قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 20/5/1430ھـ/ 2009-يىلى05-ئاينىڭ15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىر قەۋملەرگە ئوخشىۋالماستىن، ئىسلام پرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقى، يات دىندىكى مىللەتلەرنى دوراش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىش،(مەيلى ئۇ ئۆرپ-ئادەت ياكى مەدەنىيەت بولسۇن)ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنلىكىنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە،ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خەتەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 ئىسلام پرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرايلى

 

2009-يىلى 05- ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام مۇنبەرگە چىقىپ ئاللاھنى ماختاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا درۇد سالام يوللاپ بولغاندىن كىيىن جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشقا چاقىرىپ «كاپىر قەۋملەرگە ئوخشىۋالماستىن، ئىسلام پرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرۇش كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىنى، دىنى پرىنسىپلىرى ۋە شەرىئەت قائىدىلىرىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقان، ئىسلامىي ئوبرازلارنى يوق قىلىش ۋە دىنلار ئارا پەرقلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان، غەربنىڭ چىرىپ كەتكەن مەدەنىيىتىنى  تارقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەڭگارەڭ شوئارلار ئاستىدا ياخشى-يامان، چىرىندىلىرىنى دۇنياغا ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىش پرىنسىپى ئاستىدا چەكسىز كەتكەن دېڭىزغا شۇڭغۇپ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە سىڭىپ كېرىشكە ئالدىراۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ كۆرۈنىشى خەتەرلىك، ئەخلاقى رەزىل بولۇپ بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان چوڭ خەتەر ۋە تەھدىتلىك يامان ئاقىۋەتتىن ھەزەر قىلىش كېرەك. بۇنىڭ كۆرۈنىشى كاپىرلارغا ياكى دىنسىز مۇلھىدلارنىڭ پرىنسىپىغا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇلارنىڭ ئورنى تۈرلۈك، يۈزلىنىشى خىلمۇ-خىل بولىدۇ. بۇ ئېقىمنىڭ زەھەرلىك تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر مەنىۋى ھېس-تۇيغۇسىنى يوقاتقان بولۇپ، پىكىر ۋە كۆز-قاراش، پەن-مەدەنىيەت، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدە كاپىرلارغا ئوخشاپ قالىدۇ ۋە ئۆز ئەقىدىسى، مىللى كۆز قارىشى، ۋەتەن سۆيگۈسى دېگەندەك ئىنچىكە مەسىلىلەرگە ئېتىبار بەرمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزى ناھايىتى مۇۋاپىقتۇر:«سىلەر ئىلگىرىكىلەرنىڭ يولىغا قەدەممۇ-قەدەم ئەگىشىسىلەر، ھەتتا ئۇلار كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرسە، سىلەرمۇ ئەگىشىپ كىرىسىلەر» دېگەندە، ساھابىلار: ئۇلار يەھۇدىي-ناسارالارمۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:«ئۇلار بولماي كىم؟ بولىدۇ» دېدى.

جەمئىيىتىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان بەزى بىر ئەھۋاللارنى ئۇ ئېقىمنىڭ تەسىرى كۈچىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق، ئىش-ھەرىكەتلەردە تۈرى كۆپ، شەكلى ھەر خىل بولغان سۈپەتلەردە ئەقىدىسى، مىللى ئەخلاقىدا كاپىرلارغا ئەگىشىپ، ئۆز گۇمانىدا ئۇنى مەدەنىيەت، شەھەر تۇرمۇشى ۋە گۈزەللىك، تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىش دەپ قارىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئەمەلىيەتتە بولسا ئاجىزنىڭ كۈچلۈككە، مەغلۇپ بولغۇچىنىڭ غەلىبە قىلغۇچىغا ئەگىشىشتىن ئىبارەت بولۇپ، كىملىكىنى يوق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىزدىكى ئىماننىڭ ئاجىزلىقى، تەلىم-تەربىيەدىكى سۇسلۇق ۋە  يېتەرسىزلىك بىزنى مۇشۇ ھالەتكە ئىلىپ كەلدى. مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن يەنە بىر مۇسىبەت؛ مىللەتنىڭ ئۈمىدى ۋە كېلىچىكى بولغان بەزى قىز-خانىملىرىمىزنىڭ، مودا قوغلىشىپ ئۆز مىللى ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنى ئەخلاقتىن يىراق بولغان، يامانلىق ۋە پاسىقلىققا سەۋەپ بولىدىغان يىرىم-يالىڭاچلىقى، ئەركەكلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان كېيىم-كىچەكلەرنى كىيىشتە ۋە باشقا پەسكەش قىلىقلاردا كاپىر ئاياللارغا ئەگىشىپ كېتىشىدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى تەپەككۇر قىلىدىغان كىشى دىنسىزلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن چەكلىگەن سۆزلەرنىڭ قۇرئان-كەرىمدە تۈرلۈك يوللار ۋە ھەر خىل ئۇسلۇبلاردا بايان قىلىنغانلىقىنى ئۇچرىتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار». يەنە بىر ئايەتتە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد! بىز سىنى دىن ئىشىدا روشەن بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلار(يەنى مۇشرىكلار)نىڭ نەپس خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن».

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىش، كۆرۈنىشىدىنلا باتىللىقى ئىپادىلەنگەن مۇشرىكلارنىڭ دىنىغا مايىل بولۇشتىن ئىبارەت". ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى ھېيت-بايراملىرىنى دوراشتىن چەكلەپ، ھەقىقى مۆمىنلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ»، سەلەپ ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى مۇشرىكلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىغا ھازىر بولۇشنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىش دەپ تەپسىر قىلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ نۇرغۇن ھەدىسلەردە كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن چەكلەپ، خەتىرىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۇممەتنى ۋە ھەر بىر مۇسۇلماننى ئاگاھلاندۇرغان. ئەبۇ داۋۇتتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاغىلىرىدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى نامازغا قانداق جۇغلاش ئىشىغا بەك كۆڭۈل بۆلدى، بەزىلەر ناماز ۋاقتى بولغاندا بايراق پۇلاڭلىتىپ بەلگە بېرەيلى، بۇنى كۆرگەنلەر ناماز ۋاقتى بولۇپتۇ دەپ بىلىدۇ دېيىشسە، يەنە بەزىلەر سۇناي چالايلى ياكى قوڭغۇراق چالايلى دېگەندە، بۇ يەھۇدىي-ناسارالارنىڭ ئىشى دەپ قوبۇل قىلمىغان». ئالىملار بۇ ھەدىستىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتنى  يەھۇدىي-ناسارالارنىڭ ئىشىغا ئوخشاش ئىش قىلىشتىن چەكلىگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ دەپ شەرھىلەيدۇ. ھەتتا مەلۇم شەكىلدە ئۇلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىشقا بۇيرىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمام بولۇپ ئولتۇرۇپ ساھابىلارغا ناماز ئوقۇپ بەرگەندە، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ كەينىدە سەپ تۈزۈپ ئۆرە تۇرغاندا، ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھازىر قىلغان ئىشىڭلار پارسلار بىلەن رىملىقلارنىڭ قىلغان ئىشىغا ئوخشاپ قالدى، ئۇلار پادىشاھلىرى ئولتۇرغاندا ئەتراپىدا ئۆرە تۇرۇشاتتى، سىلەر ئۇنداق قىلماڭلار» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقانداق ئىشتا كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى دىنسىز يات مىللەتكە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلىرى شەرىئەتنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن ئىشلاردا كاپىرلارغا ئوخشاپ قالماسلىق توغرىسىدىكى ئەسلى قائىدىسىنى تەكىتلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە«يەھۇدىيلارنىڭ خىلاپىدا ئۆتۈك-ئاياغ كېيىملىرىڭلار بىلەن ناماز ئوقۇڭلار، ئۇلار ئۆتۈك-ئاياغلار بىلەن ناماز ئوقۇمايدۇ» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە:«يەھۇدىيلارغا خىلاپلىق قىلىپ ساقالنى قويۇپ بېرىپ، بۇرۇتنى قىسقارتىڭلار» دېگەن. ساھابىلار ۋە تابىئىنلاردىن بولغان سەلەپ ئالىملىرى بۇ تېكىستلەردىن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تېكىستلەردىن ھەرقانداق سۈرەتتە ۋە شەكىلدە كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى چۈشەنگەن. نۇرغۇن ئالىملار بۇ ھۆكۈمدە بىرلىككە كەلگەن.

شەرىئەتنىڭ ئاساسلىق ھۆكۈملىرىدە: ئەقىدە، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق، يۇرۇش-تۇرۇش، سۆز-ھەركەت، زىبۇ-زىننەت قاتارلىق ئىشلاردا بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا ئوخشاپ قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئەگەر بىلمەي ئوخشاپ قالغانلار بولسا بىلگەندىن كىيىن بۇنىڭدىن ساقلىنىشى كېرەك.          

شەرىئەتنىڭ ئەسلىگە زىت كەلمەيدىغان، ئومۇمى پرىنسىپىغا خىلاپ بولمايدىغان كىشىلىك ھاياتنى تەرتىپلەش، رەتلەش ئىشلىرىدا ۋە مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق-مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلاردا ئۇلاردىن پايدىلىنىش چەكلەنمەيدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە، ئىبنى ھەجەر ۋە بەزى سەلەپ ئالىملىرى كۆز قارىشىدا، ئەسلى كېلىپ چىقىشى كاپىرلار تەرىپىدىن بولۇپ، كىيىن مۇسۇلمانلار ئادەت قىلىۋالغان ئىشلاردا بولسىمۇ ئۇلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن چەكلىنىش كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئەمما ئەسلىدە كاپىرلارنىڭ ئىشى ئەمەس، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەشھۇر بولغان، كىيىن ئۇلار ئادەت قىلىۋالغان، شەرىئەتتە ئۇنى چەكلەيدىغان تېكىستلەر كەلمىگەن ئىشلار بولسا بۇنى قىلىش ھارام ئەمەس. شەرىئەت چەكلىمىگەن ئەممە قىلماسلىق مۇسۇلمانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ياخشى بولغان ئىشلار بولسا، شەرىئەت مەنپەئەتى بويۇنچە بۇنى قىلماسلىق ياخشى دەپ قارىلىدۇ.                                                          

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىڭلار،  پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇستەھكەم ئېسىلىڭلار،  قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەگىشىپ ياشىشىڭلار سىلەرنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخىتلىك بولۇشۇڭلارنىڭ كاپالىتىدۇر. ھەرقانداق بىر ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ، دىنى مىللى مەنپەئەتىنى قوغدىشى ئاددى بىر ئۇقۇملىقى ھەممىگە مەلۇم بولغانىكەن، بۇ ھەقتە قايتا پىكىر يۇرگۇزۇش ھەممىمىزنىڭ ئىنسانى بۇرچىمىزدۇر.


 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز