قىسقىچە چۈشەنچە

«روزىنىڭ تۇرلىرى»ناملىق بۇ ماقالىدا , دىنىمىزدا روزىنىڭ 6 تۈرلۈك بولىدىغانلىقى، ئۇلار: پەرز، ۋاجىب، سۈننەت، ھارام، مەكرۇھ ۋە نەپلە قاتارلىق روزىلار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ روزىلارغا دائىر شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى قۇرئان كەرىم ۋەھەدىس شەرىپلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەپسىلى چۇشەنچە بەرگۇسى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

روزىنىڭ تۈرلىرى

 

 روزا 6  تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار: پەرز، ۋاجىب، سۈننەت، ھارام، مەكرۇھ ۋە نەپلىدۇر. بۇلار تۆۋەندىكىچە:

1- پەرز بولغان روزىلار:

 پەرز روزىلار: رامىزان ئېيىنىڭ روزىسى، كاپارەتنىڭ روزىسى ۋە رامىزاندا تۇتالمىغان روزىلارنىڭ قازاسى قاتارلىقلاردۇر. كاپارەتنىڭ روزىسى - رامىزان روزىسىنى قەستەن بۇزغانلىق ياكى قەسىمىنى بۇزغانلىق ياكى ھەجگە ئېھرام باغلىغاندا، ئېھرامغا نۇقسان يېتىدىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلغانلىق سەۋەبتىن جازا ئورنىدا بەلگىلەنگەن روزىدۇر.

2- ۋاجىب بولغان روزىلار:

 ۋاجىب روزا: نەپلى ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۇنى بۇزوۋەتكەنلىك ياكى مەلۇم ۋاقىتتا روزا تۇتىمەن دەپ ئاتىۋاتقانلىق سەۋەبى بىلەن ئۈستىگە يۈكلەنگەن روزا بولۇپ، ئۇنى تۇتۇش ۋاجىبتۇر.

3- سۈننەت بولغان روزىلار

  (1) ئەرەفات كۈنىنىڭ روزىسى

ئەرەفات- زۇلھەججىنىڭ 9- كۈنى (يەنى ئەرتە قۇربان ھېيت دېگەن كۈن)، ئەرەفات كۈنى قەدىر كېچىسىدىن قالسا ئىسلام نەزىرىدە ئەڭ ئۇلۇغ كۈندۇر، چۈنكى بۇ كۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرگە جەم بولۇپ، ھەج پەرزىنى ئادا قىلىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق گۇناھلاردىن پاكلىنىدىغان كۈنىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى بۇكۈندە روزا تۇتۇشقا تەشەببۇس قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ تائالانىڭ ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۆتكەن ۋە كېيىنكى يىلدىكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» (تىرمىزى رىۋايىتى) .

 يەنە ئۇ، ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىق سورالغاندا:« ئۆتكەن ۋە كېلىدىغان يىلدىكى (ئىككى يىللىق) گۇناھلارنى يوققا چىقىرىدۇ » دەپ جاۋاب بەرگەن(مۇسلىم رىۋايىتى).

 ئەرەفات كۈنىنىڭ روزىسىنى ئەرەفاتتا ھازىر بولمىغانلار يەنى ھاجىلاردىن باشقىلارنىڭ تۇتۇشى تەلەب قىلىنىدۇ. چۈنكى ئەرەفاتتا بولغان كىشى ئۈچۈن بۇ كۈندە روزا تۇتۇش ھەقىقەتەن قىيىن كېلىدۇ. شۇڭا ئۇلاردىن روزا تۇتۇش تەلەب قىلىنمايدۇ. بەلكى تۇتماسلىقى تەلەب قىلىنىدۇ. ئىكرەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« مەن ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەرەفاتتا تۇرغان ئادەمنىڭ روزا تۇتۇشى ھەققىدە سورىۋىدىم، ئۇ،- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەفاتتا بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتۇشىنى مەنئى قىلغان،- دەپ جاۋاب بەردى» (ئىبنى ماجە رىۋايىتى) .

ئەرەفات كۈنىنىڭ پەزىلىتى:

 ئەرەفات كۈنى بولسا، پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەڭ بۈيۈك بايرام كۈنىدۇر. بۇ كۈن زېمىن ئەھلى بىلەن ئاسمان ئەھلىنىڭ (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ) جەم بولىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشىدىغان ئالاھىدە ئۇلۇغ بىر كۈنىدۇر. شۇڭا بۇكۈندە ئەرەفاتتا ھازىر بولغان كىشىنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىپ، خۇددى ئانىدىن تۇغۇلغان ۋاقتىدىكىدەك پاك بولىدۇ. بۇ كۈندە- ئەرەفاتتا بولالمىسىمۇ - روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىككى يىللىق گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. قۇرئان كەرىم قەدىر كېچىسىدە چۈشۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئەرەفات كۈنىدە تاماملانغان. قۇرئان كەرىمدىن ئەڭ ئاخىرىدا چۈشۈش بىلەن ئىسلام دىنى تاكامۇللاشقان ۋە قۇرئان كەرىم پۈتۈنلەنگەن ئايەت بۇ دۇر: « يەنى [بۇگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم» (مائىدە سۈرىسى 3- ئايەت). بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «يەھۇدىلاردىن بىر ئادەم ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ،- ئەي مۆمىنلەرنىڭ سەردارى! سىلەرنىڭ كىتابىڭلاردا بىرئايەت بار، ئەگەر ئۇ ئايەت بىز يەھۇدىلارغا چۈشكەن بولغان بولسا ئىدى، بىز شۇئايەت چۈشكەن كۈننى بايرام كۈنى دەپ ئېلان قىلغان بولاتتۇق،- دېگەندە، ئۇمەر- ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۇ ئايەتنىڭ رەسۇلۇللاغا چۈشكەن كۈنىنى ۋە سائىتىنى ياخشى بىلىمەن. بۇ ئايەت ئەرەفات كۈنى كەچ ۋاقتىدا چۈشكەن، ئۇ كۈن جۈمە كۈنلۈك ئىدى » (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

دېمەك، جۈمە كۈنلۈكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەپتىلىك بايرام كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغىدۇر. ئەرەفات كۈنى بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك بايرام كۈنىدۇر. قۇرئان كەرىم مۇشۇنداق ئىككى بايرامنىڭ بىرلەشكەن كۈنىدە نازىل بولغاچقا، بۇ كۈن بايرام ئۈستىگە بايرام بولغان ئەڭ شەرەپلىك ۋە قىممەتلىك بىر كۈندۇر. بۇ كۈننى قەدىرلەش ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر.

 (2) ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى :

ئاشۇرا- قەمەرىيە ئايلىرىدىن مۇھەررەم ئاينىڭ 10- كۈنى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈندە روزا تۇتاتتى ۋە باشقىلارنىمۇ تۇتۇشقا تەشەببۇس قىلاتتى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگىنىدە، يەھۇدىلارنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ كۈندە روزا تۇتىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇلار جاۋاب بېرىپ،- بۇ كۈن مۇبارەك كۈندۇر، بۇ كۈندە ئاللاھ تائالا مۇسا پەيغەمبەر بىلەن ئىسرائىل ئەۋلاتلىرىنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، پىرئەۋننى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ سۇدا غەرق قىلغان كۈندۇر. مۇسامۇ بۇ كۈندە روزا تۇتاتتى- دىيىشىدۇ. بۇۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام - مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ئۈچۈن مەن سىلەردىن ھەقلىقمەن،- دەيدۇ ۋە بۇ كۈندە روزا تۇتىدىغان بولىدۇ. باشقىلارنىمۇ روزا تۇتۇشقا تەشەببۇس قىلىدۇ »(بۇخارى رىۋايىتى). ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ بۇكۈنگە ئالدىدىن ياكى كەينىدىن بىرەر كۈننى قوشۇپ تۇتۇشى سۈننەتتۇر. بۇ، ئىسلامىي روزىنى ئەھلى كىتابلارنىڭ روزىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى يەھۇدىلار ئاشۇرا كۈنىدىلا بىر كۈن روزا تۇتىدۇ. مۇسۇلمانلار ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتماقچى بولسا، مۇھەررەمنىڭ 9-10- كۈنلىرى ياكى 10- 11-كۈنلىرى ئىككى كۈن تۇتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: « ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇڭلار، بىراق بۇ روزىنى يەھۇدىلارنىڭ روزىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاشۇرا كۈنىنىڭ ئالدىدىن ياكى كەينىدىن بىر كۈننى قوشۇپ تۇتۇڭلار » (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى). شۇڭا ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتقان ئادەم مۇسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملارنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلغان بولۇپ، كۆپ ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

 (3) دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىنىڭ روزىسى :

دۈشەنبە كۈنلۈكى بولسا، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنى، بۇ، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇبارەك كۈندۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئىزھار قىلىش يۈزىسىدىن بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنى ئادەت قىلغان ۋە باشقىلارنىمۇ تۇتۇشقا تەشەببۇس قىلغان. ئۇ، نېمە ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنىدە روزا تۇتىدىغانلىقى توغرىلىق سورالغىنىدا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: « بۇ كۈندە مەن دۇنياغا كۆز ئاچتىم، بۇ كۈندە ماڭا ۋەھى كېلىشكە باشلىدى »(بۇخارى رىۋايىتى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، دۈشەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇشىنىڭ غايىسىنى ۋە سەۋەبىنى ئوچۇقلاپ، بۇ كۈن ئۆزىنىڭ دۇنياغا كەلگەن ۋە ۋەھىنىڭ باشلانغان كۈنى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. شۇبھىسىزكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ئاللاھنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن تەقدىر قىلغان كاتتا نېمىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىدى. « پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ سائادىتى» دېگەن سۆزۈمگە بەزىلەر، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ئەمەسقۇ؟ دەپ قايىل بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇلارغا دەيمەنكى: گەرچە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولمىغان بولسىمۇ، ئىسلام دىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ھەقىقەتكە يېتەكلەش ئۈچۈن كەلگەن بىر دىندۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىنىڭ ئادالەتلىك قانۇن، پرىنسىپلىرى سايىسىدا سائادەتكە ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى غەيرىي دىندىكىلەرنىڭمۇ ھەق- ھوقۇقلىرىنى، خۇددى ئۆز تەۋەلىرىنى قوغدىغاندەك قوغداپ، ھىمايە قىلىدىغان، ئادالەتتە چېكىگە يەتكەن بىرلا دىندۇر. تارىخ بۇنىڭغا شاھىتتۇر. « ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى گۇناھلاردىن پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۈگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى »(ئال ئىمران سۈرىسى 164- ئايەت).

 گەرچە ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى بىۋاسىتە كۆرۈپ تۇرسىمۇ، دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئاللاھ تائالاغا كۆرسىتىلىدىغان كۈنلەردۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە روزا تۇتاتتى، بۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتۇشىنىڭ سەۋەبى توغرىلىق سورالغىنىدا، ئۇ،- ئەمەللەر ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە ئاللاھ تائالاغا كۆرسىتىلىدۇ. بۇ كۈنلەردە ئاللاھ تائالا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ. پەقەت بۇ كۈنلەرنى قەدىرلىمىگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىش ئىشى كېچىكتۈرىلىدۇ،- دېگەن »(ئەھمەد رىۋايىتى).

يەنە بىر ھەدىستە، ئۇنىڭ: «دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە ئەممەللەر ئاللاھ تائالاغا كۆرسىتىلىدۇ. مېنىڭ ئەمەللىرىمنىڭ مەن روزىدار ھالىتىمدە كۆرسىتىلىشىنى ياقتۇرىمەن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان(تىرمىزى رىۋايىتى).

 (4) ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش:

ھەر ئايدىن ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلاتتى. بۇ، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋاب بولىدىغان ئەمەلدۇر. ئەبۇ ھۇرەرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى ھەر ئايدىن ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشقا بۇيرىغان ۋە ھەر ئاينىڭ نەپلى روزا تۇتۇش ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەل كۈنلىرى قەمەرىيە ئايلىرىنىڭ 13ـ 14ـ ۋە 15ـ كۈنلىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ھەر ئاينىڭ بۇ كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ يىل بويى ئۈزمەستىن روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن» (نەسائىي رىۋايىتى).

ھەر ئايدىن ئۈچ كۈن نەپلى روزا تۇتقان ئادەمنىڭ يىل بويى ئۈزمەستىن روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر.  چۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ «بىر ياخشى ئىشقا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىش» پرېنسىپى بويىچە: بىر كۈنلۈك نەپلى روزا 10 كۈنلۈك روزىغا ، ھەر بىر ئايدىن تۇتۇلغان ئۈچ كۈنلۈك روزا 30كۈنلۈك  روزىغا تەڭ كېلىدۇ، يەنى ھەر ئايدىن تۇتقان 3كۈننى 10غا كۆپەيتكەندە،(3x10 =300)كۈن بولىدۇ. ئاندىن بۇ 30 كۈننى 12ئايغا كۆپەيتكەندە (30x12 =360)كۈن بولىدۇ. شۇڭا ھەر ئايدىن ئۈچ كۈن روزا تۇتقان ئادەم يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋاب تاپىدۇ دەيمىز.

 (5) شەۋۋال ئايدىن 6 كۈن روزا تۇتۇش:

شەۋۋال- قەمەرىيە ئايلىرىدىن 10- ئاينىڭ ئىسمى. بۇ، رامىزاندىن كېيىنكى ئاي. بۇئايدا 6 كۈن روزا تۇتۇش سۈننەتتۇر. مەيلى ئارقا- ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتسۇن، مەيلى پارچە- پارچە تۇتسۇن، شەۋۋال ئېيى ئىچىدە 6 كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋابلىقتۇر. چۈنكى «بىر ياخشى ئىشقا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىش»  پرىنسىپى بويىچە: رامىزان ئېيى ئىچىدە تۇتقان 30 كۈن روزا 10غا كۆپەيتىلىپ 300 كۈنگە يەنى (30x 10=300 ) گە تەڭ، شەۋۋال ئېيى ئىچىدە تۇتقان 6 كۈن روزا 10غا كۆپەيتىلىپ 60 كۈنگە يەنى (6x  10= 60 ) گە تەڭ. ئىككىسىنى قوشقاندا، جەمى 360 كۈن بولىدۇ. شۇڭا رامىزان روزىسىنى تولۇق تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، شەۋۋال ئېيىدىن يەنە 6 كۈن روزا تۇتقان كىشى يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ دەيمىز. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تولۇق تۇتۇپ، يەنە شەۋۋال ئېيىدىن 6كۈن روزا تۇتىدىكەن، خۇددى ئۇ، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ »(مۇسلىم رىۋايىتى).

  (6) بىر كۈن روزا تۇتۇپ، بىر كۈن ئارا بېرىش:

 نەپلى روزىلارنى بىر كۈن تۇتۇپ، بىر كۈن ئارا بېرىش سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى يىل بويى روزا تۇتۇشتىن مەنئى قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: « ئۈزمەي يىل بويى روزا تۇتقان ئادەم روزا تۇتمىغانغا ئوخشاشتۇر» (بۇخارى رىۋايىتى). بۇھەدىسنىڭ مەنىسى: ئۈزمەي يىل بويى روزا تۇتقان كىشىگە روزا ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ - دە، ئۇ كىشى ئۈچۈن روزىنىڭ ئالاھىدىلىكى قالمايدۇ. شۇڭا ئۇ، ئۆزىنى ئاچ ھەم ئۇسسۇز قويغاندىن باشقا ھېچقانداق ساۋاب ياكى پەزىلەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، دېگەنلىكتۇر. ساھابىلاردىن بەزى كىشىلەر يىل بويى روزا تۇتماقچى بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇنداق روزا تۇتۇشتىن توسقان ۋە بىركۈن تۇتۇپ، بىر كۈن تۇتماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىملىق كېلىدىغان روزا- داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىدۇركى، ئۇ، بىر كۈن تۇتۇپ بىر كۈن ئارا بېرەتتى (يەنى تۇتمايتتى) » (تىرمىزى رىۋايىتى).

  (7) شەبان ئېيىنىڭ روزىسى:

رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىدىن قالسا ئەڭ پەزىلەتلىك روزا شەبان ئېيىنىڭ روزىسىدۇر. چۈنكى بۇ ئاي بەندىلەرنىڭ بىر يىللىق ئەمەللىرى ئاللاھ تائالاغا كۆرسىتىلىدىغان ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ئايدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان ئېيىدىن باشقا ئايلاردا بىر ئاي تولۇق روزا تۇتقىنىنى ۋە شەبان ئېيىدىن باشقا بىر ئايدا بۇنچىلىك كۆپ روزا تۇتقىنىنى كۆرمىدىم » (بۇخارى رىۋايىتى). يەنە بىر ھەدىستە، مۇنداق دەپ كەلگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچ بىر ئايدا شەبان ئېيىدا تۇتقاندەك كۆپ روزا تۇتمايتتى. ئۇ، شەبان ئېيىنىڭ ھەممىسىنى روزا بىلەن چىقىراتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: كۈچۈڭلار يەتكەن ئەمەللەرنى قىلىڭلار، ھەقىقەتەن، سىلەر ئىبادەت قىلىشتىن زېرىكىپلا قالمىساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ساۋاب بېرىشتىن زېرىكمەيدۇ » (بۇخارى رىۋايىتى). ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام - رامىزاننىڭ روزىسىدىن قالسا قايسى ئاينىڭ روزىسى ئەۋزەل؟ - دەپ سورالغىنىدا، ئۇ،- رامىزاننى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن شەبان ئېيىنىڭ روزىسى ئۇلۇغدۇر،- دەپ جاۋاب بەرگەن » (تىرمىزى رىۋايىتى).

4- ھارام قىلىنغان روزا:

ئىسلام شەرىئىتى تۆۋەندىكى كۈنلەردە روزا تۇتۇشنى ھارام (يەنى مەنئى) قىلغان:

  (1)روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى روزا تۇتۇش ھارامدۇر. چۈنكى بۇ كۈن رامىزاننىڭ شاراپىتى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا بايرام قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەن كۈنىدۇر. بۇ كۈندە ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلەپ بەرگەن زىياپىتىنى قوبۇل قىلىپ، كەڭتاشا يەپ، ئىچىپ ۋە كۈڭۈل ئېچىپ ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئادا قىلىش لازىم. بۇ كۈندە روزا تۇتقان ئادەم گۇناھكار بولىدۇ.

(2)  قۇربان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن 4- كۈنىگىچىلىك بولغان ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش ھارامدۇر. پۈتۈن ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى روزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدا روزا تۇتۇشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىدە ئىتتىپاقتۇر. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشتىن مەنئى قىلغان. چۈنكى روزا ھېيت كۈنى رامىزاننى تۈگىتىپ، ئېغىز ئاچىدىغان كۈنۈڭلار، قۇربان ھېيت كۈنلىرى بولسا، بايرام كۈنلىرىدۇر. بۇ كۈنلەردە قۇربانلىق قىلغان ماللىرىڭلارنىڭ گۆشلىرىدىن يەڭلار » (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).  

ئەمما مالىكى مەزھىبىدە، ھەج قىلىپ قۇربانلىق قىلىشقا ئىقتىسادى يەتمىگەن كىشىلەرنىڭ تەشرىق (قۇربان ھېيتنىڭ 2-3-4-) كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشلىرىغا رۇخسەت قىلىنغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئىبنى ئۇمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان: « تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش، پەقەت ھەجدە قۇربانلىق قىلالمىغان ھاجىلار ئۈچۈنلا رۇخسەتتۇر » (بۇخارى رىۋايىتى).

ھەجدە قۇربانلىق قىلالمىغان كىشىنىڭ قۇربان ھېيتنىڭ 2- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچىلىك بولغان تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشلىرى قىلالمىغان قۇربانلىقنىڭ ئورنىغا ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلارغا كۆرسەتكەن ئۇڭايلىقلىرىدىن بىرىدۇر.  ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: « (پۇلى يوقلىقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلىقتىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان كىشى ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن  روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ » (بەقەرە سۈرىسى 196- ئايەت).

-5  مەكرۇھ بولىدىغان روزا:

(1) ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ، ئاشۇرا كۈنىنى يالغۇز تۇتۇشى مەكرۇھتۇر. سۈننەت ئۇنىڭ ئالدىدىن ياكى كەينىدىن بىر كۈننى قوشۇپ تۇتۇشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەدىسى يوقىرىدا ئۆتتى.

(2) نەپلى ئۈچۈن روزا تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ جۈمە كۈنىنىلا ئايرىپ بۇ كۈندە روزا تۇتۇشى مەكرۇھتۇر. جۈمە كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەپتىلىك بايرام كۈنى. ئىسلام دىنى يالغۇز بۇ بۇ كۈندىلا نەپلى روزا تۇتۇشنى مەنئى قىلغان. سۈننەت شۇكى، جۈمە كۈنىدە روزا تۇتماقچى بولغان كىشى ئۇنىڭ ئالدىدىن ياكى كەينىدىن بىرەر كۈننى قوشۇپ تۇتۇشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار جۈمە كۈنىدە روزا تۇتمىسۇن. ئەگەر تۇتماقچى بولسا، جۈمەنىڭ ئالدىدىن ياكى كەينىدىن بىر كۈننى قوشۇپ تۇتسۇن» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى). بۇ ھەدىسگە  ئاساسەن، جۈمە كۈنىدە روزا تۇتماقچى بولغان كىشى ئۇنىڭغا پەيشەنبىنى ياكى شەنبىنى قوشۇپ تۇتۇشى لازىم .

(3) شەنبە كۈنىنى ئايرىپ روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « شەنبە كۈنىدە نەپلى روزا تۇتماڭلار، پەقەت رامىزان روزىسىنى، كاپارەت روزىسىنى، قازا روزىلارنى شەنبە كۈنلىرىدە بولسىمۇ تۇتۇڭلار » (تىرمىزى رىۋايىتى). شەنبە كۈنلۈكتە روزا تۇتۇشنىڭ مەنئى قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، شەنبە كۈنلۈك يەھۇدىلارنىڭ بايرام كۈنىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلار بايرام قىلغان كۈنلەردە بايرام قىلىشى، ئۇلار ئۇلۇغلىغان كۈنلەرنى ئۇلۇغلىشى توغرا ئەمەس. بەلكى بىز ئۇلارغا ھېچبىر ئىشتا ئوخشىماسلىققا بۇيرۇلغان. ئاشۇرا كۈنىدە بىر كۈن روزا تۇتۇشنىڭ مەنئى قىلىنىشىنىڭ ھېكمىتىمۇ بۇسەۋەبتىن ئىدى.

(4) شەك كۈنىدە روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر. پەيغەمبەر ئۇنىڭدىن مەنئى قىلغان. شەك كۈنى- كىشىلەر ئۇنى شەبان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنىمۇ ياكى رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنىمۇ دەپ شەك قىلىپ قالىدىغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنىڭ مەنئى قىلىنىشى كىشىلەرنىڭ رامىزان روزىسىنىڭ سانىنى ئۇزارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئىدى. ئەگەر دىنىمىز بۇنداق ھۇشيارلىق بىلەن ئىش كۆرمىگەن بولسا ئىدى، كىشىلەر شەك كۈنىنى رامىزانغا قوشۇپ، روزىنىڭ سانىنى 30 كۈندىن ئاشۇرۋالغان بولار ئىدى. چۈنكى بۇرۇنقى ساماۋىي دىنلارمۇ شۇ سەۋەبتىن ئۆز ئەسلىنى يوقاتقان. بىز ئاي كۆرسەك روزا تۇتۇشقا، ئەگەر ئاي كۆرمىسەك روزا تۇتماسلىققا بۇيرۇلدۇق. ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «شەك كۈنىدە روزا تۇتقان كىشى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ»( تىرمىزى رىۋايىتى).

(5) ئىپتارسىز ئۇلاپ روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر. ئەگەر بۇ ئىش روزا تۇتقۇچىنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيان يەتكۈزسە ھارامدۇر. ئۇلاپ روزا تۇتۇش ـ روزا تۇتۇپ ئىپتار بولغاندىمۇ ـ ئېغىز ئاچماستىن ياكى سوھۇرلۇق يېمەستىن ئەتىسى ئاخشامغىچە روزىسىنى داۋام قىلدۇرۇش دېمەكتۇر. بۇنداق قىلىش تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بۇلۇشتىن ئاۋۋال دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپتۇر. چۈنكى ئىسلام دىنى ئاسانلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ. ئۆزىنى بېھۈدە قىينىغانلىق ئىبادەتكە ياتمايدۇ. بەلكى ئىبادەت دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلىش بىلەن قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئۇلاپ روزا تۇتاتتى. چۈنكى ئۇلار تاقەت قىلالايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئۇلاپ روزا تۇتقان ۋاقىتلىرىدا ساھابىلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى مەنئى قىلاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن مەنئى قىلغاندا، ساھابىلار، ـ يارەسۇلۇللاھ! سىز ئۇلاپ تۇتىسىز ئەمەسمۇ؟ ـ دېيىشكەندە ـ ئۇ، مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، ئاللاھ تائالاھ مېنى(ئۇلاپ روزا تۇتقىنىمدا) ئوزۇقلاندۇرىدۇ ۋە سۇغىرىدۇ ـ دېگەن»( بۇخارىي رىۋايىتى).

6ـ نەپلىي روزىلار:

نەپلىي( ئىختىيارىي) روزىلارنى تۇتۇشنىڭ بەلگىلىك ۋاقىتلىرى يوقتۇر. روزا تۇتۇش ھارام ۋە مەكرۇھ بولغان كۈنلەرنىڭ سىرتىدا، يىلنىڭ قايسى بىر كۈنلىرىدە نەپلى روزىسىنى تۇتۇش جائىزدۇر. نەپلى ئىبادەتلەر ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ رەھمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش مەقسىتىدە قىلىنىدىغان ئىختىيارىي ئىبادەتتۇر. نەپلى ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى كۆپتۇر.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز