قىسقىچە چۈشەنچە

«ئىسلامدا ئەقىل ئۇقۇمى» ناملىق بۇ ماقالىدا، قەدىمكى ئىسلام ئالىملىرى ئەقىلنى تەبىئىي بار بولغان ئەقىل ۋە تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئېرىشىلگەن ئەقىلدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىغانلىقى.تەبىئىي بار بولغان ئەقىل ئىدراك، چۈشىنىش، ئىشلارنى تەبىئىيلا ياخشى ئورۇنداش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارنى كۆزدە تۇتقانلىقى توغرىسىدا بولۇپ،مانا بۇ ماقالىمىزنىڭ تۈپ تېمىسى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

ئىسلامدا ئەقىل ئۇقۇمى

 

 

ئەقىل شەرىئەتنىڭ بىر قىسمى؛ مۇكەممەل شەرىئەت بولمىغان يەردە ئەقىل بولمىغىنىدەك، مۇكەممەل ئەقىل بولمىغان يەردىمۇ شەرىئەت بولمايدۇ. شەرىئەت، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە كەلگەن بارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەقىل دېگەن نېمە؟

قەدىمكى ئىسلام ئالىملىرى ئەقىلنى تەبىئىي بار بولغان ئەقىل ۋە تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئېرىشىلگەن ئەقىلدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىغان ئىدى. تەبىئىي بار بولغان ئەقىل ئىدراك، چۈشىنىش، ئىشلارنى تەبىئىيلا ياخشى ئورۇنداش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارنى كۆزدە تۇتاتتى. مانا ماقالىمىزنىڭ تۈپ تىمىسى.

تەبىئىي ئەقىل شەرىئەت بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەتلەرنى ئىجرا قىلىشنىڭ نىگىزى. ئەقىلسىزلارغا شەرىئەتتە مەسئۇلىيەت يوق. كىمىكى بىر قىسىم ئەقلىي قابىلىيىتىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسا، ئۇ قېلىپ قالغان تەبىئىي قابىلىيىتىگە مۇناسىپ ھالدا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ.

ئەقىل بېرىلگەن، ئەمما ئۇنى ساغلام ئىستىمال قىلالمىغان، پرىنسىپلىرىغا چىن ئەمەل قىلمىغان كىشىلەر دىننى چۈشەنمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. لېكىن ئۇلار ئەقلىنى ئىختىيارى ھالدا ئىشلەتمىگەن بولغاچقا، دىننى چۈشەنمىگەنلەر، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلەر قاتارىدا جازالىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق كىشى پەقەت اﷲ نىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، (اﷲ نىڭ ئايەتلىىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى اﷲ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ»[1]

شۇڭا ئاللاھ تائالانىڭ ئەقىل يۈرگۈزمىگەنلەرگە بىرىدىغان جازاسى بىلەن ئىسلامنىڭ رىسالىسىگە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ جازاسىنى ئوخشاش قىلىپ بەلگىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «اﷲ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، اﷲ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى اﷲ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ»[2]

قۇرئان كەرىمدە، ئەقىلنىڭ چۈشىنىش ۋە ئەقىل يۈرگۈزۈش مەقسەت قىلىنغان شەيئىنىڭ تۈرىگە ئاساسەن بىر نەچچە خىل مەنىلىرى بار. بۇلارنىڭ بىر قىسمى تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

كالامنى (سۆزنى) چۈشىنىش: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!دەۋىتىڭلار ئارقىلىق) يەھۇدىيلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم اﷲ نىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ (قەستەن) ئۆزگەرتىۋەتتى»[3]، «شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق»[4] يەنى قۇرئان كەرىمنى ئەرەبچە قىلىشنىڭ سەۋەبىنى بۇ تىلدا سۆزلەۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ پىكىر يۈرگۈزىشى ۋە چۈشىنىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

2ـ سۆزدە قارىمۇ قارشىلىقنىڭ بولماسلىقى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزەڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولدى. (سۆزۈڭلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىگىنى) چۈشەنمەمسىلەر؟»[5] ئىبراھىم يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا (خىرىستىيان) ئىدى دېگەن كىشى گويا ئىبراھىم يەھۇدىيلىققا ياكى ناسارالىققا تەۋەلىكتە ۋۇجۇدى مۇقەددەم ئىدى، لېكىن ئۇ ئىككىسىگە كېيىن يىتىشىۋالغان دېگەن كىشىگە ئوخشاش ئىدى. بۇ نوقتا ئاللاھ تائالانىڭ مونۇ ئايتىدە يورىتىلىدۇ: «ئۇلار اﷲ نى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى، ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۆز ۋاقتىدا: «اﷲ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى» دېدى (يەنى ۋەھىينى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مۇسا ئېلىپ كەلگەن ۋە كىشىلەرگە نۇر، ھىدايەت بولغان كىتابنى كىم نازىل قىلدى؟ ئۇ كىتابنى پارچە ـ پارچە قەغەزلەرگە كۆچۈرۈپ، بىر قىسمىنى ئاشكارىلاپ، كۆپ قىسمىنى يوشۇرىسىلەر. (ئى يەھۇدىيلار!) سىلەرگە ئۆزەڭلار ۋە ئاتا ـبوۋاڭلار بىلمىگەن نەرسىلەر بىلدۈرۈلدى، (بۇ قۇرئاننى) اﷲ (نازىل قىلدى)». ئاندىن ئۇلارنى تەرك ئەتكىنكى، ئۇلار باتىللىرىدا (يەنى قالايمىقان سۆزلىرىدە) ئويناپ يۈرسۇن»[6] ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى ”بىز مۇسانىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشىنىمىز“ دەپ بىلجىرلايدىغان يەھۇدىلارغا قارىتىلغان؛ يەنى ئايەت كەرىمە ئۇلارغا ”سىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا مۇساغا تەۋراتنى نازىل قىلدى، دەپ بولۇپ، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھېچ نەرسە نازىل قىلمىغان دېگەن سۆزىڭلار بىرـ بىرىگە قارىمۇ قارشى ئەمەسمۇ؟“ دەۋاتقاندەك تويغۇ بىرىدۇ. دەلىل ۋە ھۆججەتلەرنى چۈشىنىش ياكى ئاڭقىرىش: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «اﷲ سىلەرگە ئۆزەڭلاردىن بىر مىسال كەلتۈرىدۇ، بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن مال - مۈلۈككە قۇللىرىڭلارنىڭ شېرىك بولۇشىغا، ئۇ بارىدا ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن باراۋەر بولۇشىغا، ئۇلاردىن ئۆزلىرىڭلار (يەنى ئازاد كىشىلەر)دىن قورققاندەك قورقۇشقا رازىمۇسىلەر؟ (بۇنىڭغا رازى بولمىغان ئىكەنسىلەر، مەخلۇقاتنىڭ اﷲ  غا شېرىك بولۇشىغا قانداق رازى بولدۇڭلار؟) چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز»[7]، يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر اﷲ ئىرادە قىلسا، سىلەرگە ئۇنى(يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلماس ئىدىم، اﷲ مۇ ئۇنى (مەن ئارقىلىق) سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. ئاراڭلاردا ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئان نازىل بولۇشتىن ) ئىلگىرى ئۇزۇن زامان تۇردۇم، (مۆجىزە بولغان بۇ قۇرئاننىڭ پەقەت اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلىشكە) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگىن»[8]

سۆزنىڭ ئەمەلگە ئويغۇن بولىشى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزەڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتاب (يەنى تەۋرات)نى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، چۈشەنمەمسىلەر»[9] شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە مۇنداق دەيدۇ: «شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، پەرۋەردىگارىم ماڭا روشەن پاكىت (يەنى پەيغەمبەرلىك) ۋە كەڭتاشا ھالال رىزىق ئاتا قىلغان تۇرسا، (مەن شۇنداق نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلامدىم؟) سىلەرگە قىلىش مەنئى قىلغان نەرسىنى ئۆزەممۇ قىلىشنى خالىمايمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى) قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزەشنىلا خالايمەن، مەن پەقەت اﷲ نىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، (ھەممە ئىشتا) اﷲ غا تايىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىمەن»[10]  ئەمما بۇ يەردىكى قارىمۇ قارشىلىقلارنى توغرىلاش ئەمەلنى سۆزگە ئويغۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇ ئايەتتىكى ئەيىبلەش ياخشىلىققا بۇيرۇشقا ئەمەس،بەلكى، ئۆزلىرىنى ئونتۇپ قالغانلىقىغا قارىتىلغاندۇر. چۈنكى، ياخشىلىققا بۇيرۇش ياخشى ئىش، ئۇنىڭغا چاقىرغۇچىلارنىڭ ئەمەل قىلماسلىقى ئۇنىڭدىكى گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. بىر كىشى بىرسىنى ئىخلاسمەنلىككە چاقىرىشى مۇمكىن، گەرچە ئۆزى ئىخلاستىن يىراق بولسمۇ. ئەۋلادلىرىنى تاماكا چەكمەسلىككە ياكى ھاراق ئىچمەسلىككە دەۋەت قىلغان كىشى (گەرچە ئۆزى شۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللانسىمۇ) ئۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىپلا بولدى قىلغان ياكى ئۇلارنى توسىمىغان كىشىگە قارىغاندا ياخشىدۇر.

3ـ ماددى ياكى مەنىۋى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر مەنپەئەتلىك ئىشلارنى تاللاپ، زىيانلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش: بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن، غەپلەتتىنلا ئىبارەت، تەقۋادارلىق قىلدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇ دۇنيا ياخشىدۇر، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟»[11] ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ شان ـ شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) سىلەرگە ھەقىقەتەن نازىل قىلىپ بەردۇق. (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟»[12]

4ـ نەق كىلىشى كۆرىنىپ تۇرغان ئازراق پايدىنى يىتىپ كىلىشى كۈتىلىۋاتقان چوڭ مەنپەئەتكە قۇربان قىلىش: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە قانداق نەرسە بېرىلمىسۇن، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەڭ ياخشىدۇر، ئەڭ باقىيدۇر،چۈشەنمەمسىلەر؟»[13] بۇ ئايەتنى يەنە باشقا ئەقىلنىڭ زىكرى كەچمىگەن بىر قىسىم ئايەتلەرمۇ كۆچلەندۈرىدۇ: «ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىشقا چىقىڭلار دېيىلسە، نېمىشقا يۇرتۇڭلاردىن ئايرىلغىڭلار كەلمەيدۇ؟ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىكى (بەخت) بىلەن تېگىشىشكە رازى بولدۇڭلارمۇ؟ دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەرزىمەس نەرسىدۇر»[14]

5ـ ھادىسىلەردىن توغرا ئىبرەتلەرنى ئېلىش: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «چۈشۈنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئىبرەت قىلىپ)ئۇنىڭدىن (يەنى شەھەر خارابىسىنىڭ ئىزلىرىدىن) روشەن نىشاننى ھەقىقەتەن قالدۇردۇق»[15]

6ـ تارىختىن ئىبرەت ئېلىش: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت شەھەر ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھيى قىلدۇق، ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرگە چىنپۈتمىگۈچىلەر) يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر»[16]

7ـ كائىناتقا ئالاقىدار ئايەتلەرنىڭ كۆرسىتىش ئوبىكىتلىرىنى بىلىش: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، اﷲ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمانـ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (اﷲ نىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر»[17] يەنە مۇنداق دەيدۇ: «اللە سىلەرگە كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى،  ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ اللەنىڭ ئەمرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغاندۇر؛ چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار»[18]

8ـ كىشىلەرگە، بولۇپمۇ پەيغەمبەرلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش: «شۈبھىسىزكى، سېنى ھۇجرىلار (يەنى پاك ئاياللىرىڭنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى) ئارقىسىدىن توۋلايدىغانلارنىڭ تولىسى ئەقىلسىز كىشىلەردۇر»[19]

يوقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەقلىي قۇدرەتلىرىدىندۇر. بۇنى ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەقىلگە ئاداش بولماسلىق ئەقىلسىزلىك ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلىشىدۇ. يوقىرىقى ئايەتلەردە بايان قىلىنغاندەك ئەقىلغا مۇۋاپىق ئىش قىلمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ كۇپايە.

ئەمما شۇ نەرسىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىمكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئەقىلگە دائىر بايانلىرى ئەقىل سۆزى كەلگەن ئايەتلەرگىلا خاس ئەمەس. قۇرئان كەرىمدە يەنە نۇرغۇن ئايەتلەر ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي قۇدرەتلىرىگە ئىشارە قىلىدۇ.

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىي ئۆلچەم ئېلىشىغا يارىدەم بىرىدىغان ئايەتلەرنى يىتەرلىك دەرىجىدە ئۆز ئىچىگە ئالغان....

ئاللاھ تائالا بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئەقىللىرىمىزنى توغرا ھەقىقەتكە يېتىش يولىدا ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر قىلسۇن.

[1]  يۇنۇس سۈرىسى 100ـ ئايەت.

 [2]  ئەنئام سۈرىسى 125ـ ئايەت.

[3]  بەقەرە سۈرىسى 75ـ ئايەت.

[4]  يۇسۇف سۈرىسى 2ـ ئايەت.

[5]  ئال ئىمران سۈرىسى 65ـ ئايەت.

[6]  ئەنئام سۈرىسى  91ـ ئايەت.

[7]  رۇم سۈرىسى 28ـ ئايەت.

[8]  يۇنۇس سۈرىسى 16ـ ئايەت.

[9]  بەقەرە سۈرىسى 44ـ ئايەت.

[10]  ھۇد سۈرىسى 88ـ ئايەت.

[11]  ئەنئام سۈرىسى 32ـ ئايەت. 

[12]  ئەنبىيا سۈرىسى 10ـ ئايەت. 

[13]  قەسەس سۈرىسى 60ـ ئايەت. 

[14]  تەۋبە سۈرىسى 38ـ ئايەت. 

[15]  ئەنكەبۇت سۈرىسى 35ـ ئايەت.

 [16]  يۇسۈف سۈرىسى 109ـ ئايەت. 

 [17]  بەقەرە سۈرىسى 164ـ ئايەت. 

[18]  نەھىل سۈرىسى 12ـ ئايەت.

[19]  ھۇجۇرات سۈرىسى 4ـ ئايەت.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز