قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 16/3/1430ھـ 2009-يىلى03-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمان ھاياتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرجىمىھالىنى ئۈگۈنۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە رولى، رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئۇ زات تۇغۇلغان ئايدا مەۋلۇت ئۆتكۈزۈش ياكى ۋاپاتىغا قايغۇرۇش بىلەنلا بولماستىن، بەلكى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش، ئىش-ئىزلىرىنى ھاياتىدا ئۆرنەك قىلىش ۋە تەتبىقلاش بىلەن ئىپادىلىنىغانلىقىغا دائىر مۇھىم مەزمۇنلار تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئۈممەت ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن بۈيۈك مۇسىبەت بولمىسا كېرەك

 

2009-يىلى3-ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۇبارەك سىيرەتلىرى(تارىخى) ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان ئۆچمەس ئىز پارلاق نۇردۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

دۇنيادا ھەممە نەرسە يوقىلىدۇ، ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. يۇقىرىغا ئۆرلىگەن، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان ھەرقانداق نەرسە سولىشىپ، تۆۋەنگە سېرىلىپ چۈشمەي  مۇمكىن ئەمەس. لېكىن ئۇلۇغ ئىسلام دىنى بولسا، خەلقئارالىق، ئىلاھىي دىن بولغاچقا دائىم مۇستەھكەم، تەرەققىياتچانلىق خۇسۇسىيتىگە ئىگە بىر دىندۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ تەرجىمىھالى بولسا، كۈندىن كۈنگە ئىنسانلار ئارىسىدا كەڭ تارقالماقتا.

 بۇ سىيرەت، بارلىق ئىنسانىيەتكە ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد ماڭىدىغان يوللىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان پارلاق نۇردۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۈگۈنۈش، سىيرەتنىڭ فىقھى ھۆكۈملىرى، ئەدەپ - ئەخلاقلىرى ۋە ماھىيەتلىرىنى ئۈگۈنۈش بولسا غەلىبە، ھىدايەتنىڭ ئالامىتىدۇر. سىيرەت،  بىز مۇسۇلمانلاردىن چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىش ئارقىلىق ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىش، تەھلىل قىلىش، ئەمىلى تۇرمۇشىمىزغا تەتبىقلاشنى تەقەززا قىلىدۇ. سىيرەتنىڭ تارىخ بۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتكەن مۇھىم ۋە ھالقىلىق تەرىپى، دۇنيانى تىترەتكەن، ھەقىقىي سىناق ئالدىدا ئۆزىنى سىناشقا ئەرزىيدىغان ۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ۋاپاتىدۇر.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىنى ئەسلەشتىن مەقسەت: يىغلاپ، كۆز يېشىنى ئېقىتىش ئەمەس، بەلكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى، ئىش- ئىزلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشتۇر. ئۇنىڭ ھاياتى دەۋەت، ھىدايەت، ئۈممەتنى تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن قۇرۇپ چىقىش يولىدا چىراق بولسا، ئۇنىڭ ۋاپاتى  ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىبرەتتۇر. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى ئۈممەت ئۈچۈن بىر پاجىئە بولسىمۇ ئۇنىڭغا قايغۇرۇش يۈزىدىن، دىندا يوق پائالىيەتلەرنى، بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: "سىلەرگە پەيغەمبەر نېمە ئېلىپ كەلسە شۇنى تۇتۇڭلار، نېمىدىن توسقان بولسا ئۇنىڭدىن دەرھال قول ئۆزۈڭلار". دەيدۇ.

 رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا يوق بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن رەت قىلىنىدۇ" (يەنى قۇبۇل قىلىنمايدۇ).

ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە دىننى مۇكەممەل قىلىپ، نېمەتلىرىنى تاماملاپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈممەتكە دىننى ئاللاھ بۇيرىغان شەكىلدە يەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتنى ھىدايەتكە يېتەكلەپ، جاھالەت قاينىمىدىن قۇتقۇزۇپ، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن ئاللاھ "نەسىر" سۈرىسىنى نازىل قىلىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنيادىكى ۋەزىپىسى ئاخىرلىشىپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ۋاپات قىلدۇرۇلىدىغانلىقىغا ئالدىن تەزىيە بىلدۈرگەن. ھەرقانداق بىر ياخشى ئىش تاماملىنىپ، مۇكەممەل بولغاندا تەسبىھ، تەۋبە-ئىستىغفار ئېيتىش ياخشىدۇر. زەپەر قازىنىپ غەلبە قىلغان ۋاقىتتىمۇ تەۋبە ئىستىغفار ئېيتىش بولسا، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش ۋە قۇلچىلىق ئىزھار قىلىشنىڭ دەلىلىدۇر. ھىجرەتنىڭ ئونىنچى يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىمۇ ھەججەتۇلۋىدادا ئەرەفات تېغىدا سۆزلىگەن خۇتبىسىدە ئەجىلىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، بارلىق ساھابىلار بەلكى بارلىق ئىنسانىيەت بىلەن خوشلىشىپ: بۇ يىلدىن كېيىن سىلەر بىلەن يەنە يۈز كۆرۈشەلمەسلىكىم مۇمكىن، دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجىلى يېقىنلاشقاندا بېشى ئاغرىپ، ئاغرىقمۇ بارغانسېرى ئېغىرلاشقان. قىزىتمىسى ئۆرلەپكەتكەن. بۇ ھەقتە ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى كۈنلىرىدە )كېسەللىك ھالىتىدە( بېشىنى تېڭىۋالغان پېتى ئۆيىدىن چىقىپ مۇنبەرگە ئۆرلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن: "بىر بەندىگە دۇنيانىڭ زىننىتى تەقدىم قىلىندى بەندە ئاللاھنىڭ يېنىدىكى نېمەتنى تاللىدى". دېگەندە بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئولتۇرغان ساھابىلار ئىچىدە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا كىشى چۈشىنەلمىگەن. دەرھال ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساڭا مېلىمىز، جېنىمىز، بالىلىرىمىز فىدا بولسۇن  ئىي رەسۇلۇللاھ دېگەن. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان ۋاقتىدا ئاياللىرىدىن ئانىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدە كېسىلىنىڭ بېقىلىشى ئۈچۈن رۇخسەت سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئانىمىز مەيمۇنەنىڭ ئۆيىدىن  فەزلى ئىبنى ئابباس بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغا يۆلىنىپ چىقتى. ئاغرىق ئېغىرلاشقانسىرى ماڭالماي قالغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈلى سانىلىدىغان قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:  دادامنىڭ ئاغرىقىغا مەن قانداق چىداي! دېگەندە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: "دادىڭىزغا بۈگۈندىن كېيىن ئاغرىق يوق" دېگەن. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغرىقى ناھايىتى ئېغىرلاشقاندا ئۆيىدىن چىقالماي يېتىپ قالغان بولسىمۇ ساھابىلارنىڭ ھالىدىن سوراپ، ناماز لىرىدىن سوراپ تۇرغان. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئورنىدا جامائەتكە ئىمام بولۇشقا بۇيرىغان. بۇ قايغۇلۇق كۈنلەردە ۋەھيىمۇ توختىغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۈممەتنى يەنىلا شېرىك ئەقىدىسى قاپلاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىنى يۆگەپ ياتىدىغان بولۇپ، غەم- قايغۇغا چۆمگەندە بېشىنى ئورىۋالغان رەخنى ئېلىۋېتىپ مۇنداق دەيتتى: "ئاللاھ يەھۇدى ۋە ناسالارغا لەنەت قىلدى. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەسجىدگە ئايلاندۇرۇۋالدى".

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقاندىمۇ داۋاملىق قىلىدىغان تەۋسىيىسى: ناماز ، ناماز دېيىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن بۇرۇنقى ئاخىرقى نەپەسلىرىنى  ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ: دۈشەنبە كۈنلۈكى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇجرىسىنىڭ پەردىسىنى قايرىپ بىزلەرگە قارىدى، بىز نامازغا سەپ بولۇپ تۇرۋاتقانىدۇق. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى خۇددى قۇرئان كەرىمنىڭ قەغىزىگە ئوخشاشلا سارغىيىپ كەتكەنىدى. ئەمما بىزلەرگە قاراپ تەبەسسۇم قىلدى. بىز خۇشاللىقىمىزدىن ئۇچاي دېدۇق. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ ئارقىغا چېكىنىپ سەپكە تىزىلىپ تۇرۇشقا تەمشەلگەندە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئىشارەت قىلىپ: نامىزىڭلارنى تاماملاڭلار دېدىيۇ پەردىسىنى چۈشۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ كۈنى ۋاپات قىلدى.ئۇنىڭ ۋاپاتى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھەقىقىي چوڭ پاجىئە ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ پىراقىدىن يىغلىغان كۆزلەر ئېقىپ چۈشەي دەپ قالغانىدى. بۇ ئېغىر پاجىئەدىن ساھابىلار نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، مۇسبەت خەۋىرىنى ئاڭلىغان قۇلاقلىرىغا ئىشىنەلمەي تۇرىۋاتقان، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇدىنى يوقاتقان بىر ۋەزىيەتنىڭ ئۆزىدە: ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەشھۇر سۆزى ئارقىلىق ساھابىلارنىڭ مېڭىسىنى سەگىتىپ مۇنداق دېگەن: "كىمكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىبادەت قىلىدىكەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات قىلدى. كىمكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىكەن ئاللاھ  ھاياتتۇر، ئۆلمەيدۇ" .

 بۇ ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسىبەت كەلگەندە خۇدىنى يوقاتماستىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، جۈرئەت بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش قابىلىيىتىنىڭ يوقىرى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھىجرەتنىڭ 11- يىلى 63 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى بىزلەر ئۈچۈن ئىبرەتكى، ئۆلۈم ھەربىر كىشىگە باردۇر. ھېچكىم دۇنيا بىلەن ياكى دۇنيادىكى ئورنى بىلەن مەغرۇرلانمىسۇن.

ئاللاھ بارچىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگەشكۈچىلەردىن قىلسۇن! ئۆلۈمنى ئەسلەپ، داۋاملىق تەييار تۇرۇشقا نېسىپ قىلسۇن، ئاخىرقى نەپىسىمىزدە ئىمان بىلەن كەتكىلى نېسىپ قىلسۇن ئامىن!.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز