قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتۇر بۇ ماقالىسىدا ئۆزلىرىنى«قۇرئانچىلار» دەپ ئاتىۋالغان بەزى بىر ئىنسانلارغا قانائەتلىنەرلىك ئوچۇق دەلىل ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەدىس شەرىپكە تۇتقان پاسسىپ ۋە باتىل كۆز قارىشىنى قۇرئان،ھەدىس، ئىجما، قىياس ۋە سەلەپ ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرى بىلەن يوققا چىقىرىپ، ھەرقانداق ۋەزىيەت ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى چۇشۇنۇش ۋە شەرئىي ئەھكاملارغا ھۆكۈم قىلىشتا شەرىئەتىنىڭ غۇللۇق ئاساسلىرىدىن بولغان سۈننەتتىن ئىبارەت بۇ بۇيۈك «ھېكمەت »نىڭ رولى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

«قۇرئانچىلار»غا رەددىيە

 

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 

ھەممىگە مەلۇمكى، ئىسلام قانۇنىنىڭ ئاساسلىق دەستۇرى تۆت بولۇپ، قەدىمدىن تاھازىرغىچە كەلگەن بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇنىڭغا بىردەك ئىتتىپاقتۇر. ئۇلار بولسىمۇ، قۇرئان كەرىم، سۈننەت (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىگەنلىرى، قىلغانلىرى، كۆرسەتكەنلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ئىسلام روھىغا مۇۋاپىق ھالدا قىلغانلىرىنى تەستىقلىغانلىرى)، ئىجما ۋە قىياستۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى مانا مۇشۇ تۆت ئاساسلىق دەستۇرغا تايىنىپ نۇرغۇنلىغان ئىسلامىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كەلدى، يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىشلار ۋە مەسىلىلەرنى جاۋابلاندۇرۇپ كەلدى. شەرىئەتتىكى ھارام - ھالال مەسىلىسىمۇ بۇ تۆت ئاساسلىق دەستۇرغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق بېكىتىلدى.

ئەپسۇسكى، يېقىنقى زامانلاردىن بىرى چىققان بىر قىسىم كىشىلەر قۇرئاننىلا ئاساس قىلىپ سۈننەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەرغىباتىنى ئېلىپ بارسا، يەنە بىر پىرقە كىشىلىرى مەزھەپكە ئەگىشىشنى ئەخمەقلىق ساناپ، مەزھەپ پىشقەدەملىرىگە تىل ئۇزارتىپ كەلمەكتە. ئالدىنقىسىنىڭ خەتىرى كېيىنكىسىدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر. چۈنكى مەزھەپكە ئەگىشىش پەرز ياكى ۋاجىپ ئەمەس، شۇنداقتىمۇ ئاۋام خەلقنىڭ مەلۇم بىر مەزھەپ سىستېمىسى بويىچە ماڭغىنى ئۇلار ئۈچۈن ياخشى. ئەمما سۈننەتتىنمۇ بىھاجەت بولالايمىز دېگۈچىلەرنىڭ تۇتقان يولى خاتا، سۆزلىگەنلىرى جاھالەت، مەقسىتى كىشىلەرنى ئازدۇرۇشتۇر. «بىز قۇرئانچىلارمىز»، « بىز پەقەت قۇرئانغىلا يۆلىنىمىز»، «قۇرئان ئۆزىلا كۇپايە قىلىدۇ» دېگەنگە ئوخشىغان، ئاڭلىنىشى چىرايلىق، ئەمما باتىل مەقسەت قىلىنغان شۇئارلارنى توۋلاپ يۈرگۈچىلەر ئىسلام دىنىنى يىقىتىشتىن باشقىنى ئويلىمىسا كېرەك. بۇ سۆزلەر باتىل مەقسەت قىلىنغان ھەق سۆزلەردۇر. چۈنكى « بىز قۇرئانچىلارمىز» دېگەن سۆز - ھەق سۆز. ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان قۇرئانچىدۇر. ئۇ قۇرئاننى سۆيىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. ئەمما بۇ سۆزنى كوزىر قىلىپ تۇرۇپ، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن بولغان سۈننەت، ئىجما ۋە قىياسلارنى ئىنكار قىلماقچى بولغانلارنىڭ نىيىتى توغرا ئەمەس. ئۇلار بۇ چىرايلىق سۆزى ئارقىلىق ھەممە كىشى بىلىدىغان ھەقىقەتنى ئەمەس، بەلكى باتىلنى مەقسەت قىلغۇچىلاردۇر. ئۇ باتىل قايسى دېگەندە، قۇرئاننىڭ ھەقىقىي تەرجىمانى بولغان سۈننەتنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، قۇرئاننى ئۆز خاھىشلىرىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ خالىغانچە تەۋىل ۋە تەپسىر قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى پۈچەكلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت نىجىس مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر!

ئاللاھ تائالا ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەت ھەر ئىككىسىنى بەرگەن. نېمە ئۈچۈن؟ سۈننەت قۇرئاننى ئوچۇقلىسۇن، چۈشەندۈرسۇن، شەرھىلىسۇن ئۈچۈن! شۇڭا ئاللاھ تائالا  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا قىلغان خىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:« ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەت(يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى) تىن ئوقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار». [ئەھزاب سۈرىسى 34 - ئايەت]

ئىمام شافىئىي، ئىبنى كەسىر، قەتادە ۋە باشقىمۇ ئۆلىمالار يۇقىرىقى ئايەتتىكى «ھېكمەت» سۆزىدىن سۈننەت مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە ئوقۇلىدىغان نەرسىلەر قۇرئان كەرىم ياكى سۈننەت ئىدى.[جامع بيان العلم وفضله 17- بەت ، الرسالة 78 - بەت].

قۇرئاننى سۈننەتتىن ئايرىيمىز دېگۈچىلەر  قۇشنى قانىتىدىن ياكى بېلىقنى سۇدىن ئايرىپ ھالاك قىلماقچى بولغانلارغا ئوخشايدۇ. چۈنكى قۇرئاننى سۈننەتسىز توغرا رەۋىشتە چۈشەنگىلى بولمايدۇ. شۇڭا شىئەلەر قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى سۈننەتنىڭ ياردىمىسىز چۈشىنىپ كېتەلەيمىز دېگەن دەۋا بىلەن ئىش كۆرگەنلىكتىن نۇرغۇنلىغان ئىسلامىي مەسىلىلەردە خاتالاشقان. بۇنىڭ ئاددى بىر مىسالى، ئەگەر ئۇلار سۈننەتكىمۇ مۇراجىئەت قىلغان بولسا، ھەرگىزمۇ تاھارەت ئالغاندا پۇتلارنى يۇيۇش ئورنىغا يالىڭاچ پۇتنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلمىغان بولاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئالغاندا پۇتلىرىنى يۇغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ناھايىتى كۈچلۈك ھەدىسلەر  كەلگەنلىكى تۇپەيلى پۈتۈن ئەھلى سۈننە جامائىتى شۇنداق قىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى شىئەلەر قۇرئاننىڭ تاھارەت ھەققىدە كەلگەن ئايىتىنى تەۋىل قىلىشتا خاتالاشقان. ئەگەر ئۇلار ھەدىسكە ئەگەشكەن بولسا مۇنداق قىلمىغان بولاتتى.

قۇرئاننىلا تۇتۇپ سۈننەت، ئىجما ۋە قىياسنى رەت قىلىمىز دېگۈچىلەر ئېيتىپ باقسۇن قېنى، ئاق چېكىملىك ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟ ئەگەر ئۇ ھارام بولسا  قۇرئاندا ئۇنىڭ ھاراملىقىنى سۆزلىگەن ئايەت بارمۇ؟ جاۋاب: يوق! ئۇنداقتا ئاق چېكىملىك ھالالمۇ؟ بۇنى ئىسلام ئۇممىتىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دىن ئەھلى ۋە بارلىق ئىنسانىيەت شەكسىز ھارام دەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنىڭ قۇرئاندا ھاراملىقىغا ئېنىق ئايەت كەلگەن ھاراقتىنمۇ چوڭلىقىنى ھەممە ياخشى بىلىدۇ. ئۇنداقتا ئىسلام ئۆلىمالىرى ئاق چېكىملىكنى قايسى دەلىلغا  ئاساسەن ھارام دەپ كەسكىن ھۆكۈم قىلالىدى؟ شەكسىزكى قىياس دەلىلغا ئاساسلىنىپ شۇنداق قىلدى. ئەگەر ئىسلام ئۇممىتى ئاق چېكىملىكنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە قۇرئانىمىزدا ئايەت يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ھارام دېيەلمەيمىز، دېگەن بولسا ئەھۋال نېمە بولماقچىدى؟ شۈبھىسىزكى، دىننىڭ ئىنسانىيەتنى بارچە ھالاكەتلەردىن ساقلاش ۋە ئۇلارنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىك مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتەلمىگەن بولاتتى.

مۇندىن باشقا، «بىز قۇرئاننىلا تۇتۇپ سۈننەتتىن بىھاجەت بولالايمىز» دېگۈچىلەرمۇ كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدۇ. ئۇلار قايسى دەلىلغا ئاساسلىنىپ نامازنى بەش ۋاخ ئوقۇيدۇ؟  بەش ۋاخ ناماز رەكئەتلىرىنىڭ سانىنى نەدىن بىلدى؟ بامداتنى مانچە رەكئەت، پېشىننى مانچە رەكئەت ...... ئوقۇڭلار، دەپ يوققۇ! بۇنى نەدىن بىلدۇق؟ تەبىئىيكى، سۈننەتتىن بىلدۇق. سۈننەت بولمىغان بولسا ئىدى، بىز ئاللاھنىڭ نامازغا بۇيرۇشتىكى مۇرادىنى، قانداق شەكىلدە ئادا قىلىش لازىملىقىنى نەدىن بىلگەن بولاتتۇق؟! قۇرئاندا زاكات پەرز قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ پرىنسىپلىرى -زاكات كىملەرگە پەرز بولىدۇ؟ ئۇنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولىدۇ؟ دېگەنلەر بايان قىلىنغان ئەمەس، بۇلارنى سۈننەت بايان قىلغان. سۈننەتكە ئەمەل قىلمايمىز دېگۈچىلەر «نەق پۇل ۋە ئالتۇن، كۈمۈشتىن يۈزدە ئىككى يېرىم پىرسەنت زاكات بېرىلىدۇ»دېگەن قائىدىنى نەدىن ئۆگەندى؟ مۇندىن باشقا شەرىئەتنىڭ ھالال- ھارامغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملىرىدىن «ئېمىلداشلار بىر - بىرى بىلەن نىكاھلىنالمايدۇ»دېگەن پرىنسىپنى نەدىن ئۆگەندى؟ تەبىئىيكى سۈننەتتىن.  شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا:«بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز - نەسىھەت ئالسۇن) دەپ چۈشۈردۇق» [ سۈرىسى 44 - ئايەت].

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى» نېمە بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەردى؟ تەبىئىيكى، سۈننەتلىرى بىلەن چۈشەندۈردى.

بۇ تۆت ئاساسلىق دەستۇرنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىللىرى

بىرىنچى: قۇرئان كەرىم

قۇرئان كەرىم پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ دەستۇرى ۋە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ بىرىنچى ئاساسلىق مەنبەسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، ئاللاھنى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار.» [ئەئراف سۈرىسى 3 - ئايەت]

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ:«ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر» [بەقەرە سۈرىسى 229 - ئايەت]

ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كىشىلەر ئارىسىدا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە ئەھكاملىرى بويىچە ھۆكۈم قىلىشقا ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشكە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتاب ( قۇرئان)نى نازىل قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن» [مائىدە سۈرىسى 48 - ئايەت]

ئىككىنچى: سۈننەت

سۈننەت - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش - ئىزلىرى، بۇيرىغانلىرى، توسقانلىرى ۋە سۆزلىگەنلىرىدۇر. سۈننەت ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئىككىنچى ئاساسلىق مەنبەسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى سۈننەتكە ئەگىشىشكە چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار». [ھەشر سۈرىسى 7 - ئايەت]

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ». [نىسا سۈرىسى 80 - ئايەت]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى قۇرئان كەرىمدە كەلگەن مۇجمەل ئەھكاملارنى ئۇچۇقلاش، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش، شەرھلەش ۋە تەپسىلى بايان قىلىشتەك ئالاھىدە مۇھىم خۇسۇسىيىتى بىلەن «قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىي تەرجىمانى»دېيىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنى چۈشۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا «ھېكمەت» نامى بىلەن سۈننەتتىنمۇ ئاتا قىلغان.

قۇرئان كەرىمنىڭ مەقسەت ۋە غايىلىرىنى چۈشىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى سۈننەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە ئەمىر قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى، بۇيرۇغانلىرىنى، توسقانلىرىنى ۋە جىمى ئەھكاملىرىنى گاھ ئەمەلىيىتى بىلەن، گاھ سۆزى بىلەن، گاھ باشقىلارنىڭ توغرا قىلغان ئىشلىرىغا سۇكۇت قىلىشى، خاتا قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى بىلەن يەتكۈزگەن.

ئۆچىنچى: ئىجما

ئىجما - ئىسلام ئۈممىتىدىن بولغان زامانداش ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسىنىڭ شەرىئەت مەسىلىلىرىدىن بىرەر مەسىلە ئۈستىدە بىردەك ئىتتىپاققا كېلىشى دېگەنلىكتۇر. [روضة الناظر  2 - توم 439 - بەت، إرشاد الفحول 63 - بەت، الإحكام للآمدي 1 - توم 196 - بەت]

ئىجما ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئۈچىنچى ئاساسلىق مەنبەسىدۇر. ئىجما قۇرئان كەرىم ياكى سۈننەتلەردە ھۆكمى بولمىغان يېڭى مەسىلىلەر ئۈستىدىلا بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم ياكى سۈننەتتە ھۆكمى بايان قىلىنغان مەسىلىلەرگە ھېچكىمنىڭ چىشى پاتمايدۇ. ئىجما قىلىش پەقەت ئىجتىھاد (بار كۈچىنى سەرپ قىلىپ شەرىئەت دەلىللىرىدىن دىنىي مەسىلىلەرنىڭ ئەھكاملىرىنى چىقىرىش)سالاھىيىتىگە توشقان ئۆلۈمالارغىلا خاستۇر.

ئىجما ئىككى تۈرلۈك بولۇپ:

 بىرىنچىسى: ئۆلۈمالاردىن ھەر بىرىنىڭ ئۆز رەيىنى ئاشكارا سۆزلىشى ئارقىلىق بولىدىغان ئىجما، بۇ «ئىجما سەرىھ» (ئاشكارا ئىجما)دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىككىنچىسى: ئۆلۈمالاردىن بەزىسى ياكى بىرەرسى بىرەر مەسىلىدە پەتىۋا چىقارغان بولۇپ، ئۇنى ئاڭلىغان باشقا  ئالىملار ئۇنى ئىنكار قىلماستىن، سۇكۇت قىلسا، بۇ «ئىجما سۇكۇتىي» (مۇۋاپىقلاشقان ئىجما)دەپ ئاتىلىدۇ. [روضة الناظر  2 - توم 492 - 496 ـ بەتلەر، إرشاد الفحول 74 - 75 ـ بەت، الإحكام للآمدي 1 - توم 252 - بەت]

ئىجما تۇنجى ئىسلام خەلىپىسى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ زامانىدىن باشلاپلا جارىي بولۇپ كەلمەكتە. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا، ئۆزى قارار چىقىرىپ مەسىلىنى ھەل قىلاتتى. ئىجما قىلىشقا ھاجەت يوق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يېڭى كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ۋە بۇرۇن بولمىغان ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىغاندا، ساھابىلار قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتتە ھۆكمى بولمىغان مەسىلىلەرنى ئىجما قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنلا ئىسلام دىنىنى يوق قىلماقچى بولغانلار زاكات بېرىشنى رەت قىلىش يولى بىلەن بۇ نىجىس پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغاندا، بىرىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ ھوشيارلىقى ئارقىسىدا ساھابىلار زاكاتنى رەت قىلغۇچىلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىشقا ئىجما قىلغانلىقى ۋە غەلىبە قىلغانلىقى، ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەرنىڭ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى توپلاپ، دۆلەت ئىشلىرىنى تەرتىپكە سىلىشنى ئىجما يولى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى، يەنە ئۈچىنچى خەلىپە ئوسماننىڭ ئىجما يولى بىلەن قۇرئان كەرىمنى نۇسخىلاندۇرۇپ، ئىسلام شەھەرلىرىگە ئەۋەتكەنلىكى، جۈمە نامىزىغا ئىككى قېتىم ئەزان ئوقۇش مەسىلىسىنىڭ ئىجما يولى بىلەن يولغا قويۇلغانلىقى، زاكات ئېلىشقا ھەقلىق بولغۇچىلار قاتارىدىن« كۆڭلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار»نىڭ چىقىرىپ تاشلانغانلىقى ۋە باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەر ساھابىلارنىڭ ئىجما قىلىشى ئارقىسىدا ئەمەلگە ئاشقان. ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىنغا ۋە بۇ دىننىڭ دەستۇرى قۇرئان كەرىمگە ئەڭ ئىزچىل ئەمەل قىلىدىغان ئۈلگىلىك زاتلار ئىدى. تا قىيامەتكىچە ھېچقانداق بىر ئالىمنىڭ ياكى تەقۋادارنىڭ ساھابىلارنىڭ ماقامىغا يېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس! ئۇلار شۇنداق تەڭداشسىز پارلاق يۇلتۇزلار ئىدى.

ئەمدى، شۇ ئۈلگىلىك ساھابىلار ئەمەل قىلىشنى باشلىغان ۋە تا ھازىرغىچە ئەسىرلەر بويى ئىسلام ئۇممىتى بىردەك ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن ئىجمانى رەت قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنى نېمە چاغلايدىغاندۇ؟ ئۇلار ساھابىلاردىنمۇ ئالىم ياكى ئۇلاردىنمۇ ئۇلۇغمۇ؟ ئۇلار ساھابىلارغا ئەگەشمەي كىملەرگە ئەگىشىدىكىنا؟  ھالبۇكى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۆمىنلەرنىڭ يولىغا ئەگەشمىگۈچىلەرنى ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: « كىمكى ئۆزىگە  توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!»(نىسا سۈرىسى 115- ئايەت).

تۆتىنچى: قىياس

قىياس - قۇرئان كەرىم ياكى سۈننەتتە ھۆكمى بولغان بىرەر مەسىلىگە بۇ ئىككىسىدە ھۆكمى كەلمىگەن بىر مەسىلىنى قىياس قىلىش(ئوخشىتىش) ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىش دېگەنلىكتۇر.

مەسىلەن: ھاراقنىڭ ھاراملىقى ۋە قەتئىي مەنئى قىلىنغانلىقى قۇرئان كەرىمنىڭ كەسكىن ئايىتى بىلەن بېكىتىلگەن ھۆكۈم. ئەمما نەشە، ئەپيۇن ۋە ئاق چېكىشنىڭ ھاراملىقى ۋە مەنئى قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق قۇرئان كەرىم ياكى سۈننەتتە ئوچۇق ھۆكۈم يوق. چۈنكى بۇ نەرسىلەر قۇرئان كەرىم چۈشكەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا يوق ئىدى. ئىسلام ئۆلىمالىرى نەشە، ئەپيۇن ۋە ئاقتىن كېلىپ چىقىدىغان دىنىي، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي،  ئىقتىسادىي ۋە تەن ساقلىقغا زىيان يەتكۈزۈشى قاتارلىق زىيانلارنى ھاراقنىڭ زىيىنىغا قىياس قىلىپ سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش ئارقىلىق بۇلارنىڭ ھاراملىقىغا ئىتتىپاقلاشقان. چۈنكى ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى بۇلاردا ئارتۇقى بىلەن تېپىلىدۇ.

قىياس ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ تۆتىنچى ئاساسلىق مەنبەسىدۇر. قىياسنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ مەنبەلىرىدىن ئىكەنلىكىگە قۇرئان كەرىم، سۈننەت ۋە ساھابىلارنىڭ سۆزلىرى دالالەت قىلماقتا.

1 - ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:«مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز». [ئەنبىيا سۈرىسى 104 - ئايەت]

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، قىيامەت كۈنىدە مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈشنى ئۇلارنى دەسلەپتە يوقتىن پەيدا قىلغىنىغا ئوخشاتقان. مانا بۇ قىياستۇر.

2 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسى ئۈچۈن روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمىنى سوراپ كەلگەن بىر ئايالغا: «قاراڭچۇ! ئەگەر ئانىڭىزنىڭ ئۈستىدە بىراۋنىڭ قەرزى قالغان بولسا، ئۇنى تۆلەيتتىڭىزمۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئايال: ھەئە، ئەلۋەتتە تۆلىگەن بولاتتىم، دەپ جاۋاب بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا ئانىڭىز ئۈچۈن روزا تۇتسىڭىز بولىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، ئايالنىڭ ئۆلگەن ئانىسىنىڭ گەردىنىدە قالغان روزىنى، تۆلىيەلمەستىن زىممىسىدە كەتكەن قەرزگە ئوخشاتقان. مانا بۇ قىياستۇر.

ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ تۆت ئاساسلىق مەنبەسى تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىستە ئىخچاملانغان:

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يەمەنگە قازى قىلىپ ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭدىن:« سەن بېرەر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە نېمە قىلىسەن؟» دەپ سورايدۇ. مۇئاز جاۋاب بېرىپ:« ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ئىش كۆرىمەن»دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇنىڭدىن:« ئاللاھنىڭ كىتابىدا بولمىسا نېمە قىلىسەن؟»دەپ سورايدۇ. مۇئاز جاۋاب بېرىپ:« رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش كۆرىمەن»دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇنىڭدىن:«رەسۇلۇللانىڭ سۈننىتىدىمۇ بولمىسا نېمە قىلىسەن؟»دەپ سورايدۇ. مۇئاز:« ئۆز رەيىم بىلەن ئىجتىھاد قىلىپ بىر تەرەپ قىلىمەن»دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئازنىڭ كۆكسىگە قېقىپ تۇرۇپ:« پەيغەمبىرىنىڭ ئەلچىسىنى ئۆزى ۋە پەيغەمبىرى رازى بولىدىغان ئىشقا مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمەن»دەيدۇ. بۇ ھەدىس ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن قۇرئان، سۈننەت ۋە ئىجتىھاد ئۈچىنى تەرتىپ بىلەن بايان قىلغان. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ بەسرە شەھىرىنىڭ قازىسى ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرىيگە يازغان مەكتۇبىدا:« قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتتە ھۆكمى بولمىغان مەسىلىلەر توغرۇلۇق كىشىلەر سەندىن ھۆكۈم سوراپ كەلگەندە، ئۇ مەسىلىلەرنى سەن ھۆكمىنى بىلىدىغان مەسىلىلەرگە قىياس قىلغىن، ئاندىن ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىملىق كېلىدىغان، ھەقىقەتكە ئەڭ ئۇيغۇن رەۋىشتە ھۆكۈم چىقارغىن» دېگەن. [أخبار القضاة 1 - توم 70 - بەت، أصول التشريع الإسلامي 17 - 79- بەتلەر، مقدمة في الفقه 17 - 38 - بەتلەر].

مانا بۇ، خەلىپە ئۆمەرنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ تۆتىنچى ئاساسلىق مەنبىيى بولغان قىياس ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى ئىدى.

ئاللاھ تائالادىن بىزلەرگە ھەقىقەتنى كۆرىۋالالايدىغان قەلب ئاتا قىلىشىنى، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىدىغان، ئىسلام دەستۇرلىرىنىڭ مەقامىنى قوغدايدىغان غەيرەت ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز