قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ14/2/1431ھـ 2009-يىلى01-ئاينىڭ29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ۋەخپىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى، ۋەخپە تۇرغۇزۇشنىڭ پەزىلىتى، ۋەخپە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان بەزى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىق تۇرغۇزۇشى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ساپاسىنى كۆتۈرۈپلا قالماستىن بەلكى قېرىنداشلىق روھىنىمۇ يېتىلدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاللاھ يولىدا ۋەخپە تۇرغۇزۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا

 

2009-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، " ئىسلام ئۈممىتى ياخشى ئۈممەت، ئۇنىڭدا ھەمكارلىق ۋە كاپالەتلىك روھى كۈچلۈك، باشقىلارنىڭ دەرد ئەلەملىرىنى ھېس قىلىش ئېڭى يوقىرى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

  ھەرقانداق بىر مىللەتتە باي-كەمبەغەل، چوڭ-كىچىك، ئابرۇيلۇقلار بىلەن ئاددىي پۇقرا ئوتتۇرىدىكى بوشلۇق كەڭرى بولسا، مەزكۇر مىللەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئېغىز ئىچىش قىيىندۇر. ئۇ مىللەت مۇقىملىق، ئىقتىسادى تەرەققىيات، ئېتىقاد ۋە ئىجتىمائىي يۈكسەكلىك ئاساسلىرىنى يوقاتقان بولىدۇ. ئىسلام شەرىئىتى بولسا، شەخس ۋ ە ئومۇمنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا، ئىجتىمائىي ئالاقە، كىشىلىك تۇرمۇش، مىللى مەدەنىيەت ۋە ھازارەتتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتلىك بولغان بارلىق ئىشلارغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەققانىي پرىنسىپتۇر.

كىشىلىك تۇرمۇشتا ئىجتىمائىي ئالاقىنى ساقلايدىغان، ماددىي ئامىل ۋە ۋاسىتىلەر ئىچىدە خەيرى-ساخاۋەت ۋەخپىلىرى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىنى ۋەخپىلەر ئارقىلىق باشقا ئۈممەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلەندۇردى . ۋەخپىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ياخشىلىق دەرۋازىلىرىنىڭ ئوچۇقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خۇسۇسىيەت، دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر ئىچىدە پەقەتلا ئىسلام ئۈممىتىدىلا تېپىلىدىغان خۇسۇسىيەتتۇر.

  خەيرىيەت ۋەخپىلىرىنىڭ يىلتىزى ئىسلام رىسالىسى ساھىبى بولغان مۇھەممەد مۇستاپا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىسى، ئەڭ ياخشىلىققا ئالدىرايدىغىنى، ئەڭ تەقۋادارى ئىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى بىر- بىرىگە يار - يۆلەكتە بولۇش، دوستلۇق رىشتىنى چىڭىتىشقا چاقىرىشتا يىگانە بىر ئۆرنەك ئىدى.

ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئىنسانلار بوينىدىن يوقسۇللۇق زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا تەشەببۇس قىلىپ، كەمبەغەللىككە خاتىمە بېرىشتە كەسكىن تۇرغان يىگانە شەخس يەنىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدۇر.

ۋەخپە تۇرغۇزۇش مۇستەھەپ سەدىقىلەرنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئەڭ ئەۋزەل، ئۆزى پۇختا، مەنپەئەتى داۋاملىشىدىغان، ئومۇمى بىر سەدىقىدۇر. ۋەخپە بولسا، ۋەخپە قىلغۇچىنىڭ ئالى ھىممەتلىك، ئالى جانابلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. ۋەخپە قىلىش ھىممىتىگە ئىگە بولغان كىشى بېخىللىق، پىخسىقلىق، شەخسىيەتچىلىكتىن ئىبارەت شەيتانى نەپسى ئۈستىدىن غالىب كەلگەن كىشىدۇر. ۋەخپە قىلىش ئالى جانابلىق بولۇپلا قالماستىن، مىللەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ئۇل سالغانلىقتۇر. خەيرىيەت ۋەخپىلىرى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتلەر ئۈچۈن مۇھىم ئاساس ھېسابلىنىدۇ.

ۋەخپە بولسا، ئىنسان ۋاپات قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئۈچ تۈرلۈك  سەدىقە جارىيەنىڭ بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسى ۋاپات تاپقۇزالغاندىن كىيىن، ئۈچ تۈرلۈك ئىشتىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئۇزىلىدۇ . 1- سەدىقە جارىيە. 2- مەنپەئەتلىك ئىلىم. 3- ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان پەرزەنت». [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىسلام ئۈممىتى ۋەخپە ئىشلىرىدا باشقا ھېچقانداق مىللەت يەتمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ياخشىلىق يولىدا ئىجتىمائىي مۇئەسسەسەلەرنى قۇرۇپ چىققان، ۋ ە خپىلەر مائارىپ ئىشلىرى، سوت مەھكىمىسى، سەھىيە ئىشلىرى، پەقىرلەر، قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنى يادلايدىغانلار، مەسچىتلەر، مەدرىسىلەر، ئىماملار، ئالىملار، مۇساپىرلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ساھەلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئاتاپ ۋەخپە قىلغاندۇر.

مۇسۇلمانلار ۋەخپىلەر ئارقىلىق شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بېخىللىق كېسىلىگە خاتىمە بېرىدۇ. شەيتان، بايلارنى داۋاملىق كەمبەغەللىك كۆلەڭگىسىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ شەيتان سىلەرنى كەمبەغەللىككە چاقىرىدۇ،; بۇزۇقچىلىققا تەشەببۇس قىلىدۇ، ئاللاھ بولسا، سىلەرنى ئۆز تەرىپىدىن كەچۈرۈم ۋە مەغفىرەتكە چاقىرىدۇ، ». [سۈرە بەقەرە 268-ئايەت]..

ۋەخپىلەرنىڭ تارىخىنى ئۆگەنگەن كىشى ئۆز كۆزى بىلەن ئاجايىپ ئىشلارنى كۆرەلەيدۇ. ئىسلام دۆلەتلىرىدە ۋەخپىلەر كەڭ دائىرىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بەزى دۆلەتلەر ۋەخپىلەر ئارقىلىق ئاجايىپ ئورۇنلارغا ئىگە بولغان. بەزى دۆلەتلەر يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە ۋەخپە قىلىنغان تېرىلغۇ يەرلەرنى ستاتىستىكا قىلىپ كۆرگىنىدە ۋەخپە يەرلەر دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ئۇمۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 3تىن 2 ھەسسىسىنى ئىگىلىگەن. ئەمما ۋەخپىلەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە نەزەر تاشلىغان ياكى ئىزدەنگەن كىشى كۆرگەن كۆزى، ئاڭلىغان قۇلىقىغا ئىشىنەلمەي قالىدۇ. ھازىرقى زاماندا ۋەخپىلەرنىڭ نەقەدەر چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى ياكى ئاز قالغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ۋەخپە ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان چۈشەنچە تۆۋەنلەپ كەتكەن، ئەزەلدىن بار بولغان ۋەخپىلەر ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىغانلىق سەۋەپتىن بايلار، خەير سۆيەر كىشىلەردە ۋەخپە قىلىش نىيىتى بولسىمۇ لېكىن ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋەخپىلەر ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرالمىغانلىقى، ۋەخپىنىڭ نازىرلىرىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقىلىشى سەۋەبىدىن ۋەخپە تۇرغۇزۇش نىيىتىدىن يانغان بولىشى تەبىئىي ئەھۋال. ئەمما ۋەخپە قىلىشقا ئەڭ ئېغىر توسقۇنلۇق بولىدىغان ئامىل يەنىلا بېخىللىقتۇر.  

ئەپسۇسلىنارلىق ۋ ە ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، ئاللاھ بەزى كىشىلەرگە مىليونلاپ بايلىقنى ئاتا قىلسا، ئۇلار ئاللاھ ماڭا شۇنچە بايلىقنى ئاتا قىلدى مەن بۇ بايلىقنىڭ بەدىلىنى تۆلىشىم، ئەتراپىمدىكى مۇھتاجلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك، ياكى سەدىقە جارىيە بولىدىغان ۋەخپىلەرنى تۇرغۇزىشىم كېرەك، ماڭا بېرىلگەن بۇ بايلىقنى ئاخىرىتىم ئۈچۈنمۇ سەرپ قىلىشىم كېرەك دېمەستىن تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆلگەندىن كېيىن بايلىقى، بالىلىرى، مەنسىپى ئەسقاتمىغان ئىنسانلارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىمىز ۋە كۆرۈۋاتىمىز. نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئۆمۈر تىرىشىپ دۇنيا توپلايدۇ، كۆپلىرى يىمەي-ئىچمەي يىغىدۇ، خۇددى پۇل ساقلايدىغان بىخەتەرلىك ساندۇقى، ياكى ئامبارچىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ، ئەمما دۇنيادا ئېغىزغا چىققۇدەك بىر ياخشى ئىش قىلالماستىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭغا ئوخشىغان كىشىلەرنى شەيتان پېقىرلىق كۆلەڭگىسىدىن قورقۇتقان، يەنە شۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ بايلىقلىرىنى ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلالمىغان روھانىيىتى زەئىپ مەنىۋى مىسكىنلەردۇر.

ئەگەر ۋەخپە قىلىشنى خالىغان، ھايات ۋاقتىدا ئۆزى پايدىلىنىپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن مال - مۈلكىنىڭ بىر بۆلىكىنى ۋەخپە قىلىشنى خالىغانلار ئۈچۈن ۋەسىيەت نامە قالدۇرۇش ئۇسۇلى ئەڭ ياخشى چارىدۇر. ئىنسان ئۆز بايلىقلىرىنى ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئىدارە قىلىپ باشقۇرۇپ، ھايات ۋاقتىدا ۋەسىيەتنامە قالدۇرسا، تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك پايدىسى بولىدۇ:

بىرىنچى: ۋەخپىنى ھايات ۋاقتىدا ئۆزى خالىغانچە ئىدارە قىلىپ خالىغان يەرگە سەرپ قىلالايدۇ. ئىككىنچى: ئەگەر ئىنسان ئۆلۈپ كېتىپ قالسا، مال دۇنياسى زايا بولۇپ كەتمەستىن ئاپتوماتىك ھالدا ۋەخپە بولۇپ، ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئوزۇق بولىدۇ.

. يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھ  بايلىق ئاتا قىلغان كىشىلەر بايلىقلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋەخپە قىلىپ مىراسخورلارغىمۇ تىگىشلىك ھەققىنى قالدۇرۇپ كېتىشى بەك مۇھىم.. ۋەخپە قىلغانلار، قىلغان ۋەخپىلىرىدىن پايدىلىنىدىغانلارنىڭ كىملىكى ۋە تۈرلىرىنى ئېنىق يېزىپ قالدۇرۇشى كېرەك، ئۇنداق قىلمىغان تەقدىردە ۋەخپە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. پۇل دېگەن كېلىپ- كېتىپ تۇرىدىغان نەرسە. پۇل-مال پەقەتلا خەجلەش ئۈچۈن بىر ۋەسىلە. دۇنيا-ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىشنى خالىغان ئادەم بايلىقىنىڭ بىر قىسمىنى چوقۇم ۋەخپىگە ئايرىشى ۋە ئۇنى ھايات ۋاقتىنىڭ ئۆزىدە بېجىرىشى كېرەك.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز