قىسقىچە چۈشەنچە

جەسەت قەبىردە تىرىلىدۇ دېيىلسە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىققا ئوخشامدۇ؟ قانچىلىك تۇيغۇ بىلەن بولىدۇ، قەبرىدىكى ھاياتلىقنىڭ مۇددىتى قانچىلىك؟ قەبىردە جەسەتتىن سۇئال قىلىنىدىغان بولسا، ھىندى ۋە ياپۇنلۇقلاردەك جەسەتنى كۆيدۈرىۋىتىدىغانلار بار، ئۇلاردىن قەيەردە سۇئال قىلىنىدۇ؟، دوختۇر بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلىش جەريانىدا ناركوز قىلىش ئارقىلىق بىمارنىڭ تۇيغۇلىرىنى ۋاقتىنچە يىراقلاشتۇرىدۇ، ئەمما بۇ ئۆلۈمدە قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

قەبرىدىكى ھاياتلىق ئەھۋالى

9381- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

جەسەت قەبىردە تىرىلىدۇ دېيىلسە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىققا ئوخشامدۇ؟ قانچىلىك تۇيغۇ بىلەن بولىدۇ، قەبرىدىكى ھاياتلىقنىڭ مۇددىتى قانچىلىك؟ قەبىردە جەسەتتىن سۇئال قىلىنىدىغان بولسا، ھىندى ۋە ياپۇنلۇقلاردەك جەسەتنى كۆيدۈرىۋىتىدىغانلار بار، ئۇلاردىن قەيەردە سۇئال قىلىنىدۇ؟، دوختۇر بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلىش جەريانىدا ناركوز قىلىش ئارقىلىق بىمارنىڭ تۇيغۇلىرىنى ۋاقتىنچە يىراقلاشتۇرىدۇ، ئەمما بۇ ئۆلۈمدە قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

ئالدى بىلەن ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارنىڭ بىلىۋېلىشى مۇھىم بولغان بىر مەسىلە: ئاللاھ تائالا قۇرئان-كىرىمدە خەۋەر بەرگەن ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق بىلدۈرگەن قىيامەتكە ئالاقىدار بولغان، ھېساب، جەننەت، دوزاخ، ئۆلۈمگە ئالاقىدار بولغان قەبرىدىكى سوئال-جاۋاپ، نېمەت-ئازابلار ۋە باشقا غەيبى ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش تەستىقلاش ۋە بويسۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ. بىز ئاللاھ تائالانىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ۋە بەرگەن خەۋەرلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟ يەنى ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك ھېچكىم بولمايدۇ.» [سۈرە نىسا 122-ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە: «ئاللاھتىنمۇ توغرا سۆزلۈك كىم بار؟ يەنى سۆزىدە، ۋەدىسىدە ئاللاھتىنمۇ  سادىق ھېچكىم يوق.» [سۈرە نىسا 78-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ سەمىمى راستچىل كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇ ئۆز نەپسى-خاھىشى بىلەن سۆزلىمەيدۇ بەلكى ئاللاھنىڭ ئىلھام قىلغان ۋەھىيلىرىنى سۆزلەيدۇ. غەيبى ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى بىلمىسەكمۇ سەھىھ ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەدىسلەرنى تەستىق قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاخىرەت توغرىسىدا، جەننەت، دوزاخ، جەننەت ئەھلىنىڭ نېمەتلىرى، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئازابلىرى، ئىنساننىڭ قەبىردە نېمەتلىنىدىغان ياكى ئازابلىنىدىغانلىقى، روھىنىڭ جەسەتكە قايتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەقىقەت بولۇپ بۇ توغرىدا نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. مۇسۇلمان بەندىنىڭ قۇرئان بىلدۈرگەن ياكى سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان ياكى ئىسلام ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن ئىشلارغا ئىشىنىشى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى ۋاجىپ بولىدۇ.

ئاللاھ مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارنىڭ بىرەرسىگە بۇنىڭدىكى سىرى-ھېكمەتلەرنى بىلدۈرگەن بولسا بۇ ياخشىلىق ئۇستىگە ياخشىلىق، نۇر ئۈستىگە نۇر ۋە ئىلىم ئۈستىگە ئىلىم ھاسىل بولغانلىقتۇر. ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ بۇ چەكسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىپ، بۇ ئىلىم-ھېكمەتلەر بىلەن چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ غەيبى ئىشلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

قەبرىدىكى سوئال-سوراق ۋە جەسەتكە ئالاقىدار ئىشلارغا كەلسەك؛ قەبىردە سوئال قىلىنىش، جەسەتكە روھنىڭ قايتۇرۇلىشى ھەق ئىش بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ توغرىدا نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.

قەبرىدىكى ھاياتلىق دۇنيادىكى ھاياتلىقنىڭ غەيرى بولۇپ، قەبىرگە خاس بولغان بەرزەخ ھاياتىدۇر. بۇ ھايات يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدىغان دۇنيا ھاياتىنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ قەبىردە قىلىنىدىغان سوئاللارنى بىلگۈدەك بىر ھاياتلىقتۇر. ئىككى پەرىشتە مەيىتتىن: پەرۋەردىگارىڭ كىم؟ دىنىڭ نېمە؟ پەيغەمبىرىڭ كىم؟ دېگەن سوئاللارنى سورايدۇ. مۆمىن-مۇسۇلمان كىشى: پەرۋەردىگارىم ئاللاھ، دىنىم ئىسلام، پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بارلىق مۆمىن-مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن يۇقىرىقىدەك جاۋاپ بېرىدۇ. پەرىشتە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قانداق بىلىسەن؟ دەپ سورىغاندا، مۇسۇلمان: ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بىزگە ھىدايەت يولىنى كۆرسەتتى، بىز ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلىدۇق، ئىشەندۇق ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق دەيدۇ. پەرىشتە: بىز سىنىڭ مۆمىن ئىكەنلىكىڭنى بىلەتتۇق، دەيدۇ ۋە ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتىن بىر ئىشىك ئېچىلىدۇ، ئۇ يەردىن جەننەتنىڭ خۇش-پۇراقلىرى ۋە نېمەتلىرى كېرىپ تۇرىدۇ. ئۇ كىشىگە: ئاللاھ سىنى قەبىردىن ھېساب مەيدانىغا قوزغاتقانغا قەدەر بۇ سىنىڭ تۇرىدىغان ئورنۇڭ دىيىلىدۇ.  ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە دوزاختىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ: ئەگەر ئاللاھغا ئىشەنمىگەن بولساڭ بۇ سىنىڭ ئورنۇڭ بولاتتى، ئەمما ئىمان ئېيتقانلىقىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سېنى دوزاختىن ساقلىدى ۋە جەننەتكە يول ئالدىڭ دىيىلىدۇ. ئەمما كاپىردىن پەرۋەردىگارى، دىنى ۋە پەيغەمبىرى توغرىسىدا سوئال سورالسا، ھاھ، ھاھ، ھاھ بىلمەيمەن، كىشىلەرنىڭ بىرنەرسىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانتىم مەنمۇ شۇنى دېگەن دەيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇنى تومۇر توقماق بىلەن بىرنى سالدۇ، ئاغرىق ئازابىدىن چىرقىراپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئىنسان-جىندىن باشقا ھەممە جانلىقلار ئاڭلايدۇ. قەبرىسى ئۇنى سىقىپ قوۋۇرغىلىرىنى ئۆتەشتۈرىۋىتىدۇ، ئۇنىڭ تەرىپىگە دوزاختىن بىر ئىشىك ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭ قەبرىسى دوزاخنىڭ ئوتلۇق ئورەكلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ، ئۇنىڭغا دوزاخنىڭ زەھەرلىك ئاچچىق پۇراقلىرى ۋە ئازابلىرى كېلىپ تۇرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: ئاللاھ سىنى قەبىردىن ھېساب مەيدانىغا قوزغاتقانغا قەدەر بۇ سىنىڭ تۇرىدىغان ئورنۇڭ دىيىلىدۇ. ئاندىن كىيىن جەننەتتىن بىر ئىشىك ئېچىلىپ ئۇنىڭ جەننەتتىكى ئورنى كۆرسىتىلىدۇ-دە، ئاللاھ سىنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بۇ سىنىڭ ئورنۇڭ بولاتتى دەيدۇ.

بۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى، ئىنسان ئۈچۈن قەبرە جەننەتنىڭ گۈزەل باغچىلىرىدىن ياكى دوزاخنىڭ ئوتلۇق ئورەكلىرىدىن بىرى بولىدۇ. نېمەت بىلەن ئازاب قەبىردە روھ بىلەن جەسەتكە بىرگە بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئاخىرەتتە جەننەت بىلەن دوزاختىمۇ روھ بىلەن جەسەت بىرگە بولىدۇ.

ئەمما سۇغا چۆكۈپ ياكى ئوتتا كۆيۈپ ياكى يىرتقۇچلارغا يەم بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ۋە شۇنىڭ ئوخشىشىدا ۋاپات قىلغان ئىنسانلارنىڭ روھىغا نېمەت ياكى ئازابتىن بولغان نېسىۋىسى يېتىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ جەسىتى قۇرۇقلۇقتا ياكى دېڭىزدا ياكى يىرتقۇچلارنى قارنىدا بولسۇن ئاللاھ ئۇنىڭدىن خالىغاننى كەلتۈرىدۇ. (يوقتىن بار قىلىشقا قادىر ئاللاھ ئىنساننىڭ ئۆلۈمى قايسى تۈردىكى ئۆلۈم بولسۇن، ئەگەر ئازابى ياكى نېمىتىنى تىتېتىشنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۈچۈن ئاساندۇر.-مۇھەررىر-) لېكىن نېمەت بىلەن ئازابنىڭ كۆپرەكى روھقا بولىدۇ، روھ نېمەتلىنىدۇ ۋەياكى ئازابلىنىدۇ، مۆمىننىڭ روھى جەننەتكە كېتىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن مۆمىننىڭ روھى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدا ئۇچۇپ يۈرىدۇ، تۈرلۈك مېۋىلەردىن ھۇزۇرلىنىدۇ، كاپىرنىڭ روھى دوزاخقا كېتىدۇ».

مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارنىڭ ئاللاھ  ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى خەۋەر بەرگەن ئىشلارغا ئىشىنىشى ۋە بەزى سىرى-ھېكمەتلىرىنى بىلمىسىمۇ بۇنى ئاللاھ ئىرادە قىلغان يول بىلەن تەستىق قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ئالى ھىكمەت

بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

شەيخ ئىبنى بازنىڭ تۈرلۈك ماقالىلار ۋە پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرى  338-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز