قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا «نۇرچىلار» جامائىتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئېتىقاد ۋە پىكرى كۆز قارىشى، نۇرچىلارنىڭ پىكىر ۋە ئەقىدىسىنىڭ يىلتىزى، جامائەتنىڭ تارقىلىش ۋە تەسىر دائىرىسى قاتارلىق تەپسىلى مەلۇماتلار بىلەن نۇرچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

   

«نۇرچىلار» جامائىتى توغرىسىدا

 

ئېنىقلىما:

نۇرچىلار ھەرىكىتى: بىر دىنىي ئىسلامىي جامائەت بولۇپ، قۇرۇلما جەھەتتە ئىنتىزاملىق ھەرىكەت يۆلىنىشىگە قارىغاندا تەسەۋۋۇپ تەرىقەتلىرىگە تېخىمۇ يېقىن. بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى دەۋىتىنى ئوسمانىيە خەلىپىلىكى يېقىلىپ، كامال ئاتا تۈرك ھاكىمىيەت تىزگىنىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن كامالىزمچە سېكولارىستىك كۈچىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە بىر ئىسلامىي ئېقىم شەكىللەندۈرۈپ، ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىش، نەپىسنى تازىلاش ئىشلىرىغا مەركەزلەشتۈرگەن.

قۇرۇلىشى ۋە ئاساسلىق كىشىلىرى:

قۇرغۇچىسى شەيخ سەئىد ئەننۇرسىي (1873م-1960م) شەرقىي ئاناتولىيەگە قاراشلىق بىتلىس ئۆلكىسى ھازان رايونىدىكى ۋان كۆلىگە يېقىن نۇرس يېزىسىدا بىر كۇرد ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ تەلىماتىنى ئۆز يۇرتىدا ئىگەللىگەن. ياشلىق مەزگىلىگە كەلگەندە ئۇنىڭدا ھوشيارلىق ۋە پەزىلەت ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ ئۆلىمالىرى بىلەن مۇنازىرىلەرگە چۈشكەن ۋە شۆھرىتى تارقىلىپ، "مەشھۇر سەئىد" دەپ لەقەم قويۇلغان.

- ئون سەككىز ياشقا كىرگەندە، خېلى يۇقىرى دەرىجىدە ئەقلىي ئىلىملەر بىلەن بىرگە، دىنىي ئىلىملەردىن ياخشى مەلۇمات ئىگەللىگەن. قۇرئان كەرىمنى يادلىغاندىن سىرت، ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش، ئات مىنىش قاتارلىقلارنى ياخشى ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆزى ئۈچۈن زاھىدلىق ۋە ئاددىي- ساددا ياشاش يولىنى تاللىغان.

- 1892-يىلى شەيخ سەئىد نۇرسىي ماردىنغا بارغان ۋە شەھەرنىڭ جامە مەسچىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دەۋەت پرىنسىپى بويۇنچە تەربىيە ۋە يېتەكلەش ھەرىكىتىنى باشلىغان. ئۇنىڭ بۇ ئىشى ماردىن ۋالىيسىغا يەتكەن ۋە ئۇنىڭ "تىبلىس"غا سۈرگۈن قىلىنىشىغا سەۋەپ بولغان.

- 1894-يىلى نۇرسىي ۋان شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردە تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىش بىرگە ئالگېبرا، ئاسترونومىيە، خېمىيە، فىزىكا، گېئولوگىيە، پەلسەپە ۋە تارىخقا دائىر ماتېرىياللارنى ئوقۇغان ۋە ئۇلارغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن. ئۇ بۇ تېمىلارنىڭ بەزىلىرىدە ئەسەر يازغان بولۇپ، ۋان شەھىرىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى ئۇنىڭ ئەقلىي كۈچى، كەڭ ئىلمىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا  "بەدىيئۇززامان"، دەپ نام بېرىشكەن.

1896-يىلى مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش شەكىلنى ئالدۇرۇش مەقسىتىدە زەھرا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تەسىس قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا يۆتكىلىپ كەلگەن ۋە ئۇ يەردە مىسىر مۇپتىسى شەيخ مۇتېيئېي(1333ھ- 1339ھ) نىڭ ئۇستازى شەيخ بەخىيت بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان، ئۇ بەدىئۇززامانغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

- ئىتتىپاقداشلار قوشۇنى ئىستانبۇلغا بېسىپ كىرگەندە، ئۇلارغا قارشى ھەرىكەت قىلغان مۇجاھىدلار سېپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

- ئەسلىدە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك ۋە سۈيىقەست قىلىشتىن باشقا بىر نىيىتى بولمىغان، ئەمما بىرلىك، ھۆرىيەت ۋە ئىسلاھاتقا ئوخشىغان شۇئارلارنى كۆتۈرۈۋالغان بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ سۈيىقەست قىلىشى بىلەن 1908-يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىدخان تەخىتتىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، بەدىئۇززامان بىرلىك ۋە تەرەققىياتچىلار بىلەن ئوخشاش شوئار كۆتۈرگەن. ئەمما ئۇنىڭغا ئىسلامىي روھ بېغىشلىغان "ئىتتىھادىي مۇھەممەدىي" جەمئىيىتىنى كۈچلەندۈرگەن. بۇنداق قىلغاندا تەرەققىياتچىلارنىڭ ماسونىيلارچە ھەقىقەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە ئۇلار پاناھلىنىۋالغان ئالدامچىلىقلارنى ئېچىپ تاشلىغىلى بولاتتى.

- ماسونىيلار ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كاراسۇ ئىسىملىك بىر يەھۇدىينى ئەۋەتكەن. ئۇ بەدىئۇززاماننىڭ يېنىدىن قايتىپ چىقىۋېتىپ: "بۇ غەلىتە ئادەم سۆزلىرى ئارقىلىق مېنى (ئىسلامغا) ئېلىپ كىرگىلى تاسلا قالدى." دېگەن.

1911-يىلى (1327ھ) سۈرىيەگە بېرىپ، دەمەشىققە ئورۇنلاشقان ۋە ئۇمەۋىيلەر جامەسىدە "شامىييە خۇتبىسى" دەپ تونۇلغان خۇتبىسىنى سۆزلىگەن. ئۇ بۇ خۇتبىسىدە ياۋروپانىڭ تەرەققىي قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى سەۋەپلەرنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويغانىدى:

1- مۇسۇلمانلاردىكى چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىك.

2- ئىجتىمائىي، سىياسىي ھاياتتىكى ئەخلاقنىڭ چىرىكلىشى ۋە سەمىمىيەتنىڭ يوقىلىشى.

3- مۇسۇلمانلار سېپىدە ئۆچ- ئاداۋەتنىڭ يامراپ كېتىشى.

4- مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق، ياردەملىشىش ۋە سۆيگۈ ئامىللىرىنىڭ يوقىلىشى.

5- ئىستىبدادنىڭ تارقىلىشچان كېسەلگە ئوخشاش ئومۇملىشىشى.

6- خۇسۇسىي مەنپەئەتنى ئومۇمنىڭ مەنپەتىنىڭ ئالدىغا قويۇش.

- ئۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈرك ئەسكەرلىرىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە بىر گۇرۇپپا تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭدا سوبايلىق قىلغان. ئاخشاملىرى سەپداشلىرىغا ۋە ئەسكەرلىرىگە قۇرئان ئىلىملىرىگە دائىر دەرسلەرنى بەرگەن.

- روسلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلغان. ئەمما ئۇ قېچىپ، گېرمانىيە، بۇلغارىستانلار ئارقىلىق تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە كېلەلىگەن. ئۇنى خەلىپە، شەيخۇل ئىسلام ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ئىنتايىن دەبدەبىلىك قارشى ئالغان ۋە دۆلەت ئۇنىڭغا ئۇرۇش مىدالىيونى بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئوسمانىيە دۆلىتىدىكى ئەڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي مەجلىس ھېسابلىنىدىغان "دارۇل ھېكمە ئەلئىسلامىييە" نىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 1923-يىلى نۇرسىينىڭ پىكرىي ھاياتىدا بىر يېڭى باسقۇچ باشلانغان. نۇرسىي، ئىماننى ساقلاپ قېلىش، بولۇپمۇ ياشلار سېپىدە ئىماننى ساقلاش قېلىش ئۈچۈن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كۆرسەتمە بېرىشنى كۆزلىگەن نۇر رىسالىلىرىنى يېزىش ئىشلىرى ئاكتىپلاشقان بۇ مەزگىلنى "يېڭى سەئىد" دەپ ئاتىغان.

- مۇستەفا كامال ئاتاتۈرك (1880-1938م) ئاناتولىيەدە ئىسيان ئېلان قىلغاندا، بەدىئۇززاماننى يېنىغا تارتىش ئۈچۈن ئۇرۇنغان ۋە ئۇنىڭغا ئالىي ساراي، يۇقىرى مەنسەپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئەمما ئۇ بۇ تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىپ، سىياسەتتىن ئومۇمىيۈزلۈك يۈز ئۆرىگەن ۋە "شەيتان ۋە سىياسەتتىن ئاللاھقا سېغىنىمەن" دېگەن سۆزىنى شوئار قىلىپ، ئۆزىنى ئىبادەت قىلىشقا ۋە نەپسىنى تەربىيىلەشكە قاراتقان.

- خەلىپىلىك يېقىلغاندىن كېيىن تۈركىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان سېكولارىستلار ئۇنىڭ دەۋىتىدىن ئەندىشە قىلاتتى ۋە ئۇنىڭغا كۈچلۈك قارشى تۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭ ھاياتىنى تۈرمىدە، قېيىن - قىستاقتا، تۈرمىدىن سۈرگۈنگە، سۈرگۈندىن مەھكىمىگە يۆتكىلىش بىلەن ئۆتۈشكە مەجبۇرلىغان.

- مەھكىمىلەر ئۇنى بىر قانچە قېتىم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. بىراق، ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ھىمايىچىلىرىنىڭ ئىنقىلاب قىلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشتىن يالتايغان.

- ئاخىرقى ھاياتىنى كىشىلەردىن يىراق ھالدا ئىسپارتادا ئۆتكۈزگەن. ۋاپاتىدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى رەسمىي رۇخسەت ئالماستىنلا ئۇرفاغا قاراپ يولغا چىققان. ئۇ ئۇرفادا پەقەت ئىككى كۈنلا ياشىغان. ئۇ، ھىجىرىيە 1379-يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 25-كۈنى (1960/3/23) ۋاپات بولغان.

ئېتىقاد ۋە پىكىرلار:

* بۇ جامائەتنىڭ پىكرى ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەرلەردە ئورۇن ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرنىڭ ئۇنىڭ پىكرىگە ئىلاۋە قىلغان كۆرىنەرلىك بىر نەرسىلىرىنى تېپىش قېيىن.

* بۇ جامائەت ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلغان بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماڭىدۇ ۋە ئۇلارغا ئاساسەن ئەمەل قىلىدۇ.

* بۇ ھەرىكەت ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قەلبىدە ئىسلام ئەقىدىسىنى ئويغىتىش ئۈچۈن تىرىشتى. ئۇ يالغۇز ئىسلامغا مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئېغىر شارائىتلارغا ۋە بۇنىڭغا ماس كىلىدىغان تاكتىكىلارغا  دۈچ كېلەتتى، ئۇ قانۇن تەرىپىدىن جازالىنىدىغان جىنايەت سانىلاتتى.

* بەدىيئۇززامان شۈبھىلىك مەسىلىلەردىن يىراق تۇرىدىغان، زاھىد ۋە كەمتەر كىشى  ئىدى. "شەكلىك ئىشلارنى قويۇپ شەكلەنمەيدىغان ئىشلارغا يۈزلەنگىن" دېيىش ئۇنىڭ دائىملىق شوئارى ئىدى.

* سىياسەتتىن قول ئۈزۈش ۋە ئۇنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى دېگەن كۆزقارىشى بولسا، بەدىيئۇززامان بىلەن ئۇنى ئۆزىنىڭ سېپىگە تارتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن مۇستەفا كامال ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىشىش ۋە تىركىششتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن. سەئىد نۇرسىي 1923-يىلى سىياسەتنى ئارقىسىغا چۆرۈپ تاشلاپ، ئەنقەرەدىن ئايرىلغان ۋە بۇ كۈننى "كونا سەئىد بىلەن يېڭى سەئىد" جەريانلىرىنىڭ پاسىلى، دەپ تەسۋىرلىگەن.

* بەدىيئۇززامان ئەسكى شەھەر تۈرمىسىدە مەھبۇس چېغىدا مەھكىمىگە مۇنداق دېگەن: "مېنىڭ سوپىزم تەرىقىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ سېپىدىن ياكى ئەمەسلىكىمنى سورىدىڭلار، مەن سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: بىزنىڭ دەۋرىمىز تەرىقەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەمەس، ئىماننى ساقلاپ قېلىشنىڭ دەۋرى. تەرىقەتسىزلا جەننەتكە كىرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ئەمما، ئىمانسىز ھېچكىم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ".

* ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بىرىتانىيەنىڭ رەزىل ۋەزىرىنىڭ سۈيىقەستىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، مەن ھاياتىمنى قۇرئان ئۈچۈن بېغىشلايمەن".   ئۇ بۇ سۆزىدە، "مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا قۇرئانلا مەۋجۇت بولىدىكەن، بىزگە قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قۇرئاننى ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن يىراقلاشتۇرىشىمىز لازىم"، دېگەن نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىرىتانىيە مۇستەملىكىلىرى ۋەزىرى گلادستوننى كۆزدە تۇتقان ئىدى.

- ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر مېنىڭ مىڭ روھىم بولغان تەقدىردە، ئىسلام ھەقىقەتلىرىدىن پەقەت بىر ھەقىقەت ئۈچۈن ئۇلارنى پىدا قىلىشتىن ئىككىلەنمىگەن بولاتتىم... مەن ئسىلام مىللىتىدىن باشقا مىللەتنى ئېتىراپ قىلمايمەن... مەن، سىلەر تۈرمە، دەپ ئاتايدىغان بەرزەخنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، مەن مېنى ئاخىرەتكە ئېلىپ بارىدىغان پويىزنى ساقلاۋاتىمەن.

- يەنە مۇنداق دېگەن: "بىر پەزىلەتلىك شەيخ ئۈچۈن ئۇسۇلچىلارنىڭ كىيىمى مۇناسىپ بولمىغاندەك، ئىستانبۇلغىمۇ ياۋروپانىڭ مەدەنىيىتىنى كەيدۈرۈش مۇناسىپ ئەمەس".

* مەھكىمىلەردە بەدىيئۇززامانغا قارىتىلغان ئاساسلىق ئەيىبلەشلەرنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

- سېكولارستىك دۆلەت ۋە كامالىزم ئىنىقىلاۋىنى يىمىرىشكە ھەرىكەت قىلىش.

- تۈركىيىدە دىندارلىق روھىنى قوزغاش.

- يۇشۇرۇن جەمئىيەت قۇرۇش.

- مۇستەفا كامال ئاتاتۈرككە ھۇجۇم قىلىش.

ئەمما ئۇ ئەيىبلەشلەرگە كۈچلۈك ھۆججەت، پاكىتلار ئارقىلىق رەددىيە بەرگەن. بۇ خىلدىكى مەھكىمىلەر ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن تەشۋىقاتقا ئايلانغان.

* بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى ئۆزىنىڭ پائالىيەت ۋە دەۋىتىنى ئىلمانىزمنىڭ تەسىرىگە قارىشى كۆرەش قىلىشقا بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەردە ئىپادىلىنىدۇ:

- ئوسمانىيە خەلىپىلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.

- بەشەرىي قانۇنلارنى شەرىئەتنىڭ ئورنىغا قويۇش.

- دىنىي مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.

- ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن يېزىشنى چەكلەپ، لاتىن ھەرپىنى تېڭىش.

- ئەزاننىڭ كەلىمىلىرىنى ئەرەبچىدىن تۈركچىگە ئۆزگەرتىش.

- تۇرانچىلىك نەزەرىيىسىنى يەنى "تۈركلەر ھازارەتلەرنىڭ نېگىزى" دەيدىغان نەزەرىيىنى تېڭىش.

- ئەرلەرنى بېشىغا دوپپا كىيىشكە، ئاياللارنى يالىڭاچلىققا، ھىجابنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قىستاش.

- جۈمە كۈنىنىڭ ئورنىغا يەكشەنبە كۈنىنى رەسمىي ئارام ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىش.

- قارا تون، ئاق سەللە كىيىشنى پەقەت دىنىي كىشىلەرگىلا خاس قىلىپ قويۇش.

- قۇرئان كەرىمنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ مەسچىتلەرگە تارقىتىش. (1350ھ/1931م).

- قۇربان ۋە روزا ھېيت پائالىيەتلىرىنى چەكلەش، ھىجىرىيە كالېندارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە مىراسخورلۇق سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش.

- غەرب تەرەپكە يۈزلىنىش ۋە ئادەت، ئەنئەنە، ئىنتىلىشلىرىدە ئۇنىڭغا تېۋىنىش.

- ئومۇميۈزلۈك ئاۋامدا، خۇسۇسەن يىتىلىۋاتقانلارنىڭ قەلبىدىن ئىسلام ئەقىدىسىنى ئۆچۈرۈش.

* بۇ ھەرىكەتنىڭ كۆپ ساندىكى ياشلىرى ئىپپەتلىكلىكى ۋە پاكىزلىكلىقى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. ئۇلار پىتنە- پاسات، ئازغۇنلۇق ۋە ئوچۇقچىلىق قاپلىغان بىر دەۋردە دىنىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان ياشلاردۇر.

* بۇ ھەرىكەتنىڭ بىر قىسىم خاتالىقلىرى:

- شۇ دەۋردىكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسىي ھاياتنىڭ كۆپىنچىسىگە سىڭىپ كىرىۋالغان يەھۇدىيلارنىڭ ھىيلە- نەيرەڭلىرىگە قارشى تۇرالايدىغان ئىنتىزاملىق ئىسلامىي ھەرىكەت تەسىس قىلىپ چىقالمىغان. ئەمما، ئىنساپ بىزنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىس قىلىنىش دەۋرىدىكى شارائىت ئۇنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىغا چىققان شەكىلدىن باشقا شەكىل بىلەن ئوتتۇرىغا چىقالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

- بەدىيئۇززاماننىڭ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە "ئىتتىھادىي مۇھەممەدىي" نى قورۇشقا ئىشتىراك قىلىشى ئۇنىڭدىكى بىر ئۆتكۈنچى ئىنكاسنىڭ نەتىجىسى بولۇش بىلەن بىرگە، ئىتتىھادچىلارنىڭ ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىشى، ئۇنى ۋە دەۋىتىنى يوقىتىش، قەستلەش ئۈچۈن كۈچىنى مەركەزلەشتۈرىشىگە سەۋەب بولغان.

- بۇ ھەرىكەتنىڭ سىياسەتتىن قول ئۈزۈشى ۋە سەئىد نۇرسىينىڭ 1923-يىلدىن كېيىن، "شەيتان ۋە سىياسەتتىن ئاللاھقا سېغىنىمەن" دېگەن شوئارنى كۆتىرىپ چىقىشى ئەگەشكۈچىلىرىگە سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سېكولارستىك پارتىيىلەرنىڭ ئۆلجىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

- بەزىلەر ئۇنى، 1925-يىلى مۇستەفا كامالغا قارشى خەلىپىلىك تەرەپتە تۇرۇپ ئىنقىلاب قوزغىغان شەيخ سەئىيد كۇردىيغا يارىدەم بېرىشتىن قول تارتقانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن كامالىزمچىلار ئوتتۇرىسىدا دىيار بەكىردە دەھشەتلىك ئۇرۇش بولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مىڭلىغان مۇسۇلمانلار ئۆلگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى نۇرسىينىڭ بۇ پۇزىتسىيىسىنى ئۇنىڭ ھوشيارلىقى ۋە يىراقنى كۆرەر ئىكەنلىكىدىن، دەپ قارايدۇ.

- ئۇنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى ئۆزىنىڭ ئالدى بىلەن نەپىس بىلەن جىھاد قىلىش، ئاندىن پىكىرلەرنى يورۇتۇش ئۈچۈن دەۋەت ئېلىپ بېرىش، دېگەن پىكىرىدىن كېلىپ چىققان. بۇ ھەرىكەت، قەلبلەرنى ئىسلاھ قىلىش، قارشى مەيداندىكى مۇسۇلمانلار بىلەن مەيلى ئۇلار ھاكىم ياكى پۇخرا بولسۇن، ئىچكى ئۇرۇشلارغا كىرمەسلىك، تىنچ دەۋەت يولىدا چىڭ تۇرۇش، تەردىجىي تەرەققىي قىلىش، كاپىر ۋە زىندىقلاردىن تەركىپ تاپقان سىرتقى دۈشمەنلەردىن باشقىلارغا قارشى قۇراللىق جىھادقا كىرمەسلىك قاتارلىقلارغا چاقىرىدۇ.

- نۇر ھەرىكىتىنىڭ بەزى كىشىلىرىدە -كېيىنكى مەزگىللەردە- ئايرىمچىلىق، ئۆزىنى يۇقىرى ساناش خاھىشلىرى پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنى دەۋەت، ۋەز- نەسىھەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىرىش جەھەتتە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

* بۇ ھەرىكەت، قۇرغۇچىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۈچ ئاساسىي قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن:

ـ  سالامەت پارتىيىسىگە قاتناشقان قىسم.

ـ  تەرەپسىزلىكتە چىڭ تۇرغان قىسىم.

ـ ئۈچىنچى قىسمى دېمىرال باشچىلىقىدىكى ئادالەت پارتىيىسى بىلەن بىرلەشكەن، سالامەت پارتىيىسى (رىفاھ پارتىيىسى)نى ئۆچ كۆرىدىغان قىسىم بولۇپ، بۇ قىسىمنىڭمۇ قوللىغۇچى ۋە ھىمايە قىلغۇچىلىرى بار. بۇ ھەرىكەتنىڭ ياشلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇنۇشلار مەۋجۇت. بۇ ھەرىكەتتە ئورۇن تۇتقان يېڭى ئاسىياچىلار گۇرۇپپىسى، ئۆزلىرى نەشىر قىلىدىغان «يېڭى ئاسيىا گېزىتى» ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان «يېڭى نەسىل» ئىسىملىك باشقا بىر گېزىت بىلەن ئورتاق شەكىلدە ئېلىپ بارغان نەشرى-ئەپكارلىرىدا مىللى سالامەت پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى نەجمۇددين ئەرباقانغا قارشى پائالىيەتلەردە بولىدۇ.

* پىكىر ۋە ئەقىدىلەرنىڭ يىلتىزلىرى:

- نۇر جامائىتى، تۈركىيە ۋە ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ ئەقىدىسى بولغان ماترىيدىييە ئەقىدىسىدىكى ئەھلى سۈننەتكە مەنسۇپ ئىسلامىي جامائەتلەرنىڭ بىرى.

- بۇ جامائەت تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى تاللىغان بولۇپ، نەپىسلەردە ئىماننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ بەزى جەھەتلەردىن سوپىزم تەرىقەتلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

* تارقىلىش ۋە تەسىر دائىرىسى:

- نۇر جامائىتى ئاناتولىيەنىڭ شەرقىي غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بارلادىكى كۇردلار رايونىدا باشلانغان ۋە رۇم، ئىسپارتا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا، كىيىن ئىستانبۇلغا تارقالغان.

- بۇ دەۋەت پۈتۈن تۈركىيە زېمىنغا تارقالغان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق ئورگانلارنىڭ ھېمايىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.

- ئۇنىڭ ئەزالىرى تەسىس قىلغۇچىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا 500 مىڭغا يەتكەن.

- بۇ جامائەتنىڭ پاكىستان ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىمۇ ھىمايىچىلىرى بار. شۇنىڭدەك، ئامېرىكىدىمۇ پائالىيەتلىرى بار بولۇپ، بۇلارغا "نۇر رىسالىلىرى ئېنىستىتۇتلىرى" ئىسمى بىلەن قورۇلغان مەدرىسىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان تۈرك ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن پايدىلنىش مەنبەلىرى:

- مۇستەفا زەكىي ئاشۇر: بديى الزمان (نظرة عامة عن حياته وآثاره)

- د.مۇھەممەد سەئىيد رامادان ئەلبۇتېي: النورسي (حياته وبعض آثاره).

- فەتھىي يەكەن: الموسوعة الحركيە (جزءان)، بەشىير نەشىرىياتى، ئەممان- ئىئوردانىيە، 1403ھ/1983م.

- ئابدۇلكەرىم مەشھەدانىي: العلمانية وآثارها على الأوضاع الإسلامية في تركيا ، رىياد خەلقئارا كىتابخانىسى ۋە دەمەشق خافىقىين كىتابخانىسى باسمىلىرى، بىرىنچى نەشرى، 1403ھ/ 1983م.

- مۇستەفا مۇھەممەد: الحركة الإسلامية الحديثة في تركيا،  غەربى گىرمانىيەدە بېسىلغان، بىرىنچى نەشرى، 1404ھ/1984م.

- ئىھسان قاسىم ئەسسالىھىي (تەھقىقلىغۇچى) لمثنوي العربي النوري ، ئىراق.

- نۇرسىي: لمثنوي العربي النوري، د.مۇھەممەد ئابدۇسسالام كەفافىي تەرىپىدىن ھەم تەرجىمە قىلىنغان، ھەم ئىزاھات بىرىلگەن ۋە تەتقىق قىلىنغان. ئەسرىييە كىتابخانىسى- بېيرۇت، 1966م.

- سابىق تۈرك قوماندانى: الرجل الصنم كمال أتاتورك، ئابدۇللاھ ئابدۇرراھمان تەرجىمىسى، رىسالە مۇئەسسەسەسى، بېيرۇت- بىرلەشمە شېرىكەت، ئىككىنچى نەشرى، 1398ھ/1987م.

- شەيخ سەئىد قۇرئان ۋە ھەدىسنى چىقىش قىلغان ئاساستا ھەر خىل دىنىي، روھىي، نەپسىي ۋە ئەقلىي تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك قېيىنچىلىقلار توغرىسىدا 130 پارچىدىن ئارتۇق رىسالە يازغان بولۇپ، ئۇستاز قاسىم ئەسسالىھىي تەرىپىدىن بۇ رىسالىلەرنىڭ بىر قانچىسى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇلار:

- سەئىد نۇرسىي: قطوف أزاهير النو ر، ئانىي باسمىخانىسى، باغداد، 1983م.

- سەئىد نۇرسىي: الحشر، كۇتتاب نەشرىياتى، باغداد، 1983م.

- سەئىد نۇرسىي:  الآيــة الكــبرى، ئانىي باسمىخانىسى، 1983م.

- سەئىد نۇرسىي: الإنسان والإيمان، ئىئتىسام نەشرىياتى، قاھىرە، 1983م.

- سەئىد نۇرسىي: حقائق الإيمـــان، ئانىي باسمىخانىسى، باغداد، 1984م.

- سەئىد نۇرسىي: زھرة النور، ئانىي باسمىخانىسى، باغداد، 1984م.

- سەئىد نۇرسىي:  الملائكة، زەھرا باسمىخانىسى، مۇسىل، 1984م.

- سەئىد نۇرسىي: الشكر، قۇددۇس كىتابخانىسى، باغداد، 1984م.

- سەئىد نۇرسىي: الشيوخ، زەھرا باسمىخانىسى، مۇسىل، 1984م.

- سەئىد نۇرسىي: الإيمان وتكامل الإنسان، قۇددۇس كىتابخانىسى، باغداد، 1984م.

بۇلاردىن باشقا شەيخ سەئىد نۇرسىينىڭ تۆۋەندىكى كىتابلىرىمۇ بار:

- سەئىد نۇرسىي: إشارات الإعجاز في مظان المجاز (بۇ ئۇنىڭ تۈنجى يازغان ئەرەبچە كىتابى.)

- سەئىد نۇرسىي: الصيقل الإسلامي.

- سەئىد نۇرسىي: التفكير الإيماني.

- سەئىد نۇرسىي: ذو الفقار.

- سەئىد نۇرسىي: رائد الشباب.

- سەئىد نۇرسىي: الخطبە الشاميە.

- سەئىد نۇرسىي: الخطوات الستە (بۇ كىتابتا ئىنگىلىزلارنىڭ سۈيىقەستلىرى ۋە رەزىللىكلىرى ئۈستىدە توختىلىدىغان بولۇپ، بۇ كىتاب كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئىنگىلىزلارغا قارشى ئىنقىلاب قوزغاش ۋە ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى تىزلىتىشتە ھەسسە قوشقان.)

ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ نەشىرگە تەييارلانغان «ھازىرقى زامان دىن، مەزھەب ۋە پىكىر ئېقىملىرى ئېنسىكلوپېدىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئىلىندى.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز