روزا تۇتقۇچىلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى كېرەك بولغان روزىنىڭ بەزى سۈننەتلىرى توغرىسىدا

قىسقىچە چۈشەنچە

روزىنىڭ سۈننەتلىرى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    روزا تۇتقۇچىلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى كىرەك بولغان روزىنىڭ بەزى سۈننەتلىرى توغرىسىدا

    بعض سنن الصيام التي يستحب للصائم المحافظة عليها

    < ئۇيغۇرچە >

    ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى

    القسم العلمي بموقع الإسلام سؤال وجواب

    —™

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    روزا تۇتقۇچىلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى كىرەك بولغان روزىنىڭ بەزى سۈننەتلىرى توغرىسىدا

    222064-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    روزىنىڭ سۈننەتلىرى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    روزا ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدىن بىرى بولۇپ، روزا تۇتقۇچىغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋابنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىس قۇدىسىدا، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم بالىسىىنىڭ روزىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ، روزا مەن ئۈچۈن بولۇپ روزا تۇتقۇچىنى مەن ئۆزۈم مۇكاپاتلايمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى1904-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1151-ھەدىس].

    رامزاندا روزا تۇتۇش بولسا دىننىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ تولۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ روزىسىنى پەرز بولسۇن ياكى نەپلە بولسۇن ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ، روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەك.

    روزىنىڭ سۈننەتلىرى كۆپ بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن مۇھىم بولغان بىر قانچىسىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

    بىرىنچى: روزا تۇتقۇچىنى بىرەر كىشى تىللىسا ياكى جىدەل قىلسا، تەڭ تۇرۇپ ئۇرۇشماستىن ياخشى مۇئامىلە قىلىپ مەن: روزىدار دېيىشى كېرەك.

    ئىككىنچى: روزا تۇتقۇچى سوھۇرلۇق يېيىشى كېرەك، چۈنكى سوھۇرلۇقتا بەرىكەت بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: ئىپتارنى ۋاقتىدا قىلىشقا ئالدىراش ۋە سوھۇرلۇقنى كېچىكتۈرۈپ يېيىش سۈننەت بولىدۇ.

    تۆتىنچى: ھۆل خورمىدا ئىپتار قىلىش سۈننەت، ھۆل خورما بولمىسا، قۇرۇق خورمىدا، ئۇمۇ بولمىسا سۇ بىلەن ئىپتار قىلىش كېرەك.

    بەشىنچى: روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار قىلغاندا: «ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار نەمدەلدى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئەجىرلەر بېكىتىلدى» دېگەن دۇئانى ئوقۇشى سۈننەتتۇر. بۇ ھەقتىكى بارلىق مەزمۇنلارنى بىلىش ئۈچۈن 39462- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئالتىنچى: روزا تۇتقۇچىنىڭ دۇئانى كۆپ قىلىشى مۇستەھەب، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ دۇئاسى قايتۇرۇلمايدۇ، ئىجابەت قېلىنىدۇ؛ ئادىل پادىشاھ، روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلغۇچىلىك ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن ئىبارەت». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى8043-ھەدىس. مۇسنەدنى تەھقىق قىلغۇچىلار باشقا ھەدىسلەر بىلەن بۇ ھەدىسنى كۈچلاندۇرغان].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" روزا تۇتقۇچىنىڭ رامزاندا ئۆزى، يېقىنلىرى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتلىك مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا دۇئانى كۆپ قىلىشى ياخشى كۆرىلىدۇ". ["ئەلمەجمۇئ"6-توم 375-بەت].

    يەتتىنچى: رامىزان روزىسىنى تۇتقاندا، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھنى ياد ئېتىش، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلىش، تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن مەسچىتتە كۆپرەك ئولتۇرۇش، ياخشىلىق، خەيرى-ئېھساننى كۆپ قىلىش ياخشى بولىدۇ.

    قۇرئان كەرىمنى دەرسلىك قىلىش: بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىدا ھەممىدىن بەك سېخى ئېدى، بولۇپمۇ رامزاندا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقاندا، بەك سېخىيلىشىپ كېتەتتى، رامزاندا ھەر كېچىسى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىپ، قۇرئان كەرىمنى دەرسلىك قىلاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا سەلكىن شامالدىنمۇ بەك تىز ئېدى». [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى6- ۋە ئىمام مۇسلىم 2308- نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان].

    روزا تۇتقۇچى ۋاقتىنى كۆپ ئۇخلاش، قۇرۇق گەپنى تولا قىلىش قاتارلىق ئۆزىگە پايدىسى ۋە مەنپەئەتى بولمىغان ئىشلار بىلەن زايە قىلىۋەتمەسلىك كېرەك، شۇنىڭدەك ئاساسلىق مەقسىتى تۈرلۈك شەكىلدىكى يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش بولماسلىقى لازىم، چۈنكى بۇنداق ئىشلار ئىنساننى رامزاندا ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشتىن چەكلەپ قويىدۇ.

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 12468-ۋە 26869- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز