قىسقىچە چۈشەنچە

«رامىزاندىكى پەزىلەتلىك ۋاقىتلار»ناملىق بۇ ماقالىدا، رامىزان ئېيىدىن ئىبارەت بۇ ئۈلۈغ ئايدا قۇرئاننىڭ نازىل بولغانلىقى،ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىنغان ئىبادەتكە ھەسسىلەپ ئەجىر بىرىدىغانلىقى، تەرەۋىھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بەزى ئەھكاملار،ئاخىرقى ئونىنىڭ پەزىلىتى،قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام ئەھلىگە بىرىلگەن بۈيۈك نىمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

رامىزاندىكى پەزىلەتلىك ۋاقىتلار

 

رامىزان ئېيى ئىبادەت ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئېيىدۇر:

مۇسۇلمان كىشى رامىزان ئېيىنى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئىبادەتلەرنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئورۇنلاش ۋە دىنى بىلىملەرنى كۆپلەپ ئۆگىنىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە بىر دىنى مەدرىسە ھېسابلىشى لازىم. چۈنكى رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىغان ۋە مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئاي بولغانلىقتىن، بۇ ئاي ئىبادەتكە بېرىلىش، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ھەرتۈرلۈك دىنى بىلىملەرنى تەھسىل قىلىش ئېيىدۇر. بۇ ئايدا قىلغان ياخشىلىقلارغا نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بېرىلىدۇ. چۈنكى رامىزان ئېيى ئىچىدىكى قەدىر كېچىسى ساۋابتا ۋە پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان ئىكەن، بۇ ئايدا قىلىنغان بىر ياخشىلىقنىڭ مىڭ ھەسسە بولۇپ  يېزىلىشى تەبىئىيدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىگە ئاساسەن، قۇرئان كەرىمدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشىگە ئون ساۋاب يېزىلىدۇ. ئادەتتىكى كۈنلەردە قۇرئان كەرىمدىن بىر ھەرپ ئوقۇغانغا ئون ساۋاب يېزىلسا، رامىزان ئېيىدا ئوقۇلغان قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر بىر ھەرىپىگە ئون مىڭ ھەسسە يەنى (10x1000= 10000) ساۋاب يېزىلىشى ئېنىقتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا پۈتۈن ياخشىلىقلارغا ئالدىرايتتى ۋە كۆپ قىلاتتى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەقەدە قىلىشتا ئەڭ سېخى زات ئىدى. بولۇپمۇ رامىزاندا جىبرىل بىلەن ئۇچراشقىنىدا تېخىمۇ سېخى بولۇپ كېتەتتى. جىبرىل ئۇنىڭغا رامىزاننىڭ ھەر كېچىسى ئۇچرىشىپ تۇراتتى، ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدىن ئۈگىتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىل بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئەڭ سېخى بولۇپ كېتەتتى » (بۇخارى رىۋايىتى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « روزا بىلەن قۇرئان كەرىم قىيامەت كۈنى مۆمىن كىشىگە شاپائەتچى بولىدۇ: روزا دەيدۇ - ئى رەببىم! مەن ئۇنى يېيىشتىن، ئىچىشتىن ۋە جىنسىي ھەۋەستىن مەنئى قىلدىم، مېنى ئۇنىڭغا شاپائەت قىلدۇرغىن،- قۇرئان كەرىم دەيدۇ - مەن ئۇنى تاتلىق ئۇيقۇسىدىن مەھرۇم قىلدىم، مېنى ئۇنىڭغا شاپائەت قىلدۇرغىن،- شۇنداق قىلىپ روزا بىلەن قۇرئان كەرىم مۆمىن كىشىگە شاپائەت قىلىدۇ »(ئەھمەد رىۋايىتى).

قۇرئان كەرىم ئوقۇش، ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنلاش ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئۈگىنىش ھەممە ۋاقىتتا تەلەب قىلىنىدىغان مۇھىم ئەمەللەردۇر. ئەمما رامىزان ئېيىدا بۇ ئەمەللەرنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ تولۇق ئورۇنلاش ئالاھىدە جىددىي تەلەب قىلىنىدۇ. چۈنكى رامىزان ئېيى ئاخىرەتلىك ئۈچۈن مولھۇسۇلنىڭ پەيتىدۇر. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەپسۇسلىنىش بىلەن ئېيتقاندەك، مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ ئاينى غەنىمەت بىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئىزدىمىگەن، نەتىجىدە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغان كىشىدىنمۇ بەخىتسىزرەك  بىرسى يوقتۇر!  

          تەراۋىھ نامىزى:

رامىزان ئېيىدا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش تەكىنلىك سۈننەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئايلىرىدا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنى ھېچ تەرك ئەتمىگەن. تەراۋىھ نامىزى رامىزان ئاخشاملىرى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن، ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن جامائەت بىلەن ئوقىلىدۇ. مەسچىتكە چىقالمىغان كىشىنىڭ ئۆيىدە يالغۇز ئوقۇشىمۇ جائىزدۇر. تەراۋىھ نامىزى 20 رەكئەتتۇر. ئۇنى تۆت رەكئەتتە بىرسالام بېرىپمۇ، ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپمۇ ئوقۇش مۇمكىن. تەراۋىھ نامىزىنى كېچىنىڭ يېرىمىغا قەدەر كېچىكتۈرۈش ياخشىدۇر. بىر ئايلىق تەراۋىھ نامىزىدا قۇرئان كەرىمنى خەتمە قىلىش ئايرىم بىر سۈننەتتۇر. بۇنامازنى كىشىلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويمايدىغان شەكىلدە يېنىك ئوقۇش ئەڭ ياخشىدۇر. تەراۋىھ نامىزىنىڭ ساۋابى كۆپتۇر.

رامىزان ئېيىدا جىبرىلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەلىم بېرىشى:

ھەر رامىزان ئېيىدا جىبرىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەلىم بېرەتتى ۋە قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭغا ئوقۇتۇپ باشتىن ئاخىر بىر قېتىم تىڭشايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن ئالدىنقى رامىزاندا جىبرىل ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنى ئىككى قېتىم ئوقۇتۇپ تىڭشىغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن ئولتۇراتتى،(رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى) فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭ يېنىغا تەمكىن ھالدا مېڭىپ كەلدى. ئۇنىڭ مېڭىشى خۇددى رەسۇلۇللاھنىڭ مېڭىشىغا ئوخشاپ كېتەتتى. رەسۇلۇللا- خوش كەپسىز قىزىم،- دەپ ئۇنى قارشى ئالدى ۋە سول يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ قولىقىغا مەخپى بىر نەرسە دىۋىدى، ھەزرىتى فاتىمە يىغلاشقا باشلىدى، ئاندىن يەنە ئۇنىڭ قولىقىغا بىر نەرسە دىۋىدى، ئۇ كۈلدى. مەن فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن - مەن بۈگۈنكىدەك بىرئاندا غەمكىنلىك بىلەن خوشاللىقنى كۆرمىگەن ئىدىم، رەسۇلۇللا سىزگە نىمە دېگەندە يىغلىدىڭىز ۋە نېمە دېگەندە كۈلدىڭىز؟- دەپ سورىۋىدىم، ھەزرىتى فاتىمە - مەن رەسۇلۇللاھنىڭ سىرىنى ئاشكارا قىلمايمەن - دەپ جاۋاب بەردى. كېيىن رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن،- رەسۇلۇللاھ سىزگە شۇ ۋاقىتتا نېمە دېگەن ئىدى؟- دەپ سورىۋىدىم، ـ ئۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللا ماڭا،- جىبرىل ھەر يىلى مېنى بىر قېتىم قۇرئان كەرىمنى تامام قىلدۇراتتى، بۇيىل ئىككى قېتىم تامام قىلدۇردى، بۇنىڭدىن ئەجىلىمنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن، ئائىلەم ئىچىدىن سىز ماڭا بىرىنچى بولۇپ يېتىشىسىز،- دىۋىدى يىغلىدىم، ئاندىن ئىككىنجى قېتىم قولىقىمغا،- پۈتۈن مۆمىنە ئاياللارنىڭ سەردارى بولۇشقا رازى بولمامسىز؟!- دېۋىدى، بۇۋاقىتتا كۈلدۈم،- دېدى »(ئىبنى ماجە رىۋايىتى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن 6 ئايدىن كېيىن ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولغان. بۇ ھەدىستىن رامىزاندا قۇرئان كەرىمنى خەتمە قىلىشنىڭ ۋە ئۇنى ئۈگىنىشنىڭ نەقەدەر ئەۋزەل ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.

رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ پەزىلىتى:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا كۈنلەرگە نىسبەتەن، رامىزان ئايلىرىدا ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلەتتى ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا  تەشەببۇس قىلاتتى. خۇسۇسەن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلىشكە ۋە قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزىمۇ بۇ كۈنلەردە ئىبادەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنۇتاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا باشقا كۈنلەردىكىدىن بەك ئىبادەتكە بېرىلەتتى »(مۇسلىم رىۋايىتى). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداق دەيدۇ: « رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى يېتىپ كېلىشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن ئۇزاقلىشىپ، ئىبادەت بىلەنلا مەشغۇل بولاتتى، كېچىلىرى ئۇخلىمايتتى، ئائىلىسىدىكىلەرنى كېچىلىرى ئىبادەت قىلىشقا ئۇيغىتاتتى »(بۇخارى رىۋايىتى). يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: « رەسۇلۇللاھ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپ قىلاتتى ۋە رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ تاق كېچىلىرىدە قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا تىرىشىڭلار! دەپ مۇسۇلمانلارنى تەشەببۇس قىلاتتى »(بۇخارى رىۋايىتى).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن رەسۇلۇللادىن،- ئەگەر مەن قەدىر كېچىسىنىڭ بولىدىغان ۋاقتىنى بايقىسام، بۇ كېچىدە نېمە دەپ دۇئا قىلسام بولىدۇ؟-دەپ سورىۋىدىم، ئۇماڭا مۇنۇ دۇئانى ئۈگەتكەن: يەنى ( ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن گۇناھلارنى ئەپۇ قىلدىغان ۋە ئەپۇ قىلىشنى ياقتۇرىدىغان ئىلاھىمسەن، گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغايسەن) (تىرمىزى رىۋايىتى).

        قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلەتلىرى:

ئاللاھ تائالا قەدىر كېچىسىنى ئۇلۇغ قىلىپ، ئۇنى رامىزاننىڭ باشقا كېچىلىرىدىن ئالاھىدە شەرەپلىك ۋە خەيرلىك قىلىپ بەلگىلىدى. چۈنكى بۇ كېچە قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرى تۇنجى قېتىم يەرشارىدا  پارلاشقا باشلىغان بىر كېچە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كېچىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى تاق كېچىلەرنىڭ بىرىدە بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن ۋە بۇ كېچىنى تېپىش ئۈچۈن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان ھەم ئۆزىمۇ شۇنداق قىلغان. چۈنكى بۇ كېچىدە قىلىنغان ئەمەل- ئىبادەتلەر پەزىلەتتە ۋە ساۋابتا مىڭ ئايلىق ئەمەل- ئىبادەتتىن ئارتۇقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: « قەدىر كېچىسى (پەزىلەت ۋە ساۋابتا) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر » دەيدۇ (قەدىر سۈرىسى 3- ئايەت). دېمەك، قەدىر كېچىسى مىڭ ئايغا تەڭ بولغان ئىكەن، ئۇ بىر ئىنساننىڭ ئۆمرىدىن 83 يىلغا تەڭ بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىر ئىنسان 83 يىل ھەمىشە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان تەقدىردىمۇ، بىرىمىزنىڭ قەدىر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگىنىمىزنىڭ ساۋابى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا 83 يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەلدۇر، ئەلۋەتتە.

شۇبھېسىزكى، قۇرئان كەرىمنىڭ پارلاق نۇرى ئىسانىيەتنىڭ قەلبلىرىگە نۇر چېچىشقا باشلىغان بۇ كېچە، باشقا ھەرقانداق كېچىلەردىن ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىكتۇر. ھېچقانداق كېچە ئۇنىڭغا تەڭ بولالمايدۇ. لېكىن شۇنى ياخشى بىلىش كېرەككى، ھەرقانداق ئۇلۇغ ئاينىڭ، ھەرقانداق ئۇلۇغ كۈن ياكى كېچىنىڭ ۋە ھەرقانداق ئۇلۇغ سائەتنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ياخشىلىقلىرى، پەقەت ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلىپ، ئۇنى قەدىرلەپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنالىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئەمما بۇ كېچىنى قەدىرلىمەي، ئۆزىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدا جىمىقىپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ كېچىنىڭ باشقا كېچىلەردىن ھېچبىر پەرقى يوقتۇر.

        قەدىر كېچىسى ئىسلام مىللىتىگە بېرىلگەن ئىمتىيازدۇر:

ئىمام خەتتابىي قەدىر كېچىسىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىسلام مىللىتىگە مەخسۇس ئاتا قىلىنغان بىر كاتتا ئىمتىياز ئىكەنلىكىگە پۈتۈن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنى قۇرئان كەرىم بىلەن شەرەپلەندۈردى. قۇرئان كەرىم بولسا، ئىسلام مىللىتىنىڭ ئەڭ مۆتۈۋەر دەستۇرىدۇر. ئىمام مالىك ئۆزىنىڭ « ئەلمۇۋتتەء» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەرنىڭ ياشىغان ئۆمۈرلىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇممەتلىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ بۇرۇنقىلارنىڭ ئۆمرىگە نىسبەتەن قىسقا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇممەتلىرىنىڭ بۇ قىسقا ئۆمرىدە بۇرۇنقىلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى قىلالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەندە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۇممىتىگە مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسىنى ئاتا قىلغان »(« ئەلمۇۋتتەئ » دىن).

ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنىڭ قايسى كېچىدە ئىكەنلىك ۋاقتىنى بىزگە مەلۇم قىلمىغان. بۇ، كىشىلەر شۇ كېچىنى تېپىش مەقسىتى بىلەن رامىزان كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەتكە بېرىلسۇن ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى ۋە قۇرئان كەرىمدىكى ئۇنى ئوقۇپ نېمە تىلسە بېرىلىدىغان ئىسمۇلئەزەمنى بىزگە بىلدۈرمىگەن. بۇمۇ كىشىلەرنىڭ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى ۋە ئىسمۇلئەزەمنى تېپىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت دۇئا قىلسۇن ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇسۇن ئۈچۈن ئىدى. ئەگەر قەدىر كېچىسىنىڭ ۋاقتى، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەت ۋە ئىسمۇلئەزەم ئېنىق بىلدۈرۈلگەن بولسا ئىدى، كىشىلەر قەدىر كېچىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا، شۇ سائەتتىلا دۇئا قىلىشقا، ئىسمۇلئەزەمنىلا ئوقۇشقا ئۈگىنۋېلىپ، باشقىلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولاتتى.

ئىمام ئىبنى ھەجەر قەدىر كېچىسىدە بولىدىغان ئالامەتلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « قەدىر كېچىسىنىڭ ئەتىگىنىدە قۇياش شۇلىسىز چىقىدۇ »(«فەتھۇلبارى» دىن).  ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: « قەدىر كېچىسىدە ئاسمان تىپ- تىچ، سۈپ- سۈزۈك بولىدۇ، ھاۋا ئىسسىقمۇ ئەمەس سۇغۇقمۇ ئەمەس نورمال بولىدۇ»(ئەھمەد رىۋايىتى). « رۇھۇلبايان» ناملىق تەپسىرنىڭ ئاپتورى  ئىبنى خۇزەيمەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ بىر ھەدىسنى بايان قىلىدۇ: « قەدىر كېچىسىدە يەر يۈزىگە تارقىلىدىغان پەرىشتىلەرنىڭ سانى ئۇششاق تاشلارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ » («فەتھۇلبارىي» دىن).

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز