يازغۇچى : دوكتۇر مانىئ ئىبنى ھەماد جۇھەنى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئا.قارلۇقى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە:

www.munber.org

قىسقىچە چۈشەنچە

ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى ۋە پىرىنسىپلىرى ناملىق بۇ ماقالە دۇنيا ئىسلام ياشلىرى بىرلىگى تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ نەشىرگە سۇنۇلغان «دىن، مەزھەب ۋە پىكىر ئېقىملىرى قىسقىچە ئېنسىكلوپېدىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئەينەن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسى نېمىلەرنى ئاساس قىلىدىغانلىقى، نېمىلەرگە تايىنىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەتراپلىق يورىتىپ بىرىدۇ... قېنى مەرھەمەت!

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

                     ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى ۋە پرىنسىپلىرى

ئېنىقلىما:

* ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى تەۋھىد ۋە تائەت جەھەتتە زۆرۈر بولغان بارلىق ئىشلاردا ئاللاھ تائالاغا ، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە، تەقدىرگە ۋە بارلىق غەيىب ئىشلارغا، خەۋەرلەرگە، ئەمەلىي ياكى ئىلمىي بولسۇن قەتئىي ھۆكۈملەرگە كەسكىن ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

تەسىس قىلىنىشى:

ئۆزىدىن باشقا ھەممىسىنى بىكارغا چىقارغۇچى بۇ ئەقىدىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولۇپ، بۇ ئەقىدە، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتقانلىقى ئۈچۈن ئەھلى سۈننەت، دەپ ئاتالغان. ھەقىقەتنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىپ، دىندا چېچىلاڭغۇلۇق قىلمىغان، ھەقىقەت ئىماملىرىنىڭ مېتودلىرىغا ئەگىشىپ، ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشتا رىۋايەت ئەھلى، ھەدىس ئەھلى، غەلىبىگە ئىرىشكەن ياكى نىجاتلىققا ئېرىشگەن كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسىگە قارشى چىقمىغان ئىسلام جامائىتىنىڭ ئەقىدىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ”جامائە“ دەپ ئاتالغان.

ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسىنىڭ ئۇسۇلى(ئاساسى):

* ئۇ ئىسلامنىڭ ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدا نە تەرىقە، نە پىرقە يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئىزدىنىش ۋە يەكۇن چىقىرىش جەھەتتىكى قائىدە ۋە ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىلەردە گەۋدىلىنىدۇ:

ـ ئەقىدىسىنىڭ مەنبەسى ـ ـ ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ۋە سەلەپ سالىھلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى.

ـ قۇرئان كەرىمدىكى ھەرقانداق مەزمۇن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قانۇن بۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ بولغان بارلىق سۈننەتلىرىنى ئاھاد بولسىمۇ قۇبۇل قىلىش لازىم.

ـ قۇرئان ۋە سۈننەتنى چۈشىنىشنىڭ مەنبەسى ـ ـ ئۇنى بايان قىلىپ بىرىدىغان نەسلەر، سەلەپ سالىھلار ۋە ئۇلارنىڭ پرىنسىپى بويىچە ماڭغان كىشىلەردىن ئىبارەت.

ـ دىننىڭ بارلىق ئۇسۇلىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ بەرگەن، ھەرقانداق ئادەمنىڭ پەردە ئارقىسىغا يۇشۇرۇنۇپ تۇرۇپ، دىندا يېڭى بىر نەرسىنى پەيدا قىلىش ۋە ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىدىن بىلجىرلاش ھەققى يوق.

ـ ئىچكى ـ تاشقى جەھەتتىن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا تەسلىم بولۇش، قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەتتە كەلگەن ھەر قانداق نەرسىگە قىياس، ھۇزۇرلۇنۇش، بايقىغاننى داۋا قىلىش، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان شەيخ ياكى ئىمام ۋە ئۇلاردىن باشقا بىرىنىڭ سۆزىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئۆكتە قوپۇشقا بولمايدۇ.

ـ روشەن ئەقىل ساغلام دەلىلگە ئويغۇن كىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قەتئى زىتلىق يۈز بەرمەيدۇ، ئەگەر بىرەر زىتلىق بارلىقى گۇمان قىلىنىپ قالسا، دەلىل ئەقىلدىن يوقىرى ئورۇندا قويىلىدۇ.

ـ ئەقىدىگە دائىر شەرئىي گەپ ـ سۆزلەرگە دېققەت قىلىش ۋە بىدئەت سۆزلەردىن يىراق تۇرۇش لازىم.

ـ گۇناھ سادىر قىلماسلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئېنىق بىر مەسىلە. بۇ ئۈممەت ئومۇمىيلىقتا خاتالىققا بىرلىككە كىلىشتىن ھېمايە قىلىنغان، ئەمما يەككە ھالدا ھېچكىم خاتالىق سادىر قىلىشنىڭ سىرتىدا ئەمەس. تالاش ـ تارتىش يۈز بەرگەندە، بۇ ئۈممەت ئىچىدە خاتالىق ئۆتكۈزگەن مۇجتەھىدلارنىڭ كەچۇرۇم سوراش بىلەن بىرگە قايتىدىغان ئورنى يەنىلا قۇرئان ۋە سۈننەت.

ـ راسىت چۈش ھەقىقەت بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەرلىكنىڭ بىر قىسمىدۇر. سەمىمىي كۆزىتىش ھەقىقەت بولۇپ، شەرىئەتكە ئويغۇن كىلىش شەرتى بىلەن كارامەت ۋە خوش ـ بىشارەت ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئۇ نە ئەقىدە، نە شەرىئەت ئۈچۈن مەنبە بۇلالمايدۇ.

ـ دىن توغرىسىدا جىدەل ـ ماجرا قىلىش گۇناھ بولۇپ، ياخشى مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش يولغا قويۇلغان. كىرىش يوللۇق شەكلدە چەكلەنگەن تېمىلارغا ئىچكىرلەپ كىرىشكە بولمايدۇ.

ـ رەددىيە قايتۇرغاندا ۋەھيى ئاساسىنى چىڭ تۇتۇش لازىم. بىدئەتكە بىدئەت بىلەن رەددىيە بىرىلمەيدۇ. چېكىدىن ئاشۇرىۋېتىش بىلەن پەرۋاسىزلىق بىر يەردە جەملەنمەيدۇ. ئەكسىمۇ ئۇنداق بولمايدۇ.

ـ دىندا پەيدا قىلىنغان ھەر قانداق ئىش بىدئەت، ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇق ۋە بارلىق ئازغۇنلۇق جەھەننەمدە قالىدۇ.

* ئېتىقادى تەۋھىد

ـ ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى توغرىسىدىكى ئەسلى قائىدە: ئاللاھ تائالا ئۆزى ئۈچۈن ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مۇقىملاشتۇرغان ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنى ئوبرازلاشتۇرماستىن، قىياپىتىنى سۈرۈشتۇرمەستىن مۇئەييەنلەشتۈرۈش؛ ئاللاھ تائالا ئۆزى ئۈچۈن ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئىنكار قىلىنغان ئىسىم ـ ۋە سۈپەتلەرنى ئۆزگەرتمەستىن، بورمىلىماستىن ئىنكار قىلىش. ئاللاھ تائالانىڭ ]ھېچ شەيئى اﷲ غا ئوخشاش ئەمەستۇر، اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[  دېگەن سۆزىدە كەلگىنىگە ئوخشاش، نەس تىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە دالالەت قىلىدىغان مەزمۇنلىرىغا ئىمان ئېيتىش.

ـ پەزىلەتلىك پەرىشتىلەرگە ئومۇمىي جەھەتتىن ئىمان كەلتۈرۈش، ئەمما تەپسىلى جەھەتتىن ئىمان كەلتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى، سۈپەتلىرى ۋە ئەمەللىرى توغرىسىدىكى سەھىھ دەلىللەرگە قاراپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ئادەمنىڭ ئىلمىي ئىقتىدارىغا ئاساسەن بۇلىدۇ.

ـ نازىل قىلىنغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمان كەلتۈرۈش، قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ئۇلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرغۇچىسى، ئۇنىڭدىن ئىگىرىكى كىتابلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئەمەس، پەقەت قۇرئان كەرىمگىلا ئەگىشىش ۋاجىب.

ـ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلىرى (ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ دۇئا ۋە سالاملىرى بولسۇن) گە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئۇلارنى باشقا ئىنسانلاردىن ئەۋزەل دەپ بىلىدۇ. كېمىكى ئۇنىڭدىن باشقا بىر نەرسە دەيدىكەن ئۇ كاپىر بولىدۇ.

ـ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ۋەھيىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسى ئىگەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش. كېمىكى ئۇنىڭدىن ئۆزگىچە قاراشتا بولىدىكەن كاپىر بولىدۇ.

ـ قىيامەت كۈنىگە، ئۇ ھەقتە كەلگەن ساغلام رىۋايەتلەرگە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى كىلىدىغان ئالامەت ۋە شەرتلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش.

ـ تەقدىرگە، ئۇنىڭ ياخشلىق ۋە يامانلىقلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈرش. يەنى: ئاللاھ تائالانىڭ بۇلىدىغان ئىشنى يۈز بىرىشتىن ئىلگىرى بىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى لەۋھۇل مەھپۇزغا يېزىۋەتكەنلىكىگە، ئاللاھ تائالانىڭ خالىغىنىڭ بۇلىدىغان، خالىمىغىنىڭ بولمايدىغانلىقىغا، ئىشلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە بۇلىدىغانلىقىغا، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر، ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىگە ۋە ئاللاھ تائالانىڭ خالىغىنىنى قىلىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش.

ـ ئەرش، كۇرسى، جەننەت، جەھەننەم، قەبرىنىڭ نېمىتى ۋە ئازابى، پىلسىرات كۆۋرۈگى، مىزان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەر توغرىسىدا كەلگەن ساغلام دەلىللەرنىڭ بىرىنىمۇ تەئۋىل قىلمىغان ھالدا ئىمان كەلتۈرۈش.

ـ سەھىھ دەلىللەردە تەپسىلاتى كەلگىنىگە ئوخشاش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، پەيغەمبەرلەر ۋە پەرىشتىلەرنىڭ، سالىھ كىشىلەر ۋە باشقىلارنىڭ شاپائەت قىلىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش.

ـ مۆمىنلەرنىڭ قىيامەت كۈنى جەننەت ۋە مەھشەردە پەرۋەردىگارىنى كۆرىدىغانلىقى ھەقىقەت. كېمىكى ئۇنى ئىنكار ياكى ئۇنى تەئۋىل قىلسا ئازغان بولىدۇ. ئۇ ئىشلار دۇنيادا ھېچكىم ئۈچۈن يۈز بەرمەيدۇ.

ـ ئەۋلىيا ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ كارامەتلىرى ھەقىقەت. ئادەتتىن تاشقىرى ھەرقانداق ئىش كارامەت بۇلىۋەرمەيدۇ. بەلكىم شۇ تەرەپكە بېسىلغان قەدەم بولۇپ قېلىشىمۇ، شەيتان ۋە ئالۋاستىلارنىڭ تەسىرىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭدا ئۇنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن كىلىش ياكى كەلمەسلىكى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

ـ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى بولۇپ، ھەر بىر مۆمىننىڭ ئىمانىغا يارىشا ئەۋلىيالىقى بولىدۇ.

³ ئىلاھىي تەۋھىد

ـ ئاللاھ تائالا يىگانە بىر، ئۇنىڭ رەببانىيلىقىدا، ئىبادەت قىلىشقا لايىق زات ئىكەنلىكىدە، ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدە شېرىكى يوق، ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى قىلىشقا لايىق زات.

ـ ئىبادەتنىڭ دۇئا، قۇتقۇزۇش ۋە يارىدەم تەلەپ قىلىشتا، نەزىر قىلىش، قۇربانلىق قىلىش، تەۋەككۇل قىلىش، قورقۇش، ئۈمىد قىلىش، سۆيگۈ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك ئىبادەتلەردىن بىر نەرسىنى ئاللاھدىن باشقا بىرىگە قارىتىش، مەيلى ئاللاھقا يېقىن پەرىشتە، پەيغەمبەر، سالىھ بەندە ياكى باشقىلار مەقسەت قىلىنغان بولۇشىدىن قەتئى نەزەر شېرىك ھېسابلىنىدۇ.

ـ ئىبادەتنىڭ ئۇسۇلى ئاللاھ تائالاغا مۇھەببەت، قۇرقۇش ۋە ئۈمىد قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ئىبادەت قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى بىلەن ئىبادەت قىلىش ئازغۇنلۇق.

ـ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا مۇتلەق ئىتائەت قىلىش، رازى بولۇش، تەسلىم بۇلۇش، ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈمدار، تەربىيەتچى ۋە ئىبادەتكە لايىق، ھۆكمى ۋە ئىشلىرىدا شېرىكى يوق زاتلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش. ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان بىر ئىشنى يولغا قويۇش، تاغۇتلارغا ھۆكۈم قىلدۇرۇش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدىن باشقا نەرسىگە ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى ئۆزگەرتىش كۇپۇرلۇق بولىدۇ. كېمىكى، بىرەرسىدە شەرىئەتنىڭ سىرتىغا چىقىشىغا بولىدۇ، دەپ بىلجىرلىسا كاپىر بولىدۇ.

ـ ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىدىن باشقا نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلىش چوڭ كۇپۇردۇر. كۇپۇرلۇققا يەتمەيدىغان كۇپۇر بولۇشىمۇ مۇمكىن.

بىرىنچىسى؛ ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن باشقا قانۇنغا چىڭ ئېسىلىش ياكى ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىشنى جائىز، دەپ قاراش.

ئىككىنچىسى؛ ئاللاھنىڭ قانۇنىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، مۇئەييەن بىر ۋەقەدە ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن ئېغىپ كىتىش.

ـ دىننى مۇئەييەن كىشىلەرلا ئىمتىيازغا ئىگە بۇلىدىغان ھەقىقەت ۋە مۇئەييەن كىشىلەر ئەمەس، ئاۋام تۇتۇپ مېڭىشى لازىم دەپ قارالغان شەرىئەتكە بۆلۈش، سىياسەت ياكى باشقا نەرسىلەرنى دىندىن ئايرىپ قاراش باتىل؛ بەلكى، ھەقىقەت، سىياسەت ياكى باشقىسى بولسۇن شەرىئەتكە زىت كىلىدىغان بارلىق ئىشلار شۇ ئىشنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ، ياكى كۇپۇر ياكى ئازغۇنلۇق بۇلىدۇ.

ـ بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم غەيىبنى بىلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم پەيغەمبەرلىرىگە غەيىب نەرسىلەرنى بىلدۈرىدۇ دېگەنگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئاللاھدىن باشقا بىرسىنى غەيىبنى بىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش كۇپۇرلۇق بۇلىدۇ.

ـ پالچى، كاھىنلارنىڭ ئىشلىرىنى راست دەپ ئېتىقاد قىلىش كۇپۇرلۇق. ئۇلارنى چاقىرىش ياكى قېشىغا بېرىش چوڭ گۇناھتۇر.

ـ قۇرئان كەرىمدە بۇيرۇلغان ۋاستىلەر بولۇپ، ئۇلار يوللۇق تائەتلەر بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. ۋاسىتە ئىشلىتىش ئۈچ تۈرلۈك بۇلىدۇ:

1 ـ يوللۇق: ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئۇنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى، ۋاسىتە قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمىلى ياكى ھايات سالىھ كىشىنىڭ دۇئاسى بىلەن ۋاسىتە قىلىش.

2 ـ بىدئەت: ئۇ ئاللاھ تائالاغا پەيغەمبەرلەر، سالىھ كىشىلەر، ئۇلارنىڭ ئورنى، ھەققى ياكى ھۆرمىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەرىئەتتە يوق ئىشلار بىلەن ۋاسىتە قىلىش.

3 ـ شېرىك: ئۇ ئۆلۈكلەرنى ئىبادەتتە ۋاسىتە قىلىش، ئۇلاردىن ئۈمىد قىلىپ ھاجەتلىرىنى تىلەش، يارىدەم سوراش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار.

ـ بەرىكەت ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولۇپ، بەزى بەندىلىرىگە ئاللاھ خالىغان نەرسە بىلەن خاسلىشىدۇ، ئۇ نەرسىلەر دەلىلسىز ئىسپاتلانمايدۇ. بۇ ياخشىلىقنىڭ كۆپ ۋە ئارتۇق بولۇشى ياكى مۇقىم ۋە مۇئەييەن بولۇشىنى كۆزدە تۇتىدۇ.

تەۋەررۇك مۇقىم تۇرغۇزۇلۇپ بولغان ئىشلاردىن بولۇپ، دەلىلسىز بىر ئىشتا تەۋەررۇك قىلىش جائىز ئەمەس.

ـ كىشىلەرنىڭ قەبىر بېشىدىكى ئىش ۋە زىيارەتلىرى ئۈچ تۈرلۈك بۇلىدۇ:

1 ـ يوللۇق: ئۇ ـ ـ قەبرىلەرنى ئاخىرەتنى ئەسلەش ئۈچۈن، قەبىر ئەھلىگە سالام بىرىش ۋە ئۇلارغا دۇئا قىلىش ئۈچۈن زىيارەت قىلىش.

2 ـ بىدئەت: ـ ـ تەۋھىدنىڭ كامالى بىلەن سىغىشالمايدىغان شېرىك ۋەسىلىلىرىنىڭ بىر ۋاسىتىسى بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، قەبىر بېشىدا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنى، ئۇنى تەۋەررۇك قىلىش ياكى ئۇنىڭ قېشىدا كېيىم ھەدىيە قىلىشنى ياكى ئۇنىڭغا بىنا سېلىشنى، ھاكلاپ قاتۇرۇش، چىراق يېقىش، ئۇنى مەسچىت قىلىۋېلىش، ئۇنىڭغا سەپەر قىلىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توسقانلىقى ئېنىق ياكى شەرىئەتتە ئەسلى بولمىغان ئىشلارنى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .

3 ـ شېرىك: بۇ تەۋھىد بىلەن سىغىشالمايدۇ. بۇ ئاللاھنى قويۇپ قەبىر ئىگىسىدىن ھاجىتىنى تىلەش، ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇشنى، يارىدەم بىرىشنى تەلەپ قىلىش، قەبرىنى تاۋاپ قىلىش، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىش، ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزىر بىرىش قاتارلىق ئىشلاردا ئىبادەتلەرنىڭ بىرەر تۈرىنى قەبىر ئىگىسىگە قارىتىشتىن ئىبارەت.

ـ ۋاسىتىلەرگە ئۇنىڭغا قارىتىلغان مۇددىئانىڭ ھۆكمى بىرىلىدۇ. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان بارلىق ۋاستىلەر ياكى دىندا بىدئەت پەيدا قىلىدىغان بارلىق ۋاستىلەرنى توسۇش لازىم. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەرقانداق نەرسە بىدئەت، ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.

* ئىمان:

ـ ئىمان ـ ـ سۆز ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاشىدۇ ۋە كەملەيدۇ (كۈچىيىدۇ ۋە ئاجىزلايدۇ ـ ـ ت). ئۇ قەلب ۋە تىلنىڭ سۆزى، قەلب، تىل ۋە بەدەننىڭ ئەمىلىدۇر. قەلبنىڭ سۆزى: ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىش ۋە تەستىقلاش. تىلنىڭ سۆزى: ئۇنى ئۆزى ئارقىلىق ئىقرار قىلىش. قەلبنىڭ ئەمىلى: ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلىش، ئىتائەت قىلىش، ياخشى كۆرۈش، سالىھ ئەمەللەرنى ئىرادە قىلىش قاتارلىقلار.

بەدەننىڭ ئەمىلى: بۇيرۇغاننى قىلىش، توسقاندىن يېنىش.

ـ چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان كىشى ئىماندىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئۇ دۇنيادا ئىمانى ناقىس مۆمىن ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ تەسەررۇپاتىدا بولىدۇ، خالىسا كەچۈرىدۇ، خالىسا جازالايدۇ. تەۋھىدچىلەرنىڭ ھەممىسى، گەرچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆت بىلەن ئازاپلىنىدىغانلار بولسىمۇ، ئاقىۋېتى جەننەتتە بۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ئوتتا مەڭگۇ قالمايدۇ.

ـ قىبلە ئەھلىدىن مۇئەييەن بىر كىشىگە ئۇ ھەقتە نەستە مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا جەننەت ياكى دۇزاخ بىلەن ھۆكۈم قىلىش جائىز ئەمەس.

ـ كۇپۇر شەرئىي سۆزلەردىن بولۇپ، ئۇ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ: چوڭ كۇپۇر ـ ـ ئىسلامدىن چىقىرىدۇ. كىچىك كۇپۇر ـ ـ ئىسلامدىن چىقارمايدۇ، بۇ بەزىدە ئەمەلىي كۇپۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ـ كاپىر (دىنسىز) دەپ قاراش ـ ـ شەرئىي ھۆكۈملەردىن بۆلۈپ، قۇرئان ۋە ھەدىسكە قايتىدۇ. شەرئىي دەلىلنىڭ كۆرسەتمىسى بولمىغان ئەھۋالدا بىر مۇسۇلماننى سۆزى ياكى ھەركىتىگە تايىنىپ كاپىر قاتارىغا چىقىرىش جائىز بولمايدۇ. چەكلىمىلەر تۈگەپ، شەرتلەر ھازىرلانغانمىغان ئەھۋالدا مۇئەييەن بىر كىشى توغرىسىدا موقىملاشقان بىر سۆز ياكى ھەرىكەتكە ئاساسەن كاپىر ھۆكمىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ. كاپىرلىق ھۆكمىنى بىرىش ئەڭ خەتەرلىك ھۆكۈملەردىن بولۇپ، ھۆكۈمنى ئېنىقلاش، مۇسۇلماننى كاپىر دېيىشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم.

* قۇرئان ۋە كالام:

قۇرئان ئاللاھ تائالانىڭ نازىل قىلغان كالامى (ھەرپ ۋە مەنىلىرى بىلەن) بولۇپ، مەخلۇق ئەمەس. ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن باشلانغان، يەنە ئۇنىڭغا قايتىدۇ. ئۇ ئۇنى ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ھەقىقىي پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ ۋە قىيامەتكىچە ساقلىنىدۇ.

* تەقدىر:

ئىماننىڭ ئەركانلىرىدىن بولۇپ، ياخشلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىشتۇر. ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ـ قەدەرنىڭ بارلىق نەس ۋە مەرتىۋىلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش؛ (ئىلىم، يېزىش، تەقدىر، يارىتىش) ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىۋەتكىنىنى قايتۇرغۇچى ۋە ھۆكمىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرگۈچى بولمايدۇ.

ـ بەندىلەرنى ھىدايەت قىلىش ۋە ئۇلارنى ئازدۇرۇش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، كىمنىكى ئاللاھ ھىدايەق قىلغان بولسا، ئۇ پەزلىدىن، ئازدۇرغان بولسا ئادالىتىدىن بولىدۇ.

ـ بەندىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئۇنىڭدىن باشقا ياراتقۇچى بولمىغان ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئىش ـ ھەرىكەتلىرىنى ياراتقان، ئۇنى بەندىلەر ئادا قىلىدۇ.

ـ ئاللاھنىڭ ئىشلىرىدا ھېكمەتنى، سەۋەبلەرنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە مۇئەييەنلەنتۈرۈش.

* جامائەت ۋە ئىماملىق:

ـ جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسھابىلىرى، ئۇلارغا ياخشلىق بىلەن ئەگىشىپ، قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بولۇپ، نىجات تاپىدىغان پىرقىدۇر.

ـ ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى ـ گەرچە قىسمەن تەرەپلەردە خاتالاشسىمۇ ـ جامائەتتىن ھېسابلىنىدۇ.

ـ دىندا تەپرىقىچىلىك سېلىشقا، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە تۇغدۇرۇشقا بولمايدۇ. مۇسۇلمانلار ئۆز ئارا تالاش ـ تارتىش قىلغان مەسىلىلەردە ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ۋە سەلەپ ـ سالىھلارنىڭ تۇتقان يوللىرىغا قايتىشلىرى ۋاجىب.

ـ جامائەتتىن چىقىپ كەتكەن كىشىگە نەسىھەت قىلىش، چاقىرىش، ئەڭ ياخشى يوللار بىلەن مۇنازىرە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا پاكىت كەلتۈرۈش ۋاجىب. تەۋبە قىلمىسا، شەرىئەت بەلگۈلىمىسى بويىچە مۇۋاپىق جازالىنىدۇ.

ـ كىشىلەر كىتاب، سۈننەت ۋە ئىجمائتىكى مۇئەييەن جۇملىلەر ئارقىلىق ئۆلچىنىشى لازىم. مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى ئىنچىكە مەسىلىلەر، چوڭقۇر مەنىلەر ئارقىلىق سىناشقا بولمايدۇ.

ـ بارلىق مۇسۇلمانلاردا ئەقىدە ۋە نىيەت ساغلاملىقى ئۇنىڭغا قارشى بىر نەرسە مەيدانغا كەلمىگەن ئەھۋالدا ئاساسىي قائىدە ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزلىرىنى ياخشلىق تەرەپكە بۇراش ئەسلى قائىدە، ئەمما بىرسى تەرسالىقى، نېيىتنىڭ يامانلىقىنى ئاشكارىلىسا ئۇنى تەئۋىل قىلىش ئۈچۈن زورۇقۇشقا بولمايدۇ.

ـ خەلىپىلىك ئۈممەتنىڭ بىرلىككە كىلىشى ياكى مەسئۇللارنىڭ بەيئەت قىلىشى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرىلىدۇ. (ئىماملاردىن) كېمىكى چېكىدىن ئاشۇرىۋەتسە، ئۇنىڭ ئۈستىدە بىر پىكىرگە كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، نەسىھەت قىلىش ۋاجىب. ئەگەر ئۇنىڭدا ئاللاھ تەرىپىدىن ئېنىق پاكىت ياكى بىرەر مەسىلدە كۇپۇرلۇق ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا ئۇنىڭغا قارشى چىقىشقا بولمايدۇ.

ـ ناماز، ھەج ۋە جىھادنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى بىلەن(ئۇلار زالىم بولغان تەقدىردىمۇ) بىرگە ئېلىپ بېرىش ۋاجىب.

ـ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا دۇنيا تالىشىپ ياكى جاھىلىيەت قىزغىنلىقى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ھارام بولۇپ، چوڭ گۇناھلار قاتارىغا كىرىدۇ. ئەمما، بىدئەتچىلەر، ئادالەتسىزلەر ۋە شۇلارغا ئوخشاشلار بىلەن ئۇلارنى ئازراق بەدەل بىلەن توسۇش مۇمكىن بولمىغاندا ئۇرۇش قىلىشقا بولىدۇ. پايدا ـ زىيان ۋە شارائىتقا قاراشمۇ زۆرۈر.

ـ ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى ئادىل بولۇپ، ئۇلار بۇ ئۈممەتنىڭ ياخشىلىرى. ئۇلار ئۈچۈن ئىمان ۋە پەزىلەت بىلەن گۇۋاھلىق بىرىش دىندا مۇھىملىقى بىلىنگەن كەسكىن ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش دىن ۋە ئىمان، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىش كۇپۇر ۋە مۇناپىقلىقتۇر. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش ـ تارتىشلار بىلەن بولدى قىلىش، قەدرىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئىشلارغا ئىچكىرلەپ كىرمەسلىك لازىم.

ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئەبۇ بەكىر، ئاندىن ئۆمەر، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوسمان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەلى قاتارلىق تۆت خەلىپە. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ خەلىپىلىگى تەرتىۋى بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرىلىدۇ.

ـ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى سۆيۈش ۋە دوست دەپ قاراش، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ قەدرى ۋە ئۇلارنىڭ پەزلىنى يوقىرى كۆتىرىش، سەلەپلەرنى، سۈننەت ئالىملىرىنى ۋە ئۇلارغا ياخشى ئىشلاردا ئەگەشكەن كىشلەرنى ياخشى كۆرۈش، بىدئەت ۋە ھاۋايى ـ ھەۋەس ئەھلىدىن يىراق تۇرۇش دىننىڭ جوملىسىدىندۇر.

ـ ئاللاھ يۇلىدا جىھاد قىلىش ئىسلامنىڭ يۈكسەك چوققىلىرىدىن بىرى بولۇپ، قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ.

ـ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش ئىسلامنىڭ بۈيۈك شۇئارلىرى ۋە جامائەتنى ساقلاشنىڭ سەۋەبلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىككىسى تاقەت يەتكەن دەرىجىدە ۋاجىب بولۇپ، ئۇنىڭدا مەنپەئەت ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە پرىنسىپىنىڭ گەۋدىلىك ئارتۇقچىلىق ۋە ئالاھىدىلىكلىرى

● ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە نىجاتلىق ۋە غەلىبىگە ئېرىشكۈچى پىرقە. ئۇلارنىڭ ئېتىقادى پرىنسىپلىرى بولغىنىغا ئوخشاش، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئېھتىياجى چۈشىدىغان بارلىق مەسىلىلەرنى تەرتىپلەشتۈرىدىغان ئەتراپلىق يولى ۋە مېتودلىرى بار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ پرىنسىپى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلامدۇر. مۇسۇلمانلار ئۆز ئارا پەرقلىق بولۇپ، ئۇلارنى بىر ـ بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئارتۇقچىلىق، ئالاھىدىلكلىرى بار. ئۇلاردىن:

ـ يادلاش، تىلاۋەت قىلىش ۋە تەپسىر جەھەتلەردە ئاللاھنىڭ كىتابىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كىسىلىنى ساغلىمىدىن پەرقلەندۈرۈش (بۇنىڭ مەنبەسى بىلىش)، چۈشىنىش، بىلىش ۋە ئىلىمغا ئەمەلنى بويسۇندۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ھەدىسكە كۆڭۈل بۆلۈش.

ـ دىنغا تولۇق كىرىش، قۇرئانغا كامىل ئىمان ئېيتىش؛ ئۇلار رىغبەتلەندۈرۈلگەن ۋە ئاگاھلاندۇرۇلغان نەسلەرگە، (ئاللاھنىڭ رەببانىي، ئۇلۇھىيەت ۋە ئىسىم سۈپەتلىرگە دائىر) ئىسپات ۋە ئاللاھنى پاك دەپ تونۇشقا دائىر نەسلەرگە ئىمان كەلتۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش بىلەن، بەندىنىڭ ئىرادىسى، ئارزۇسى، ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىسىنى بىرلەشتۈرگىنىگە ئوخشاش، ئىلىم بىلەن ئىبادەتنىڭ، كۈچ بىلەن رەھمەتنىڭ، ئىش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى قىلىش بىلەن زاھىدلىقنىڭ ئوتتۇرىسىنى بىرلەشتۈرىدۇ.

ـ بەلگۈلەنگەن ئىشلارغا ئەگىشىش، بىدئەت پەيدا قىلماسلىق ، بىر يەرگە جەم بولۇش، دىندا پىرقىلەرگە بۆلۈنۈش، ئىختلاپ قىلىشتىن يىراق تۇرۇش.

ـ ساھابىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە ماڭغانلارنىڭ ئىچىدىكى ئىلىم، ئەمەل ۋە دەۋەت ساھەسىدە ئەگىشىلگەن ئادىل ھىدايەت ئىماملىرىغا ئەگىشىش، ئۇلاردىن مەسلىھەت ئېلىش. ئۇلارنىڭ يولىغا زىت كىشىلەردىن يىراق تۇرۇش.

ـ ئوتتۇرا ھاللىق: ئېتىقادتىكى بىر خىل چۈشەنچە بولۇپ، چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش بىلەن پەرۋاسىزلىق ئارىسىدىكى ئوتتۇرھاللىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار پائالىيەت ۋە يۈرۈش ـ تۇرۇشلىرىدا چەكتىن ئاشۇرىۋەتكۈچىلەر بىلەن پەرۋاسىزلار ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ.

ـ مۇسۇلمانلارنىىڭ سۆزىنى ھەقىقەت ئۈستىگە جەملەش، ئۇلارنىڭ سەپلىرىنى تەۋھىد ۋە ئەگىشىش (قۇرئان، سۈننەتكە) يۇلىدا بىرلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق تالاش ـ تارتىش ۋە جىدەلگە بارلىق سەۋەپلىرىنى يىراقلاشتۇرۇشقا ھېرىسمەن بولۇش.

ـ بۇنىڭ بىلەن، دىننىڭ ئۇسۇلىدا بۇلارنىڭ ئۈممەتتىن پەقەت سۈننەت ۋەلجامائە دېگەن ئىسىمدىن باشقا بىر نەرسىدە پەرقلەنمەيدۇ. ئىسلام ۋە سۈننەتتىن باشقا بىر مۇناسىۋەت بىلەن دوست تۇتمايدۇ ۋە دۈشمەنلەشمەيدۇ.

ـ ئەقىدە، ئىبادەت، يۈرۈش ـ تۇرۇش، ئەخلاق ۋە ھاياتتىكى ھەممە ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىھتىياجى بار نەرسىنى بايان قىلىپ بىرىدىغان ئاللاھنىڭ دىنىغا چاقىرىدۇ. ئۇلار يەنە دىنغا قىسمەنلىك نوقتىسىدىن قاراشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئەقىدە ۋە شاخچە مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلگەندەك، سۈننەت ۋە ۋاجىبلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. دەۋەت ۋاستىلىرىنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە يوللۇق ھەر قانداق ۋاسىتىدىن پايدىلىنىدۇ. ياخشىلىققا بۇيرۇپ، شەرىئەت كۆرسەتكەن دائىرىدە تۇسىدۇ. جىھادقا، سۈننەتنى تىرىلدۈرۈشكە، دىننى يېڭىلاش، چوڭ ـ كىچىك ئىشلاردا ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ھۆكمىنى تۇرغۇزۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. تاغۇتلارغا ياكى ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىدىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ـ ئىنساب ۋە ئادالەت: بىرەر تائىپە ياكى شەخىسنىڭ ھەققىنى ئەمەس، ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئاساسى ئورۇندا قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دوستلۇقتا چېكىدىن ئاشۇرىۋەتمەيدۇ، دۈشمەنلەرگە زۇلۇم قىلمايدۇ، پەزىلەت ساھىبىغا قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر كۆز يۇممايدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار ئىمام ۋە مەشھۇر شەخىسلەرنى ئۇلار گۇناھكار بولمايدۇ، دەپ مۇقەددەسلەشتۈرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىكى قائىدىسى مۇنداق: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەر قانداق شەخسنىڭ گەپ ـ سۆزىدىن ھېساب ئېلىنىدۇ. پەقەت ۋەھيى، ئۇنىڭدىن كېيىن سەلەپلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدىن باشقا ھېچقانداق كىشى گۇناھ ياكى خاتالىقتىن خالىي ئەمەس.

ـ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا سەلەپلەردىن يۆتكىلىپ كەلگەن تارتىشىش بار قىسمەن مەسىلىلەردە ـ بۇ مەسىلىلەردە قارشىلىق قىلغۇچىلارنى ئازغۇن سانىماستىن ـ ئىجتھادنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوبۇل قىلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارى ۋە پەيغەمبىرى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىختىلاپلىشىش ئەخلاقلىرىنى بىلىدىغان كىشىلەردۇر.

ـ ئۇلار پايدا ـ زىيانغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇنىڭغا ئېتىبار بىرىدۇ ۋە شەرىئەتنىڭ مەنپەئەت ھاسىل قىلىش ۋە زىياننى يوققا چىقىرىش ياكى كېمەيتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ. چۈنكى، رەزىل ھەرىكەتلەرنى توسۇش مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىغا قويىلىدۇ.

ـ ئۇلارنىڭ پىتنىگە قارىتا ئومۇمەن مۇنداق مەيدانى بار: سىناق بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بەلگۈلىگەن ئىشلارنى قىلىدۇ.

ـ كۇپۇر پىتنىسىگە قارىتا ھاجەت ۋە ئىقتىدارغا قاراپ پاكىت، بايان، قىلىچ ۋە نەيزە قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق كۆرەش قىلىدۇ.

ـ ئۇلار پىتنىدە تىنچلىققا ھېچ نەرسە توغرا كەلمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا جىم تۇرىۋالغان ئەڭ ياخشى دەپ قارايدۇ. ئەمما شەرئىي دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەقىقەت ئاشكارا بولغان ئەھۋالدا ، ئۇنىڭغا ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە يارىدەم بېرىدۇ ۋە ھىمايە قىلىدۇ.

ـ بىدئەتچىلەر سۈننەتكە يېقىن ۋە يىراقلىقىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ۋە ھەممىسىگە مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ نوقتىدا بىدئەت تۆۋەندىكىلەرگە بۆلىنىدۇ: مۆتىدىل شىئەلەر، مۇرجىئىيلارغا ئوخشاش ساھىبلىرىنى كاپىرغا چىقارماسلىقتا تالاش ـ تارتىش يوق بىدئەت. خاۋارىج ۋە رافىزىلارغا ئوخشاش ساھىبلىرىنى كاپىرغا چىقىرىش ياكى چىقارماسلىق توغرىسىدا ئىختىلاپ بار بىدئەت. ساپ جەھمىييەلەرگە ئوخشاش ساھىبلىرىنى مۇتلەق كاپىر، دەپ ئاتاشتا ئىختىلاپ يوق بىدئەت.

ـ ئومۇملاشتۇرۇپ بىدئەتچىلەرگە مۇتلەقلەشتۇرۇپ ئاسى، پاسىق ياكى كاپىر دەپ ھۆكۈم چىقىرىش بىلەن، مۇئەييەن بىر كىشىگە شۇبھىلەرنى يوق قىلىپ، پاكىتلارنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق سۆزىنىڭ سۈننەتكە نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەرمەي تۇرۇپ چىقارغان ھۆكۈمنىڭ ئارىسىنى پەرقلەندۈرىدۇ.

ـ مۇسۇلمان ئالىملارنى ئۇلارنىڭ خاتا ئىجتىھادى، بولۇپمۇ بىرلىككە كەلمىگەن مەسىلىلەردىكى مەقسەتتىن يىراق تەئۋىلى سەۋەبى بىلەن كاپىرغا چىقىرىش، پاسىق دەپ ئاتاش ھەتتا گۇناھكار دەپ ھېسابلاشمۇ جائىز ئەمەس، دەپ قارايدۇ.

ـ بىدئىتىنى يۇشۇرغان كىشى بىلەن ئۇنى ئاشكارىلىغان ۋە شۇ بىدئەتكە چاقىرغان كىشىلەرگە قىلىدىغان مۇئامىلىنى پەرقلەندۈرىدۇ.

ـ بىدئىتىنىڭ ھەجمىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، قىبلە ئەھلىدىن چىققان بىدئەتچىلەر بىلەن، ئىسلامدا كەسكىن كاپىر دەپ قارالغان ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلار ئارىسىنى پەرقلەندۈرىدۇ. بۇ، نۇرغۇن بىدئەتچىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا مۇناپىق، دىنسىز ئىكەنلىكىنى بىلىشى بىلەن بىرگە، ئومۇمىي سىرتقى كۆرىنىشىگە قاراپ چىقىرىلغان ھۆكۈمدۇر.

ـ بىدئەتچىلەرگە قارىتا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىش، ئۇلاردىن باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش، سۈننەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ. ئۇ خىلدىكى بىدئەتتىن مۇسۇلمانلارنى ۋاقىپلاندۇرىدۇ، شەرىئەت بەلگۈلىگەن ئۆلچەملەر بىلەن بىدئەتلەرنى باستۇرىدۇ.

ـ ئۇلار جۈمە، جامائەت ۋە ھېيىت نامازلىرىنى بىدئەت ئاشكارىلانمىغان ياكى نۇمۇسسىزلىق قىلمىغان، ئەھۋالى يېپىق ھالدا قالغان ئىماملارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇيدۇ. ئۇلار بىدئەتكە بىدئەت بىلەن قارشى تۇرمايدۇ.

ـ باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش ئىمكانىيتى بولسىلا، بىدئەت ياكى نۇمۇسسىزلىقنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش جائىز ئەمەس، ئەگەر شۇنداق ئىماملارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇپ سالسا، نامىزى توغرا بولىدۇ. چوڭ بىر يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلمىغان بولسا ئۇنداق كىشىنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇغان ئادەمنى گۇناھكار بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. پەقەت شۇنىڭغا ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ناچار بىرى تېپىلىدىغان ئەھۋال بولسا ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش جائىز بولۇپ، ئۇنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر كاپىرلىقىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئوقۇلغان ناماز دۇرۇس بولمايدۇ.

ـ سۈننەتتىن چىقىپ كەتكەن قىبلە ئەھلى ئارىسىدىن چىققان پىرقىلەرگە جەھەننەم ۋە ھالاكەت ۋەدە قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ھۆكمى بارلىق ئاگاھلاندۇرۇلغانلارنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاش، پەقەت كاپىرلىقىنى يۇشۇرۇن ساقلىغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

ـ ئىسلامنىڭ سىرتىدىكى پىرقىلەرنىڭ ھەممىسى كاپىر، ھۆكمى مۇرتەدلەرنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش.

ـ يوقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتچىلەرگە، ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇن مۇناپىقلىقى ۋە كاپىرلىقى بىلىنمىگەن ئەھۋالدا ھىدايەت، رەھمەت ۋە ئىستىغپار تىلەپ دۇئا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ.

³ ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ يەنە نەپسىىنى پاكلاش ۋە تەربىيلەش، قەلبنى ئىسلاھ قىلىش ۋە پاكلاش نوقتىسىدىمۇ ئومۇمىيۈزلۈك بىر پرىنسىپى بار؛ چۈنكى قەلب پۈتۈن بەدەننى ئىسلاھ قىلىشتىكى ھالقىلىق نوقتا. ئۇ تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

ـ تەۋھىدنى ئاللاھ تائالاغا خالىس قىلىش، شېرىك ۋە ئىماننى ئاجىزلىتىدىغان ياكى نىگىزىدىن يوق قىلىدىغان بىدئەتلەردىن يىراق تۇرۇش.

ـ ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە يۈكسەك سۈپەتلىرىنى چۈشىنىش، ئۇنى ئۆگىنىش، مەنىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنى تۇنۇش؛ چۈنكى ئۇ نەپىستە مۇھەببەت، ئىتائەت، ئۇلۇغلاش، قورقۇش، ئۇنى ئۆزىنىڭ ۋەكىلى دەپ تۇنۇش ۋە ئاللاھ تائالاغا ھۆرمەت قىلىش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىنى قالدۇرىدۇ.

ـ پەرز ۋە نەپلى ئىبادەتلەر، زىكىر قىلىش ۋە قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇئا يوللاش، رۇزۇ تۇتۇش، زاكات بىرىش، ھەج ۋە ئۆمرىنى ئادا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ تائالا يولغا قويغان ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش.

ـ مەكرۇھ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش بىلەن بىرگە شۇبھىلىك ۋە ھارام ئىشلاردىن قېچىش.

ـ خىرىستىيانلارنىڭ راھىبلىقى، ھالال نەرسىلەرنى ھارام ساناش، چالغۇ ۋە ناخشىلارنى ئاڭلاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش.

ـ ئاللاھ تائالا تەرەپكە ئۈمىد بىلەن قورقۇش ئارىسىدا يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببەت، قورقۇنچ ۋە ئۈمىد ئىچىدە ئىبادەت قىلىش.

* ئۇلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى: گەرچە رايۇن ۋە دەۋرلەرنىڭ مۇساپىسى يىراق بولسىمۇ، چۈشەنچىدىكى ئويغۇنلۇق، مەيدانىدىكى ئوخشاشلىق تەرەپلىرى بار. بۇ ئۆگىنىش ۋە مەنبەنىڭ بىر ئىكەنلىكىنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ بىرى.

ـ ياخشىلىق قىلىش، رەھىمدىل بولۇش ۋە بارلىق كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىش. ئۇلار سەلەپ ـ سالىھلارنىڭ ئۆز ئارا ياكى باشقىلار بىلەن قىلغان ئالاقىسىدىكى چۈشەنچىسى ئاساسىدا قۇرئان، سۈننەتكە ئەگىشىدۇ.

ـ ئاللاھقا، ئۇنىڭ كىتابى، پەيغەمبىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرى ۋە ئومومىي مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىش.

ـ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، يارىدەم بىرىش، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى ئادا قىلىش ۋە ئۇلارغا ئازار بەرمەسلىك.

ـ مۆمىن كىشىنى ئىمانىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ياخشى كۆرۈش، كاپىرنى ھەر قانچە يېقىن بولسىمۇ كاپىرلىقىغا ئاساسەن يامان كۆرۈش.

* ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئۇسۇللىرىدىن بىرىگە خىلاپلىق قىلمىغانلا بولسا، سۈننەت ئەھلىنىڭ ئۇسۇلىنىڭ بىرەر تۈرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئىجتىھاد ئېلىپ بارغان كىشى بىدئەتچى ھېسابلانمايدۇ.

* ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئۇسۇلىغا ئەگەشسە، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئەمەل قىلغان بولسا، ئۇ ئەھلى سۈننەتنىڭ ئۇسۇلىغا زىت كىشىلەر پەيدا قىلغان بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەھلى سۈننەتتىن ھېسابلىنىدۇ.

 

 

ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن پايدىلنىش مەنبەلىرى:

• ئەبۇ ئۇبەيد ئەلقاسىم ئىبنى سەللام: ”الإيمان“

• ئىبنى مەندە:”الإيمان“ ئىبنى بەتتا: ”الإبانە“

• ئەبۇلقاسىم ھىببەتۇللاھ ئىبنى ئەلھەسەن ئىبنى مەنسۇر ئەتتەبەرى ئەللالكائىي: " شرح أصول إعتقاد أهل السنة والجماعة"

• ئىمام ئەبۇ ئوسمان ئەسسابۇنى: ”عقيدة أصحاب الحديث

• ئەبۇ ئەلھەسەن ئەلئەشئەرىي: ”الإبانە“

• ئىبنى خۇزەيمە: ”التوحيد وصفاة الرب

• ئىبنى ئەبۇلئىز ئەلھەنەفي: ”ءشرح عقيدة الطحاوية

• ئىبنى تەيمىييە: ”منھاج السنە النبوبە في الرد على الشيعة والقدرية

• ئىبنى تەيمىييە: ”درء تعارض العقل والنقل

• ئىبنى قەييۇم ئەلجەۋزىييە: ”طريق الھجرتين“

• ئىبنى تەيمىييە: مجموع الفتاوى

• مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب: كتاب التوحيد الذي ھو حق اﷲ على العبيد

• ھافىز ئەھمەد ئەلھەكەمىي: معارج القبول شرح سلم الأصول

• د.ناسىر ئىبنى ئابدۇلكەرىم ئەلئەقل: مجمل أصول أھل السنة والجماعة

• ئوسمان ئەلى ھەسەن: منھج الاستدلال عند أھل السنة والجماعة

• مۇھەممەد ئابدۇلھادىي ئەلمىسرى: أھل السنة والجماعة معالم الانطلاقة الكبرى

• د.ئابدۇلئەزىز ئەلئەبدۇللەتىيف: نواقض الإيمان القولية والعملية

• ئەھمەد سۇۋەييان: منھج أھل السنة في تقويم الرجال

• د.ناسىر ئىبنى ئابدۇلكەرىم ئەلئەقل: مفھوم أھل السنة عند أھل السنة

• ئابدۇرراھمان ئابدۇلخالىق: الأصول العلمية للدعوة السلفية

• د.مۇستەفا ھىلمىي: الزھاد الأوائل

• د.ئابدۇلئەزىز ئەلئەبدۇللەتىيف: معالم السلوك في تزكية النفوس عند أھل السنة والجماعة

• د.مۇستەفا ھىلمىي: قواعد المنھج السلفي

• د.مۇستەفا ھىلمىي: السلفية بين الفلسفة الإسلاميە والفلسفة الغربية

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز