قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 1/7/1432ھـ 2011-يىلى06-ئاينىڭ03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا قورقۇش ۋە ئۈمىد قىلىشنىڭ قەلب ئەمەللىرىدىن ئىكەنلىكى، مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېيىقىپ، ئۇنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ ياشاشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەۋسىيە قىلدى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاللاھتىن قورقۇش ۋە ئۈمىدۋارلىق

 

2011-يىلى 06- ئاينىڭ 03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ - سانا ئېيتىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە، "قەلب ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىمۇ كاتتا ۋە ئازابىمۇ مىسلىسىز" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

قەلب ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى كاتتا ۋە جازاسىمۇ مىسلىسىز بولىدۇ، ئەزالارنىڭ ئەمەللىرى قەلبنىڭ ئەمەللىرىگە ئەگىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن ئەمەللەر بىنا قىلىنىدۇ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان بەندىنىڭ قەلبى دۇرۇس بولمىغىچە ئىمانى ساغلام بولمايدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

قەلبنىڭ دۇرۇس بولىشى دېگەنلىك: ئاللاھ تائالانى ھېچ شېرىكى يوق، يەككە-يىگانە دەپ ئىتىقاد قىلىش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ياخشى كۆرۈش، قورقۇش، ئۈمىت قىلىش، ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتىنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئاسىيلىق قىلىشنى ئۆچ كۆرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ، رەھمەت ۋە ساۋابىنى ئۈمىت قىلىش قەلب ئەمەللىرىنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇ بەدەننى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا قوزغىتىدۇ، ئاخىرەت دىيارىغا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ناچار ئەمەللەردىن چەكلەيدۇ، مال-دۇنياغا بولغان ھەۋەسنى نورماللاشتۇرۇپ، نەپسىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنى چەكلەيدۇ. ئاللاھتىن ھېيىقىش قەلبنى ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەيدۇ، يامانلىقتىن چەكلەيدۇ، ئۈمىد بەندىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى تەرىپىگە يېتەكلەيدۇ. ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئادەتلىنىش ھىممەتنى قوزغاپ، بەندىنى ناچار ئەمەللەردىن توسىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئاللاھتىن قورقۇش بىلەن ئۈمىد قىلىشنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

بەندىنىڭ ئاللاھغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ يۈكسەكلىكى، قورقۇش بىلەن ئۈمىت قىلىشنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىش بىلەن بولىدۇ . مانا بۇ بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاللاھغا بولغان ساغلام ئېتىقاتىدۇر. مۇسۇلمان، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، چەكسىز سېخىلىقى، گۇناھلارنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقى، جەننىتىنىڭ كەڭرىلىكى ۋە ساۋابىنىڭ تەڭداشسىزلىقىنى بىلگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ نەپسى راھەتلىنىدۇ-دە، ئۇنىڭدىن ئۈمىت قىلىشقا يۈزلىنىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى كاتتا ياخشىلىق ۋە ئالى نېمەتلەرنى تاما قىلىدۇ. ئەمما مۇسۇلمان، ئاللاھنىڭ جازاسىنىڭ كاتتىلىقىنى، قاتتىق تۇتىشى، ھېسابىنىڭ قىيىنلىقى، قىيامەت ئەھۋالىنىڭ قورقۇنچلىقى، دوزاخنىڭ دەھشىتى ۋە تۈرلۈك ئازابىنى ھېس قىلالىغان ۋاقىتتا، ئاللاھتىن قورقۇش تۇيغۇسى ئىچىدە نەپسىنى يامانلىقتىن چەكلەپ، ئۆزىنى كونترول قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەنە شۇ شەيتان ئۆز دوستلىرىنى (يەنى كۇففارلارنى) قورقۇتىدۇ. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار.» [سۈرە ئال-ئىمران 175-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ساغلام ئەقىدە ئۇستىدە قىلسۇن. ئاللاھتىنلا قورقىدىغان ۋە ئۇنىڭدىنلا ئۈمىدلىنىدىغان روھ ئاتا قىلسۇن. ئامىن...

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز