدە ئايرىم ئىبادەتلەرنى قىلىش دىندا كۆرسىتىلگەن بولسا بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۈممەتلىرىگە ئاغزاكى ياكى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يەتكۈزەتتى، بۇ ئىش ساھابىلار ئارىسىدا كەڭ تارىلاتتى، ئۇلار بۇنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزەتتى، ئۇلاردىن بىزلەرگىمۇ يېتەتتى، ساھابىلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇممەت ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزگەن، دىندىن ھېچقانداق بىر ئىشنى چالا قويمىغان بەلكى ھەرقانداق بىر ياخشىلىق بولىدىكەن ئۇلار بۇ ياخشى ئىشنى ھەممىدىن بۇرۇن قىلغان، ئەگەر بۇ كىچىدە ئايرىم ئىبادەتلەرنى قىلىش دىندا كۆرسىتىلگەن بولسا بۇنى ئۇلار ھەممىدىن بۇرۇن قىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ سەمىمى ساداقەتمەن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى تولۇق يەتكۈزۈپ ئەلچىلىك ئامانىتىنى كامىل ئادا قىلغان زات بولۇپ، ئەگەر بۇ كېچىنى ئۇلۇغلاپ مەلۇم ئىبادەتلەرنى قىلىش ئاللاھنىڭ دىنىدىكى ئىشلاردىن بولغان بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بۇ ئىشقا ھەرگىزمۇ سەل قارىمايتتى ۋە بۇنى يوشۇرماستىن ئۆز ئۈممىتىگە سۆزلىگەن بولاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋە ساھابىلاردىن بۇ كېچىنى ئۇلۇغلاپ مەلۇم ئىبادەتلەرنى قىلىش كۆرۈلمىگەندىكىن كىيىنكى كىشىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى ئىسلام دىنىدىكى ئىبادەتتىن دەپ قارالمايدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ئۇممەتنىڭ دىنىنى كامىل قىلىپ نېمىتىنى تولۇقلاپ بەردى. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بۇيرۇمىغان ئىشلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ ئىبادەتلەشتۇرىۋالغان كىشىلەرگە ئوچۇق رەددىيە بەردى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ مائىدە سۈرىسىدە ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتلىقىدا تاكامۇللاشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:«بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم». ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ شۇرا سۈرىسىدە مۇنداق دېدى:«ئۇلارنىڭ  ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ (ئاللاھ نىڭ ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازابىنى قىيامەتكىچە تەخىر قىلىش توغرىسىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە (دۇنيادىلا) ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى،(ئۆزلىرىگە)زۇلۇم قىلغۇچىلار(يەنى كافىرلار)قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەردە:« پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ بىدئەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ بۇنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۇممەتنى بۇنىڭ خەتىرى ۋە بۇنىڭغا يېقىنلىشىشتىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىردى. بۇ توغرىدا رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەردىن: «ئائىشە ئانىمىز (ئاللاھ  ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىمكى بىزنىڭ ئىشىمىزدا يوق نەرسىنى پەيدا قىلسا، بۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ ». جابىر(ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنىدە سۆزلىگەن خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن :« سۆزنىڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابى، يولنىڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تۇتقان يولى، ئىشلارنىڭ ئەڭ ئەسكى، ناچارلىرى دىننىڭ سىرتىدا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلار، دىننىڭ سىرتىدا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتىن ئىبارەت»، يەنە بىر ھەدىستە «ئازغۇنلۇقنىڭ ھەممىسى دوزاختا» دېگەن .

ئىرباز ئىبنى سارىيە(ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ناھايىتى تەسىرلىك بىر نەسىھەت قىلدىكى، ئۇنىڭدىن قەلبلىرىمىز تىترەپ كەتتى، كۆزلىرىمىزدىن ياش تۆكۈلدى، بىز: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ ۋەز نەسىھەت ۋىدالاشقۇچىنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاپ كەتتىغۇ، بىزگە يەنە نەسىھەت قىلسىلا، دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: سىلەرگە ئاللاھدىن قورقۇشقا، ئەگەر ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىر قارا تەنلىك قۇل باشلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇيرۇغىنى ئاڭلاشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا نەسىھەت قىلىمەن، ئىچىڭلاردىن كىمكى ئۇزۇن ياشىسا كۆپ ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ، سىلەر مىنىڭ سۈننىتىمنى ۋە ئۆزى توغرا يولدا بولغۇچى ۋە باشقىلارنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا چىشىڭلارنى چىشلەپ تۇرۇپ  ئەمەل قىلىڭلار، بىدئەت ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ھەقىقەتەن ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېدى.

بۇ مەزمۇندا سۆزلەنگەن ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى، ئۇلاردىن كىيىنكى ياخشى كىشىلەرنىڭمۇ ئۇممەتنى بىدئەت ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغانلىقى ئىسپاتلاندى، چۈنكى بىدئەت دېگەن دىندا ئەسلى يوق ئىشنى ئىبادەت دەپ قىلىش، ئاللاھنىڭ ۋە دىننىڭ دۈشمەنلىرى بولغان، دىنغا يوق ئىشنى قېتىۋېلىپ ئاللاھ بۇيرۇمىغان ئىشنى دىنى ئىش دەپ قىلىدىغان يەھۇدى، ناسارالارغا ئوخشاپ قالغانلىق بولىدۇ.

دىندا يوق بولغان ئىشنى دىنغا قېتىۋېلىش دېگەن ئىسلام دىننى تولۇق ئەمەس دېگەنلىكتۇر، بۇ دىنغا قىلىنغان چوڭ بۇزغۇنچىلىق ۋە تۆھمەت، ئاللاھ تائالانىڭ «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم» دېگەن سۆزىگە قارمۇ قارشى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئۇممەتنى بىدئەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ سۆزلىگەن ھەدىسلىرىگە زىت كېلىدۇ.

بىز يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتۈلگەن ئايەت ھەدىسلەرنىڭ ھەقىقەتنى دەپ مۇشۇ بىدئەتلەرنى ئىنكار قىلغۇچى كىشىلەرنى دەلىل جەھەتتە قانائەتلىنىدۇ ( يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ مەككىدىن پەلەستىندىكى ئەقسا مەسچىتىگە بېرىپ ئۇ جايدىن يەتتە قات ئاسمانغا ئۆرلەپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا چىقىپ قايتىپ چۈشكەن بۇ كېچىنى خاتىرىلەشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئىسلام دىندا بۇيرۇلغان ئىشلاردىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى) دەپ ئۈمىت قىلىمەن. ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىشنى، دىندا بۇيرىغان ئىشلارنى تولۇق بايان قىلىپ بېرىشنى پەرز قىلدى، بۇنى يوشۇرۇشنى ھارام دەپ بېكىتتى. مەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنى بۇ بىدئەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۆز مەجبۇرىيىتىم دەپ قاراپ ئۇلارنى بۇ بىدئەتتىن ئاگاھلاندۇردۇم، بۇ بىدئەتلەر كۆپ جايلارغا تارالغان بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى دىنىمىزدىن دەپ گۇمان قىلىدۇ. ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىشقا مەسئۇل بولغۇچىدۇر، ئۇلارغا دىننى چۈشىنىدىغان چۈشەنچە ئاتا قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى ھەقنى چىڭ تۇتۇپ مۇستەھكەم تۇرۇشقا،  بىدئەت ئىشلارنى تاشلاشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن، ئاللاھ ئۇ ئىشنىڭ ئىگىسى ۋە ئۇنىڭغا قادىردۇر. ئاللاھ تائالادىن ئۆزىنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا رەھمەت سالام ۋە بەرىكەت تەلەپ قىلىمىز. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچى زاتتۇر.

 

 

 

(مىئراج كېچىسىنىڭ قايسى ئاينىڭ قايسى كېچىسىدە يۈز بەرگەنلىك توغرىسىدا ئىسلام تارىخشۇناسلار ئارىسىدا ئونلارچە ئىختىلاپلار بولۇپ، ساھابىلار دەۋرىدە ئۇ كۈننىڭ خاس كېچە قىلىپ بېكىتىلمىگەنلىكى ۋە نورمال كېچە دەپ قارىغانلىقى، يېزىپ قالدۇرمىغانلىق سەۋەبىدىن تارىخشۇناسلار ئارىسىدا ئۇ كېچە توغرىدا ئوخشاشماسلىق يۈز بەرگەن. دېمەك؛ مىراج كېچىسىدە ئالاھىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ ياكى ئۇ كېچىنى ئۇلۇغلاپ ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدىن ئەمەسلىكى، ساھابىلارنىڭ دەۋرىدىمۇ بۇ كېچىنىڭ قۇتلۇقلانمىغانلىقىنىڭ ئۆزى بىزنىڭمۇ ئۇ كېچىنى ئۇلۇغلىماستىن، بەلكى، نورمال كېچىدەك مۇئامىلىدە بولىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن دىن نامى بىلەن بەزى ئىشلارنى ئىبادەت دەپ ئوتتۇرىغا ئىلىپ چىقىش، گەرچە ئۇ ئىشنىڭ كۆرۈنىشى توغرىدەك بولسىمۇ ئىسلام شەرىئىتى ئۇنداق ئىشلارنى بىدئەت دەپ قارايدۇ. چۈنكى؛ ئۇ ئىشلار قۇرئان،  سۈننەتتە ياكى ساھابىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە قەيت قىلىنمىغان. ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىسۇن.-مۇھەررىر-)

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز