قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 3/10/1429ھـ 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنىڭ پەزىلىتى، مۇسۇلمان رامزاندا ئاللاھ رازىلىقىنى قازىنىش ئۈچۈن خالىس نىيەت بىلەن ئىبادەت قىلغان ئىكەن، رامزاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، كىمىكى رامزان ئۈچۈن ئىبادەت قىلغان بولسا رامزان ئېيى چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن ئىبادەتنىڭ چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى،رامزان ئېيىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ باشقا ئايلاردىمۇ ئەبەدىي ھاياتلىقى قاتارلىقلار ۋە شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلىدىغان ئالتە كۈن روزىغا ئائىت بەزى ئەھكاملار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىبادەت رامزان بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ

 

2008-يىلى10-ئاينىڭ 03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ئاللاھقا قىلىدىغان ئىبادەتلەر رامىزان بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

بىلىڭلاركى، ئاللاھقا قىلىدىغان ئىبادەتلەر رامزانغا مەخسۇس بولماستىن ئىبادەت ھەر زامان ۋە ماكاندا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدۇ. ئىنسان رامزاندا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغان بولسا ئەنە شۇ ئاللاھ رامزاندىن كېيىنمۇ ئەبەدىي ھاياتتۇر. ئاللاھ ئۆلمەيدۇ. بارلىق ئايلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. رامزانغا ئىبادەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن رامىزان كېتىپ قالدى. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئاللاھ مەۋجۇدتۇر. ئەپسۇسكى بەزىلەرنىڭ رامىزان ئاخىرلاشقاندا ئىبادەتكە سۇس قارايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بەزىلەرنىڭ، ئىبادەتلەر رامزانغا مەخسۇستەك، رامىزان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىبادەت قىلمىسىمۇ بولىدىغاندەك رامزاندا قىلغان ئىبادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماستىن، نامازغا ئەھمىيەت بەرمەي يۈرگەنلىكىنى كۆرسەك ئېچىنىشىمىز كېرەك. شۇنداق رامىزان ئاينىڭ باشقا ئايلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار. ئەمما رامزاندىن باشقا ئايلارمۇ ئاللاھنىڭ ئايلىرىغۇ! باشقا ۋاقىتلاردىمۇ سەدىقە قوبۇل بولىدۇ، قىيامۇللەيل قىلسا، روزا تۇتسا، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلسا بولىدۇ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بولسا ھەرقاچان مۇھىمدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن بىر ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ھاياتىدا ئىبادەتكە كەلگەندە بەك سېخىلارچە ئىبادەت قىلاتتى، رامىزان كەلگەندە سېخىلىقى نەچچە ھەسسە ئاشاتتى. رامىزان ئايدا مىڭ ئايدىن ياخشىراق قەدىر كېچىسى بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ قەدىر كېچىسىدىن قېلىشمايدىغان ئىبادەت زامانلىرى باردۇر. بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىمكى بىر كۈندە " سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى سۇبھانەللاھى ئەلئەزىم " نى يۈز قېتىم ئوقۇيدىكەن، دېڭىزنىڭ كۈپۈكىدەك خاتالىقلىرى بولسىمۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ » . يەنە بىر ھەدىستە: « كىمكى، ماڭا ئوخشاش تاھارەت ئېلىپ،   شۇ ئارىلىقتا گەپ قىلماستىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا،  ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ » دېگەن.

ئىسلامدا چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش، گۇناھ-مەسىيەت قىلىش قەبىھ ئىش بولسا، رامزاندا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغاندىن كېيىن ئەشكەن يىپ يېنىپ كەتكەندەك يەنە ئەسلىدىكى قىلىپ كۆنگەن گۇناھقا قايتىش بولسا تېخىمۇ قەبىھ ئىشتۇر .

بارلىق ئىبادەتلەر يىل بويى بىر تەرزدە داۋام قىلىشى كېرەك. بەزى مەۋسۇملۇق ئىبادەتلەر بار مەسىلەن ھەج ئىبادىتى، زاكات ئىبادىتى. قالغان ئىبادەتلەرنىڭ مەۋسۇمى بولمايدۇ. مەسىلەن كۈندە بەش ۋاقىت ناماز ئادا قىلىش بولسا ئىنسانغا ئاخىرقى نەپىسىگىچە پەرزدۇر. نامازغا ئۆزرە بولمايدۇ. دېمەك ئىبادەت ھەر ۋاقىت  ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. ئىبادەتنىڭ نىھايىتى ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.  ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقىقەتنى مونو ئايەت بىلەن بايان قىلىدۇ : « سىز پەرۋەردىگارىڭىز ئۈچۈن ئەجەل كەلگۈچە ئىبادەت قىلىڭ » .  ئىبادەتنىڭ داۋامى ئۇنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئىبرەت ساندا ئەمەس سۈپەتتە. دېمەك؛ ئىبادەت ئاز بولسىمۇ ياخشى شەكىلدە داۋام قىلغىنى ئۇنۇملۇكتۇر. ئاللاھقا ياقىدىغان ئەمەل ئاز بولسىمۇ داۋاملىق داۋاملىشىپ تۇرغان ئىبادەتتۇر.  رامزاندىن كېيىن شەۋۋالدا 6 كۈن روزا تۇتۇش سۈننەتتۇر. شەۋۋالدا 6 كۈن روزا تۇتقان كىشىگە بىر ئۆمۈر روزا تۇتقاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ.

ئىنسان كېسەللىك سەۋەبىدىن بەزى ئىبادەتلەرنى قىلالماي قالغان تەقدىردىمۇ ساق ۋاقتىدا قىلغان ئىبادەت بىلەن ئوخشاش ساۋاپ بېرىلىدۇ.

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز