قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ14/8/1432ھـ 2011-يىلى07-ئاينىڭ15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلاندۇرۇلغانلىقى، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلاردا رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ ياشىشى ئىمانى تەقەززا ئىكەنلىكى توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ ھاياتىدىن بەزى ئەخلاقى ئۆرنەكلەر بىلەن چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرى

2011-يىلى 07-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا «مۇسۇلمانلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى ئۆگىنىشى كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا ئادەم ئەۋلادلىرىنى ھەممە تەرەپتىن بارلىق مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن ۋە پەزىلەتلىك قىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزىسىنى پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىككە تاللىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالام بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن تاللىغان كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ھاياتىدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، شۈكرى قىلىش، دەۋەت قېلىش، ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىش ئارقىلىق، ئېسىل-ئەخلاق، گۈزەل مەدھىيىلەرگە سازاۋەر بولدى. ئىنسانىيەتكە ياخشىلىققا تولغان گۈزەل سىيرەت، تەڭداشسىز خىسلەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتلىك بولغان بارچە ياخشىلىققا چاقىردى ۋە بارلىق رەزىللىكتىن  ئاگاھلاندۇردى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرىغا ئۆزى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەندە ھەرقانداق ياخشىلىق بولىدىكەن، ھەرگىزمۇ سىلەردىن ساقلاپ قالالمايمەن.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا، مەككە ھاياتىنى ئەڭ بۈيۈك ئىشلاردىن بولغان تەۋھىد كەلىمىسىگە چاقىرىش بىلەن داۋاملاشتۇردى. تەۋھىد چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغانلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئەبەدىي جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ساپا تېغىغا چىقىپ قۇرەيش قەبىلىسىگە قاراپ: «ئاللاھ يەككە-يىگانە بىر دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېيتىڭلار، نىجاتلىققا ئېرىشىسىلەر» دەپ جاكارلىدى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھقا كۆپ ئىبادەت قىلاتتى، ھەتتا كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇپ پۇت ۋە قەدەملىرى ئىششىپ كېتەتتى، بەزى ۋاقىتلاردا بىر رەكەت نامازدا بەقەرە، ئال-ئىمران ۋە نىسا سۈرىلىرىنى تىلاۋەت قىلاتتى، مۇڭلۇق ئاۋازدا قۇرئان تىلاۋەت قىلاتتى، ئاللاھتىن ناھايىتى بەك ئەيمىنەتتى، نامازدا تۇرغىنىدا ئاللاھتىن قورققىنىدىن يېغى بېسىپ، قەلبىدىن قازان قاينىغاندەك ئاۋاز ئاڭلىناتتى، تىلى دائىم ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ھەرىكەتلىنىپ تۇراتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ ھەرۋاقىت ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىپ تۇراتتى.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى بەك ياخشى كۆرەتتى، نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا تەۋسىيە قىلاتتى، ئۆسمۈر ساھابىلارنىمۇ نەپلە نامازلارنى ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى، ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسى كۈچلۈك ئىدى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ شىپالىق ئىكەنلىكىگە چەكسىز ئىشىنەتتى، ئاغرىپ قالسا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ شىپالىق تەلەپ قىلاتتى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنى ھۆرمەت قىلاتتى، باشقىلارنىڭ ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ماختىشىنى ياقتۇرمايتتى، چوڭ-كېچىك ھەممە كىشىنى ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەگىشىشكە دەۋەت قىلاتتى، كىچىكلەرنىڭ قەلبىگە كەمتەرلىك ئۇرۇقىنى سىڭدۇرەتتى، ساھابىلەرگە تەلىم بەرگەندە ئۇلارغا مېھرى-مۇھەببەت قىلاتتى، ئۇلارغا قوپاللىق قىلمايتتى، بەلكى ئۇلارغا ئاتا-ئانىسىدىن چارە ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياشلارغا بەك مۇلايىم، كۆيۈمچان ئىدى، قوپال-ناچار سۆز قىلمايتتى، ھايا قىلىشتا سەبى قىزلاردىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى، ھاياتىدا ھېچ كىشىنى قولى بىلەن ئۇرمىغان، دائىم كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان، ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا سىلە-رەھىم قىلىدىغان، سەمىمى، راستچىل، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلىدىغان بۈيۈك پەزىلەت ساھىبى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئانىسىغا كۆيۈمچان ئىدى، ئۇ ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندا يىغلاپ كەتتى، ئەتراپتىكىلەرمۇ تەڭ يىغلىدى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تەۋسىيە قىلاتتى، دىلى يۇمشاق، قول-چۆرىلەرگە مېھرىبان ئىدى، ئاجىزلار، ياشانغانلار ۋە بىمارلارغا كۆيۈنەتتى، ئىنسانلارغا بەك كەڭ قورساق ئىدى، خەير-ئېھساننى كۆپ قىلاتتى، بىر نەرسە سورىغان كىشىنى قۇرۇق قايتۇرمايتتى، پاكىزە-ھالال نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلاتتى، يېمەك-ئىچمەكتە شەكلىك نەرسىلەردىن بەك ئېھتىيات قىلاتتى. يېشى كېچىك ساھابىلارنىمۇ ئىززەت-ئىكرام قىلاتتى، بىرەرسى ئاغرىپ قالسا يوقلاپ باراتتى ۋە ئۇنىڭغا يەتكەن دەرد-ئەلەملەردىن بىئارام بولاتتى، ئۇلارغا قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە پەزىلەتلىرىنى ئۇنتۇمايتتى. باشقىلارنىڭ پەزىلىتىنى ئېتىراپ قىلىشتا رەسۇلۇللاھ ئىنسانىيەتكە نەمۇنىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاخىرقى قېتىم مۇنبەرگە چىقىپ: «ئەنسارىلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، ئۇلار مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلدى، ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى مۇكاپاتلاشلا قالدى، ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىڭلار، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىڭلار.» [بۇخارى رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەدىچە ئانىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتى، سېخىلىقىنى ئۇنتۇمايتتى، ئۇنىڭ دائىم ئەسلەپ تۇراتتى، ئۇنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىنى يوقلايتتى، دوستلىرىغا ياخشىلىق قىلاتتى.

ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلغان ياخشى خىزمەتلىرى ئۈچۈن مەسچىتكە كېرىدىغان كېچىك ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تاقاپ پەقەت ئۇنىڭ ئېشىكىنى تاقىمىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىلە -تاۋابىئاتلىرىغا بەك كۆيۈنەتتى، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى، بالا-چاقا، نەۋرىلەرگە مېھرىبان ئىدى، قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇئەنھا يېنىغا كىرسە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرغۇزاتتى، نەۋرىسى ھەسەننى بوينىغا مىندۈرۈپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىن» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. دەپ دۇئا قىلغان. ساھابىلەرنىڭ يېنىغا قىز نەۋرىسى ئۇمامىنى بوينىغا مىندۈرۈپ  چېقىپ ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاياتىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بەردى، ئاچلىقتىن قورساقلىرىغا تاش تىڭىۋالاتتى، يېتىملىك ھالىتىدە ئۆسۈپ يېتىلدى، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قەبىلىسىدىن ئەزىيەت يېدى، يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، ئۈچ يىل مەككىدىكى بىر جىلغىدا مەككە مۇشرىكلىرى تەرىپىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلدى (يەنى چەكلىمە ئىچىدە ياشىدى).

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىدى، ئۈممىتىدىن ئۇنىڭغا ۋاپا قىلغانلار ئۇنىڭغا ئىشەندى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلىدى ۋە قوللىدى، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلدى ۋە چەكلىگەن ئىشلىرىدىن ياندى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرەتلىرىنى ئوقۇش ۋە توغرا يولىنى تونۇش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى: باشقىلارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەۋەت قىلغان تەۋھىد، ئىمان، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ياخشىلىققا چاقىرىشتۇر. ئۆزىنىڭ ھەممە ئىشلىرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلغان كىشى ئۇتۇق قازىنىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ.

مۇسۇلمان ئۈچۈن ساغلام ئەقىدىنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ بارلىق تەقەززالىرىغا ئەگىشىش، رەسۇلۇللاھنىڭ يولىنى ياشاش مېتودى قىلىپ بەلگىلەشتىن گۈزەلراق ئەخلاق بولمىسا كېرەك.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى جانابى رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ھاياتىمىزدا ئۈلگە قىلىپ ياشاشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز