قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 25/2/1430 ھىجرى 2009-يىلى-02-ئاينىڭ-20 كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى ۋە رولى، دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئەۋزەل بىلىشنىڭ خەتەرلىكى، ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنى كائىناتتىكى پۈتۈن يىڭىلىقلاردىن شەرىئەت يوليورۇقى ئاستىدا پايدىلىنىشقا رىغبەتلەندۇرۇدىغانلىقى، مۇسۇلمان ۋاقتىنى قەدىرلەپ، ئاخىرەتلىكىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

دۇنياغا بېرىلىپ ئاخىرەتنى ئۇنۇتمايلى!


 

2009-يىلى 02-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى

 

 خاتىپ ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ئاخىرەتلىك ئەمەلنىڭ بەدىلىگە، مال- دۇنياغا چوقۇنماسلىق كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئىنسان، تەن سالامەتلىكى ياخشى ۋاقتىدا كىسەللىكى ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرىشى، ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈمىگە تەييارلىق كۆرىشى، باي ۋاقتىدا كەمبەغەللىككە تەييارلىق كۆرىشى، كۈچى بار ۋاقتىدا ئاجىزلىققا ھازىرلىق كۆرىشى كېرەك.  ئىنسان ئاگاھ بولىشى كېرەككى، ھېچقاچان دۇنيانى ئولۇقلىمىسۇن! ئابرويغا ئىگە بولۇش غەرىزىدە  دۇنياغا ھېرىسمەن بولمىسۇن!. ئۇنداق يولغا ماڭغان ئادەم باشقىلارنىڭ مالامىتىدىن قورقۇپ ھەقىقەتكە كۆز يۇمىدىغان، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇش يولىدا ناھەقچىلىقنى قوللاپ- قۇۋەتلەيدىغان ھەقىقى ئىنسانىيلىقنى دەپسەندە قىلىپ قېلىشى مۇمكىن.

تەقۋادارلىقنىڭ ئالامەت، بەلگىلىرى باردۇر. دىن يولىدا مۇستەھكەم تورۇش، ھەقىقەت ئۈستىدە تەۋرەنمەي، ھەق يولدا مالامەتتىن قورقماسلىق، باشقىلار قولىدىكى نەرسىدىن بىھاجەت بولۇش، تائەت - ئىبادەت ئۈستىدە نەسىھەت قىلىش، بېشىغا كۈن چۈشكەندە سەبىر قىلىشتەك ئىشلار تەقۋادارلىقنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

 ئىنسانلار ئىچىدە كامالەتكە يەتكەن كىشى، ئىنسانلار تەرىپىدىن خاتالىقلىرى سانالغان، باشقىلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ماڭالىغان، باشقىلار ئۇنىڭ ھەققىدە بىلىپ- بىلمەي يالغاندىن سۆز- چۆچەك تارقاتقاتسىمۇ ئەپۇ قىلغان كىشىدۇر.

ئىنساننىڭ ياخشىلىقى قەلبىنىڭ ساپلىقى، مەنىۋى دۇنياسىنىڭ پاكلىقى بىلەن بولىدۇ. قەلبلەر ئىمان بىلەن، قۇرئان نۇرى بىلەن پاكلىنىدۇ. ياخشىلارنىڭ قەلبى دۇنيادا ئەڭ چوڭ نېمەت بولغان پاكلىق، ياخشى سۆز، ياخشى ئەمەل،ياخشى ئەخلاق ئارقىلىق راھەتلىنىدۇ.

  دۇنيا ئىقتىسادى، مالىيە كىرىزىس ئىچىدە ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ھەقىقىي ئىدىيەلوگىيە كىرىزىسى ئىچىدە ياشىماقتا. دىنىمىزدا ئىنساننىڭ بۇ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى جاپالىق ئىشلەش، قىيىنچلىقلارنى يىڭىپ بويسۇندۇرۇش، ئىجادىيەت يارىتىش ئارقىلىق دۇنيانى تىرىشىپ گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.  دۇنيانى گۈللەندۈرۈشنىڭ غايىسى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت قۇلچىلىقنى ئىسپاتلاشتۇر. مۇسۇلمانلار ئىبادەتلىرىدە ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىش، تەۋھىدى خالىس بولۇشتەك ھەقىقەتتە بىرلىككە كەلگەنلىكىدە شەك يوق.

  دۇنيادىن بىھاجەت بولۇش 6تۈرلۈك ئىشتا نامايەن بولىدۇ: نەپسى- خاھىش، ئىنسانلار، شەكىلۋازلىق، مال- دۇنيا  ۋە مەنسەپتە نامايەن بولىدۇ.

 ھىدايەت ۋە رەھمەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇئەلەيھى ۋە سەللەم يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان نەرسىلەردىن بىھاجەت ئىدى. زاھىدلارنىڭ پىرى ئىدى. گۆش يەيتتى، ھەسەل، تاتلىق- تۇرۇملەرگە ئوخشاش شىرىن يىمەكلىكلەرنىمۇ يەيتتى، ئاياللىرىنى ياخشى كۆرەتتى، خۇشبۇي ئىستىمال قىلاتتى. چىرايلىق كېيىملەرنى كىيەتتى.

 ھەقىقىي زاھىدلىق تەركى دۇنيا بولۇپ دۇنيانىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىدىن يىراق بولۇش ئەمەس، بەلكى مال- دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇپ بېرىلىپ كېتىپ ئۇنى ئۆزىنىڭ قىبلىسى قىلىۋالماسلىق دېگەنلىكتۇر( يەنى مال-دۇنياغا چوقۇنماسلىق). ئىنساننىڭ قەلبى مال- دۇنياغىلا باغلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئېكىنزارلىقىدۇر. دۇنيانى شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا قولغا كەلتۈرگەن كىشىگە مال- دۇنيا ئۇنىڭ ئاخىرىتى ئۈچۈن ياردەمچى بولىدۇ.

كىمىكى ئاللاھقا ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەيدىكەن، ئاللاھنىڭ تەدبىرىگە رازىمەنلىك ئىزھار قىلىدىكەن، قەلبىنى مەخلۇققا باغلاپ، بەندىدىن قورقۇش، ئۇنىڭدىن ياخشى- يامان مەنپەئەت كۈتۈشتەك ئىشلارنى قىلمايدىكەن، مال- دۇنيا تەلەپ قىلىش، رىزىق تەلەپ قىلىشتا  شەرىئەت كۆرسەتمىسىدىن ھالقىپ چىقىپ كەتمەيدىكەن، ئاللاھنى غەزەپلەندۈرۈش بەدىلىگە بەندىنى رازى قىلمايدىكەن، ئاللاھ بەرگەن رىزىق ئۈچۈن بەندىگە شۈكۈر قىلمايدىكەن، ئاللاھ بەرمىگەن نەرسە ئۈچۈن كىشىلەرگە كايىمايدىكەن، ئاخىرىدا ئاللاھقا يۆلىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇكىشىگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر. كىمكى سورايدىغان نەرسىسىنى ئاللاھتىن سورىسا، ئاللاھتىن باشقىسىدىن بىھاجەت بولسا ئاللاھ ئۇ كىشىنى دۇنيادىن بىھاجەت قىلغۇچىدۇر.

ئاللاھ بارچىمىزنى بەندىنىڭ قولىدىكى نەرسىلەدىن بىھاجەت قىلسۇن! تەقۋالىقتىن ئايرىمىسۇن، دۇنيانىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى دەپ ئاخىرىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالغانلار قاتارىدىن قىلمىسۇن! دۇنيا -ئاخىرەتتە بەختلىك قىلسۇن ئامىن!.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز