قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ25/1/1432ھـ2010-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئەھدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆرنەك ئىكەنلىكى، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابە كىراملارنىڭ ھاياتىدىن ئەھدىگە ۋاپا قىلىشىدىكى جانلىق مىساللارنى بېرىشتىن تاشقىرى، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش بولسا، ئەركەكلىك، ئەخلاق-پەزىلەت، پاك روھ ۋە ساغلام نىيەتلىك كىشىلەردىكى خىسلەت بولۇپ، بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ گۈزەل ئەخلاق بىلەن سۈپەتلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئەھدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا

 

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈندىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى «ئىنسان ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ ئاللاھقا ساغلام يول بىلەن ئىبادەت قىلىش، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن  ئېسىل، پەزىلەتلىك ئىشلارنى قىلىش، ناچار پەسكەش قىلمىشلاردىن ساقلىنىشقا بۇيرىدى.

ۋاپادارلىق ئېسىل ئەخلاق ۋە ئالى سۈپەت بولۇش، ساغلام ئىجتىمائىي جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى، پەزىلەتنى تونۇپ ئۇنىڭغا چىرايلىق جاۋاپ قايتۇرۇش، ئۆزىگە خەيرى-ئېھسان قىلغانلارغا ۋاپا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىنسانلارنىڭ ۋاپا قىلىشى ئەڭ زۆرۈر بولغان ئەھدىنىڭ بىرى ئاللاھقا بەرگەن ئەھدى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئىبادەتنى خالىس قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا بەرگەن (ئىمان ئېيتىش ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىش ھەققىدىكى) ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان (ساۋاب بېرىش ھەققىدىكى) ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار.» [سۈرە بەقەرە 40- ئايەت].

ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ، ئېسىل ئەخلاق ۋە ئالى پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ سۈپىتى بولۇپ، ئىنسانلار ئارىسىدا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ھەممىدىن بەك ۋەدىگە ۋاپا قىلغۇچى كىشىلەردۇر.

مۇسا ئەلەيھىسسالام قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەققىنى تونۇپ ئاللاھدىن ئۇنى ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈشتە ئۆزىگە شېرىك قىلىشنى سورىدى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى زىكىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن. ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن. مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز. ساڭا كۆپ زىكرى ئېيتقايمىز. سەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن.» [سۈرە تاھا 29-34-ئايەتقىچە].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈشتە ئۆزىگە ياردەمدە بولغانلارغا قىلغان ئەھدىسىگە بەك ۋاپا قىلاتتى. مۇتئەم ئىبنى ئۇدەي ھىجرەتتىن بۇرۇن مۇشرىكلارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئازار يەتكۈزۈشتىن چەكلەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا قىلغان ياخشىلىقىنى ئەسلەپ، بەدىر ئۇرۇشىدا قولغا چۈشكەن ئەسىرلەر توغرىسىدا: «ئەگەر مۇتئەم ئىبنى ئۇدەي ھايات بولۇپ ئۇلارنى قويۇۋېتىش توغرىسىدا ماڭا سۆز قىلغان بولسا ئىدى، مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇۋەتكەن بولاتتىم» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا قىلغان ۋەدىسىگە بەك ۋاپا قىلاتتى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنىڭ جىنى ۋە مىلى بىلەن ئەڭ كۆپ ياردەم بەرگەن ۋە ئەڭ كۆپ ھەمرا بولغان ساھابىلارنىڭ بىرى ئىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەگەر مەن ئۈممىتىم ئىچىدىن دوست تاللايدىغان بولسام، ئەلۋەتتە ئابابەكرىنى دوستلۇققا تاللايتتىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىم ۋە ھەمراھىم» دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇسۇلمان بولىشى بىلەن ئىسلام كۈچىيىپ روناق تاپتى، ئۇ كىشىمۇ نۇرغۇن سىناقلارغا دۇچكەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلامغا كىرگەندىن كىيىن: «ئۆمەر جەننەتتە بولىدۇ» دېگەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئىسلام دىنى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلىغان، تەبۇك ئۇرۇشىغا چىقىدىغان ئەسكەرلەرنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن مىڭ دىنار پۇلنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىكىگە تۆكۈپ بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئوسمان بۈگۈندىن باشلاپ قىلغان ئىشلىرىدا ھېچ زىيان تارتمايدۇ»دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى].

ئۆسمۈرلەر ئىچىدە ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئەڭ بۇرۇن ئىمان ئېيتقان بالىلارنىڭ بىرى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەر ئۇرىشى بولغان كۈندە: «مەن ئەتىلىككە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشىگە بايراقنى بېرىمەن» دەپ بايراقنى ئەتىسى ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇغا بەرگەن. [بۇخارى رىۋايىتى].

ئوھۇد ئۇرۇشىدا شەھىد بولغانلارنىڭ قەبرىسىگە چىقىپ ئۇلار شەھىد بولۇپ سەككىز يىلدىن كېيىن خۇددى ئۇلار بىلەن خوشلاشقاندەك ئۇلار ئۈچۈن جىنازە نامىزى ئوقۇغان. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

مەسچىتنى تازىلايدىغان قارا تەنلىك ئايال ۋاپات بولۇپ كەتكەندە ئۇ ئايالنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ جىنازە نامىزى ئوقۇغان.

ئەنسارىلار مۇھاجىرلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا كۆپ ياردەمدە بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ: «ئى ئاللاھ! ئەنسارىلارنى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نەۋرىلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى].

ساھابىلاردىن بىرەر كىشى ياخشىلىق قىلغان بولسا ئۇنىمۇ قولىدىن كېلىشچە مۇكاپاتلايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەبۇ بەكرىدىن باشقا بىزگە ياخشىلىق قىلغان كىشىلەرنى ئۆزىگە يارىشا مۇكاپاتلىدۇق، ئەبۇ بەكرىنى قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ ئۆزى مۇكاپاتلايدۇ» دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ساھابىلىرى دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلارغا بولغان مۇھەببەت ۋە دوستلۇقنى ساقلاپ قىلىشقا بۇيرۇپ: «مېنىڭ ساھابىلىرىمنى تىللىماڭلار، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئوھۇد تىغدەك ئالتۇن سەدىقە قىلساڭلارمۇ ئۇلار ئېرىشكەن پەزىلەتنىڭ ئازراقىغىمۇ يېتەلمەيسىلەر» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە ۋەدە بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ھەر بىر پەيغەمبەر ئۈچۈن ئىجابەت بولىدىغان تەلەپ بار بولۇپ، باشقا پەيغەمبەرلەر ئالدىراپ بۇ تەلەپنى قىلىپ بولدى. مەن ئۈممىتىمگە شاپائەت تەلەپ قىلىش ئۈچۈن بۇ دۇئانى كېچىكتۈردۈم، مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي دۇنيادىن كەتكەنلەر بۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بۇنىڭغا نائىل بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى].

ساھابىلارمۇ مۇشۇ ئېسىل ئەخلاقنى  داۋاملاشتۇردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساھابىلارغا خىتاب قىلىپ: كىمنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدا ئىلىشى ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى بېرىشكە ۋەدە قىلىپ بېرەلمىگەن بولسا مېنىڭ يېنىمغا كەلسۇن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلغان ياخشى ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ چالا قويماي قىلىمەن دېگەن.

ساھابىلارمۇ ئەبۇ بەكرىنىڭ ھۆرمىتى ۋە شەرىپىنى ساقلاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئۇنى مۇسۇلمانلارغا يول باشچى قىلدى.

ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ كۆپ ۋاقىتلاردا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىززەتلەپ، مەن ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر بىلەن بىرگە كەلدۇق ياكى بىرگە كەتتۇق دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغان بولغاچقا ئۆزىدىن كېيىن ئۆمەرنىڭ خەلىپە بۇلىشىنى بېكىتتى.

ئاتا-ئانىلارغا ۋاپادار بولۇشنىڭ دەرىجىسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار  سېنىڭ راھىتىڭ، ياخشى ئۇخلىشىڭ ئۈچۈن كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى، سېنىڭ تۇرمۇشۇڭ ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتى، ئاناڭ مىڭ بىر جاپادا قوساق كۆتۈرۈپ سىنى تۇغدى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىشتا ئەڭ دەسلەپتە پەرىز قىلىپ بېكىتكەن ھەق-ھوقۇقلارنىڭ بىرىنچىسى ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن. [سۈرە ئىسرا 33-34- ئايەتلەر].

ئۇلارنىڭ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشنىڭ جۈملىسىدىن ئۇلارنىڭ ھەققىدە كۆپ دۇئا قىلىش، ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا ئۇلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىش، ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى ھۆرمەت قىلىش، گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تارتقان جاپاسىنىڭ مېۋىسىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە ۋاپا قىلىشىمۇ ئەھدىنىڭ جۈملىسىدىندۇر، خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا مىلى ئارقىلىق ياردەم قىلدى، ئاللاھ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭدىن پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلدى، ئاياللاردىن تۇنجى بولۇپ ئىمان ئېيتتى، ۋەھىي چۈشۈپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبى تەۋرىنىپ تۇرغاندا ئۇنى كۈچلاندۇرۇپ، ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەپ يېقىندىن يار-يۆلەكتە بولدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا جاۋاپ قايتۇرۇپ دائىم ئۇنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ دوستلىرىنى ئىززەتلەيتتى، دائىم: «مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم» دەيتتى. ئۇلاغ بوغۇزلىسا گۆشىنى پارچىلاپ ئۇنىڭ دوستلىرىغىمۇ ئەۋەتىپ بېرەتتى.

ۋاپادارلىقنىڭ جۈملىسىدىن ئۆلىمالارنى ياخشى كۆرۈش، ئۇلارنى ئىززەت، ھۆرمەت قىلىشتۇر، چۈنكى ئۇلار دىنى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرى، خىزمەتداشلىرى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئەھدىسىگىمۇ ۋاپا قىلىش، ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ساقلاش، دوستلۇقىنى قەدىرلەش، ياخشىلىقلىرىنى ماختاش، باشقىلارنىڭ ئۇلارغا ئازا يەتكۈزۈشىگە يول قويماسلىق، ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بىرەر كىشى سىزگە ياخشىلىق قىلغان بولسا، سىز ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلالمىسىڭىز ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى دۇئا قىلسىڭىز، بۇمۇ سىزنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلغانلىقىڭىزدۇر.

ئاللاھ ھەممەيلەننى ئەھدىگە ۋاپا قىلىدىغان ياخشى كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز