قىسقىچە چۈشەنچە

«ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى سۆيۈملۈك ئىنسان» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ئىنسان ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەكلىكى، مۇسۇلمان دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە توغرا يۆلىنىش بىلەن مېڭىشنىڭ مۇھىملىقى، مۇسۇلمان ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرى بويىچە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئىشلەش تەلەپ قىلىنغان ئىنسان ئىكەنلىكى، بىكار تەلەپلىكنى ئاللاھنىڭمۇ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى توغرىلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى سۆيۈملۈك ئىنسان

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ھاياتىي دۇنيادا نىجاتلىققا ئېرىشىشنى كۆڭلىمىزگە پۈككەن چاغلىرىمىزدا، ئالدى بىلەن بۇ خىل نىجاتلىقنىڭ تۈنجى باسقۇچى ھەققىدە ئەستايىدىل پىكىر قىلىشىمىز كېرەك. بىز ۋۇجۇدىمىزدا كۆتۈرۈپ يۈرىۋاتقان بۇ روھ نىجاتلىق ئىزدەش جەريانىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. شۇڭا بىز ئالدى بىلەن ئۇنى ئەستايىدىل تاۋلاش باسقۇچىغا دۈچ كېلىمىز. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى-يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى، روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ، نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى - فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ». [سۈرە شەمس 7- ئايەتتىن 10- ئايەتكىچە].

مانا بۇ قۇرئان كەرىمدىكى ئاللاھ تائالانىڭ قەسىمى ئون بىر قېتىم تەكرارلانغان يىگانە ئورۇن.

ھاياتتا مەغلۇبىيەتكە ئۈچرىغۇچىلارنىڭ بىرەر يېرىم قېتىملىق ئۇرۇنۇشتىن كېيىنلا قازا ۋە قەدەردىن شەكلىنىشلىرىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. ئىنسان مەنىۋىيىتىنى تاۋلايدىغان ۋە ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە مۇۋاپىق ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشتىن ئىبارەت بىر جەرياننى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كىمىكى كۈچ سەرپ قىلسا ۋە تىرىشسا (يەنى ئۆز نەپسى بىلەن كۆرەش قىلسا) شۇنىڭغا لايىق نەتىجىگە ئېرىشىدۇ ۋە ئىشىنى ياخشى ئادا قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.» [سۈرە ئەنكەبۇت 69-ئايەت].

سېنىڭ نەپسىڭ سەندىكى كاپىتال. سېنىڭ سالاھىيىتىڭ ئۆز قولۇڭدىكى قانىتىڭ، سەن ئۈنى تازىلايسەن، تەرتىپلەيسەن، پەيلىرىگە ئۇزۇق بېرىسەن-دە، ئۇنى ھەركەتلەندۈرۈپ، ئاللاھ ساڭا بەخشەندە قىلغان بارلىق كۈچۈڭ بىلەن ئۈچىسەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن بولىدۇ. كىمىكى ئاللاھنىڭ قوللىشىنى تاشلاپ ئۆزىگە ياكى باشقا ھەرقانداق بىر مەخلۇققا تايىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇ بەندىنىڭ ئىشلىرىنى مەزكۇر تايانىچنىڭ ئۆزىگىلا تاشلاپ قويىدۇ.

ئەمما، يەنە بىر قانات بولسا ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، سېنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىش سالاھىيىتىڭ يوق. ئۇ بولسىمۇ نەتىجىگە ئېرىشىش، كۈتكەن مەنزىلگە يىتىش. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، ھېچ ئىش قىلماي، بىكار يۇرىدىغان كىشلەرنى ھەرگىز سۆيمەيدۇ. بۇ ئىككى خىل پىرقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق شۇكى، بىرىنچى خىلدىكىلەر نىشانغا يىتىش ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىپ تۇرۇپ، شۇ نىشاننى كۆزلەپ ئىشلەيدۇ. ئەمما، ئىككىنچى خىلدىكىلەر بولسا، تەقدىرنى ئىنكار قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن ئىشلىمەيدۇ ۋە كۈتكەن نەتىجىگە (ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ۋە باشقا ئىشلىرىغا) يېتەلمەيدۇ.

بىز مۇسۇلمانلار ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرى بويىچە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئىشلەش تەلەپ قىلىنغان ئىنسانلارمىز. بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى مۇۋەپپىقىيەت، مەيلى ئادەت ياكى شەرىئەت ئۆلچەملىرى بىلەن قارالسۇن ئىنتايىن مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى. شۇڭا ھەممىمىز ئۆزىمىزنى شۇخىل روھ بىلەن ئوزۇقلاندۇرىشىمىز ۋە يۈكسەك پەللىگە يېتىشكە چىن ئىشىنىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر. ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر.»[سۈرە ۋاقىئە9-10-ئايەتلەر]. يەنە بىر ئايەتتە: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان - زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار.»[سۈرە ئال-ئىمران 133-ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە: «ئىچىشنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن!.» [سۈرە مۇتەپپىپىن 26-ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى، كەڭلىكى ئاسمان - زېمىندەك كېلىدىغان جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈڭلار، (ئۇ) جەننەت ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تەييارلانغان ، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنى خالىغان ئادەمگە ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر.» [سۈرە ھەدىد 21-ئايەت].

ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە سۆيۈملۈك ئىنسان ھەرگىزمۇ ئۆزىنى خار-زەبۇن، ئازغا قانائەت قىلىدىغان، ئىشتىن قاچىدىغان تاماخۇر ئىنسان ئەمەس، بەلكى بەسلىشىپ ئىشلەيدىغان، كۆرەشنى توختاتمايدىغان، ھەسەتتىن خالىي رىقابەت روھى بار ئىنساندۇر. بەسلىشىدىغان ئىشلارنىڭ شەرىئەت ئۆلچىمىدىن باشقا مۇئەييەن چىگراسى، بەلگىلىمىسى يوق. شەرىئەت پاك، ھالال دەپ ھېساپلىسىلا بولدى. ئىبادەتتىن باشقا ھەرقانداق ئىشنىڭ ئەسلىسى ھالالدۇر. ھارام دەپ قارالغىنى ئايەت، ھەدىسلەر ئارقىلىق مۇستەسنا قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ ھەددى - ھېسابسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار* ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، ئاللاھدىن غەيرىينىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [بەقەرە سۈرىسى 172- 173- ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟!. ئېيتقىنكى، ئۇلار بۇ دۇنيادا مۆمىنلەر ئۈچۈن يارىتىلغان (گەرچە ئۇلارغا كۇففارلار شېرىك بولسىمۇ)، ئاخىرەتتە بولسا مۆمىنلەرگىلا خاستۇر. (ئاللاھنىڭ بىر ۋە شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.» [سۈرە ئەئراف 32-ئايەت].

دېمەك، ھايات بارلىق كۆرەش قىلغۇچىلار ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ ئالدىدا كەڭ ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزىدىن باشقىلار قىلچە مەنپەئەت قالدۇرمايدىغان ئىستىمال خاراكتېرىدىكى ھاياتتىن، نەگىلا چۈشسە پايدا- مەنپەئەت يارىتىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش روھى بار ئەمەلىي ھاياتقا ئۆزگەرتىش ھوقۇقىي بار. ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە مۇسۇلمان خۇددى يامغۇردەك، ئومۇمنىڭ ھاياتىغا ئارام بەخش بېغىشلاشقا تىرىشىشى كېرەك.

 


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز