قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ئەسىرىدە مۇنەججىم، جىنكەش، پالچى، رامباللارنىڭ ئەقىدىسى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۇرىدىغان زىيىنى، مۇنەججىم ۋە رامبال، ئۇلارغا قاترايدىغانلارغا ئىسلامنىڭ قارىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا ھەرۋاقىت ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشىنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

مۇنەججىم ۋە پالچىلىققا ئىسلامنىڭ قارىشى

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

 يۇلتۇزغا قاراپ تەبىر بېرىش، تەبىرنى ئاڭلاش ۋە ئىشىنىش، مەزكۇر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى زىيارەت قىلىش، يۇلتۇز تۈركۈمىگە (يەنى مۇنەججىملىككە) ئائىت بىلىملەرنى ئىگەللەش، ئۇنىڭغا دائىر ئەسەرلەرنى سېتىۋېلىش، (يەنى سىھىرگەرلىك، رامباللىق، جىنكەشلىككە ئوخشىغان غەيبنى بىلىشنى داۋا قىلىشقا ئاساس سالىدىغان يالغانچىلىق بىلىملىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ.-م-) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ساغلام ئېتىقادقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن بولۇپ، ئىسلامدا چەكلەنگەن. چۈنكى يۇلتۇزغا قاراپ تەبىر بېرىش قىياسى قاراش بىلەن كەلگۈسىگە ھۆكۈم قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. تەبىرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار پالچى، رەمبال ياكى دەججال دەپ ئاتىلىدۇ. يۇلتۇز تۈركۈمىگە قاراپ كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئالا بىلىۋېلىش ئارقىلىق، يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دېگەن ئېتىقاد بىلەن، رەمبال ۋە پالچىلارنىڭ ئارقىسىدىن قاترايدىغانلار توغرىسىدا رەسۇلىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى، رەمبالنىڭ قېشىغا بېرىپ بىر نەرسە سورىسا، ئۇنىڭ 40 كۈنگىچە نامىزى قۇبۇل قىلىنمايدۇ » [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

بۇ ھەدىستىكى جازا مۇنەججىم (يەنى يۇلتۇزلارغا قاراپ غەيبى نەرسىلەرنى بىلىمەن دەپ داۋراڭ سالغۇچى) پالچى ۋە رامباللاردىن مەسلىھەت سورىغان كىشىگە قارىتا دېيىلگەن. (گەرچە ئۇ پالچىنىڭ سۆزىدىن گۇمانلانغان ياكى ئىشەنمىگەن تەقدىردىمۇ).

ئەگەر كىمىكى مۇنەججىم ياكى رامبالنىڭ تەبىرىنىڭ يالغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىسا ياكى ئۇنىڭ بەرگەن يالغان مەلۇماتلىرىغا تەئەججۈپلەنگەن بولسا، مەزكۇر كىشى ئاللاھنىڭ غەيرىمۇ غارايىباتلارنى (يەنى غەيبى ئىلىملارنى) بىلەلەيدىغانلىقىغا ياكى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى كۆرەلەيدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ئاللاھقا ئوپ-ئوچۇق شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «غەيبنىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى (ئاللاھ قا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر.» [سۈرە مائىدە 59-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «ئاللاھدىن بۆلەك ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ». [سۈرە نەملە 65-ئايەت].

كىمىكى مۇنەججىم، جىنكەش، رەمبال ۋە پالچىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنسە، (يەنى ئىشىنىش ۋاستىسى قايسى يول ئارقىلىق بولۇشتىن قەتئى نەزەر) ئاللاھ بىر ۋە يەككە-يىگانە، ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەبۇد بەرھەق يوق دېگەن بۈيۈك ئىماننىڭ تەقەززاسىغا زىت ئېتىقاد قىلغانلىقى سەۋەپلىك، ئۇ ئىنسان ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىدۇ. بۇ ھەقتە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى رەمبال ياكى پالچىدىن بىر نەرسە سوراپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى راسىت دەپ ئىشەنسە، ئۇ ئادەم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھيىگە ئىشەنمىگەن بولىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى].

يۇقىرىدىكى ھەدىستە رەمبال ۋە پالچىلار زىكىر قىلىنغان، ئەمما ماھىيەتتە يۇلتۇزغا قاراپ كەلگۈسى توغرىسىدا سۆزلەيدىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى "مۇنەججىم" ياكى رەمبال" ئىككىلىسى «مەن كەلگۈسىنى كۆرەلەيمەن» دەيدۇ. مۇنەججىم، جىنكەش، رەمبال، پالچى قاتارلىقلارنىڭ سۆزلىرى تەۋھىدنىڭ ماھىيىتىگە زىتتۇر. مۇنەججىملار ئادەملەرنىڭ مىجەز - خاراكتېرى، ئۇلارنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرى ھەم كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار يۇلتۇزغا يېزىلغان دەپ ئېتىقاد قىلسا، پالچىلار پىيالىغا سېلىنغان چاي ياپرىقىنىڭ شەكلى ياكى ئالقاندىكى سىزىقچىلارغا قاراپ يۇقىرىدىكىدەك ئېتىقاد قىلىدۇ.

مۇنەججىم ۋە جىنكەش، پالچى ۋە رامباللارغا ھەقىقىي ئېتىقادنىڭ تەمىنى تېتىمىغان زەئىپ روھلارلا ئەگىشىدۇ.

تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئۆز خىيالىدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن قۇتۇلۇش، كېلەچەكتە بولىدىغان يامان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئىلىش ياكى تەييارلىق قىلىمەن دېگەن ئېتىقادتا بولىدۇ. بۇ خىل چۈشەنچە نادانلىق ۋە جاھىللىقنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىدە گەپ يوق.

بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ رەسۇلۇللاھنىڭمۇ كېلىچەك توغرىسىدا ئاللاھ بىلدۈرگەندىن باشقا ھېچنەرسە بىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىم (ئاللاھ) بىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، قىيامەت ۋە زېمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر (ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ». گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ مەخپىي بولۇشىدىكى سەۋەبنى) بىلمەيدۇ. ئاللاھ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى ئۆزۈمدىن دەپئى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، (قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى قانداقمۇ بىلەي؟) ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام (دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن) نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان - زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم (لېكىن مەن غەيبنى بىلمەيمەن، شۇڭا ماڭا تەقدىر قىلىنغان ياخشى - يامانلىق يېتىپ تۇرىدۇ). مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن.» [سۈرە ئەئراف 187- 188- ئايەتلەر].

(دېمەك: ئەگەر مۇنەججىم ۋە پالچىلار ھەقىقەتەن غەيبكە ئالاقىدار ئىشلارنى بىلىپ كىشىلەرگە پايدا-زىيان يەتكۈزۈش قولىدىن كېلىدىغان بولسا ئىدى، نېمە دەپ باشتا ئۆزلىرىگە پايدا يەتكۇزىۋالمايدۇ؟! ئۇلارنىڭ ھال -ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق ھالى ھەممىدىن ناچار، ئۇلارنىڭ ناكەس ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يەنە ئۇلارغا بىھۇدە پۇل سەرپ قىلىپ خاتا يولغا ئۆزىمىزنى زورلاپ تىقىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟!. غەيبنى بىلىش، ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا بىۋاستە پايدا-زىيان يەتكۈزۈش ھۇقۇقى ھەتتا پۈتۈن كائىناتنىڭ پەخرى بۇلغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىمۇ بېرىلمىگەن سالاھىيەت تۇرسا، باشقا كىشىلەرنىڭ قولىدىن قانداقمۇ كەلسۇن؟.

غەيبنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ!.

غەيبنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ!.

غەيبنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ!.

مەزكۇر ئىشلار بىلەن غەيبى ئىشلارنى بىلىمەن دەپ داۋا قىلىش پەقەت ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.

ھەقىقى مۇسۇلماننىڭ دىنىمىزدا چەكلىمە قويۇلغان نەرسىلەردىن يىراقلىشىشى، بۇيرۇلغان ئىشلارنى بىجانىدىل ئورۇندىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نەتىجە قازىنىشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدۇر.-مۇھەررىر-).

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەپ، ھەممە ئىشىمىزنى ئاللاھغا تاپشۇرىدىغان، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىغان مۇسۇلماندا بولۇشقا تىگىشلىك ئىسلامىي روھ بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى زىننەتلەپ  بەرسۇن.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز