ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىش توغرىسىدا

قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 07/07/1434 ھـ / 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن. خۇتبىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممەتنى بەش ئىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ھەدىسىنى مەركەز قىلغان ئاساستا، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنىڭ غەيرى بىلەن ھۆكۈم قىلىشنىڭ قەبىھ قىلمىشلىقى، مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرىدە كۆرۈلىۋاتقان كەمبەغەللىك ۋە يوقسۇللۇقلار بۇنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھايات كەچۈرۈش دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىش توغرىسىدا

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2013 - 1434

    تحكيم شرع الله

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ حسين بن عبدالعزيز آل الشيخ

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2013 - 1434

    ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىش توغرىسىدا

    (2013 -يىلى 05-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى)

    ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە، "ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلشنىڭ ئەھمىيىتى" دېگەن ماۋزۇدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

    ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّـهَ وَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا ، يُصْلِحْ لَكُمْ أَعْمَالَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَمَن يُطِعِ اللَّـهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ فَازَ فَوْزًا عَظِيمًا﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ.» [سۈرە ئەھزاب 70-71-ئايەت.

    دۆلەت ۋە خەلق ئىچىدە بۇزۇقچىلىقنىڭ يۈز بېرىشى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ بىزگە ئالاھىدە كۆرسەتمە بەرگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە يۈزلىنىپ مۇنداق دېدى: «ئىي مۇھاجىرلار! بەش تۈرلۈك ئىش بار، ئۇ ئىشلارغا مۇپتىلا بولغان ۋاقىتلاردا ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ھىمايە تىلەڭلار: بىرەر قەۋم ياكى مىللەت ئارىسىدا پاھىشە-بۇزۇقچىلىقلار ئۇيالماستىن ئوچۇق-ئاشكارا قىلىنىدىكەن، ئۇ مىللەتنىڭ ئارىسىدا ۋابا كېسىلى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ نەسلىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان تۈرلۈك ساقايماس كېسەللەر تارقىلىدۇ.

    سودا-سېتىق ئىشلىرىدا جىڭ، ئۆلچەم بىرلىكلىرىدە كەمچىللىك بولىدىكەن، ئۇلار پادىشاھ ياكى ھاكىمىيەتنىڭ زۇلمىغا، مۇھتاجلىق ۋە قەھەتچىلىككە دۇچار بولىدۇ.

    مال-دۇنيالىرىنىڭ زاكاتلىرىنى تولۇق بەرمەيدىكەن، ھۆل-يېغىن ئاز بولىدۇ، يامغۇر ياغمايدۇ، ئەگەر باشقا جانلىقلار بولمىغان بولسا ئېدى ھەرگىزمۇ يامغۇر ياغمايتتى.

    ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى بۇزۇپ، ئەھدىگە ۋاپا قىلمايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا باشقا مىللەتتىن بولغان دۈشمەنلىرىنى ھۆكۈمران قىلىپ قويىدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى مال-مۈلكىنى تارتىۋالىدۇ.

    ئالىم-ئۆلىمالار ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلماستىن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللاپ ھۆكۈم قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆز-ئارا ئاداۋەتكە تاشلاپ قويىدۇ.» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى ھاكىم، زەھەبىي ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئالىملار سەھىھ دېگەن].

    يۇقىرىقى بۇ ھەدىس، بۇزۇقچىلىقنىڭ تۈپ-يىلتىزى ئاللاھنىڭ پرىنسىپ ۋە كۆرسەتمىلىرىدىن يىراقلاپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىدىن چەتنەپ كېتىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا گۇناھ-مەسىيەت ۋە ئىسيانكارلىق ھەممە بالا-مۇسىبەت، يامانلىقنىڭ ئاساسى، ئۇرۇش-جېدەل، قىيىنچىلىق ۋە ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ مەنبىيىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان بۇ ئايەت بىلەن يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنى كۈچلاندۇرىلىدۇ: ﴿وَمَا أَصَابَكُم مِّن مُّصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَن كَثِيرٍ﴾ تەرجىمىسى «سىلەرگە يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار.» [سۈرە شورا 30-ئايەت].

    ھازىرقى ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىغا قارايدىغان بولساق، بۇ ھەدىس بىلەن مۇھىم ئۈچ نۇقتىدا توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىرىنچى: تۈرلۈك ۋابا كېسەللىرىنىڭ تارقىلىش سەۋەبلىرى، ناچار ۋە ئەخلاقسىز ئىشلارنىڭ ئومۇملىشىشى، زىنا-پاھىشەنىڭ كەڭ تارقىلىشى، تۈرلۈك يوللار ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق زىنا ۋە ئۇنىڭغا ئىلىپ بارىدىغان ئىشلارغا قىزىقتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر مىللەت ئارىسىدا گۇناھ-پاھىشىلەر كەڭ تارقىلىدىكەن، ناچار قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىشىلەر سان جەھەتتە كۆپ ۋە كۈچلۈك تۇرۇپ، ئۇلارنى بۇ قىلمىشتىن چەكلىمەيدىكەن، قىسقا ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچرايدۇ.» [ئەھلى ئىلىملەر بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن].

    ئىككىنچى: ھارام مال-دۇنيا توپلاش ۋە ئۇنىڭغا سەل قاراش، باتىل يوللار بىلەن مال توپلاش، يېيىش، ئومۇمنىڭ مال-مۈلكىنى تالان-تاراج قېلىش، يۈز ئابرۇيىدىن پايدىلىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ-تالاش، پارىخورلۇقنىڭ كەڭ تارقىلىشى قاتارلىقلار پۈتۈن جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان قىيىنچىلىق، مېھنەت، بالا-مۇسىبەتنى قوزغايدىغان ئامىللاردۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُم بَيْنَكُم بِالْبَاطِلِ﴾ تەرجىمىسى: «بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار» [سۈرە بەقەرە 188-ئايەت].

    ئۈچىنچى: ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى، ئۆزىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى قۇرئان كەرىم ھۆكۈملىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى، بارلىق مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ چوڭ-كېچىك ھەممە ئىشلىرىدا ئىسلامنىڭ ھۆكمىنى قانۇن-دەستۇر قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، دۆلەتتە تىنچلىق، مۇقىملىق، باياشاتلىق، خەلق تۇرمۇشىدا خاتىرجەملىك-پاراۋانلىق ئومۇملىشىدۇ. ئەمما كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىشتىن قانچىلىك چەتنىسە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بالا-مۇسىبەت، قىيىنچىلىق ۋە خاتىرجەمسىزلىككە ئۇنىڭ مىقدارىدا ئۇچرايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَنْ أَعْرَضَ عَن ذِكْرِي فَإِنَّ لَهُ مَعِيشَةً ضَنكًا وَنَحْشُرُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَعْمَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار يەنى خاتىرجەمسىز بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور ھالەتتە قوپۇرىمىز.» [سۈرە تاھا 124-ئايەت].

    مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى تەتبىقلاش-ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتىن چەتنەپ كېتىدىكەن، ئۇلارغا قەھەتچىلىك يېتىدۇ، ھەر تەرەپتە پىتنە-پاسات، يامانلىق يامرايدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ قانۇنى بىلەن ھۆكۈم قىلىشتىن چەتنەپ ئىنسانلار ئۆزى تۈزگەن قانۇن بىلەن ھۆكۈم قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر.

    مۇسۇلمان دۆلەتلىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئىقتىسادى يۇقىرى، ياخشىلىقلىرى كۆپ، ئىستىراتىگىيلىك ئورنى مۇھىم دۆلەتلەر بولۇپ تۇرۇپمۇ، مانا بۇ دۆلەتلەردە كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار نامراتچىلىقتا ياشايدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئىسلام قانۇنى بىلەن ھۆكۈم قىلىشتىن چەتنەپ كەتكەنلىكى ياكى باش تارتقانلىقى سەۋەبىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلار ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يوقسۇللۇق ئومۇملىشىدۇ.» [تەبىرانى رىۋايىتى].

    ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.