قىسقىچە چۈشەنچە

رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى ئاينى كۆرۈش ياكى شەبان ئېيىنى تولۇقلاش بىلەن ئىسپاتلاش، تەلەپ قىلىنىدىغان گۇۋاھچىلارنىڭ سانى، ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز؟.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى قانداق ئىسپاتلىنىدۇ ۋە ئاينى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟

 

سوئال:

رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى ئاينى كۆرۈش ياكى شەبان ئېيىنى تولۇقلاش بىلەن ئىسپاتلاش، تەلەپ قىلىنىدىغان گۇۋاھچىلارنىڭ سانى، ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز؟.

جاۋاب :

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا بولسۇن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ساھابە كىراملىرىغا دۇرۇت ۋە سالاملار يوللايمىز. رەسۇلۇللاھنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن.

رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئاينى كۆرۈش بىلەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بارلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بىردەك، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولسا ئوتتۇز كۈننى تولۇقلاڭلار». [مۇسلىم رىۋايىتى].

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولسا 30كۈن روزا تۇتۇڭلار» دېگەن. [ئىبنى ھىببان رىۋايىتى].

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولسا شەئبان ئېيىنى 30 كۈن تولۇقلاڭلار» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى].

يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن: ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇش ۋە ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ھاۋانىڭ ئوچۇق بولماسلىقى ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ئاينى كۆرەلمىسە شەئبان ئېيىنى (يەنى بارات ئېيىنى) 30 كۈن تولۇقلايدۇ. ئەگەر رامىزان ئېيىدىمۇ ھاۋانىڭ ئوچۇق بولماسلىقى ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ئاينى كۆرەلمىسە رامىزان روزىسىنىمۇ 30 كۈن تولۇقلاپ ئاندىن ئېغىز ئېچىش كېرەك.

ئەمما ئاينى كۆرگەنلىك ئىسپاتلانسا مۇسۇلمانلار شۇ كېچىدىن باشلاپ روزا تۇتۇشى كېرەك. شەئباننىڭ 30-كۈنى يەنى 29- كۈنى كەچتە رامىزان ئېيى كۆرۈلگەن بولسا، شەبان ئېيى 29 كۈن بولىدۇ، ئەتىسى روزا تۇتىلىدۇ. شۇنىڭدەك رامزاننىڭ 29-كۈنى كەچتە شەۋۋالنىڭ يەنى روزا ھېيت ئېيى كۆرۈلسە، رامىزان 29 كۈن بولىدۇ، ئەتىسى ئېغىز ئېچىلىپ ھېيت نامىزى ئوقۇلىدۇ. بۇنداق قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولسا كۈننى تولۇقلاڭلار» دېگەن ھەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقتۇر. بۇ ھەدىس شەئبان ۋە رامىزان ئايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بارلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى ئادىل بىر گۇۋاھچىنىڭ ئاينى كۆردۈم دەپ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «كىشىلەر ئاينى كۆردى. مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئاينى كۆردۈم دەپ خەۋەر قىلسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا تۇتتى ۋە كىشىلەرنىمۇ روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە: بىر ئەئرابىي(تاغلىق كىشى) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ ئاينى كۆرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سەن ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشىنەمسەن؟ دېگەنتى، ئۇ كىشى: ھەئە - ئىشىنىمەن دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى» . [تىرمىزىي رىۋايىتى].

رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىگە ئادىل بىر كىشىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان روزىسىنى تۇتۇش پەرز بولىدۇ. ئەمما رامىزان ئېيىنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكى ئادىل ئىككى كىشىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ، باشقا ئايلارمۇ شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان بىر ھەدىستە: «ئىككى كىشى گۇۋاھلىق بەرسە روزا تۇتۇڭلار ۋە ئېغىز ئېچىڭلار» دېيىلگەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

ھارىس ئىبنى ھاتىب رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇش، ئەگەر ئاينى كۆرەلمىسەك، ئادىل ئىككى كىشىنىڭ گۇۋاھچىلىقى بىلەن ئاندىن روزا تۇتۇشقا بۇيرىغان» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]. "ئادىل ئىككى كىشىنىڭ گۇۋاھچىلىقى بىلەن" دېگەندىن رامىزان ئېيىنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە باشقا ئايلارنى ئىسپاتلاش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئەمما يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى ئادىل بىر كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ.

ئاينىڭ كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىقىمۇ ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە  ئۆلىمالار ئىككى خىل قاراشتا:

بىر قىسىم ئۆلىمالار: ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىقىمۇ ئىشەنچىلىك بولسا  ئەرلەردەك قوبۇل قىلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار قوبۇل قىلىنمايدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر. چۈنكى بۇ ئەرلەرگە خاس ئورۇن بولۇپ، بۇ ئىشنى ئەرلەر ياخشى بىلىدۇ ۋە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.  

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز