قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 29/7/1429 ھـ / 2008-يىلى 08-ئاينىڭ 01-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا، ئىسلام دىنىنىڭ بۈيۈك ئىككى ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى؛ ئۇ بولسىمۇ ھەممە ئىشنى ئىخلاس بىلەن خالىس ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق قىلىش كېرەكلىكى، بىدئەت بولسا شېرىكتىن كىيىنكى دىننى بۇزىدىغان، دىننىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىۋىتىدىغان، ئۇممەتنى زالالەتكە باشلاش بىلەن بىرگە چېچىلاڭغۇ ھالەتكە كېلىپ قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان چوڭ گۇناھلاردىن ئىكەنلىكى، بىدئەتچىلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەكلىكى قاتارلىق بىدئەتكە دائىر مەسىلىلەردە تەپسىلى توختىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

سۈننەتكە ئەگىشىپ بىدئەتتىن ھەزەر قىلايلى

 

 

 2008- يىلى 8-ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ تەپسىلى تەرجىمىسى

 

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھنى ماختايمىز ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سورايمىز. ئاللاھدىن كەچۈرۈم ۋە ھىدايەت تەلەپ قىلىمىز. نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، ئەممەللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن ئاللاھدىن سېغىنىپ پاناھلىق تەلەپ قىلىمىز. ئاللاھ توغرا يولغا باشلىغان كىشىنى ئازدۇرىۋەتكۇچى، ھىدايەت قىلمىغان كىشىنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى يوقتۇر. ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن.

ئى ئاللاھ! سىلىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق تاللانغان ساھابىلەرگە دائىم رەھمەت، بەرىكەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! مەن ئۆزۈمنى ۋە سىلەرنى ئاللاھغا تەقۋالىق قىلىشقا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ئىنساننىڭ دۇنيا ئاخىرەتتە بەخت- سائادەتكە ۋە نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ ئاساسىدۇر.

دىنى قېرىنداشلار! ئىسلام دىنى بۈيۈك ئىككى ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۇ بولسىمۇ ھەممە ئىشنى ئىخلاس بىلەن خالىس ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: « كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدىكەن يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئەمەلنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىدىكەن، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلارغا ئاخىرەتتە ھېچ قورقۇنچ ۋە غەم قايغۇ بولمايدۇ».

ئى مۇسۇلمانلار! بىدئەت بولسا شېرىكتىن كىيىنكى دىننى بۇزىدىغان، دىننىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىۋىتىدىغان، ئۇممەتنى زالالەتكە باشلاش بىلەن بىرگە چېچىلاڭغۇ ھالەتكە كېلىپ قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر. بىدئەت بولسا مۇسۇلمان ئۇممەتلىرىنى نۇرغۇن پارتىيە گۇرۇھلارغا ئايرىپ، ئۇلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاپ، ئۇلارنى دىن دۈشمەنلىرى ئۈچۈن تەييار بىر لوقما ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى، ئۇلارنى ئاللاھ تائالا مېڭىشقا بۇيرىغان توغرا نۇرلۇق يولدىن يىراقلاشتۇردى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:« بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، ناتوغرا يولدا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ». ئاللاھ تائالا بىزنى مېڭىشقا بۇيرىغان يول، مەنبەسى ساپ، ئاللاھنىڭ ۋەھىي نۇرى  ۋە ھىدايىتىدىن ئىبارەت بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشتۇر.

دىنى قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپلىقى ۋە بىدئەتتىن يىراق بولۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ئايەت ھەدىسلەردىن نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىنغان، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« شۇ كۈندە يەنى قىيامەت كۈنىدە بەزى يۈزلەر يەنى مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرى ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر يەنى كۇففارلارنىڭ يۈزلىرى قارىيىدۇ»، ئىبنى ئابباس (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) بۇ ئايەتنى تەپسىر قىلىپ: يۈزى ئاق كىشىلەر سۈننەت ئەھلى( يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەنلەر)، يۈزى قارا كىشىلەر بولسا بىدئەتچى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر دېگەن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«دىندا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە ئايرىلغانلاردىن سەن ئادا -جۇداسەن، ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر يەنى ئاللاھنىڭ باشقۇرىشىدىدۇر، كېيىن  يەنى ئاخىرەتتە ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزىگە ئېيتىپ بېرىدۇ». ئائىشە(ئاللاھ ئۇ ئانىمىزدىن رازى بولسۇن) ئۆزىنىڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىپ: ئۇلار مۇشۇ ئۇممەتنىڭ ئازغۇن، گۇمراھ، ئۆز ھاۋايى ھەۋىسىگە ئەگىشىدىغان ۋە بىدئەتچىلىرىدىن ئىبارەت دېگەن.

ئى مۇسۇلمانلار! بىزنىڭ يول باشچىمىز ۋە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ دىندا ئەسلى يوق بىدئەت ئىشلارنى پەيدا قىلىشتىن ھەزەر قىلىشقا، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلماسلىققا، ئۆزىنىڭ كۆرسەتكەن يولىدىن باشقا يوللارغا ئەگەشمەسلىككە ۋە بىزنى تائەبەد توغرا، ساغلام  پىرىنسىپ بىلەن مېڭىشقا بۇيرىدى. بۇخارى بىلەن مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى بىزنىڭ ئىشىمىزدا يوق نەرسىنى پەيدا قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ»، ئالىملار بۇ ھەدىسنى : ئىلىمنىڭ ئۈچتىن بىر ئۆلۈشى، چۈنكى بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يوللىرىغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشنىڭ ئاساسلىق يوللىرى جۇغلانغان دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ياخشىلىقنىڭ جۇغلانمىسىنى، تىنچلىق ۋە سالامەتلىكنىڭ مەنبىيىنى يىغىنچاقلاپ مۇنداق دېگەن: « سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمنى ۋە مەندىن كېيىنكى ئۆزى توغرا يولدا بولغۇچى ۋە باشقىلارنى توغرا يولغا يىتەكلىگۇچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا چىشىڭلارنى چىشلەپ تۇرۇپ ئەمەل قىلىڭلار، بىدئەت ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ھەقىقەتەن ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر، ھەرقانداق ئازغۇنلۇق دوزاخدىدۇر».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قېتىملىق جۈمە خۇتبىسىدا مۇنداق دەيدۇ:« سۆزنىڭ ئەڭ توغرىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، يولنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر، ئىشلارنىڭ يامىنى يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردۇر، بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۇمراھلىقتۇر».

دىنى قېرىنداشلار!بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كىيىن ئېسىل پەزىلەتلىك ساھابىلاردىنمۇ بەك توغرا نەسىھەت قىلىدىغان كىشىلەر بارمۇ؟!، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىدئەتنى سۆكۈش، بىدئەتتىن چەكلەش ۋە بىدئەتنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان ئىكەنلىكىدىن ئۇممەتنى ئاگاھلاندۈرۈشتىكى كۆز قارىشى بىردەك. سۈنەنى ئەبى داۋۇدتا ھۇزەيپە (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان ئەسەردە مۇنداق دېيىلگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى قىلمىغان ئىبادەتلەرنى  سىلەرمۇ ئىبادەت دەپ قىلماڭلار، چۈنكى دەسلەپكى دەۋرىدىكى كىشىلەر ياخشى ئىش ۋە ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق قىلىپ، كىيىنكى كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق پەيدا قىلىشىغا ئىمكانىيەت قالدۇرمىدى».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچە- كۈندۈز، قەيەردە بولسا دائىم خىزمىتىنى قىلىدىغان ساھابە ئەنەس(ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) ئىسلام ئۈممىتىگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىمىزغا ئەگىشىڭلار، بىدئەت پەيدا قىلماڭلار، بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئەگىشىشنىڭ ئۆزى سىلەرگە كۇپايە قىلىدۇ».

ئۇممەتنىڭ ئالىمى ئىبنى ئابباس(ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «سۈننەتكە داۋاملىق ئەگىشىڭلار، بىدئەت پەيدا قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىغا ئەگىشىڭلار، بىدئەتتىن ھەزەر قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدە  قىلىش بۇيرۇلمىغان ئىشلارنى ئۆز قارىشى ۋە خاھىشى بىلەن ئىبادەت دەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كەلگەندە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ».

ئى مۇسۇلمانلار! بىدئەت دېگەن دىندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭ ۋە توغرا يول تۇتقۇچى تۆت خەلىپىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ قارشىسىدا ئىشلارنى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ ئۇلار بىدئەتنى قۇرئان ھەدىسنىڭ زىتتىدىكى ئىشنى توغرا ھەق ئىش دەپ ئېتىقاد قىلىپ ياكى ئۇلار ئىبادەت بىلەن ئاللاھغا يېقىنلىشىمىز دەپ ئاللاھ تائالا قىلىشنى بۇيرۇمىغان لېكىن باشقىلار تەرىپىدىن ياخشى دەپ قارالغان ئىشلارنى ئىبادەت دەپ قىلىدۇ، ئىسلام دىندا بىدئەتنىڭ ياخشىسى بولمايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ«بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۇمراھلىق» دېگەن سۆزى ئۆزى ئىخچام، مەنىسى چوڭقۇر ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سۆز بولۇپ، ئېتىقاد ۋە ئەمەللەردە بولسۇن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن سۆزلەر بولسۇن بۇ مۇبارەك ھەدىسنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.

ھىجرەت دىيارىنىڭ ئىمامى مالىك ئىبنى ئەنەس (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى ئىسلام دىندا بىدئەت ئىشتىن بىرنى پەيدا قىلىپ بۇ ئىشنى ياخشى دەپ قارىسا، ئۇ كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە خىيانەت قىلدى دەپ گۇمان قىلغان بولىدۇ( بۇنداق بولۇشتىن ئاللاھ دىن پاناھلىنىمىز). ئاللاھ تائالا بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم دېگەن، مۇشۇ كۈندە دىن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى دەپ قارالمىغان ئىشلار كىيىنكى كۈنلەردىمۇ ئىسلام دىنىدىن دەپ قارالمايدۇ».

ئى ئىسلام ئالىملىرى! ئېلىم ئاللاھنىڭ ئامانىتى، سىلەردىن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى نامايەندە قىلىش ۋە كىشىلەرنى بۇنىڭغا چاقىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ۋەلىيد ئىبنى مۇسلىمدىن (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن): ئېلىمنى  ئاشكارا قىلىش دېگەن نېمە؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى: سۈننەتنى ئاشكارا قىلىش ۋە كىشىلەرگە بىلدۈرۈش دەپ جاۋاپ بەرگەن.

دىنى قېرىنداشلار! ئېسىڭلاردا بولسۇنكى بىدئەتنى ئىنكار قىلىشتىن ۋە بىدئەتچىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا سۈكۈت قىلىش بولسا خۇددى ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى شەرىئەتتە بېكىتىلگەن توغرا ئىشلاردەك چۈشەنچە بېرىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قىيىن.

ئىمام ئەۋزائىي (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «سەلەپ ئالىملىرى بىدئەتچىلەرگە تېلى بىلەن ۋە دىلى بىلەن ناھايىتى قاتتىق مۇئامىلە قىلاتتى، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ پەيدا قىلغان بىدئەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇراتتى». لېكىن ئىلگىركى ياخشى كىشىلەرنىڭ يولىنى تۇتىمىز دەپ  بىدئەت دېگەن سۆزنى ئىسراپ قىلىپ ئۆز ئورنىغا ئىشلەتمەستىن، ھەرقانداق كەمچىلىك ۋە خاتالىق سادىر قىلغان كىشىلەرگە بىدئەتچى دېگەن سۆزنى قوللىنىش توغرا ئەمەس، بۇ سۆز پەقەت ئۆزىنىڭ ئەمىلى ھەرىكىتى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدە بېكىتىلمىگەن ۋە ھىچ قانداق ئاساسى بولمىغان يېڭىلىق ئىشلارنى ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئىبادەت دەپ قىلغان ۋە تېلى ئارقىلىق بۇ ئىشلارنى سۆزلىگەن كىشىلەرگە قارىتىلىدۇ. ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ بىدئەتچىلەرگە قارىتا تۇتقان يولى ئۇلارغا ئىلمى ئۇسۇلدا ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىش، دەلىل پاكىتلارنى تۇرغۇزۇش، ئەگەر بۇنىڭغا قايىل بولماي ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتىپ تەكەببۇرلۇق قىلسا ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ پەيدا قىلغان بىدئەتلىرى كۇفۇرغا ئىلىپ بارىدىغان بولسا شۇنداق، ئەمما ئۇلارنىڭ بىدئەتلىرى كۇفۇرلۇق دەرىجىسىگە يەتمىسە ئەسلى قائىدىدە ئۇلار بىلەن بىر مەزگىل مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش، ئەگەر ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈش ھەرجەھەتتىن ياخشى، ئىسلاھ قىلىنىش ئىھتىماللىقى بار دەپ قارالسا ئارىلىشىپ ئۆتۈش، ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلاردىن يىراقلىشىش كېرەك.

سەلەپ ئالىملىرى(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بىدئەتچىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندە ھەتتا ئۇلارغا سالاممۇ قىلمايتتى، ئۇلارنى زىيارەتمۇ قىلمايتتى ۋە كىسىلىنىمۇ كۆرگىلى بارمايتتى، بىدئەتچىلەرنىڭ كىتاب ۋە ئەسەرلىرىگە قارىماسلىقمۇ ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنىڭ بىرتۈرى بولۇپ بۇمۇ بىدئەتنىڭ خەلق ئارىسىغا تارىلىشى ۋە پىتنە پاساتنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈندۇر، (دىنى زىيالى ۋە ئالىملار بۇنداق ماتىرياللارنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەقىدە ۋە ئىبادەتتىكى ئۆزگىچە يىڭىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىشى ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارىلىدۇ.-مۇھەررىر-)ئەمما كىشىلەرگە مەنپەئەت يېتىدىغان ئېلىمىلار بولسا بۇ ئۇنىڭ سىرتىدا.

ئى مۇسۇلمانلار! سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يوللىرىغا- سۈننەتلىرىگە چىڭ ئېسىلىڭلار، سىلەر دۇنيا ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ۋە دائىملىق بەخت -سائادەتكە ئېرىشىسىلەر، ئاللاھدىن ئۆزۈم ئۈچۈن، سىلەر ئۈچۈن ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، سىلەرمۇ كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئۇ ئاللاھ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلغۇچى ۋە بەك مېھرىباندۇر.

ئىككىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار سالىھ ياخشى كىشىلەرنىڭ ھىمايىچىسى بولغان ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھنى ھىچ قانداق شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن.

ئى ئاللاھ! سىلىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق تاللانغان ساھابىلەرگە دائىم رەھمەت، بەرىكەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! مەن ئۆزۈمنى ۋە سىلەرنى ئاللاھغا تەقۋالىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن، تەقۋالىق بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكىلەرگە قىلغان تەۋسىيىسى.

ئى مۇسۇلمانلار! كىشىلەر ئىبادەت دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلىپ ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان، قۇرئان ھەدىستىن ھىچ قانداق دەلىلى بولمىغان ئىش ئەمەللەر ۋە سۆز ھەرىكەتلەرنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى ياخشىدەك قىلسىمۇ لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشىلەرنىڭ ئازغۇنلۇققا ئېلىپ بارىدىغان بىدئەت ۋە گۇمراھلىقتىن ئىبارەت بولۇپ گەرچە ئۇلار ياخشىلىقنى مەقسەت قىلسىمۇ ئۇ ئىش ئىسلام شەرىئىتىمىزدە رەت قىلىنىدۇ. بەزەن كىشىلەر پەيدا قىلغان بىدئەتنىڭ جۈملىسىدىن شەئبان ئېيىنىڭ (بارات ئېيىنىڭ) ئون بەشىنچى كېچىسىنى(تۇنەك كېچىسى) ئىبادەت بىلەن، كۈندۈزنى روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزۈش بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى تەتقىقاتچى مۇتەخەسسىس ئالىملار بۇ ئىشنى دىندا ئاساسى بار بولغان ئىشلاردىن ئەمەس دەپ ئوچۇق بايان قىلدى. ھەم بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتى ۋە كۈندۈزدە روزا تۇتۇش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى توقۇلما ئەسلى يوق دەپ رەت قىلدى.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن:« شەئبان ئېيىنىڭ (بارات ئېيىنىڭ) ئون بەشىنچى كېچىسىنى جۇغلىشىپ مىڭ رەكەت ناماز ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈش بۇ دىندا ئەسلى بولمىغان بىدئەت ئىشنىڭ بىرى، ئەمما كۈندۈزى روزا تۇتۇش: ئەگەر شۇ كۈننىڭ ئۆزىنىلا خاس قىلىپ روزا تۇتۇشمۇ دىندا ھىچ قانداق ئەسلى بولمىغان بىدئەت ئىشلارنىڭ قاتارىدىن، بىر كۈننى خاس قىلىپ روزا تۇتۇشنىڭ ئۆزى توغرا ئەمەس، شۇ كۈندە تائام تەييارلاپ، چىرايلىق كىيىنىپ خاس ئىبادەتلەرنى قىلىشمۇ دىندا ھىچ قانداق ئەسلى بولمىغان بىدئەت ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر».

ئەللامە شەۋكانىي(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ:« يا ئەلى! كىمكى شەئبان ئېيىنىڭ (بارات ئېيىنىڭ) ئون بەشىنچى كېچىسى يۈز رەكەت ناماز ئوقۇپ ھەر رەكەتتە سۈرەتۇل فاتىھەنى(ئەلھەمدۇنى) ئوقۇپ ئاندىن سۈرەتۇل ئىخلاسنى(قۇلھۇ ۋەللاھۇ ئەھەدنى) ئون قېتىم ئوقۇپ يۈز رەكەتنى تاماملىسا ئاللاھ شۇ كىشىنىڭ ھەممە ھاجىتىنى ئادا قىلىدۇ .........»  دېگەن بۇ سۆزى ھەدىس ئەمەس، بەلكى توقۇلما سۆزدىن ئىبارەت. بۇ سۆزنىڭ ھەممە مەنىلىرى بۇنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، ئاتالمىش بۇ ھەدىسنىڭ ئسنادىدىكى كىشىلەرنىڭ كىملىكىمۇ ئېنىق ئەمەس، بۇ ھەدىس بىرقانچە يوللار بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ ھىچ قايسىسىنىڭ رىۋايەت قىلغۇچىلىرى ئېنىق ئەمەس.

ھاپىز ئىراقىي مۇنداق دېگەن: شەئبان ئېيىنىڭ(بارات ئېيىنىڭ) ئون بەشىنچى كېچىسى ناماز ئوقۇش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەتەن يالغاندىن توقۇلغان توقۇلما سۆزدىن ئىبارەت دېگەن. ئىمام نەۋەۋىي ۋە ئابدۇرەھمان ئەل مەقدەسى ۋە باشقا نۇرغۇن ھەدىسشۇناس تەتقىقاتچى ئالىملارمۇ يۇقىرىقىدەك سۆزلەرنى دېگەن.

ئى مۇسۇلمانلار! سىلەر تائەبەد ئاللاھقا ئۇچراشقىچە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يولىغا چىڭ ئېسىلىپ، سۈننىتىگە ئەمەل قىلساڭلار سىلەر ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلەيسىلەر.

ئاللاھ تائالا بىزنى ناھايىتى بۈيۈك بىر ئىشقا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللاشتىن ئىبارەت.

ئى ئاللاھ! سىلىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھ! توغرا يول تۇتقۇچى ۋە كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلىغۇچى تۆت خەلىپىدىن يەنى ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى ۋە باشقا ساھابىلاردىن ۋە قىيامەتكىچە ئۇلار نىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەردىن رازى بولغىن.

ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خارقىلغىن. ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خارقىلغىن. ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خارقىلغىن.

ئى ئاللاھ!بىزگە توغرا يول ئاتا قىلغىن.

ئى ئاللاھ! بىزنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بىدئەت خۇراپاتلىقتىن يىراق قىلغىن.

ئى ئاللاھ! بىزنى پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ يولى بىلەن مېڭىشقا مۇيەسسەر قىلغىن. ئى كەرەملىك ئېسىل بۈيۈك ئاللاھ! بىزنى نۇر، ھىدايەت ۋە توغرا يولدا مېڭىشقا مۇيەسسەر قىلغىن.

ئى كەرەملىك ئېسىل بۈيۈك ئاللاھ! بىزنى سەن ياخشى كۆرىدىغان توغرا يول تۇتقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن ساھابىلارنىڭ قاتارىدىن قىلغىن.

ئى ئاللاھ! مۆمىن ئەر ئاياللارنى، مۇسۇلمان ئەر ئاياللارنى، ھايات قالغان ۋە ۋاپات بولغان ئەر ئاياللارنى كەچۈرگىن، مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىغىنى ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن، ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلغىن.

ئى ئاللاھ! دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆزەڭ مۇھاپىزەت قىلغىن، ئى ئاللاھ! ئىراقتىكى، پەلەستىندىكى، ئافغانىستاندىكى ۋە باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆزەڭ مۇھاپىزەت قىلغىن.

ئى كەرەملىك ئېسىل بۈيۈك ئاللاھ! ھەددىدىن ئاشقۇچى، تاجاۋۇزچى دىن دۇشمەنلىرىنى ئۆزەڭ يوقاتقىن.

ئى ئاللاھ! بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنى سەن ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلغىن.

ئى ئاللاھ! خەلق بىلەن رەھبەرلەرنىڭ ئارىسىنى قۇرئان ھەدىس بىلەن بىرلەشتۈرگىن. ئى دائىم ھايات بولغۇچى، بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى ھەممىگە قادىر بولغۇچى ئاللاھ! خەلق بىلەن رەھبەرلەرنىڭ بىلەن ئارىسىنى ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشقا بىرلەشتۈرگىن، سىنىڭ ھەممە ئىشقا قۇدرىتىڭ يېتىدۇ.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھنى كۆپ يادىتىڭلار، ئەتتىگەن كەچ تەرەپلەردە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، بىزنىڭ ئاخىرقى تىلىكىمىز بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.


 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز