قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ3/9/1431ھـ 2010-يىلى08-ئاينىڭ13-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا رامىزاننىڭ پەزىلىتى، ئىخلاس، ناماز ۋە زاكاتنىڭ ئەھمىيىتى، رامىزاندا خەير-ساخاۋەت، قۇرئان تىلاۋەت، ئېتىكاپ قاتارلىق ئىبادەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق روزا تۇتۇشتىكى پەزىلەتنى قازىنىش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىش توغرىسىدا

 

2010-يىلى 08-يىلى 13-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە «ئاللاھ تائالا ئايلار ۋە كۈنلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن پەزىلەتتە ئارتۇق قىلدى» دېگەن ماۋزۇدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا كېچە-كۈندۈزنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن پەزلىدە ئارتۇق قىلدى. ئايلار ئىچىدە رامىزان ئېيىنى ھەممە ئايدىن پەزىلەتلىك قىلدى. بۇ ئايدا قۇرئان كەرىم نازىل قىلىندى. رامىزاندا جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئىچىلىپ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، ئىنسانلارنى ئازدۇرغۇچى شەيتانلارغا زەنجىر-كىشەن سېلىنىدۇ. بۇ ئايدا ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلىپ كۈندۈزى روزا تۇتقان كېچىلىرى تەراۋىھ ۋە باشقا نامازلارنى ئادا قىلغۇچىلارنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇ ئايدا بىر كېچە بولۇپ، ئۇ باشقا مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر.

ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىنى ئەپۇ ۋە كەچۈرۈم قىلىش مەۋسۇمى ۋە رەھمەت-پەزىلەت ئېيى قىلدى. بۇ ئاي خۇرسەنلىك ۋە تەشنالىق بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى تەقۋالىقنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن يولغا قويدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى». [سۈرە بەقەرە 183-ئايەت].

ئەمەلنىڭ قوبۇل بولىشىدا ئىخلاس مۇھىمدۇر. ئەگەر ئەمەللەرگە رىيا ئارىلىشىپ قالسا، ئەمەلنىڭ ماھىيىتى خۇنۇكلىشىدۇ. ئاللاھنىڭ غەيرىدىن يەنى ئۆلۈكلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىنسا، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىۋېتىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇددىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن باشقىلارنىڭ ماڭا شېرىك بولىشىدىن بىھاجەتمەن. كىمكى ماڭا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، مەن ئۇنى شېرىكىگە تاشلاپ قويىمەن». [مۇسلىم رىۋايىتى].

تەقۋالىق بىلەن قىلىنغان ئەمەللەرنىڭ ساۋابى زىيادە بولىدۇ ۋە داۋاملىشىدۇ. ئەمەل ياخشى بولسىمۇ لېكىن نىيىتى خالىس بولمايدىكەن بۇ ئەمەل قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندىدەك قىلىۋېتىمىز (يەنى ئۇلار ئىمانسىز بولغانلىقتىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىمىز).» [سۈرە پۇرقان 23-ئايەت].

مۇسۇلمانلار ئىچىدىن ئۆزىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەللىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، نامازنى تولۇق ئادا قىلىپ، رامىزاندا تولۇق روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى قىيامدا تۇرغۇچىلار ھەقىقەتەن ئۇتۇق قازىنىدۇ.

زاكات قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇن ئايەتلەردە ناماز بىلەن بىرگە بايان قىلىغان، دىننىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى، ئۇ ئىنساننىڭ نەپسىنى بېخىللىق ۋە ئاچكۆزلۈكتىن تازىلايدۇ، مالنى كۆپەيتىدۇ ۋە زايە بولۇپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. زاكاتنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن ئىنسان سېخى-ئېسىل كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى،ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن». [سۈرە تەۋبە 103-ئايەت].

زاكاتنى ئادا قىلىش ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئالامىتى، ئاللاھقا بولغان ئىشەنچنىڭ ئىسپاتى، زاكات كەمبەغەللەرنىڭ ھەققى بولۇپ، بايلار زاكاتنى كەمبەغەللەرگە ھېچ قانداق بەدەلسىز، مىننەتسىز ۋە ئۇلارنى خارلىماستىن بېرىدۇ. زاكات بېرىش ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنىنى تولۇقلايدۇ، مال-مۈلكىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.  زاكاتنى قەرزدارلار، ھاجەتمەن پەقىر-مىسكىنلەر، قىيىنچىلىقتا قالغان مۇساپىرلار ۋ ە قەلبى ئىسلامغا مايىل بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان كىشىلەر قاتارلىقلارغا سەرپ قىلىنىدۇ. زاكات ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ساۋابى زىيادە بولۇپ تۇرىدىغان قەرز-ھەسەنىدۇر.

رامىزان ياخشىلىق، خەير-ئېھسان ۋە مال سەرپ قىلىش مەۋسۇمى بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئەڭ سېخىلىرىدىن بولۇپ، رامىزاندا تېخىمۇ سېخىيلىشىپ كېتەتتى. ئاللاھ بىر كىشىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشنى ئۇ كىشىنىڭ قولىدا قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدە بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىدە بولىدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرىدىكەن، ئاللاھ قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىنىڭ بىر قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپىدىكەن، ئاللاھ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇ كىشىنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

زامانىمىزدا ئىنسانلار ئارىسىدا ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، قۇرئان ۋە ھەدىس ئەڭ ياخشى ئىسلاھات پىرىنسىپىدۇر. قۇرئان نۇر، ھىدايەت ۋە شىپا بولۇپ، ئۇنى تىلاۋەت قىلىش ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەت ۋە ئەڭ ئۇنۇملۇك يىقىنلىشىشتۇر. قۇرئاندىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشىگە ئون ياخشىلىق بېرىلىدۇ، ھەر بىر ياخشىلىق نەچچە ھەسسە كۆپەيتىلىدۇ. قۇرئاننى قىينالماي ئوقۇغۇچىلار ئېسىل پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. قىينىلىپ، ھەجىلەپ ئوقۇغۇچىلارغا قوش ئەجىر بېرىلىدۇ. رامىزان قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىدىغان ئاي بولۇپ، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى دەرسلىك قىلاتتى ۋە ئۆز-ئارا تىلاۋەت قىلىشاتتى. قۇرئان كېچىدە نازىل بولغان بولۇپ، قۇرئاننى كېچىدە تىلاۋەت قىلىش تىلغا يەڭگىل ۋە قەلبكە تىز ئورنايدۇ. مۇسۇلمانلار رامزاننىڭ كېچە-كۈندۈزلىرى ئۆيلىرىدە قۇرئان تىلاۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.

پەرز نامازدىن كېيىنكى ئەڭ پەزىلەتلىك ناماز كېچىدە ئوقۇلغان نامازدۇر. جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇپ ئىمام بىلەن بىرگە نامازنى تاماملىغان كىشىگە بىر كېچە ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. رامزاننىڭ كېچىلىرىدە قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.  بەندە ئاللاھ ئۈچۈن بىر سەجدە قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇكىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ. نامازنى تولۇق ئادا قىلغان كىشى قىيامەت كۈنى ناماز ئوقۇغۇچىلار جەننەتكە كېرىدىغان دەرۋازىدىن چاقىرىلىدۇ. بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقتى ئۇنىڭ سەجدە قىلغاندىكى ھالىتىدۇر.

نامازنى خۇرسەنلىك بىلەن، ئاللاھنىڭ قىلغان ۋەدىلىرىدىن خوش-بىشارەت ئىلىپ ئادا قىلىش كېرەك. بەندە كۆز يۇمۇپ ئاچقىچىلىك ۋاقىتتىمۇ ئاللاھدىن بىھاجەت بولالمايدۇ. ھەقىقى بەختلىك كىشى ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان، رامىزاننىڭ كۈندۈزلىرى، ئىپتار ۋە سۇھۇر ۋاقتى، سەجدە قىلغان ھالەتلىرىدەك دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇنلارنى تاللاپ رىغبەتلىنىدىغان نەرسىنى تەلەپ قىلىش ياكى ئېھتىيات قىلىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشنى ئاللاھدىن تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، ھاجەتمەنلەرگە ئۇلارنىڭ سورىغىنىدىنمۇ كۆپرەك نەرسىنى بېرىدۇ. ئاللاھقا كۆپ دۇئا قىلىش ئاللاھقا تولۇق بويسۇنۇشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بەندىنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى بولىشى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى خار قىلىش بىلەن بولىدۇ.

مۇسۇلمان ھەرۋاقىت قەلبىنى تۈرلۈك مەنىۋى كىر ۋە پاسكىنىچىلىقتىن تازىلاش، نەپسىنىڭ كەمچىلىك ۋە خاتالىقلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. قەلبى ساغلام بولغان كىشىنىڭ ئورنىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۆز شارائىتلىرىغا قاراپ رامىزاندا ئېتىكاپ قىلىشى كېرەك. رامىزان ئېيى تۆۋە قىلىش ۋە ئاللاھقا قايتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، بۇ ئايدا ئاللاھ تائالا كىشىلەرنىڭ خاتالىقى، كەمچىلىك ۋە ناچارلىقلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.

بۇ ئۇلۇغ ئايدا ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ كەمچىلىكلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىپ، رامىزاننىڭ شاراپىتىدىن  تولۇق بەھرىمان بولغىلى مۇيەسسەر قىلغاي! ئامىن....

   

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز