قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ8/1/1431ھـ 2009-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. خۇتبىدا جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئامانەتدارلىقنىڭ رولى، كىشىلىك جەمئىيەتتە ئىگىلىك تىلكەش ئۈچۈن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشنىڭ مۇھىملىقى، ئامانەت سۆزىنىڭ ئومۇمى مەنىسى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ئامانەتدارلىقنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق مەسئۇلىيەتكە ئائىت مۇھىم تەۋسىيەلەر قىلىندى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىسلامدا مەسئۇلىيەت روھى

 

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا: "نەتىجىگە ئىنتىلىش ئىنسان تەبىئىتىدە ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان خىسلەت، ھاياتتا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئامانەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش شەرتتۇر." دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ  بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ  توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ھەرقانداق ئىنساننىڭ قەلبى غەلبە قازىنىش، ئۇتۇقلۇق يارىتىشتەك ئىجابىي تەرەپلەرگە ئىنتىلىدۇ. غەلبىگە ئىنتىلمىگەن ئىنساننىڭ قەلبى كېسەل، ئەقلى-ھۇشى جايىدا ئەمەسلىكىدە ھېچكىم شەك قىلمايدۇ. ئۇتۇقنىڭ يولى ئوڭ تەرەپتە بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ يولنى تاشلاپ سول تەرەپكە ماڭغان ئىنسان يا بىلىمسىز ياكى ئەقلىدىن ئازغان بولىشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر.

غەلبە قىلىشقا ئىنتىلىش ئىنسان تەبىئىتىدىكى فىترى بىر ئىش بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتى بۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىدۇ. غەلبە قازىنىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە داغدام يول ئامانەت يولىدۇر. ئاللاھ ئامانەتنى ئاسمان-زېمىن ۋە تاغلارغا تەڭلىگەن بولسىمۇ ئامانەتنىڭ ئېغىرلىقىدىن قورقۇپ، قۇبۇل قىلمىغان. لېكىن ئىنسان بۇ ئامانەتنى قۇبۇل قىلدى ۋە ئامانەتنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ قوبۇل قىلدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى (يەنى پەرزلەرنى ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىنى) ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭ (ئېغىرلىقى) دىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتەن ناداندۇر.» سۈرە ئەھزاب 72-ئايەت.

ئامانەتنىڭ كەڭ ئۇقۇمى بولسا، خىيانەتنىڭ ئەكسىدۇر. ئاللاھ ئىنساننى خىيانەتتىن توسۇپ، ئامانەتكە چاقىردى ۋە تەشەببۇس قىلدى. يەنە كېلىپ ئامانەتدار ھەقىقىي ئىشەنچىلىك بولۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. غەلبە قىلىشقا لايىق كىشى تاپشۇرۇلغان ئامانەتكە خىيانەت قىلماستىن ساقلىيالىغان، ئامانەتنى ئۆز پېتى ئىجرا قىلالايدىغان كىشىدۇر. ئامانەتدار بولۇش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقىدۇر. نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالاملار بىردەك ئۆز قەۋملىرىگە: «مەن سىلەر ئۈچۈن ئىشەنچىلىك ئامانەتدار پەيغەمبەردۇرمەن» دەپ تونۇشتۇرغان. سۈرە شۇئرا 162-ئايەت.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرىمۇ قەۋمى ئىچىدە ئىشەنچىلىك (ئەمىن، ئامانەتدار) دەپ تونۇلغانىدى.

ئەگەر بىز "ئامانەت" سۆزىنىڭ مەنىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئامانلىق، خاتىرجەملىك، راھەت ۋە مۇقىملىق، مەسئۇلىيەتچانلىق دېگەن ئۇقۇملاردا كېلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئامانەت كەلىمىسى بىر قانچە ئورۇندا زىكىر قىلىنغان. ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار.» سۈرە ئەنپال 27-ئايەت.

خىيانەتنىڭ يامانلىقى، قەبىھلىكى ۋە ناچارلىقى شۇكى، ئىنساننىڭ ئەھلى جەھەننەم بولىشىغا سەۋەپ بولىشى يىتەرلىكتۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جايدۇر-ھە!..

ئى ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلار! پەرۋەردىگارىغا خىيانەت قىلغان، ئاتا-ئانىسىغا خىيانەت قىلغان، ئۆزىگە خىيانەت قىلغان، مىللىتىگە خىيانەت قىلغان، ئادىل ھاكىمىيەتكە خىيانەت قىلغان ئىنسانلار بىلىڭلاركى، جەھەننەمنىڭ ئوتى ئاجايىپ يامان ۋە دەھشەتلىكتۇر.

روسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەسئۇلىيەتنى ئامانەت دەپ كۆرسەتكەن، خىزمەت، مەنسەپ ۋە ئىنسانىيلىقنى ئامانەت دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ئاساستا دەيمىزكى؛ مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغانلار ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلاردۇر. ئىنسانغا ھەرقانداق بىر ئىش ياكى مەسئۇلىيەت تاپشۇرۇلىدىكەن ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى رەۋىشتە چىققان ئادەم ئامانەتدار ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بولىدۇ.

ئەبى زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر شەھەرنىڭ ۋالىلىقىنى تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئەبا زەر سېنىڭ شەخسىيىتىڭ ئاجىز. بۇ دېگەن ئامانەت، ئامانەت جايىدا ئادا قىلىنمىسا، ئىنسان ئۈچۈن قىيامەت كۈنى خارلىق ۋە نادامەتتۇر» دېگەن. مۇسلىم رىۋايىتى. ۋاھالەنكى، ھېچ كىشى ئەبا زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىمانىدىن شەك قىلمايتتى. لېكىن ساھابە بولسىمۇ شەخسىيىتى ئاجىز ئىنسانلارغا مىللەتنىڭ خىزمىتىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتلەرنى تاپشۇرماسلىق كېرەكىدى. دۆلەت ئىچىدىكى خىزمەتلەرنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر  ھەرقانداق بىر ۋەزىپە بىر كىشىگە تاپشۇرۇلىدىكەن، ئۇ ۋەزىپە شۇ ئىنسان ئۈچۈن مەرتىۋىسىنى كۆتۈرىدىغان، باشقىلارغا تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان مەنسەپ بولماستىن بەلكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلما ھەيكىلى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ مەنپەتى، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىدۇر. كىمكى بىرەر مەنسەپكە تەيىنلەنسە، مەنسىپىنى لايىقىدا قوللىنىپ، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى تەلەپكە لايىق بېجىرمىسە، خىيانەتچى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ خىيانەتچى، خائىنلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ئۇنىڭدىن جېنى ۋە مېلىدىن خاتىرجەم بولالىغان كىشى ھەقىقىي مۆمىندۇر.» تىرمىزى ۋە نەسائى رىۋايىتى.

ئامانەتكە خىيانەت قىلغان خائىن ئىسلامدا مۇناپىق دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقنىڭ 3 بەلگىسى بارلىقىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقنىڭ بەلگىسى ئۈچتۇر. مۇناپىق سۆزلىسە يالغان گەپ قىلىدۇ. ۋەدە قىلسا ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ. ئامانەت تاپشۇرۇلسا خىيانەت قىلىدۇ.» بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

ھەممىدىن توغرىسىنى جانابى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز