قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 7/6/1431ھـ 2010-يىلى05-ئاينىڭ21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا نىپاقلىقتىن ئىبارەت بۇ ناچار قىلمىشنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زېيىنى ۋە خەتىرى، نىپاقلىقنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭغا دائىر بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن دەلىللەپ چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

مۇناپىقلىق ئەڭ ئېغىر كېسەلدۇر

 

2010-يىلى 05-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "نىپاقتىن ئىبارەت مەنىۋى كېسەللىك ئەڭ خەتەرلىك كېسەلدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

مۇناپىقلىق  ئەڭ كاتتا خەتەرلىك مەنىۋى كېسەللەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ خەتىرى ۋە ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىندۇر. ئەگەر بۇ كېسەل قەلبنى چىرمىۋالسا ئىنساننىڭ روھانىيىتى خارابىلىققا ئايلىنىدۇ ۋە مەزكۇر كىشى ھايات تۇرۇپ مۇردىغا ئايلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كىسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 10-ئايەت].

ئاللاھ قۇرئان-كەرىمدە مۇناپىقلىقنى  داۋاسىز كېسەل ۋە ۋابا دەپ قاتتىق ئىبارەتلەر بىلەن سۈپەتلىدى. مۆمىن-مۇسۇلمانلار بۇ كېسەل بىلەن سىنىلىدۇ. ئەمما كافىر بولغانلار  بۇ سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۇفرىنى ئاشكارا قىلغانلىقى مۇناپىقلىقنىڭ ھەممە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەقىقى مۆمىنلەر بۇ كېسەللىكتىن قورقىدۇ. ئىلگىركى ياخشى كىشىلەرمۇ بۇ كېسەللىكنىڭ تەسىرى ئۆزلىرىدە بولۇپ قىلىشتىن بەك ئەنسىرەيتتى. ئىمام بۇخارىينىڭ سەھىھ رىۋايىتىدە، ئىبنى ئەبى مۇلەيكە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ساھابىلاردىن 30 دىن ئارتۇق كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نىپاق كېسىلىدىن ئەنسىرەيتتى».

ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: "نىپاقتىن ساقلانغان كىشى دۇنيانىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئاخىرەتنىڭ دىشۋارچىلىقىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ". نىپاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشى دۇنيا-ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ».

ئاللاھ تائالا مۇناپىقلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ مال- مۈلكى ۋە ئەۋلادى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنى بۇ دۇنيادا شۇ نەرسىلەر بىلەن ئازابلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كافىر پىتى جان ئۈزۈشنى ئىرادە قىلىدۇ.» [سۈرە تەۋبە 55-ئايەت].

نىپاق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرىنچى: ئېتىقادتىكى نىپاقلىق بولۇپ، بۇ خىل نىپاقلىق ساھىبنى ئىسلام مىللىتىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن گەرچە ئىنسان كۆرۈنۈشكە ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلسىمۇ لېكىن قەلبىدە ئىسلامنىڭ زىتىنى ئېتىقاد قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا ئىمان ئاساسىغا قۇرۇلغان ئەمەللەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ. ئېتىقادى نىپاق دېگەن: ئىسلامنى ئاشكارا قىلىپ كۇفرىنى يوشۇرۇشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتەن ئۇلار ئىشەنمەيدۇ (يەنى ئاغزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن، كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ). ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتەن ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.»[سۈرە بەقەرە 8-9- ئايەتلەر].

ئېتىقادى نىپاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر، مۇناپىق ئاياللار مۆمىنلەرگە: «بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق ئالايلى»دەيدۇ. ئۇلارغا (مەسخىرە يۈزىسىدىن): «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر تىلەڭلار» دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بولىدۇ . ئۇلار مۆمىنلەرنى: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەپ توۋلايدۇ، مۆمىنلەر: «شۇنداق، لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پىتنىگە سالدىڭلار (يەنى كۆرۈنۈشتە بىز بىلەن بىللە بولساڭلارمۇ، لېكىن ئۆزۈڭلارنى مۇناپىقلىق بىلەن ھالاك قىلدىڭلار، مۆمىنلەرگە بالايۇ ئاپەت كېلىشنى) كۈتتۈڭلار، (ئىسلام دىنىدىن) شەكلەندىڭلار، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىگە بولغان قۇرۇق) ئارزۇلار سىلەرنى ئالدىدى، تاكى سىلەرگە ئۆلۈم كەلدى، شەيتان سىلەرنى ئاللاھنىڭ (ئەپۇ قىلىدىغانلىقى ۋە ئازاب قىلمايدىغانلىقى) بىلەن ئالدىدى» دەيدۇ.» [سۈرە ھەدىد 12، 13، 14 ،15- ئايەتلەر].

ئېتىقادى نىپاق بىر قانچە تۈرلۈك بولۇپ قۇرئان-ھەدىس دەلىللىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ئالىملار قۇرئان-ھەدىس دەلىللىرىدىن ساھىبنى ئىسلامدىن چىقىرىۋېتىدىغان ئېتىقادى نىپاقنىڭ بىر قانچە تۈرلىرىنى ئايرىپ چىقتى. ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۆچ كۆرۈش ۋە ياقتۇرماسلىق بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۆچ كۆرگەن كىشى گەرچە دىنى ئەمەللەرنى ئادا قىلسىمۇ ئۇ كافىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سەن بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسەڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت كەلسە، "ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەنمىز" دېيىشىپ خۇشال قايتىشىدۇ.» [سۈرە تەۋبە 50-ئايەت].

يەنە بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننى ياقتۇرماسلىق بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كافىرلارنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى يەنى قۇرئاننى يامان كۆرۈش بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى.» [سۈرە مۇھەممەد 8- 9- ئايەتلەر].

يەنە بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇ ئىلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىش ۋە يالغانغا چىقىرىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلامنىڭ زىتىنى ئىتىقاد قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خورلۇققا قېلىش، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر.» [سۈرە بەقەرە 85-ئايەت].

يەنە بىرى ئىسلامنىڭ ئاجىزلاپ قىلىشىدىن، باشقىلارنىڭ دىنغا قارشى تۇرۇشىدىن خۇرسەن بولۇش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىم-تەربىيە پرىنسىپىنىڭ بۇزۇلۇشىنى ياقتۇرۇشى، دىننىڭ ۋە سۈننەتنىڭ ئاشكارا بولىشى ۋە ئالى بولىشى، جەمئىيەتتە ئومۇملىشىشىنى ياقتۇرماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان، ساڭا ھىيلە- مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى، ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر.» [سۈرە تەۋبە 48-ئايەت].

ئېتىقادى نىپاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىدە يۇقىرىقى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى بىرەرسى تېپىلسا، ئۇ كىشى دوزاخنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا بولىدۇ. ئاللاھقا تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇناپىقلار چوقۇم دەۋزەخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە (يەنى قەھرىگە) تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن.» [سۈرە نىسا 145-ئايەت].چۈنكى نىپاقنىڭ زېيىنى ئاشكارا كۇفىردىن كۆپرەك ۋە خەتەرلىكتۇر.

ئىككىنچى تۈرلۈك نىپاق: ئەمەلىي نىپاق بولۇپ، ئۇ نىپاق دەپ سۈپەتلەنگەن ئەمەللەرنىڭ بىرنى قىلىش بىلەن شەكىللىنىدۇ. بۇ ئەمەلنىڭ ساھىبى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ئىسلامنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆرسەتمىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئەمما بەزى گۇناھ-مەسىيەتلەرنى ئىشلەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن كافىر بولمايدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن: «تۆت تۈرلۈك سۈپەت تولۇق تېپىلغان كىشى خالىس مۇناپىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن بىرى تېپىلسا ئۇ كىشى ئۇنى تەرك قىلغانغا قەدەر ئۇنىڭ نىپاقنىڭ بىر سۈپىتى تېپىلغان بولىدۇ. سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ. ۋەدە قىلسا خىلاپلىق قىلىدۇ. ئامانەت قويۇلسا ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىدۇ. گەپ تالىشىپ قالسا ئۇرۇشىدۇ.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئىسلام پرىنسىپلىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ كېتىۋاتقان، دىننى ياخشى كۆرىدىغان بىر مۇسۇلمان مۇشۇ ئىشلاردىن بىرىنى قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقى نىپاق ئەمەلىنى قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ قىلمىشىغا ئاللاھقا ئىستىغپار ئېيتىشى كېرەك.

ئەمەلىي نىپاقنىڭ تۈرلىرى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇ ئىمان شاخچىلىرىنىڭ باراۋېرىدە بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :«ئىمان يەتمىش نەچچە شاخچا بولۇپ، يۇقىرىسى ئاللاھنى بىر دەپ ئىتىقاد قىلىش ۋە ئەمەل قىلىش، تۆۋىنى يولدىن كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋىتىشتۇر». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

مۇسۇلمان كىشى ئەمەلىي نىپاقتىن قول ئۈزۈپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتمىسە، ئەمەلىي نىپاق ئۇنى ئېتىقادى نىپاقلىققا ئېلىپ بارىدۇ، ئاقىۋەتتە جەھەننەمنىڭ دەھشەتلىك ئازابلىرىغا دۇچار بولىدۇ.  

ئىنسان ئاللاھقا بولغان سەمىمىيەتتە راستچىل بولۇش ئارقىلىق مەنىۋى ۋە ئەمەلىي مۇناپىقلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار. يەنى مۆمىنلەر بىلەن بىللە بولۇڭلار.» [سۈرە تەۋبە 111-ئايەت].    

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى نىپاقلىققا ئېلىپ بارىدىغان يامان ئىشلاردىن ساقلاپ، ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق دىنىمىز، ۋەتىنىمىز، مىللىتىمىزگە ئىخلاس بىلەن خىزمەت قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.


 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز