قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 5/6/1430ھـ 2009-يىلى05-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا ئىنسانلارنىڭ بىدئەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسگە ئەگىشىشى ئىسلام دىنىنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىنى خۇنۇكلاشتۇرۇپلا قالماستىن، ئۇلارنى دۇنيا-ئاخىرەتتە رەسۋالىققا يۈزلەندۇرىدىغانلىقى، ئىنسان بىدئەت ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىلىم ئىلىشى ۋە بىلگىنىگە ئەمەل قىلىشى تەقەززا قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا قىممەتلىك تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

بىدئەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشمەسلىك، ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئامىل

 

2009- يىلى 05- ئاينىڭ 29- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا درۇد سالام يوللاپ بولغاندىن كېيىن، جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا «بىدئەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشمەسلىك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ئى ئىنسانلار! ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتى بولغان ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلىڭلار. ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى كۆپ دەپ قارايسىلەر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سانىنى زىيادە قىلسۇن!، لېكىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولىشى بىلەن تۈرلۈك بىدئەت، ھاۋايى-ھەۋەسلەر ئۇلارنى بۆلىۋەتتى، ئىختىلاپلار ئۇلارنى  ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى. ئاللاھ ساقلىغان كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ قەلبى ئاخىرەتتىن دۇنيانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆز نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىش بىلەن زەئىپلەشتى.

بىدئەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلەر قەلبلەرنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئۇ ئېغىر كىسەل بولۇپ، روھنى ھالاك قىلغۇچى زەھەر، ئەگەشكۈچىنى ھەقىقەتنى ئاڭقىرالمايدىغان ۋە كۆرەلمەيدىغان گاس-قارغۇ قىلىدۇ ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە ھالاكەتكە ئۇچرىتىدۇ. بىدئەت دېگەن ئىسلام دىنىدا ئەسلى بولمىغان ئەمەللەردىن ئىبارەت بولۇپ، بىدئەتچىمۇ ئۆزىنىڭ قۇرئان-ھەدىسكە، ئىلىم ئەھلىگە مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ يول باشچىلىرىغا ئەگىشىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. گەرچە ئۇلار ئۆزىنى ئېلىم ئەھلى دەپ قارىسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا يولىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى سەۋەبىدىن بىلىمسىز ھېسابلىنىپ ئازغۇنلۇق ۋە پىتنىگە دەۋەت قىلغۇچى دەپ قارىلىدۇ.

ساھابىلار ئۆز دەۋرىدە بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ كىشىلەرگە قۇرئان-ھەدىسنىڭ توغرا پرىنسىپىنى، ھەقىقەت كىتاپ-سۈننەتكە ئەگىشىش بىلەن نامايەندە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن. ئاللاھ ئۇلار بىلەن ھەقىقەت نۇرىنى  يورۇتۇپ بىدئەتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتقان، ئۇلاردىن كېيىن تابىئىنلارمۇ ئامانەتنى ساقلاپ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى. ھەر قاچان بىر بىدئەت پەيدا بولىدىكەن، ئاللاھ شۇ بىدئەتنىڭ شەرىئەتكە زىت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ رەت قىلىدىغان، دىننى قوغدايدىغان ۋە ھەققە ياردەم بېرىدىغان ھەقىقەتچى كىشىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز». ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىدئەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى زىيىنى ۋە دىندا يۈز بېرىدىغان خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالاردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ، شۇ كۈندە يەنى قىيامەت كۈنىدە بەزى يۈزلەر يەنى مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرى ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر يەنى كۇففارلارنىڭ يۈزلىرى قارىيىدۇ». ئىبنى كەسىر (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) بۇ ئايەتنى تەپسىر قىلىپ: "يۈزى ئاق كىشىلەر سۈننەت ئەھلى(يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەنلەر)، يۈزى قارا كىشىلەر بولسا بىدئەتچى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر" دەيدۇ.

بىدئەت دىننى ۋەيران قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزىدۇ. ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ، ئاخىرەتتە ئىنساننى دەرتلىك ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. دۇنيادا زېيىنى ھەممىگە تەڭ بولىدۇ، قەلبلەر بىر بىرىدىن نەپرەتلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ. خارلىق رەزىللىك تارقىلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىنىڭ سۈننىتىمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار خار ۋە رەسۋا قىلىندى».

بىدئەتتىن قالسا دىننى ۋەيران قىلىدىغان نەرسە ھاۋايى-ھەۋەس بولۇپ، بۇ ئىنساننىڭ دىنى ئېتىقادىنى ۋەيران قىلغاندىن سىرت، مۇسۇلماننىڭ قەلبىنى رەھىمسىزلەشتۇرۇپ غەپلەتتە قويىدۇ ۋە دىللىرىنى قارايتىدۇ، ھەقنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرنى ئۆچ كۆرىدۇ. دۇنيادا خار ۋە رەسۋا بولۇپ ئاسىيلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ئاخىرەتتىكى ئازابى بۇنىڭدىنمۇ ئەلەملىك ۋە دەھشەتلىك بولىدۇ. ئىنساننىڭ نەپسى گۇناھ-مەسىيەتكە ئادەتلەنسە ئۆز ئىگىسىنى ئاسىيلىققا يېتەكلەيدۇ ۋە بالا-مۇسىبەتكە دۇچار قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنى كونترول قىلىش قېيىن بولىدۇ.

مۇسۇلمان ئۆز نەپسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تەقۋالىققا يېتەكلەپ، ياخشى ئەمەللەر ۋە پايدىلىق ئىشلارغا ئادەتلەندۈرسە دۇنيا-ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا نەپسى شەھۋەتلىرىگە ئەگىشىپ تەۋبە قىلمىغان كىشىلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار كەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقان ئورۇن باسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار قىيامەتتە گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ». ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى: «قىيامەتتە گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» دېگەن ئايەتنى ئىزاھلاپ، "جەھەننەمدىكى ئاستى بەك چۇڭقۇر، يېمەكلىكى نىجىس بولغان بىر جىلغىدىن ئىبارەت" دېگەن.

ئى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم! بىدئەت پىتنىلىرى ۋە چەكلەنگەن  ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭلار. ئىنسان ئىلىمسىزلىك ۋە تەقۋاسىزلىق بىلەن ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىدۇ. بىدئەت ۋە شەھۋەتلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسلىق يولى مەنپەئەتلىك ئېلىم ۋە ياخشى ئەمەللەردىن ئىبارەتتۇر. بارچە يامانلىقنىڭ سەۋەبى بىلىمسىزلىك ۋە جاھىللىقتىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن كىشىلەر نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، بىلمەستىن باشقىلارنى ھەقىقەتەن ئازدۇرىدۇ، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ شەرئى دەلىلسىز ھالال، ھارام دەپ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ».

مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنى قۇرئان-ھەدىستىن بولغان دەلىللەر بىلەن بىلىشكە بۇيرۇلغان، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنكى، ئاللاھدىن باشقا ھېچ مەبۇد(بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر-ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن». مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنى دىندا ئالىم قىلىدۇ(پەقىھ قىلىدۇ)». ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېلىم ۋە ئالىملار زېمىندا داۋام قىلىدىكەن، كىشىلەر توغرا يولدا بولىدۇ، ئالىملاردىن كىيىن ئىلىمسىزلار كۆپەيگەندە كىشىلەر گۇمراھلىققا يۈزلىنىدۇ". ئاللاھ تائالا بىدئەتتىن ساقلىنىش ۋە نىجات تېپىشنىڭ كىتاپ-سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى بولغان قۇرئان كەرىمگە چىڭ ئېسىلىڭلار، بۆلۈنۈپ كەتمەڭلار». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمنى ۋە مەندىن كېيىنكى ئۆزى توغرا يولدا بولغۇچى ۋە باشقىلارنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا چىشىڭلارنى چىشلەپ تۇرۇپ ئەمەل قىلىڭلار».

ئاللاھ تائالا، بىدئەت پەيدا قىلماستىن سۈننەتكە ئەگەشكەن كىشىلەرنى نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ، ئىسلام تەلىماتىنى تەتبىقلاشقا چاقىردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارىلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر(يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار)دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھدىن مەمنۇن بولدى، ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر».

يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇرئان-ھەدىسنى ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ، ساھابىلەرنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە چۈشۈنۈپ، ئىدىيىنى ۋە بارلىق ئەمەللەرنى سۈننەتكە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش كېرەك. شۇنداقلا مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ يول باشچىسىغا ئەگىشىش، ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالماسلىق كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ يول باشچىسىنى چىڭ تۇتۇڭلار». دىنى ئىشلارنى كىتاپ-سۈننەتنى بىلىدىغان ۋە ئەمەل قىلىدىغان ئالىملاردىن سوراش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر دىن ئىشلىرىنى بىلمىسەڭلار، بېلىم ئىگىلىرىدىن سوراڭلار». بىدئەتتىن ساقلىنىشنىڭ يەنە بىر يولى، مۇسۇلمانلارغا ھەسەت قىلماسلىق، ھىلى-مىكىر ئىشلەتمەسلىك، ئۇلارغا قارشى چىقماسلىق ۋە خىيانەت قىلماسلىق بىلەن بولىدۇ. (دېمەك؛ بىدئەتتىن ساقلانغاندا جەمئىيەتتە بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، بىربىرىگە كۆيۈنۈش، ھەقىقەتپەرۋەرلىك، دىنىنى، مىللىتىنى، ۋەتىنىنى ھىمايە قىلىشقا تىرىشىدىغان ئاجايىپ كۈچ بارلىققا كېلىدىغانلىقىدا ھېچقانداق شەك يوقتۇر...-م-) بۇ مەنالار  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «دىن نەسىھەت قىلىشتۇر» دېگەن ھەدىسىدە ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەممەيلەننى بىدئەتتىن ساقلاپ سۈننەتكە ئەگىشىشكە مۇۋەپپەق قىلسۇن.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز