قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا ئىنساننىڭ دىنىي مەلۇماتقا ئېگە بولۇشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقى، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا قارىغۇلارچە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ قىلىش بولسا ئىنساننى ئازغۇنلۇقتىن چەكلەپ، ھىدايەتتە مۇقىم بولۇشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقى، ياخشى ئەمەللەر قۇرئان سۈننەت ئۇستىگە قۇرۇلىدىغانلىقى، مۇسۇلمان ھاياتىدا زۆزۈر بولىدىغان ئەھكاملارنى ئۆگىنىشنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

دىنىي مەلۇماتقا ئېگە بولۇشنىڭ پەزىلىتى

 

 

بارلىق مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. دۇئا ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۇلارغا ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن.

شۈبھىسىزكى، دىندا ئىلىم ئىگىسى بولۇش ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بولۇپ، ھەر تۈرلۈك ياخشىلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىرسىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىندا ئالىم قىلىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)

چۈنكى، سالىھ ئەمەلنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدىغان پايدىلىق ئىلىم پەقەت دىنىي ئىلىمگە ئىگە بولۇش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. جانابى ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھەق دىننى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە دىن بىلەن ئەۋەتتى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە) گۇۋاھلىق بېرىشكە ئاللاھ يىتەرلىكتۇر.» (فەتىھ سۈرىسى، 28-ئايەت.)

مۇپەسسىرلەر ئايەتتە زىكىر قىلىنغان «ھىدايەت» سۆزىدىن مەقسەتنىڭ مەنپەئەتلىك ئىلىمنىڭ، «ھەق دىن» سۆزىدىن بولسا ساغلام ئەمەلنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دەرۋەقە، جانابى ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزدىن ئىلمىنى زىيادە قىلىپ بېرىشىنى تىلىشىنى بۇيرۇق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «(ئىي مۇھەممەد) ئېيتقىنكى: ‹پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن.›» (تاھا سۈرىسى، 114-ئايەت.)

ھاپىز ئىبنى ھەجەر (ئاللاھ ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: جانابى ئاللاھنىڭ «(ئىي مۇھەممەد) ئېيتقىنكى: ‹پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن.›» سۆزىنىڭ ئىلىمنىڭ پەزىلىتى خۇسۇسىدا روشەن دەلىلدۇر. چۈنكى، جانابى ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىلىمدىن باشقا بىر نەرسىنى ئۆزىدىن زىيادە قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا بۇيرىمىغاندۇر. (فەتھۇل بارىي، 1/187.)

ھالبۇكى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ مەنپەئەتلىك ئىلىم تەھسىل قىلىنىدىغان مەجلىسلەرنى «جەننەتنىڭ باغچىلىرى» دەپ ئاتىغان ۋە ئالىملارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسخورلىرى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەندۇر.

شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، ئىنسان ھەر قانداق بىر ئىشنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىشنى توغرا شەكىلدە ئادا قىلىشنىڭ يولىنى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا قىلغان ئىشى ئىناۋەتلىك بولىدۇ ۋە ئۇنى ئادا قىلىش نەتىجىسىدە كۈتكەن غايە ۋە مەقسەت ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئۇنداقتا ئىنسان قانداقسىگە - جەھەننەم ئوتىدىن قۇرتۇلىشى ۋە جەننەتكە كېرىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بىر ئىبادەتكە- ئىلىمى بولمىغان ۋە ئۇنى ئۆگەنمىگەن ھالدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدۇ؟! بۇنىڭدىن سىرت كىشىلەر ئىلىم ۋە ئەمەل مەسىلىسىدە ئۈچ قىسىمغا ئايرىلىدۇ:

بىرىنچىسى: مەنپەئەتلىك ئىلىم بىلەن سالىھ ئەمەلنى بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەن كىشىلەردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى نېمەت ئاتا قىلىنغان پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ يولىغا يىتەكلىگەندۇر. ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى دوستلار ھە!

ئىككىنچىسى: مەنپەئەتلىك ئىلىمنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، ئۇ ئىلىمگە مۇناسىپ ھەرىكەت قىلمىغان كىشىلەردۇر. بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلاردۇر.

ئۈچىنچىسى: ئىلىمسىز ھالدا ئەمەل قىلغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرمۇ ئازغۇنلۇق ئەھلى بولغان خرىستىيانلار ۋە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلاردۇر.

نامازلىرىمىزنىڭ ھەر بىر رەكئىتىدە ئوقۇيدىغان ‹فاتىھە› سۈرىسىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى بۇ ئۈچ قىسىم كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن).» (فاتىھە سۈرىسى، 6،7-ئايەتلەر.)

قىممەتلىك ئالىم مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان ئەتتەمىيمى - ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن- بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالانىڭ: «غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس.» دېگەن ئايىتى كەرىمىسىدىكى ‹غەزىپىڭگە يولۇققانلار› ئىلىملىرىغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ئىلمىغا كۆرە ھەرىكەت قىلمىغان ئالىملاردۇر. ‹ئازغانلار› ئىلىمسىز ھالدا ئەمەل قىلغانلاردۇر. يەنى، بىرىنچىسى يەھۇدىيلارنىڭ سۈپەتلىرى، ئىككىنچىسى بولسا خرىستىيانلارنىڭ سۈپەتلىرىدۇر.

كۆپلىگەن كىشىلەر تەپسىر كىتابلىرىدا ئازاب قىلىنغانلارنى خرىستىيانلار، ئازغانلارنى يەھۇدىيلار، دەپ كۆرگەن چاغلىرىدا بۇ سۈپەتلەر يالغۇز ئۇلارغا قارىتىلغان، دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ھالبۇكى بۇ كىشىلەر، پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالا بۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلىپ يالۋۇرۇشلىرىنى ئۇلارغا پەرز قىلغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ يولىغا دۇچار بولۇپ قېلىشتىن جانابى ئاللاھغا سېغىنىشىدۇ.! سۇبھانەللاھ!

ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۇنى ئۆگەتكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى تاللىغان ۋە داۋاملىق پەرۋەردىگارىغا بۇنىڭ بىلەن دۇئا قىلىشىنى پەرز قىلغان تۇرسا، ئىنسان قانداقسىگە بۇنىڭدىن يىراق تۇرىدۇ؟ نېمىشقا بۇ ئەھۋالنىڭ ئاللاھ تائالا ئۈچۈن يامان گۇماندا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمايدۇ؟! (ئىبنى غەننام: نەجد تارىخى، 491-بەت)

قىممەتلىك ئالىم مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان ئەتتەمىيمى - ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن- مەيلى پەرز ناماز بولسۇن، مەيلى نەفلى ناماز بولسۇن، نامازلىرىمىزنىڭ ھەر بىر رەكئىتىدە بۇ بۈيۈك سۈرىنىڭ (فاتىھە سۈرىسىنىڭ) ئوقۇلىشىنىڭ پەرز قىلىنىشىدىكى ھېكمەتنى بىزگە ئىزاھلاپ بېرىدۇ.

بۇ سۈرە ناھايىتى يۈكسەك مەنىدىكى سىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى مانا بۇ ئۇلۇغ دۇئادۇر:

ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى قۇرتۇلۇش يولى بولغان مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە ياخشى ئەمەل ئىگىلىرىنىڭ يولىغا يېتەكلەيدىغان ئىش - ھەرىكەتلەرگە بىزنى مۇۋەپپەق قىلسۇن ۋە سالىھ ئەمەل قىلىشتىن ۋە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئۆگىنىشتىن ئۇزاق قېلىپ ھالاك بولغانلارنىڭ يولىدىن ئۇزاق قىلسۇن.

قىممەتلىك ئوقۇرمەن دوستۇم، شۇنى بىلگىنكى مەنپەئەتلىك ئىلىم چۈشىنىش ۋە ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق پەقەت قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتتىن تەھسىل قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئوقۇتقۇچىلاردىن، تەپسىر، ھەدىس ئىزاھلىرى ۋە فىقھى كىتابلىرى بىلەن نەھۋ (گرامماتىكا) ۋە قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنغان تىل- ئەرەب تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردىن پايدىلىنىش لازىم. چۈنكى بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان ۋە سۈننەتنى چۈشىنىشنىڭ يولىدۇر.

ئى مۇسۇلمان دوست!

ئەمىلىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى ئادا قىلىشىڭ لازىم:

ناماز، روزا ۋە ھەجگە ئوخشىغان ئىبادەتلەرنى توغرا ۋە ساغلام شەكىلدە ئادا قىلىش ئۈچۈن دىنىڭنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئۆگىنىشىڭ كېرەك.

مېلىڭنىڭ زاكىتىنى بېرىش ئۈچۈن زاكات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى ئۆگىنىشىڭ لازىم.

يەنە، تاپقان - تەرگىنىڭنىڭ ھالال، يېگەن - ئىچكىنىڭنىڭ ھالال ۋە دۇئايىڭنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئېھتىياجىڭ بولغان ۋە ئاللاھ تائالا ساڭا ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ئېلىشىڭ ۋە ھارام قىلغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشۇڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى ئىگەللىشىڭ لازىم.

قاچانكى ئىرادەڭ دۇرۇس ۋە نىيىتىڭ ساغلام بولسا، ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى ھېس قىلغان بارلىق بۇ ئىلىملەرنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن ئاسانلا ئىگەللىيەلەيسەن.

بۇ سەۋەپلىك مەنپەئەتلىك كىتابلارنى ئوقۇشقا غەيرەت قىلىشىڭ، سەن ئۈچۈن چۈشىنىكسىز بولغان نۇقتىلارنى سورىشىڭ ۋە دىنىڭنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالىملار بىلەن مۇناسىۋىتىڭنى ئۈزمەسلىكىڭ لازىم. يەنە، مەسچىت ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان جايلاردا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەبلىغ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشىڭ ۋە بۇلارغا ئەھمىيەت بېرىشىڭ لازىم.

رادىئو - تېلىۋىزورلاردىكى دىنىي پروگراممىلارنى ئاڭلىشىڭ ۋە دىنىي مەسىلىلەرگە ئورۇن بەرگەن دىنىي كىتاب -ژۇرنال ۋە باشقا نەشىر ئەپكارلارنى ئوقۇشۇڭ لازىم. ساڭا ياردەمچى بولىدىغان بۇ خەيرلىك ئىشلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە غەيرەت قىلساڭ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن مەلۇماتىڭ كۆپىيىدۇ ۋە ئىلىمنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلىنىسەن.

قىممەتلىك قېرىندىشىم!

شۇ نەرسىنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىنكى، ئىلىم ئەمەل بىلەن راۋاجلىنىدۇ ۋە كۆپىيىدۇ. بىلگەنلىرىڭگە ئەمەل قىلساڭ، ئاللاھ تائالا سېنىڭ ئىلمىڭنى زىيادە قىلىدۇ.

ھېكمەتلىك بىر سۆزدە مۇنداق دېيىلىدۇ:

‹كىمكى بىلگىنى بويىچە ئەمەل قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بىلمىگەن نەرسىسىنى ئۆگىتىدۇ.›

ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ بۇيرۇقى بۇ نۇقتىنى كۈچلەندۈرىدۇ: «ئاللاھنىڭ (ئەمرىگە ۋە نەھيىسىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ (يەنى سىلەرگە ئىككىلا دۇنيادا پايدىلىق بولغان ئىلىمنى بېرىدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۇچىدۇر.» (بەقەرە سۈرىسى، 282-ئايەت.)

ۋاقىت سەرپ قىلىشقا ئەڭ لايىق بولغان ۋە ئەقىل ئىگىلىرى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر - بىرى بىلەن بەسلەشكەن، قەلبلەر ئۇ ئارقىلىق ھاياتلىق تاپقان ۋە ئەمەللەر ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ۋايىغا يەتكەن نەرسە ئىلىمدۇر.

ئاللاھ تائالا، ئىلمىگە ئەمەل قىلغان ئالىملارنى ماختىغان ۋە روشەن كىتابى قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنىڭ شەنىنى يوقىرى كۆتۈرگەن ھالدا مۇنداق دېگەن: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، (پەرۋەردىگارىنى ۋە ھەق دىنلىرىنى) بىلىدىغانلار بىلەن (بۇلاردىن ھېچ نەرسىنى) بىلمەيدىغانلار بىر بولامدۇ؟ (ئەلۋەتتە بىر بولمايدۇ.) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرى (ئەقلى ساغلام كىشىلەر) تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ ئىبرەت ئالىدۇ (بۇ پەرقنى بىلىدۇ.)» (زۇمەر سۈرىسى، 9-ئايەت.)

باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاللاھ ئاراڭلاردىن (سەمىمىي ھالدا) ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دەرىجىلىرىنى يوقىرى كۆتۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.» (مۇجادەلە سۈرىسى، 11-ئايەت.)

ئىمان ئېيتقانلار بىلەن ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ بىر يەردە زىكىر قىلىنىشىنى ئەستايىدىل ھالدا تەپەككۇر قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېرەكلىك ۋەز - نەسىھەت ۋە ئىبرەت دەرسى چىقىرىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا بۇ ئايىتى كەرىمىسى بىلەن بىزگە ئىلىم بىلەن ئەمەلنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى، بارلىق ئىشلارنىڭ ئىمان ۋە ئۇنىڭ كۆزىتىپ تۇرۇشى ئارقىسىدا روياپقا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان.

بىز ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق دائىرىسىدىكى ئىشلاردا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش، ياردەمچى بولۇش ۋەزىپىمىزنىڭ تەقەززاسى بويىچە، جانابى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئالىملىرىمىز تەرىپىدىن چىقىرىلغان پەتىۋالار ۋە كىتابلىرىدا يېزىلغان بەزى فىقھى ئىلىملەرنى ئىمكانىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۆگىنىشكە تىرىشىشىمىز لازىم.

ئاللاھ تائالادىن ھەممىمىزگە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلىشىنى، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى تىلەيمىز.

يەنە جانابى ئاللاھنىڭ بىزگە ھەقنى ھەق قىلىپ كۆرسىتىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە نېسىپ قىلىشىنى، باتىلنى باتىل قىلىپ كۆرسىتىشىنى ۋە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشىمىزغا نېسىپ قىلىشىنى تىلەيمىز. شۈبھىسىزكى ئۇ دۇئالارنى ئاڭلىغۇچى ۋە قوبۇل قىلغۇچىدۇر.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز