قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 6/5/1430 ھـ 2009-يىلى05-ئاينىڭ 01-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا جانابى ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتنى ئەھمىيەتسىز ياراتماستىن بەلكى ئۆزىگە ئىبادەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياراتقانلىقى، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتمەنلىك بىلەن بويسۇنۇشنىڭ ۋاپىبلىقى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ئاقىۋەتلەر توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلاردا.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنى يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىدۇ

 

2009-يىلى 05- ئاينىڭ 01- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىگە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، «ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا ياراتقان» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى ياراتقۇچىڭلار بولغان ئاللاھ ئەڭ مۇناسىپ ھالدا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىگە ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن يالغۇز ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت بۈيۈك بىر ئىش ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» . سۈرە زارىيات 56-ئايەت. ئاللاھ تائالا ئىبادەت ئارقىلىق ئۇلارغا ساۋاپ بېرىدۇ ۋە جازالايدۇ، بەختلىك ۋە بەختسىز قىلىدۇ، ئۆز نېمىتىدىن بېرىدۇ ۋە چەكلەيدۇ، پەرۋەردىگارىغا ساغلام رەۋىشتە ئىبادەت قىلغان كىشى  كۆپ ياخشىلىق بىلەن غەلبىگە ئېرىشىدۇ، ئۆز پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتنى زايا قىلىۋەتكەن كىشى چوڭ زىيان تارتقۇچى بولۇپ، ئۇ كىشىنى جەھەننەمنىڭ ئاستىدا خاتالىقلىرى ئوراپ تۇرىدۇ.

ئىنسانلار ئىشنىڭ بىشىنى ۋە تۈگەنچىسىنى شۇنداقلا بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئىشلارنى ئويلاپ پىكىر يۈرگۈزگەندە، ئاللاھنىڭ ئىنساننى ھېكمەتسىز ۋە بىكاردىن-بىكار ياراتمىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ(يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش)دەپ ئويلامدۇ؟» سۈرە قىيامەت 36-ئايەت. يەنى ھېچقانداق بىر ئىشقا تەكلىپ قىلىنماي ياكى چەكلەنمەي بىكار قويۇۋېتىلەمدۇ؟.

ئى ئىنسان! سىنىڭ روھىڭ غەيبى ئالەمدە بولغان ۋاقىتتا،(سەن بۇ ئىشلانى بىلمەيسەن، ئاللاھ بىزگە روھى ئالەمنىڭ ئىشلىرىدىن ۋەھىي ئارقىلىق خەۋەر بەرگەن) سەن ئاناڭنىڭ قورسىقىدا تۆرەلمە ھالەتتە تۇرغاندا بۇ روھنىڭ سىنىڭ جەسىدىڭدە ياشىشىنى ئاللاھ خالىدى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يارتىلىشى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قىرىق كۈن سپېرما سۇيۇقلۇقى ھالىتىدە، ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە قىرىق كۈن قانغا ،ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە قىرىق كۈن بىر پارچە گۆشكە ئايلانغان ھالەتتە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ گۆشكە روھ پۈۋلىنىدۇ ۋە بىر پەرىشتە ئۇنىڭ رىزقىنى، ئەجىلىنى، قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ۋە بەخىتلىك-بەختسىز بولىشىدىن ئىبارەت بۇ تۆت ئىشنى يېزىشقا بۇيرۇلىدۇ». ئانىسىنىڭ رەھمىدە ئاللاھ بەلگىلىگەن ۋاقىتقىچە تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە  ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «سىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟، ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە(يەنى تۇغۇلغۇچە)پۇختا ئارامگاھ يەنى بەچچىداندا قىلدۇق، بىز ئۇنى سپېرما سۇيۇقلىقىدىن يارىتىشقا قادىر بولدۇق، بىز ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز».

ئىنسانلار ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق كۈچ قۇۋۋەت بولمىغاندا  ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىنى ئويلاپ باقسۇن؟، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك، ھاۋانى قانداق يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، تۈرلۈك ئاپەتلەردىن ساقلاپ  تەكلىپ يېشىغا يەتكەندە ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن مۇشۇ كەڭرى دۇنياغا چىقىرىپ قويغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ھايات باسقۇچى بولغان ئانىنىڭ قورسىقىدا ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى تەپەككۇر قىلىپ باقسۇن؟، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئورنى بولغان پايانسىز كەڭرى زېمىن ۋە ئۇ زېمىندا ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا تەييار قىلغان تۈرلۈك نېمەتلىرى، زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ئاسمان جىسىملىرى ۋە باشقا ئوربىتلار-مەخلۇقاتلار ھەققىدە ئويلىنىپ باقسۇن؟. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىنلاردىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن قۇدرىتى ئىلاھنى تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان روشەن دەلىللەر بار».

ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە ئەمەل قىلىپ، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلىي پائالىيەتلىرىلەر بىلەن ئىسپاتلاپ، ئاللاھقا، پەرىشتە بولسۇن، پەيغەمبەر بولسۇن، ۋەلى ياكى قانداق مەخلۇق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ھېچقانداق نەرسىنى شېرىك قىلماستىن  ئىبادەت قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ياخشى تۇرمۇش، ھىدايەت، بەخت-سائادەت، ئىش-ھەركەتلىرىڭلاردا بەرىكەت ئاتا قىلىشقا، ئاخىرەتتە دائىم نېمەتلىنىدىغان جەننەت ئاتا قىلىشقا كېپىل بولدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەر-ئايال مۆمىنلەردىن كىمىكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ ئوبدان ياشىتىمىز. ئۇلارغا ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمىلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاپ بىرىمىز».

كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشمەيدىكەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمەيدىكەن، ئۇ كىشى دۇنيادا بەخىتسىزلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن كاپىرلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا دوزاخنى تەييارلىدى».

ئىنسان ۋە جىنلاردىن بولغان ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنغۇچىلار ئۈچىنچى بىر ئورۇنغا يۆتكىلىدۇ، ئۇ قەبرىدىن  ئىبارەت بەرزەخ ئالىمى بولۇپ، ئۇ يەردە دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ جازا ۋە مۇكاپىتىنى كۆرىدۇ، ياخشى بولسا ياخشىنى، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا جازاسىنى تارتىدۇ، قەبرىدىن ئىبارەت ئۈچىنچى ئورۇن بولسا ئاخىرەتنىڭ ئاۋۋالقى ئورنىدىن ئىبارەتتۇر، ئەبى سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «لەززەتنى كەسكۈچى ئۆلۈمنى كۆپ ياد ئېتىڭلار، چۈنكى ئىنسان قەبرىگە قويۇلغاندا ئۇ كېلىپ: مەن غېرىبنىڭ، يالغۇزنىڭ  ۋە قۇرۇت-قوڭغۇز، ھاشاراتلارنىڭ ئۆيى دەيدۇ» تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. قەبرە ئىنسان ئۈچۈن جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن بىر باغچا ياكى دوزاخنىڭ ئوتلۇق ھاڭلىرىدىن بىر ئازگالدۇر. ئىنسان قەبرىدە ئاللاھنىڭ بىرلىكىدىن سۇئال قىلىنىدۇ، ئەگەر ئۇ تەۋھىد ئەھلىدىن بولسا ئاللاھ ئۇنى سوئالدا تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن مۇستەھكەم قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. تەۋھىد ئەھلى دېگەن: ئاللاھغا ھىچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئىبادەت قىلغۇچىلار، دۇئا-تەلەپلەرنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلغۇچىلار، ئۈمىتنى، ياردەمنى، قۇتقۇزۇشنى، پاناھلىنىشىنى بىر ئاللاھتىنلا تەلەپ قىلىدىغانلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە  قەبرىلەرنى تاۋاپ قىلماستىن كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، بارلىق قىيىنچىلىق ۋە ھاجەتلىرىنى باشقا بىرىدىن ئەمەس بەلكى ئاللاھتىن سورىغۇچىلاردۇر، ئاللاھنى بارلىق تەسەررۇپ ۋە تەدبىر قىلىشتا يەككە دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلاردۇر. ئەممە مۇشرىك دېگەن: دۇئا-تەلەپلەرنى، ياردەم ۋە قۇتقۇزۇشنى ئاللاھنىڭ غەيرىدىن تەلەپ قىلىدىغان، ھاجەتلىرىنى، قىيىنچىلىقلارنى ئاسانلاشتۇرۇشنى، گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى ئاللاھنىڭ غەيرىدىن تەلەپ قىلغۇچىلار، كائىناتنى باشقۇرۇش، تەسەررۇپ قىلىشتا باشقا بىر كىشىنى ئاللاھغا شېرىك قىلغۇچىلار ياكى ئاللاھ تائالا كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى تەسەررۇپ قىلىشنى خەلقلەردىن بىرەر كىشىگە ياكى ۋەلىيگە ياكى بىرەر پەرىشتىگە ياكى باشقا بىرەرسىگە تاپشۇردى دەپ ئىتىقاد قىلىشمۇ شېرىكتۇر. بۇنداق ئېتىقادتا بولغۇچى  شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ، ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتسىمۇ شېرىك ئىتىقاد ئۇنىڭغا مەنپەئەت بەرمەيدۇ، بارلىق ئەمەللىرىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. (دېمەك؛ ئىنسان پۈتۈن ئىشلىرىنى ئاللاھقا باغلاش، ئاللاھ ئارقىلىق ھەل قىلىش كۆزدە تۇتىلىدۇ)

ئىنسانلارنىڭ ئاخىرقى مەڭگۈلۈك بولغان تۆتىنچى ئورنى دائىملىق نېمەتلىنىدىغان جەننەت ياكى ئەبەدىي ئازابلىنىدىغان دوزاخ بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى دوزاخ ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەردىن يىراق قىلىپ، جەننەت ۋە ئۇنىڭغا نائىل بولىدىغان ئەمەللەرگە مۇيەسسەر قىلسۇن. ئامىن.


 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز