قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ7/11/1431ھـ 2010-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئورنى ۋە پەزىلىتى، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى، دۇرۇت-سالام ئېيتىشنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدىكى ئۆرنى ۋە شان-شەرىپى

2010-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەڭ قېيىن ۋە ئېغىر بولغان ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدىكى ئورنى ۋە شان-شەرىپى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىنسانلار ئارىسىدىن، ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى، زېمىن ئەھلىنىڭ سەرخىلى بولغان   پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تاللىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى، ئەلچىسى، پەيغەمبىرى، ۋەھىينى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە تاللىغان ئىشەنچىلىك كىشىسىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمىگەن كىشى مۇسۇلمان بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارى ۋە تۈگەنچىسى، شاپائەت ساھىبى، قىيامەت كۈنى قەبرىدىن تۈنجى چېقىدىغان، تۇنجى قېتىم شاپائەت قىلىدىغان، پىلسىراتتىن ئۈممەتلىرى بىلەن ھەممە پەيغەمبەرلەردىن ئىلگىرى تۇنجى قېتىم ئۆتىدىغان، جەننەتكە تۈنجى كىرىدىغان، ھەۋز-كەۋسەر ۋە ئالى ماقام بېرىلگەن زاتتۇر. قىيامەتتە ئۇنىڭ ئۇممىتى بارچە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممىتىدىن كۆپ بولىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلىتى يۇقىرى، شان-شەرىپى ئۇلۇغ، دەرىجىسى ئۈستۈن زاتتۇر.

مۇسۇلماننىڭ ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىشى ۋاجىپتۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشنى يولغا قويدى ھەمدە ئۇنى ئۇلۇغ ئىبادەتلەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار». [سۈرە ئەھزاب 56-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام  بارلىق مەخلۇقاتلارغا رەھمەت-شەپقەت قىلىپ ئەۋەتىلدى.

بەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش سەۋەبى بىلەن ئاللاھ خالىغان مىقداردا ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت يوللىغان كىشىگە ئاللاھ تائالا ئون رەھمەت يوللايدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت-سالام يوللاش بىلەن گۇناھ-خاتالىقلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، غەم-قايغۇلار كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇئەنھۇ: يا رەسۇلۇللاھ! مەن سىلىگە كۆپ دۇرۇت-سالام ئېيتىمەن، مېنىڭ دۇئايىمدىن قانچىلىكىنى سىلى ئۈچۈن قىلاي؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: خالىغىنىڭنى قىلغىن دېدى. ئۇ: تۆتتىن بىرىنى؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: خالىغىنىڭنى قىلغىن، ئەگەر زىيادە قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشى دېدى. ئۇ: يېرىمىنى؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: خالىغىنىڭنى قىلغىن، ئەگەر زىيادە قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشى دېدى. ئۇ: ئۈچتىن ئىككىسىنى؟دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: خالىغىنىڭنى قىلغىن، ئەگەر زىيادە قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشى دېدى. ئۇ: دۇئالىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلى ئۈچۈن قىلىمەن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بۇ سېنىڭ غەم-قايغۇلىرىڭنى كەتكۈزىدۇ، گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈم قىلىدۇ دېدى». [ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].

جۈمە كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت ئېيتىش توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىندى. ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمنىڭ دۇرۇت-سالاملىرى جۈمە كۈنلىكى ماڭا كۆرسىتىلىدۇ، ماڭا كۆپ دۇرۇت-سالام ئېيتقانلارنىڭ ئورنى ماڭا ئەڭ يېقىن بولىدۇ». [بەيھەقى رىۋايىتى].

دۇئانى ھەمدۇ-سانا ۋە دۇرۇت بىلەن باشلاپ يەنە شۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇش ياخشىدۇر. پۇزالە ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ ئاللاھنى مەدھىلىمەي، ئۆزىگە دۇرۇت-سالام يوللىماي  دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: ئى ناماز قىلغۇچى! ساڭا ھەيرانمەن دېدى ۋە ئۇنىڭغا دۇئانىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرىنى ئۆگەتتى، ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ نامازدا ئاللاھنى ماختاپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاپ دۇئا قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: ئەمدى دۇئا قىلغىن، ئىجابەت قىلىنىسەن، سورىغىن  بېرىلىسەن»دېدى. [تىرمىزى رىۋايىتى].

نامازغا ئەزان چاقىرىش ئىسلامنىڭ شوئارى ۋە دىننىڭ ئاشكارا ئالامەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلەپ ئەزاندا ئۇنىڭغا دۇرۇت-سالام يوللاشنى يولغا قويدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «ئەزاننى ئاڭلىغاندا مۇئەززىن نېمە دىسە شۇنى دەڭلار، ئاندىن ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار، كىمكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت-سالام يوللىسا ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئون رەھمەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھتىن ماڭا جەننەتتىكى ئەڭ ئالى ئورۇننى سوراڭلار، بۇ ئورۇنغا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىر كىشى لايىق بولىدۇ، مەن شۇ كىشى بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلىمەن، مەن ئۈچۈن ئاللاھدىن ئالى ئورۇننى سورىغان كىشىگە مېنىڭ شاپائىتىم ھەقلىق بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى].

بەزى جاھىل كىشىلەرنىڭ كىمىكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ دۇرۇت-سالام يوللىسا رەسۇلۇللاھ مەزكۇر كىشىگە قولىنى سوزىدىكەن، بۇ ئىش بەزى ئەۋلىيالارغا كۆرۈلۈپتىكەن دېگەن سۆزى يالغاندۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ نامى ياد ئېتىلسە ئۇنىڭغا دۇرۇت-سالام يوللاشتۇر. ئۇنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغاندا ئۇنىڭغا دۇرۇت يوللىماسلىق بېخىللىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئاللاھ ھەممەيلەننى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت-سالام يوللىغۇچى سالىھ بەندىلەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن. ئامىن.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز