تاغۇت ھۇجرىسىدا يېتىلگەن ئىمان

قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا، پىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيەنىڭ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرىكى ھاياتى ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئېرىگە ئىنكار قىلىشى، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش سەۋەبلىك پىرئەۋندىن كۆرگەن ئەزىيەتلەرگە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ سەۋرى قىلىشى، ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن پەزىلەت ۋە مۇكاپات قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    تاغۇت ھۇجرىسىدا يېتىلگەن ئىمان

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2013 - 1435

    نبت الإيمان في حجرة الطاغوت

    « باللغة الأويغورية »

    منورة بنت نعمة الله

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2013 - 1435

    تاغۇت ھۇجرىسىدا يېتىلگەن ئىمان

    «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن» دەپ جار سىلىپ، پۈتكۈل ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان بۈيۈك ئاللاھقا قارشى پەرۋەردىگارلىق داۋاسى قىلغان گەدەنكەش، ئىسيانكار، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىنسانلارنى زامانلارچە ئەزگەن، تەكەببۇرلۇقتا چېكىدىن ئاشقان، قانخۇرلۇقتا ۋايىغا يەتكەن، زالىملىقىدىن ئىسرائىل ئەۋلادلىرىغا زۇلۇمنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى قوللانغان، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنى قۇل قىلىپ، ئاياللىرىنى خورلاپ، شۇنداقلا سەبىي بوۋاقلىرىنى قەتلىئام قىلىشتا مەشھۇر زالىمنىڭ پىنھان ھۇجرىسىدا ئاللاھقا بولغان سۆيگۈ بىخ ئۇرۇشقا باشلىماقتا ئىدى. شۇنداق، ئۇ ئۇز زامانىسىدا ئەڭ كاتتا ۋە ئالىي قەسىرلەردە ياشاۋاتقان، كەڭرى كەتكەن گۈزەل نېمەتلەردىن بەھرىلىنىۋاتقان، ئۇنچە مەرۋايىت تاۋار دۇردۇن ئۇستىدە پەيزى سۈرۈۋاتقان، ئاستىدا خىزمەتچىلەر پاي-پېتەك بولۇپ قول باغلاپ تۇرۇۋاتقان ئالتۇن تەخىتتىكى بىر ئايال ئىدى. ئۇ بولسا دۇنيالىقىنى ئاخىرەتلىكىگە تېگىشكەن، جەننەت تىلەشتىن بۇرۇن جەننەتتىكى قوشنىسنى تىلىگەن، ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە ئۈلگە كۆرسەتكەن، پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى بۈيۈك ئىماننىڭ نۇرى قاپلىغان ئايال، زالىم شاھ پىرئەۋىننىڭ ئايالى ئاسىيە بىنتى مۇزاھىم ئىدى.

    ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كاپىرنىڭ مەئىيشىتىدە ياشاۋاتقان بۇ ئايال بولسا، ئېرىنىڭ پەرۋەردىگارلىق داۋاسى قىلىپ بىلجىرلاپ ئۆز مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن ناھەق قان تۆكۈۋاتقان بۇ مەزگىلدە، ئۇنىڭ قەلبىدە ئويغۇنۇش يۇز بېرىدۇ. ئۇ: كىشىلەر پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ يالغانچىلىقىنى بىلىدۇ، يەپ-ئىچىدىغان ۋە ھاجىتىنى ئادا قىلىدىغان، كېسەل بولىدىغان، نەسەپلىنىدىغان، ئۇخلايدىغان، چارچايدىغان شۇنداق ئاجىز بىرسى قانداقمۇ پەرۋەردىگار بولسۇن؟! دەپ، ئۇنىڭ كاززاپ، ھېيلىگەر ۋە ئالدامچى ئىكەنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۇرۇپ، كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بارلىقىنى تەپەككۇر قىلىۋاتقان بۇ پەيتلەردە، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پىرئەۋن بىلەن بولغان مۇنازىرسى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرتۇغقىنى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوپئوچۇق پاساھەتلىك سۆزلىرى ئارقىلىق پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەقىقەت ئالدىدا مات بولغانلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن، ھەقىقى قانائەت ھاسىل قىلپ، ھەق ئىلاھنىڭ مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ چىن قەلبىدىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدۇ. ئىماننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تولىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئاسىيە ئىمان قەلبىگە مۇستەھكەم ئورۇنلاشقاندىن كىيىن، پىرئەۋننىڭ قارشىسىغا ئۆتۈپ، ئۇنىڭغا: ئى پىرئەۋن مەن سىنى ئىنكار قىلدىم!، دەيدۇ.

    پىرئەۋن: نېمە دېدىڭ؟!!! دەپ، ھەيرانلىق ئىچىدە قايتا سورايدۇ.

    ئاسىيە: مەن سىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى ئىنكار قىلدىم!، نېمە بولۇشتىن قەتئىي نەزەر مەن ساڭا پەرۋا قىلمايمەن، دەيدۇ.

    قانخورلۇق ۋە زومىگەرلىكتە چېكىدىن ئاشقان، نارىسىدە بوۋاقلارنىڭ قېنىنى تۆكۈۋاتقان بۇ زالىم، ئۆز ئىدىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش يولىدا باشقىلارغا بولغان مۇئامىلىسى بىلەن ئۆز ئايالىغا قىلغان مۇئامىلىسى ئارىسىدا ھېچ پەرقى يوق ئىدى.

    بۇ ئاجىزە ئايال قانداق قىلپ بۇ جاللاتقا جۈرئەت قىلالىدى!؟، ئۇ مەزكۇر سۆزى بىلەن ھاياتىدا قانداق زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئايالى بولۇش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلەتتى. ئەمما بۈيۈك رەببىگە بېغىشلانغان چىن سۆيگۈ، بۇ مۆمىنە ئايالنى پادىشاھ قەسرىسىدىكى باياشات ھاياتتىن ۋاز كېچىشكە ئۇندەۋاتاتتى.

    پىرئەۋن: نېمە دېدىڭ!!؟؟، دېدى.

    ئاسىيە: مەن سىنى ئىنكار قىلدىم.

    پىرئەۋن: سەن مىنى ئىنكار قىلدىڭمۇ؟، ئۇنداق بولسا كىمگە ئىمان ئېيتتىڭ؟.

    ئاسىيە: مەن مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتىم، دېدى.

    بۇ سۆزنى ئۆز ئايالىدىن ئاڭلاش پىرئەۋنگە تولىمۇ ئېغىر تۇيۇلدى. مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملاردىن ياكى بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىكىلەرنىڭ بىرەرسىدىن ئاڭلىسىمۇ، بۇ سۆزنى قىلغۇچىنى تولىمۇ يامان كۆرەتتى. ئەمما بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئىلاھلىق داۋاسىغا ئىنكار قىلغۇچى دەل ئۇنىڭ ئامراق ئايالى ئاسىيە ئىدى. پىرئەۋنگە نىسبەتەن بۇ سۆزنى ئۆز ئايالىدىن ئاڭلاش، ئۇنىڭ سەلتەنەتىنىڭ يىمىرىلىدىغانلىقىدىن بىشارەتتەك قىلاتتى.

    مانا بۇ ۋاقىتتا قانخور پىرئەۋن ئۇ مىسكىن ئايالغا قانچىلىك غەزەپلەنگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالىدىڭزمۇ؟. ئۇ قانچىلىك ئازاب- ئوقۇبەت تارتىشتىن قەتئىينەزەر، ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلماستىن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ، زالىم پادىشاھ ئالدىدا ھەق ئۈچۈن ھەق سۆزنى قىلىۋاتاتتى. چۈنكى پۈتكۈل ۋۇجۇدى رەببىنىڭ سۆيگۈسىگە تويۇنغان بىر ئىنسان ئۇچۇن، ھەر قانداق نەرسە ئەرزىمەس ھېسابلىناتتى. پىرئەۋن ئۇنى ئۆز ئېتىقادىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇردى، ئەمما بۇ قەيسەر ئايال بولسا، ئۇنىڭ ئۇرۇشى ۋە تەھدىت سىلىشىغا ھىچ پەرۋا قىلمىدى. ئۇ ھەر تۈرلۈك تەن جازاسىغا ئۇچرىدى، ئەزىيەت چەكتى، ئەزىيەتلەرگە ھېچ پەرۋا قىلمىدى. ئاسىيەنىڭ ئىماندىن يانمىغانلىقىنى كۆرگەن پىرئەۋن: ئەسكەرلىرىگە ئۇنى سەھراغا ئىلىپ چىقىپ، يەرگە تۆت دانە قوزۇق قېقىپ، قول ۋە پۇتىنى قوزۇققا باغلاپ، پىزغىم ئىسسىقتا يېمەك-ئىچمەكسىز ھالدا قويۇپ ئازابلاشقا بۇيرىدى. پىرئەۋن خەلقنىڭ سۆز-چۆچىكىگە قىلشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئۆلتۇرمەستىن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئېتىقادىدىن ياندۇرماقچى بولغان ئىدى.

    پادىشاھنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئايالى، دۆلەتتە بىرىنچى نومۇرلۇق ئايال بولغان، ھەتتا دۆلەت ئىشلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، كاتتا شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ ئايال بولسا، مانا ئەمدى پۇت قوللىرى قوزۇققا باغلانغان ھالدا قىيىن-قىستاق ئاستىدا ئاللاھقا سېغىنىۋاتاتتى.

    پىرئەۋن ئايالىغا: دىنىڭدىن يانامسەن يانمامسەن؟، دېدى.

    ئاسىيە: ياق، دىنىمدىن ھەرگىزمۇ قايتمايمەن. سەن ماڭا نېمە قىلىشىڭدىن قەتئىينەزەر مەن ھېچ پەرۋا قىلمايمەن، دېدى.

    قەلبى سۆيگۈ ئىشقىدا قاغجىراپ پۈتكۈل ۋۇجۇدى ئاشىقىنىڭ ۋىسالىغا تەلپۈنۈپ تۇرغان بۇ سىالىھە ئايال، ئاجايىپ ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتاتتى. كۈن كەچ بولۇپ پۈتكۈل زىمىن زۇلمەت لىباسىنى ئورىدى، سەھرا كېچىسىنىڭ دەھشىتى ۋە شۇ كۈندە ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا بۇ قەيسەر مۆمىنەنى ئۆز نىشانىدىن ۋاز كەچكۈزەلمىدى.

    ئىككىنچى كۈنى پىرئەۋن يەنە كېلىپ: دىنىڭدىن قايتامسەن-قايتمامسەن؟، دېدى.

    بۇ بەختلىك ئاشىق بولسا: ياق، دىنىمدىن ھەرگىزمۇ قايتمايمەن، مەن پەقەت ئىمانىمنىڭ تېخىمۇ زىيادە بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن، سىنى ئىنكار قىلدىم، مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتىم، دەيدۇ.

    رەببىنىڭ ۋەدىسىگە شەكسىز ئىشەنگەن بۇ سەۋرچان ئايال كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىككەن ھالدا ئاللاھقا دۇئا قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَضَرَبَ اللَّـهُ مَثَلًا لِّلَّذِينَ آمَنُوا امْرَأَتَ فِرْعَوْنَ إِذْ قَالَتْ رَبِّ ابْنِ لِي عِندَكَ بَيْتًا فِي الْجَنَّةِ وَنَجِّنِي مِن فِرْعَوْنَ وَعَمَلِهِ وَنَجِّنِي مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: "ئى پەرۋەردىگارىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتىن بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان ئەمەلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن،"» دېدى. [سۈرە تەھرىم 11-ئايەت].

    شۇنداق، ئۇ بولسا رەببىدىن ئوز دەرگاھىدىن جەننەتتە ئۆزىگە بىر ئۆي بىنا قىلىپ بېرىشنى، ھەمدە پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزۇشنى تىلىدى.

    ئۈچىنچى كۈنىمۇ ئۇلارنىڭ قوللانغان تەدبىرلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ ھەق ئۈستىدىكى ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق بۇ مۆمىنە ئايالنى تۈگەشتۈردى.

    پىرئەۋن ئايالىدىن: دىنىڭدىن قايتامسەن-قايتمامسەن؟، دەپ سورىدى.

    ئاسىيە: ياق، مېنىڭ ھەق پەرۋەردىگارغا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ زىيادە بولىۋاتىدۇ دەپ، ئۆز ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرىدۇ. مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئىمانى قۇۋۋىتى ھەق بىلەن باتىل ئارىسىدا ئۆز ماھىيىتىنى جارى قىلدۇرىۋاتاتتى.

    پىرئەۋن ئايالىنىڭ ئۆز ئەقىدىسىدە تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكى كۈچىيىپ، ئۇنىڭ بىشىنى يانجىپ سۆڭەكلىرنى ئىزىۋېتىش ئۇچۇن، ئەسكەرلىرىگە چوڭ تاشلارنى ئەكىلىپ بۇنىڭ ئۇستىگە تاشلاڭلار! دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. تاش تاشلىنىۋاتقان مەزگىلدە بۇ ئايال ئي رەببىم! مىنى پىرئەۋننىڭ يامانلىقىدىن قۇتقۇزغىن، دەپ دۇئا قىلىۋاتاتتى-دە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، دەل شۇ پەيتتە يەتتە قات ئاسماندىن جەننەتتىكى ئۆيى ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىدۇ. ئۇ جەننەتتىكى ئويىنى كۆرۈپ تەبەسسۇم قىلغان ھالدا جان تەسلىم قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىماندا مۇستەھكەم تۇرغان بۇ سىادىق قۇلىنى، تاش ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈشتىن ئىلگىرى قەبزى روھ قىلىپ، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ يامانلىقىدىن، شۇنداقلا زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزدى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزى رازى بولغان ئىنسان قەبزى روھ قىلىنغاندا، ئۇنىڭغا ئاجايىپ گۈزەل خۇش بىشارەت بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيَّتُهَا النَّفْسُ الْمُطْمَئِنَّةُ ، ارْجِعِي إِلَىٰ رَبِّكِ رَاضِيَةً مَّرْضِيَّةً ، فَادْخُلِي فِي عِبَادِي ، وَادْخُلِي جَنَّتِي﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئارام تاپقۇچى جان!. سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن. سەن مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن. مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن.» [سۈرە پەجرى 27-28-29-30-ئايەتلەر].

    بۇ پاك روھ رەببى ئۇنىڭدىن رازى بولغان، ئۇ رەببىدىن رازى بولغان ھالدا پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچراشتى.

    ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! سىز بۇ قىسسىنى مۇشۇنداقلا ئاياغلاشتى دەپ ئويلامسز؟، ياق، تېخى بۇ بۈيۈك سۆيگۈنىڭ مۇكاپاتى تېخى ئاياغلاشمىدى. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان بۈيۈك ئاللاھ ئۆزىگە بېغىشلانغان پىداكارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى مۇنداقلا ئاددى بەرمەيتتى. 1400 يىل ئىلگىرى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان قۇرئان كەرىمدە، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئاخرىتى ئۇچۇن دۇنيالىقىنى پىدا قىلىپ، بۈيۈك رەببىگە ئىمانىي ساداقىتىنى بىلدۈرگەن 2300-يىللار ئىلگىرىكى بۇ ئالىيجاناب قەلب ئىگىسىنى يالغۇز ئايال مۆمىنلەرگىلا ئەمەس بەلكى ئەرلەرنىڭمۇ ئۆرنەك ئىلىشىغا ئەڭ يارقىن ئۈلگە قىلىپ كۆرسۈتۈپ، ئۇنىڭ تەۋرەنمەس ئىمانىنى، سەبرى-تاقىتى ۋە پىداكارلىقىنى، زۇلۇم-خورلۇق ئاستىدىكى مۇستەھكەم مەيدانى قاتارلىقلارنى مەدھىيىلەپ ئىسىم شەرىپىگە ئۇرۇن بېرىلگەن بولسا، قىيامەتكىچە ھەربىر تىلاۋەت قىلغۇچىنىڭ قەلبىدە، ئۇنىڭ نۇرلۇق جۇلاسىنىڭ چاقنىشىنى ئىرادە قىلغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ھەقىقى راستچىل ۋە ئىخلاسمەن ئەر-ئايال مۆمىنلەرگە چەكسىز مۇكاپاتلارنى ئاتا قىلغۇچىدۇر.

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئاياللار ئىچىدىن ئىمانى ساداقەت ۋە سەبرى قانائەت ئىگىلىرى بولغان، ھەق يولدا مۇستەھكەم تۇرۇشلىرى بارلىق ئىنسانىيەتكە جانلىق ئۈلگە قىلىنغان، قۇرئان كەرىمدە ئىنسانى كامالىتى ۋە پەزىلەتلىرى زىكىر قىلىنغان ئىككى دۇنيا ئاياللىرىنىڭ سەردارلىرىنى بايان قىلىپ: «جەننەت ئاياللىرىنىڭ سەردارلىرى: مەريەم بىنتى ئىمران، ئاسىيە بىنتى مۇزاھىم (پىرئەۋىننىڭ ئايالى)، خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد، فاتىمە بىنتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام،» دەيدۇ. [تەبرانى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    جانابى ئاللاھدىن ھەممىمىزگە ئىمانىمىزدا راستچىل بولۇشتەك پەزىلەت ئاتا قىلىشىنى سورايمەن. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بۈيۈك ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلسۇن. ئامىن...

    بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز