قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 13/5/1430 ھـ / 2009-يىلى05-ئاينىڭ 08-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا گۈزەل ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى، گۈزەل ئەخلاق جەننەتكە نائىل بولۇشتىكى ئاساسلىق ئامىللىقى، مۇسۇلماننىڭ گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئىنسانىيەتكە ئۈلگە بولىشى ئۇنىڭ ئىمانى بۇرچى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ساھابە كىراملار گۈزەل ئەخلاق بىلەن زىننەتلەنگۇچىلەرنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

گۈزەل ئەخلاق ئىماننىڭ تەقەززاسى

 

2009-يىلى 05-ئاينىڭ 08- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

ئىمام ئاللاھقا ھەمد-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كېيىن، جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە «ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە تۈرلۈك يېقىنلىشىش ۋە ئىتائەت قىلىش ئەمەللىرىنى يولغا قويدى» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئۈچۈن تائەت-ئىبادەت ۋە ئۆزىگە يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنى يولغا قويدى، بىزنى ۋە بىزدىن ئىلگىرىكى كىشىلەرنى ئۆز پەرۋەردىگارىغا يېقىنلاشتۇرىدىغان، قىيامەت كۈنى مۆمىننىڭ ياخشىلىق تارازىسىنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان ئىبادەتلەرنى قىلىشقا بۇيرىدى. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى مۆمىن كىشىنىڭ تارازىسىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ۋەزنىلىك نەرسە بولمايدۇ». گۈزەل ئەخلاق بىلەن دەرىجىسى ئۈستۈن بولىدۇ، ياخشىلىقى زىيادە بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن :«ھەقىقەتەن مۆمىن گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ». مۆمىن كىشىنىڭ گۈزەل ئەخلاق بىلەن سۈپەتلىنىشى نېمىدېگەن ياخشى ھە!.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئەڭ ياخشى كىشى، ئەخلاقى ياخشى بولغىنىڭلاردۇر». ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى گۈزەل ئەخلاقىنىڭ سەۋەبىدىن جەننەتكە كېرىدۇ، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن  ئىنسانلار قايسى ئەمەلنىڭ سەۋەبىدىن جەننەتكە كۆپ كىرىدۇ؟ دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھغا تەقۋالىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇش بىلەن» دەپ جاۋاپ بەرگەن. گۈزەل ئەخلاق بىلەن بەندىنىڭ ئىمانى كامىل بولىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە: «ئەخلاقى گۈزەل بولغان مۆمىننىڭ ئىمانى كامىل بولىدۇ» دېيىلگەن. ئەخلاقى گۈزەل بولغان كىشىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشقا تەۋسىيە قىلاتتى. رەسۇلۇللاھ مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «قەيەردە بولساڭ ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلغىن، بىرەر خاتالىق سادىر قىلساق، دەرھال بىر ياخشى ئىش قىلغىن، ياخشىلىق خاتالىقنى ئۆچۈرىدۇ، كىشىلەرگە گۈزەل-ئەخلاق ۋە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن». گۈزەل ئەخلاق ئاللاھنىڭ رەھمىتى سەۋەبىدىن دوزاختىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يىرىم تال خورما چاغلىق نەرسە سەدىقە قىلىش ئارقىلىق بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار، ئۇنىمۇ تاپالمىساڭلار چىرايلىق سۆز قىلىڭلار». ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانىيەتنى گۈزەل ئەخلاققا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن گۈزەل ئەخلاقنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم».

 ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئەڭ ئالى بولغان گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن سۈپەتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تىپىك مىسالى؛ نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىنى 950 يىل ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىپ دىنغا دەۋەت قىلغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بەك ئېسىل ھەم سېخىي بولۇپ ئۆيىگە مېھمان كەلسە كىچىك موزاينىڭ گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ ئەكىلەتتى، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ۋەدىسىدە راستچىل ئىدى. يۈسۈپ ئەلەيھىسالام ئۆزىنىڭ مۇساپىر بولۇش ۋە زىندانغا كىرىشىگە سەۋەپ بولغان كىشىلەرگە: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەنمەيسىلەر دېدى». مۇسا ئەلەيھىسسالام بەك ھايالىق بولۇپ بەدىنىدىن ھېچ يېرىنى ئوچۇق قويمايتتى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە گۈزەل ئەخلاقتا ئەڭ كامالەتكە يەتكەن كىشى ئىدى. ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھنى مەدھىيىلەپ: «سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئېگىسەن» دەپ سۈپەتلىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېسىل ئەخلاقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈپ، ناچار ئەخلاقلاردىن يىراق بولۇپ چوڭ بولدى ۋە ياشىدى. ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى بەك ئېسىل بولۇپ بىر نەرسە سورىغۇچىنى قۇرۇق قايتۇرمايتتى ۋە ياخشى مۇئامىلىدە بولاتتى. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقاچان مېنى كۆرسە تەبەسسۇم قىلاتتى،  ئۇ بەك ۋاپادار بولۇپ ساھابىلاردىن بىرەرسى كېسەل بولۇپ قالسا يوقلايتتى. يوقاپ كەتسە سۈرۈشتۈرەتتى، بەك مېھرىبان بولۇپ نامازدا كىچىك بالىلاردىن بىرەرسىنىڭ يىغلىغانلىقىنى ئاڭلىسا بالىنىڭ ئانىسى قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ نامازنى تىزراق ئوقۇيتتى. تەبىئىتى بەك مۇلايىم بولۇپ ئۆيىگە كىرسە ئۆي ئىشىغا ياردەملىشەتتى. بەك سەۋىرچان بولۇپ ئۆيدىن چىققاندا ئاچلىقتىن قورسىقىغا تاش تىڭىۋالاتتى. ھېچكىمگە شىكايەت قىلمايتتى، بەك ئەپۇچان بولۇپ ئۆزىنى يارىلاندۇرغان ۋە ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان كىشىلەرنى مەككە پەتىھ قىلىنغان كۈنى: «كېتىڭلار! سىلەر ھۆر، سىلەرنى كەچۇرۇۋەتتىم» دېدى، بەك مۇلايىم بولۇپ ئۆزىگە ئەزىيەت يەتكۈزگەن كىشىلەرنى تاغ پەرىشتىسى كېلىپ تاغنىڭ ئاستىغا باستۇرۋىتىشنى تەلەپ قىلغاندا رەت قىلغان. ئائىشە ئانىمىزغا: «مۇلايىم بولغىن، قوپاللىق ۋە سەت گەپ قىلىشتىن ساقلانغىن» دېگەن. ھېچقانداق بىر ئايالنى ياكى خىزمەتچىسىگە ئازار بەرمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىمۇ ئاللاھغا ئىمان كەلتۈرگەندىن كىيىن گۈزەل ئەخلاق بىلەن توغرا پرىنسىپنى ھاياتتا چىقىش قىلغان. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولغاندا بەك ئېسىل ئەخلاقتا بولاتتى، ئۇرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئىشقا بۇيرىسا، ئۇلار بۇنى ئورۇنداشقا ئالدىرايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا سۆزلىشەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بەك ھۆرمەت قىلغانلىقتىن تىكىلىپمۇ قارىيالمايتتى، ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ بەك ياخشى كۆرۇلگۈچى ۋە ھۆرمەتلىك كىشى بولمىغانىدى، ئۇنى بەك ھۆرمەتلىگەنلىكىمدىن ئۇنىڭغا قانغۇدەكمۇ قارىيالمايتتىم، ئەگەر مەندىن بىرەر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۈپەتلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا قانغۇدەك قارىيالمىغانلىقىمدىن، ئۇنى سۈپەتلەشتىن ئاجىز كېلەتتىم.

ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلەشتە بىر-بىرىگە ئۈلگە بولاتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  مەندىنمۇ بەكراق مۇلايىم ۋە ھۆرمەتلىك ئېدى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەك ھايالىق بولغانلىقتىن پەرىشتىلەر ئۇ كىشىدىن ھايا قىلاتتى. ئەخلاقنىڭ ئەسلىسى ئاللاھنى بىر بىلىشتىن ئىبارەت بولغان تەۋھىد بولۇپ بۇنى يوقىتىپ قويسا، باشقا ئىشلارنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئىبنى جەدئان دېگەن كىشى (ئۇ كىشى قۇرەيشلەرنىڭ كاتتىۋېشى ئېدى) جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلاتتى، مىسكىنلەرگە ياردەم بېرەتتى، بۇ ئىشلارنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى تىگەمدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ ھاياتىدا بىر قېتىم بولسىمۇ "ئى ئاللاھ! قىيامەت كۈنىدە مىنىڭ خاتالىقىمنى كەچۈرۈم قىلغىن" دېمىگەن بولسا، قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولمايدۇ» دېدى.

مۇسۇلمانلار قۇرئان-كەرىم ئەخلاقى بىلەن زىننەتلەنگەن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئادەتلەنگەن ۋاقىتتا، ئۇلار كىشىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىدىغان ياخشى ئۆرنەك بولالايدۇ.


 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز