قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 27/10/1430ھـ/2009-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ سۆزلىگەن. خۇتبىدا سۇخەنچىلىكنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى، سۇخەنچىلىك سەلبىي تەسىر جەھەتتە سىھىردىنمۇ ئاكتىپ ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ سۇخەنچىلىككە ئوخشاش ناچار ئەخلاقلاردىن ساقلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

سۇخەنچىلىكنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى

 

2009-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللاپ جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "سۇخەنچىلىكنىڭ يەنى كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىقى" توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىنى مۆمىنلەرگە ئازار يەتكۈزۈشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مۆمىنلەر ۋە مۆمىنلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بۆھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ.» مۆمىنلەرگە ئازار يېتىدىغان چوڭ ئىشلارنىڭ بىرى سۇخەنچىلىك بولۇپ، ئۇ بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلىش مەقسىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ سۆزىنى بىر-بىرىگە يۆتكەپ ئاپىرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بىرىنچى شەخسنىڭ يېنىغا بېرىپ: پالانى سىزنى مۇنداق-مۇنداق دەيدۇ، سىز توغرىلىق مۇنداق-مۇنداق ئىشنى قىلدى دىسە، ئىككىنچى شەخىسنىڭ يېنىغا كېلىپمۇ شۇنىڭدەك سۆزلەرنى دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشى توغرىسىدا بىر خىل ئۆچلۈك پەيدا قىلىدۇ. سۇخەنچىلىكنى ئاغزاكى قىلسۇن ياكى خەت ئەۋەتىش ئارقىلىق قىلسۇن ياكى ئىما-ئىشارەت بىلەن قىلسۇن بۇنىڭ ھەممىسى ئوخشاش. سۇخەنچىلىك، ئاشكارىلاشنى ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى ئاشكارىلاپ قويۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىشنى سۆز قىلغان كىشى ئۆچ كۆرسۇن ياكى گەپ توشۇلغان كىشى ئۆچ كۆرسۇن ياكى باشقىلار ئۆچ كۆرسۇن ئوخشاش. ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ھەقىقى سۇخەنچىلىك: "باشقىلارنىڭ سىرلىرىنى ئاشكارا قىلىش، باشقىلارنىڭ بىلىپ قىلىشىنى خالىمايدىغان ئىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن ئىبارەتتۇر. كىشىلەردىن، باشقىلار ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى كۆرگەن كىشى بۇ توغرىدا سۆزلىمەسلىكى كېرەك. ئەمما مۇسۇلمانغا ئازار يىتىپ قالىدىغان ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنى يوق قىلىدىغان ئىش بولسا سۆزلىشى كېرەك.

سۇخەنچىلىك ئاقىۋىتى يامان بولغان بىر تۈرلۈك جىنايەت بولۇپ، بۇ ئادەت، پەسكەشلەرنىڭ قىلىقى، ئەخلاقسىز كىشىلەرنىڭ ئۆتكۈزىدىغان جىنايىتى، بۇ ئىشنى پەقەت ئاجىز، قورقۇنچاق، پەسكەش ناچار كىشىلەر قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قۇپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە)گە ئىتائەت قىلمىغىن.» ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي! ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:« سۇخەنچى ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ». ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى قەبرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «بۇ ئىككەيلەن ھازىر قەبرىسىدە ئازابلىنىۋاتىدۇ، ئۇلار كۆرۈنىشى ئالاھىدە بولغان چوڭ گۇناھلار سەۋەبى بىلەن ئەمەس بەلكى بىرى تاھارەت سۇندۇرغان ۋاقىتتا كېچىك تاھارەتتىن ساقلانمايتتى(سۈيدۈك چاچراپ كەتسە پەرۋا قىلمايتتى) يەنە بىرى كىشىلەر ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىپ گەپ توشۇيتتى».

سۇخەنچى، كىشىلەر ئارىسىدا ئۇلارنىڭ قەلبىنى بۇزىدىغان، نامازلىرىنى بىكار قىلىدىغان، دوستلۇققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىككى يۈزلىمىچى، ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان ناچار ئىنسان ئىكەنلىكىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچار -ئەسكىلىرى ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەر بولۇپ، بىرىنىڭ يېنىغا بىر يۈزى بىلەن، يەنە بىرىنىڭ يېنىغا يەنە بىر يۈزى بىلەن كېلىدۇ». ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئەڭ ئەسكىلىرى سۇخەنچىلىك قىلىش ئۈچۈن ماڭىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار دوستلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا پىتنە پەيدا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ..... دېگەن». سۇخەنچى جەمئىيەتكە چۈشكەن كۈيە بولۇپ، مۇسۇلمان كىشى ھەرۋاقىت ئاگاھ بولۇپ، مىللەتنىڭ ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى نورمال ئالاقىنىڭ راۋاجىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەتكۈزۈلگەن گەپ-سۆز ۋە خەۋەرلەرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەستىن سۆز قىلماسلىق لازىم، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق سۇخەنچىلەرنى بازار تاپقۇزماسلىق كېرەك.

مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم! تىلىڭىز ئارقىلىق باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭىزغا ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىڭ. شەرىئەتتە بېكىتىلگەن مۇھىم قائىدىلەرنىڭ بىرى كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن باشقا بارلىق سۆزلەردىن تىلىنى ساقلاش بولۇپ، بىر سۆزنى ئېيتىش بىلەن ئېيتماسلىقنىڭ  پايدا-زىيىنى ئوخشاش بولسا، بۇ ۋاقىتتا بۇ سۆزنى ئېيتماسلىق ياخشى، چۈنكى شۇ سەۋەپتىن نورمال ئىش ھارام ياكى ياخشى كۆرۈلمەيدىغان ئىشقا ئۆزگىرىپ قىلىشى مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى سۆزلىسە ياخشى سۆز قىلسۇن بولمىسا سۇكۇت قىلسۇن».

سۇخەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىنسانلار ئۆزلىرىنى ھەرۋاقىت جانابى ئاللاھنىڭ كۇزۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى لازىم. ئەگەر ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ لەنىتى ۋە دەھشەتلىك ئازابىغا ئۇچرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالىغان بولسا ئىدى، بۇ پەسكەش قىلمىشىدىن دەرھال قول ئۈزگەن بولاتتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك. سۇخەنچىلىكنىڭ زىيىنىنى ۋە مەزكۇر قىلمىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بۇزۇقچىلىقنىڭ ۋە ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قىيىن. يەھيا ئىبنى ئەكسەم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سۇخەنچى سىھرىگەردىن يامان بولۇپ، سېھرىگەر بىر يىلدا قىلالمىغان ئىشنى سۇخەنچى بىر سائەتتە قىلىپ بولىدۇ. بەزىلەر سۇخەنچىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ زىيىنى شەيتاننىڭ قىلغان ئىشىنىڭ زىيىنىدىن يامان دېگەن، چۈنكى شەيتاننىڭ ئىشى خىيال قىلدۇرۇپ، ۋەسۋەسىگە سېلىش بولسا، سۇخەنچىنىڭ ئىشى يۈز تۇرانە تۇرۇپ گەپ يەتكۈزۈپ، نورمال ئىجتىمائىي ئالاقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن مۇسۇلمانلارنىڭ ساپاسىنى  چۈشۈرىدۇ. مىللەت ئارىسىدا بىر بىرىگە ئىشەنمەسلىك، بىر بىرىنى يامان كۆرۈش ۋە ياقتۇرماسلىققا ئوخشىغان يامان ئادەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل سۇخەنچىلىكتۇر. مىللەت ئارىسىدا ئىشەنچ ۋە ئىتتىپاقلىق يوقايدىكەن، مەزكۇر مىللەتنىڭ كېلىچىكى ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلاندۇرۇپ، سۇخەنچىلىككە ئوخشىغان دىنى ۋە مىللى كۆز قاراش بىردەك قارشى تۇرىدىغان ناچار ئەخلاقلاردىن ساقلىنىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلسۇن. ئامىن.......        

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز