قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ16/8/1430ھـ2009-يىلى08-ئاينىڭ07-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ساغلام رەۋىشتە ئادا قىلغان مۆمىنلەرگە ئۇلار رازى بولىدىغان ساۋابلارنى بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆز ئادالىتى بىلەن ئىسيانكارلارنى جازالايدىغانلىقى، مۆمىن ياخشى ئەمەل قىلىش ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرسە، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ غەزىپى بولىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە مەرھەمەت قىلىپ يەتتە تۈرلۈك كىشىلەرگە قىيامەتنىڭ دىشۋارلىقىنى كۆرسەتمەستىن ئەرشىنىڭ سايىسىدىن ئورۇن بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

ئاللاھنىڭ ئەرشنىڭ سايىسىغا مۇشەررەپ بولغۇچى يەتتە تۈرلۈك كىشىلەر

 

2009-يىلى 08-ئاينىڭ 07-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "قىيامەت كۈنى جانابى ئاللاھنىڭ بۈيۈك مەرھىمىتىگە ئېرىشكۈچى ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىنسانلار پانى دۇنيادىن ئاخىرەت دىيارىغا يۆتكىلىدۇ. دەھشىتىدىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭمۇ بېشىنى ئاقارتىۋېتىدىغان ھېساب مەيدانىغا جەم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ كۈننى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىمان ئېيتمىساڭلار دەھشىتىدىن بالىلارنىڭ بېشىنى ئاقارتىۋېتىدىغان كۈندىن قانداق ساقلىنىسىلەر؟!». ئىنسان ئۇ كۈندە يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ ھالەتتە ئۆزىنىڭ قېرىندىشى، ئانىسى ۋە دادىسىدىنمۇ يىراق قاچىدۇ. پىچىرلىشىشتىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايدۇ. پەرىشتىلەر ئىنسانلار توپلىنىدىغان مەيداندا سەپ-سەپ بولۇپ تۇرىدۇ، ئاسمان-زېمىن ئۇلار بىلىدىغان ئاسمان زېمىنغا ئوخشىمايدۇ. قۇياش ئۇلارنىڭ بېشىغا بىر مېتىر ئارىلىقتا يېقىنلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسى قۇلاقلىرىغىچە، بەزىسى ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك ھالەتتە تەرگە چۆمۈپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق ئېغىر قىيىنچىلىق كۈندە ئاللاھ تائالا  بەزى بەندىلىرىنى بۇ ئەھۋالدىن ساقلايدۇ ۋە ئۇلارغا قۇياشنىڭ ھارارىتى ئازار يەتكۈزمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەرشىدىن ئىبارەت ئەڭ بۈيۈك مەخلۇقاتىنىڭ سايىسىدا سايىدېتىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھسىسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچ قانداق سايە يوق كۈندە ئاللاھ ئۆز سايىسىگە ئالىدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشى بار:1-ئادىل پادىشاھ.2 -ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ياش. 3-قەلبى ئاللاھنىڭ مەسچىتىگە باغلانغان كىشى. 4-ئاللاھ يولىدا دوست بولۇپ ئاللاھ ئۈچۈن بىر يەرگە كەلگەن ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىلغان ئىككى كىشى.5-مەرتىۋىلىك، چىرايلىق ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، مەن ئاللاھدىن قورقىمەن دەپ ئۇنى رەت قىلغان كىشى. 6- ئوڭ قولى نېمىنى بەرگەنلىكىنى سول قولى بىلمەي قالغۇدەك دەرىجىدە مەخپى سەدىقە بەرگەن كىشى.7-خالىي جايدا ئاللاھنى ئەسلەپ ياش تۆككەن كىشى.»  ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ھەدىس توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر". قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ سايىسىدا بولغان  كىشىلەرگە ھېساب مەيدانىدىكى دىشۋارچىلىقلار يەتكۈزۈلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھدىن قورقۇپ ئەمەللىرىنى ئىخلاس بىلەن قىلغان كىشىلەردۇر. ئادىل پادىشاھ بىلەن دىننىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئىسلاھ قىلىنىدۇ، ئادىللىق قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ خىزمىتىدىن بولۇپ، ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئادىللىقنى بەرپا قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قەيەردە بولساق ئادىللىقنى بەرپا قىلىش، ئاللاھ يولىدا  ھەقىقەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ھەرقانداق توسقۇنلۇققا پەرۋا قىلماسلىققا ۋەدە بەردۇق" دەيدۇ.  

ئادىللىق قىلغۇچى بۈيۈك ئىبادەت ئۇستىدە ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ ھەر ۋاقىت ئىجاۋەت قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھسىسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ بەلكى ھەر ۋاقىت ئىجابەت قىلىنىدۇ: ئادىل پادىشاھ، روزىدار ئىپتار قىلغۇچىلىك، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى.» ئاللاھ ئۇلارغا قىيامەت كۈنى ئۆزىگە يېقىن جايدىن ئورۇن بېرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھسىسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئادىللىق قىلغۇچىلار  قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا نۇردىن بەرپا قىلىنغان ئالى ئورۇنلار بىلەن تارتۇقلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈملىرىدە، ئائىلىلىرىدە ۋە بارلىق ئىشلىرىدا ئادىللىق قىلغۇچىلاردۇر.» بەلكى ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىنى زىيادە قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەرشنىڭ سايىسىنىڭ ئاستىدا سايىدېتىدۇ. كىمىكى ھاياتتا ئادىللىق قىلىدىكەن، ئادىل پادىشاھلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. (يەنى ھۆكۈم، ئىجتىمائىي جەمئىيەت، ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ئىجتىمائىي ئالاقە، تەلىم-تەربىيە ...قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە ئۇنىڭ روياپقا چىقىشىغا ياردەمچى بولىدىغان ئىشلاردا ئادالەتنى بەرپا قىلىش كۆزدە تۇتىلىدۇ.-م-)

ھاۋايى ھەۋەس ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياشلىق دەۋرىنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتى بىلەن تاماملىغان ياشلارغا ئاللاھ ئۆزى ئىگە بولىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ياشلىق دەۋرىدە كىشىلەرنى، ئاللاھنى بىر بىلىشكە چاقىرىپ شېرىكتىن ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەڭ يېقىن بەندىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. «ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى(بۇتلارنى)ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق شۇ قىلغان بولىشى مۇمكىن» دېدى.

ئىمام بۇخارىي ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلار توغرىسىدىكى "تارىخۇل كەبىر" ناملىق ئەسىرىنى 18 يېشىدا يېزىپ پۈتتۈرگەن. ئىسلاھاتچى سالىھ ياشلارنىڭ قىيامەت كۈنى ئەرشنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدايدىغانلىقى ۋەدە قىلىندى. زېمىندىكى ئەڭ مۇبارەك ئورۇن ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرى بولۇپ بۇ ئورۇنلاردا ئىسلامنىڭ ئىككىنچى ئاساسى بولغان نامازنى ئادا قىلىش پەرز قىلىندى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بەيتۇللاھ ھەرەمنى ياسىدى، ئۆزى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ جايدا نامازنى ئادا قىلىشىنى ئاللاھدىن تەلەپ قىلدى. ساھابىلار  پەيغەمبەرئەلەيھسىسالامغا نامازنى تولۇق ئادا قىلىشقا ۋەدە بەردى.  جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھسىسالامغا ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش ۋە مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىشقا ۋەدە بەردىم» دەيدۇ. كىمىكى ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغان مەسچىتكە بىر قەدەم باسىدىكەن ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ ۋە بىر خاتالىقى ئۆچۈرۈلىدۇ. نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرغان كىشى يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشىدۇ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. مەسچىتنى ياخشى كۆرىدىغان، نامازنى دائىم جامائەت بىلەن ئادا قىلىدىغان، بىر نامازنى ئادا قىلغاندىن كىيىن قەلبى كېيىنكى نامازغا تەلپۈنۈپ مەسچىتتىن چىقىدىغان كىشىلەرگە ئاللاھ ھېسابسىز ساۋاپ بېرىپ قىيامەتتە ئۆزىنىڭ ئەرشنىڭ سايىسىدا سايىدېتىدۇ. كىشى ئۆزىنىڭ غەيرى بىلەن تەسەللى تاپىدۇ، ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن بىرگە بولىدۇ،  كىمكى دۇنيادا ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادەتنىڭ غەيرىنى ياخشى كۆرىدىكەن قىيامەت كۈنى ئۇ ياخشى كۆرگەن نەرسىلەر ئۇنىڭغا دۈشمەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كۈندە دوستلار بىر-بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان تەقۋادارلارلا ئۇنداق ئەمەستۇر.» ئاللاھ يولىدا دوست بولۇش ئاللاھغا يېقىنلىشىدىغان ئەڭ بۈيۈك ئىبادەت بولۇپ، يەھيا ئىبنى مۇئاز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ يولىدا دوستلىشىشنىڭ ھەقىقىتى ياخشىلىق بىلەن زىيادە بولمايدۇ، قىيىنچىلىق بىلەن كېمەيمەيدۇ" (يەنى ئاللاھ يولىدىكى بۇرادەرلىك غەرەزسىز بولۇپ، باياشاتلىق ۋە قىينچىلىق كۈنلەردىمۇ ئۆز ماھىيىتىنى ساقلاپ قالىدۇ). ئاللاھ يولىدا دوست بولۇش بولسا، ئاللاھنىڭ ئىنساننى ياخشى كۆرۈش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى ئاشكارا قىلغان،  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئى مۇئاز! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن.

ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنى ئاللاھغا ئىتائەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ياخشى كۆرگەن، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ئۆز نەپسىدىن ۋە ھەممە نەرسىدىن بەك ياخشى كۆرگەن، شۇنداقلا ئىسلام بىلەن شاتلانغان كىشى ئىماننىڭ لەززىتىنى تاپىدۇ. ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان، دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىلغان، بىر-بىرىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى كىشى بىر-بىرىدىن ئايرىلسا ۋە بىر يەرگە جەم بولسا ئاللاھ ئۇلارغا ھەمرا بولىدۇ، نەتىجىدە قىيامەت كۈنى ئۆز ئەرشنىڭ سايىسىدا سايىدېتىدۇ. بەلكى ئۇلارنى ئىكرام قىلىپ ئەرشنىڭ ئاستىدا نۇردىن بولغان ئالى ئورۇندا ئولتۇرغۇزىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ يولىدا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئەرشىدىن باشقا نەرسىنىڭ سايىسى يوق بولغان قىيامەت كۈنىدە نۇردىن بولغان ئالى ئورۇنلاردا بولىدۇ.»

ئىپپەتلىك بولۇش ئېسىللىكنىڭ ماھىيىتىدۇر. ئىپپەتلىك بولۇش چەكلەنگەن نەرسىلەرگە قاراشتىن كۆزىنى چەكلەش بولۇپ، كۆزىنى ھارام نەرسىلەردىن چەكلەش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنىڭ ئاساسى ئېدى.  ئۆز ۋاقتىدا ھىرەقلى ئەبى سۇفيانغا: "مۇھەممەد سىلەرنى نېمە قىلىشقا بۇيرىدى؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ: بىزنى ناماز ئوقۇشقا، سەدىقە بېرىشكە، ئىپپەتلىك بولۇشقا بۇيرىدى دەپ جاۋاپ بەرگەن. سەمىمىيەت بىلەن ئىپپەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلغان كىشى بۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىپپەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئىپپەتلىك قىلىدۇ.» مەرتىۋىلىك، چىرايلىق ئايال ھارام ئىش قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە چاقىرسا، سەبىر قىلىپ بۇنى رەت قىلىش بىلەن ئىنسان تائەتنىڭ كاتتىسى ۋە مەرتىۋىلەرنىڭ ئەڭ ئالىسىغا ئېرىشىدۇ. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ياشلىق دەۋرىدە، غېرىبلىق دىيارىدا ۋە ھېچ كىشىنى بىلمەيدىغان ھالەتتە مىسىر كاتتىسىنىڭ ئايالى يەنى مەرتىۋىلىك، چىرايلىق، پۇلدار ئايال ياشلىق كۈچى ئېرغىپ تۇرغان بۇ ياشنى ئۆز قەسرىسىدە ئىشىكلەرنى تاقاپ ئۆزىگە چاقىرغان بولسىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارىدىن قورقۇپ، بۇنداق قىلىشتىن ئۆزىنىڭ ئاللاھدىن پاناھلىق تىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى مەڭگۈ ئەسلىنىپ ئاللاھنىڭ كىتابىدا ياخشى كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئۈممەتنىڭ يول باشچىلىرى ئىپپەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت بۇ كاتتا ئىبادەت بىلەن دۇنياغا تونۇلىدۇ. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن جاھىلىيەتتىمۇ ۋە ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنمۇ زىنا قىلمىدىم، جاھىلىيەتتە ئۆچ كۆرۈپ قىلمىغان بولسام، ئىسلامدا ئىپپىتىمنى ساقلاپ قىلمىدىم».

 

 

 

ئىخلاسنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى تائەتنى مەخپى قىلىش ۋە ئاللاھنى مەخپى زىكىر قىلىش بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ياراتقۇچىنى كاتتىلاش ۋە قەلبنى نۇرلاندۇرۇش ھاسىل بولىدۇ، ئاللاھ ئۆزىنى كىچە-كۈندۈز ياد ئېتىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن.» تاھا سۈرىسى130-ئايەت.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدىن كېيىن كۈن چىققۇچە ناماز ئوقۇغان ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئاللاھنى ياد ئېتەتتى، كېچىلىرى ئاللاھدىن قورقۇپ ياش تۆكمەيدىغان كۆزلەردىن پاناھ تىلەيتتى،  سەمىمى قەلبدىن بولغان قورقۇش بىلەن يوشۇرۇن ياش تۆكۈش بىرگە بولسا ئاللاھ ئۇ كىشىگە دوزاخنى ھارام قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھتىن قورقۇپ ياش تۆككەن كىشى سېغىلغان سۈت يېلىنىغا قايتمىغاندەك دوزاخقا كىرمەيدۇ.»  بۇ ئىبادەتلەر يوشۇرۇن ھالەتتە رىياكارلىقتىن خالى قىلنسا ئاللاھ بۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ ئەرشنىڭ سايىسىدا سايىدېتىدۇ. ئاللاھتىن قورقۇپ ئاۋاز چىقارماستىن يوشۇرۇن يىغلاشمۇ سۈننەت بولۇپ، ئابدۇللاھ ئىبنى شەخىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا قارىسام ئېسەدەپ يىغلىغانلىقتىن كۆكسىدىن چۆگۈن قاينىغاندەك ئاۋاز چىققىنى ئاڭلىغانىدىم».

كىمكى ھەقىقى بەختنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىكەن ئىبادەتنى ئىخلاس بىلەن قۇرئان-سۈننەتكە مۇۋاپىق تولۇق ئادا قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.          


  

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز