قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 7/4/1430ھـ 2009-يىلى04-ئاينىڭ 03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمان ئەقىدىسىدە قانائەت ھاسىل قىلىپ ئېتىقات قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ "قانائەت ھاسىل قىلىپ ئېتىقات قىلىش" توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسى، ئىسلام دىنى ئېتىقادچىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىسلام دىنى قانائەت قىلىپ ئېتىقات قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ

 

2009-يىلى 04- ئاينىڭ 03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ئىسلام دىنىنى دۇنيا خەلقىگە ئىلمى ئۇسۇل بىلەن يەتكۈزۇش لازىم، لېكىن دىندا زورلاش يوقتۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئىسلام دىنى نۇر- بەسىرەت ئۈستىگە قۇرۇلغان دىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا ھىدايەت بەرگەن كىشىنىڭ قەلبى ئىسلام بىلەن نۇرلىنىدۇ، روھى ئېچىلىدۇ. ئەكسىچە، ئاللاھ كور قىلغان كىشىنىڭ قەلبى پىچەتلىنىدۇ، كۆزى ھەقنى كۆرمەيدۇ. ئۇنداق ئادەمنىڭ دىننى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولىشىمۇ پايدا بەرمەيدۇ. ئۇنداقلار دىنغا زور بىلەن كىرگۈزۈلگەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىنغا كىرىشى ئۇلارنىڭ ئۆزىگىمۇ پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى زورلاش ئارقىلىق ئەمەس ئىختىيارى ھالدا قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن قوبۇل قىلىپ كىرىدىغان دىندۇر.

ئىسلام دىنىنىڭ خەلقئارالىق دىن بولۇپ، ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ بولغانلاردىن بۇ دىننى بارلىق ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى بۇ دىن ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا -ئاخىرەتلىك بەخت - سائادىتىگە كېپىللىك قىلىدىغان دىندۇر. ئەھۋال ئۇنداق ئىكەن، بۇ دىننى قوبۇل قىلغان كىشى ئىختىيارى ھالدا، تاشقى بېسىمسىز، قانائەت ھاسىل قىلىش ئارقىلىق قوبۇل قىلىدۇ.  ئەكسىچە، قەلبىدە ھەقىقىي قانائەت ھاسىل بولمىسا، دىن ئۇنداق ئادەمنىڭ قەلبىگە ئورنىمايدۇ. دىنغا ئىختىيارى ھالدا قانائەتچانلىق بىلەن كىرگەن ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسى، ئەقلىي تەسەۋۋۇرى، دىنغا بولغان ئىخلاسى باشقا ئىنسانلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولىدۇ. قانائەت بىلەن دىنغا كىرگەن ئىنسان دىننىڭ بارلىق يوليورۇقلىرىنى بىجانىدىل ئىجرا قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتىراز بىلدۈرمەستىن قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ توسقانلىرىدىن ئىتائەتمەنلىك بىلەن قول ئۈزىدۇ.

 ئەمما دىننى  كۈچ بېسىمى، ئۆرپ-ئادەت بېسىمى، جەمئىيەت بېسىمى ئاستىدا قوبۇل قىلغان ئىنسانلاردا ئىبادەتلەرنى بىجا كەلتۈرۈشتە خۇشياقماسلىق، ئېغىرلىق قىلغان، ئىبادەتلەرنى قىلماسلىققا تىرىشىپ سەۋەپ كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

قۇرئان كەرىمنىڭ پىرىنسىپى دىننى باشقىلارغا تەقدىم قىلىشتا ئۆز- ئىختىيارى بىلەن قانائەتلەندۈرۈش پرىنسىپىنى قوللانغان ۋە شۇنداق بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىسلام ئەقىل- ئىدراك دىنى بولۇپ، ھەربىر ئىنسان بۇ دىنغا كىرىشتىن، ياكى دىن ئۈستىدە ئويلىنىشتىن بورۇن ئەقلىنى ئىشقا سېلىشى كېرەك. ئىنسان داۋاملىق كائىناتنىڭ يارىتىلىشى، ئۆزىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرگەن تەقدىردە بۇ دىننىڭ ماھىيىتىنى، ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىنى ماددىي، ئەقلىي دەلىل ئارقىلىق ئىسپاتلىيالايدۇ. يەنە كېلىپ ئاللاھنىڭ تەڭدىشى يوق، يەككە -يىگانە ئىكەنلىكى، ئىبادەتتە، چوقۇنۇشتا يالغۇز ئىكەنلىكى، ئەگەردە ئىلاھلار كۆپ بولغان تەقدىردە دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلىدىغانلىقىدەك ھەقىقەت مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان رېئاللىقتۇر.

ئىنسان ئاللاھنىڭ بىرلىكى، بارلىقىنى ئۆزىنىڭ ئەقلى ئارقىلىق ھېس قىلىپ، ئىسلام دىنىنى ھەقىقىي ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت - سائادىتى ئۈچۈن نازىل قىلىنغان دىن ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىختىيارى ھالدا قوبۇل قىلغاندا بۇ دىن ئۇ ئىنساننىڭ قەلبىگە مۇستەھكەم ئورۇنلىشىدۇ.

دىننىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشنى خالىغان ئىنسان ئۈچۈن، كۆزىمىزدە كۆرۈۋاتقان، ھەمدە ياشاۋاتقان دۇنيا، دۇنيادىكى جانلىق - جانسىز مەخلۇقلار جانلىق مىسال، رېئال پاكىتتۇر.

ئاللاھ بارچىمىز بۇ ئۇلۇغ دىننى قانائەت ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، ئىختىيارى ھالدا قوبۇل قىلغان سەمىمىي مۇسۇلمانلار قاتارىدا قىلسۇن ئامىن!.

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز