قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 15/10/1431ھـ 2010-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا ئاللاھتىن قورقۇش ۋە تەقۋادارلىق قىلىش دۇنيا-ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى، بارلىق پەيغەمبەرلەر تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ ماھىيىتىنى زېمىندا يېيىش ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئىنسانىيەتنى ھەقىقەتكە يېتەكلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاللاھتىن قورقۇش بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى

 

2010-يىلى 09-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "مۇسۇلمانلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ئارقىلىق سائادەتكە ئېرىشەلەيدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

مۇسۇلمان قېرىنداشلار! دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشكەن، ئۇتۇق قازانغان، ئاخىرەتتىن قورقۇنچىسى بولمىغان، دۇنيادا قالغان نەرسىلىرىگە بىئارام بولمىغان، نەتىجىدە دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغان كىشىلەردىن بولۇشنى ياقتۇرمامسىلەر؟! ئەلۋەتتە ھەممىڭلار بۇنى ئارزۇ قىلىسىلەر. ھەر بىر كىشى ئۆز نەپسى ئۈچۈن ياخشىلىقنى ياقتۇرىدۇ، يامانلىقنى ئۆچ كۆرىدۇ. لېكىن ياخشىلىققا ئېرىشىش، يامانلىق ۋە ھالاكەتتىن نىجات تېپىشنىڭ يولى پەقەت بىردۇر، بۇ يولدا ماڭغانلار ئۇتۇق قازىنىدۇ ۋە بەختلىك بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئېزىپ كەتكەنلەر  گەرچە پۈتۈن دۇنيانى توپلىسىمۇ زىيان تارتىدۇ ۋە بەختسىز بولىدۇ. قېنى قېرىنداشلار بىز بىرلىكتە ماڭغانلار  گەرچە جاپا تارتسىمۇ ئۇتۇق قازىنىپ بەختكە ئېرىشىدىغان، ماڭمىغانلار بەختسىز بولىدىغان  بۇ يول بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

بۇ بىزگە قۇرئان-ھەدىس بايان قىلىپ بەرگەن يولدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئېشىنىش، بۇيرۇقىنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشچە ئورۇنلاش، چەكلىمىلىرىدىن تولۇق ساقلىنىش، خەۋەرلىرىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ياخشىلىقنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگەن، كۆرسەتمىسىگە ئەگەشكەن كىشىلەر ئۈچۈن قىلدى. ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام ئىنسانلار ئىچىدە ئاللاھنىڭ سۆزىنى تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلغان، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان ۋە ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغان، پىردەۋس ناملىق جەننەتتە ئورنىنى يۇقىرى قىلغان زاتتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئادەم ئەۋلادلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى پەيغەمبەر، ئەلچى قىلىپ تاللاپ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى چۈشۈردى، پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگەن ۋە ئەمەل قىلغان كىشىلەرنى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ خارلىقى ۋە ئازابىدىن قۇتۇلدۇردى، ئۇلارنى پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرلىكتە مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.

ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگەن، تەۋھىد ۋە شەرىئەتنىڭ چاقىرىقىنى روياپقا چىقارغان كىشىلەر ئۈچۈن، كاتتا ساۋاپ ئاتا قىلىنىش بىلەن بىرگە، غەلبىگە ئېرىشىش، دۇنيادا ئۇتۇق قازىنىش، ئاخىرەتتە جەننەت بىلەن زەپەر  قۈچۈشدىن ئىبارەت ھەقىقەتلەر پۈتۈن كىشىلەرگە ئاشكارا بولدى.

ئىماننىڭ كاتتا خىسلەتلىرى، ئالى سۈپەتلىرى ئاللاھنىڭ سۆزىگە سەمىمى ئىشەنگەن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن كىشىلەردە مۇجەسسەملەشتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۈممى پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار»دېدى. [سۈرە ئەئراف 158-ئايەت].

دۇنيادا كاپىرلارنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزىگە قارشى كۆرۈشى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇلاردىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ۋە ئەلچىلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلار بۇلارغا قېتىلدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرەتتە جەھەننەمدە تۈرلۈك ئازابلار بىلەن ئازابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ (بەتچىراي) بولۇپ قالىدۇ. (ئۇلارغا) «سىلەرگە (دۇنيادا) مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلگەن، سىلەر ئۇنى (شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدىڭلار؟» دېيىلىدۇ. [سۈرە مۆمىنۇن 104- 105-ئايەتلەر].

قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ ئاخىرقى سۆزى ۋە شەرىئىتى بولۇپ ، بۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار ئاللاھنىڭ ھەممە كىتابلىرىغا ئىمان ئېيتقان بولىدۇ، ئىنكار قىلغۇچىلار بولسا ئاللاھنىڭ ھەممە كىتابلىرىغا كاپىر بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كۇففار جامائەلىرىدىن كىمكى قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جاي دەۋزەختۇر». [سۈرە ھۇد 17-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى،  مېنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ  ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ تۇرۇقلۇق مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىمان ئېيتمىغان يەھۇدى ياكى ناسارالارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كېرىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى].

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرۈلگەن كىتابلىرىغا ئىمان ئېيتىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى تەكىتلەيدۇ. قۇرئان ئاللاھنىڭ ھەممە كىتابلىرىنى ۋە ئۇلاردا بولمىغان نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق.» [سۈرە مائىدە 48-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

قۇرئان كەرىم ئەھلى كىتابلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئەھلى كىتاب!(يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەرگە سىلەر كىتابتا (ئىنجىلدا ۋە تەۋراتتا) يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە ( يوشۇرغان نەرسىلەردىن ) نۇرغۇنىنى كەچۈرىدىغان (ئاشكارىلاپ سىلەرنى پاش قىلمايدىغان) رەسۇلىمىز كەلدى،  سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى. ئاللاھ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى)غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بۇيىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقتىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ.» [سۈرە مائىدە 15-16-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئانىسى، ئىبراھىم، مۇھەممەد، مۇسا، نۇھ، ئىسمائىل، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە داۋۇت ئەلەيھىسسالام قاتارلىق بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلدى. بارلىق پەيغەمبەرلەر تەۋھىدكە چاقىرىشقا بۇيرۇلغان. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىدۇر، ئۇ ئاخىر زاماندا چۈشۈپ مۇشۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، بارلىق پەيغەمبەرنىڭ ئەقىدىسىدە ئۇلار ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرنى تەستىقلايدۇ. ئەگەر كىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرەرسىنى ياكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ياكى ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرى ياكى ئاللاھ ئىسانىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى دەپ ئىتىقاد قىلىدىكەن، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنداق خاتا ئېتىقادتىن پاكدۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر) شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى، ئەلۋەتتە، بىكار بولۇپ كېتەتتى». [سۈرە ئەنئام 88-ئايەت].

قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن كاتتا نېمىتى بولۇپ، ئەھلى كىتابلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئەگەر يەھۇدىيلار مۇسا ئەلەيھىسسالام بىزگە مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمەڭلار دەپ ۋەسىيەت قىلغان دىسە، قۇرئان كەرىم رەت قايتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ توغرا يولى ئەنە شۇدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى شۇ يولغا باشلايدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر) شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى، ئەلۋەتتە، بىكار بولۇپ كېتەتتى». [سۈرە ئەنئام 88-ئايەت].

ھەربىر پەيغەمبەر ئۆز ئۈممىتىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندە ئۇنىڭغا ئېشىنىش توغرىسىدا ۋەدە ئالغان. ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى ھەقىقەتكە چاقىرىشتا ئۇلارنى مەجبۇرلىماستىن، بېسىم قىلماستىن بەلكى ئۇلارنى قانائەتلەندۈرىدىغان  دەلىل، ھۆججەت ۋە ھېكمەت بىلەن چاقىرىدۇ.

ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھنىڭ كىتابىغا ياردەم بېرىڭلار، ئۇنىڭغا چىڭ يېپىشىپ ئەگىشىڭلار، ئاللاھنىڭ كىتابىغا ياردەم بېرىش دېگەنلىك:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ يولى بىلەن بولىدۇ،  ئۇ بولسىمۇ، تەلىم، تەربىيە، تەشۋىقات، قەلبتە ئۇلۇغلاش، ياخشى كۆرۈش، دائىم تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇش، پۈتۈن ھاياتىمىزدا ئۇنىڭ ھۆكمى بىلەن يول تۇتۇش ۋە كىشىلەرنى ئۇنىڭدىكى ھىدايەتكە چاقىرىشتىن ئىبارەتتۇر.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز