قىسقىچە چۈشەنچە

«ئېتىكاپ توغرىسىدا»ناملىق بۇ ماقالىدا، ئېتىكاپنىڭ ماھېيىتى ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى،ئېتىكاپنىڭ تۇرلىرى، قەيەردە بولىشى كېرەكلىكى ۋە ئۇنىڭ نىيەتلىرى،ئېتىكاپنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنى بۇزىدىغان ئامىللار قاتارلىق ئېتىكاپقا ئائىت مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىسنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئېتىكاپ توغرىسىدا

 

   ئېتىكاپنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

  ئېتىكاپ- ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش نىىيتى بىلەن مەسچىتتە ئولتۇرۇش دېمەكتۇر.

 ئېتىكاپنىڭ بۇيرۇلۇشى:

ئېتىكاپ قىلىشنى دەسلەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشلىغان. ئۇ، ھەر يىلى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە مەسچىتتە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئېتىكاپ قىلاتتى. كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرى، ئاندىن ساھابىلار ئېتىكاپ قىلىشقا باشلىغان. شۇنداق قىلىپ، ئېتىكاپ ئىسلام دىنىدا ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بولۇپ ئورۇن ئالغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېتىكاپنى قوللاپ، قۇۋۋەتلەپ ئۇنىڭ شەرتلىرى توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا، (كۈندۈزى بولسۇن، كېچىسى بولسۇن) ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار»(بەقەرە سۈرىسى 187- ئايەت).

ئېتىكاپ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مەقسىتى بىلەن، پۈتۈن دۇنيالىق ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، مەسچىتتە ئولتۇرۇپ  تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىبادەتتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپ قىلاتتى. ئۇ، ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى يىلقى رامىزاندا 20 كۈن ئېتىكاپ قىلغان ئىدى»(بۇخارى رىۋايىتى).

 ئىمام ئەتائىي مۇنداق دېگەن: «ئېتىكاپ قىلغان كىشى، خۇددى پادىشاھتىن سورايدىغان ھاجىتى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تەلمۈررۈپ، ھاجىتىم راۋا بولمىغىچىلىك ھېچ كەتمەيمەن دەپ تۇرىۋالغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرىدىن بىرى بولغان مەسچىتتە ئولتۇرىدۇ ۋە گۇناھلىرىم مەغپىرەت قىلىنىپ، ھاجەتلىرىم راۋا بولمىغىچىلىك مەسچىتتىن چىقمايمەن، دەپ ئېتىكاپقا داۋام قىلىدۇ»(«ئەلئىختىيار» دىن).

ئېتىكاپنىڭ پەزىلەتلىرى:

ئېتىكاپنىڭ پەزىلەتلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. شۇڭا ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچىلىك ھېچ تەرك قىلمىغان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلى ئېتىكاپتا كۆپرەك ئولتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئېتىكاپنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلدۈرگەن. چۈنكى ئىنسان تۇرمۇشنىڭ تەلەبلىرى ۋە غەپلەتلەر سەۋەبى بىلەن گاھىدا ئاللاھ تائالادىن ئۇزاقلىشىپ قالىدۇ، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئېتىكاپ قىلىش بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا تەرەپكە قايتىشى ۋە دۇنيانىڭ تۈگىمەيدىغان مەشغۇلاتلىرىدىن بىرئاز بولسىمۇ ئازات بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەنىۋىيتىنى كۈچەيتىشى ھەم يۈكسەلدۈرۈشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر.

ئېتىكاپنىڭ تۈرلىرى:

ئېتىكاپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى: سۈننەت بولغان ئېتىكاپ. يەنە بىرى، ۋاجىب بولغان ئېتىكاپتۇر.

1- سۈننەت بولغان ئېتىكاپ- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مەقسىتى بىلەن قىلىنىدىغان ئىختىيارى ئېتىكاپتۇر. بۇ ئېتىكاپ ئۇمۇمەن، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قىلىنىدۇ. باشقا كۈنلەردە قىلسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاساسەن، رامىزاندا ئېتىكاپ قىلاتتى، ئۇنىڭ شەۋۋال ئېيىدا ئېتىكاپ قىلغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنغان.

2- ۋاجىب بولغان ئېتىكاپ- ئېتىكاپ قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئاتىۋاتقان سەۋەبتىن ۋاجىب بولىدىغان ئېتىكاپ دېمەكتۇر. مەسىلەن: كىشىنىڭ ئۆز ئۆزىگە :«ئەگەر مەن بۇ كېسەلدىن ساقايسام ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مانچە كۈن ئېتىكاپ قىلىمەن ياكى بۇ ئىمتىھاندىن قازانسام ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مانچە كۈن ئېتىكاپ قىلىمەن» دېگەنگە ئوخشاش ۋەدە بېرىشى ئارقىلىق بۇ ئېتىكاپنى ئورۇنلاش ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاجىب بولىدۇ. ۋاجىبنى تەرك ئەتكەن كىشى پەرزنى تەرك ئەتكەنگە ئوخشاش گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئۇلار ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن» دەپ ئەمىر قىلىدۇ (ھەج سۈرىسى 29- ئايەت).

 ئېتىكاپنىڭ شەرتلىرى:

1- مەسچىتتە ئولتۇرۇش.

 ئېتىكاپنى جامائەت توپلىشىپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن سالاھىيەتلىك بولغان مەسچىتتە قىلىش شەرتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىكى: «سىلەر مەسچىتلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا....» دېگەن سۆزى ئارقىلىق ئېتىكاپنىڭ مەسچىتلەردە قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئېتىكاپنى ھەمىشە مەسچىتتە قىلاتتى. شۇڭا ئېتىكاپنى ئەرلەرنىڭ مەسچىتلەردە قىلىشى شەرتتۇر، ئۇنى ئۆيدە قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما ئايال كىشىلەر ئېتىكاپنى ئۆز ئۆيلىرىدە قىلىدۇ. چۈنكى ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، ئاياللارنىڭ مەسچىتلەردە ئېتىكاپ قىلىشى مەكرۇھتۇر. ئەمما شاپىئىي مەزھىبىگە كۆرە، ئايال كىشىمۇ مەسچىتتە قىلىدۇ. ھەنبەلى مەزھىبىگە كۆرە، ئايال كىشىنىڭ ئېرى بىلەن بىرگە مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىشى جائىزدۇر. قانچىلىك ئۇلۇغ مەسچىتتە قىلىنغان ئېتىكاپنىڭ قەدرى شۇنچىلىك ئۇلۇغ بولىدۇ. مەسىلەن: مەسچىدى ھەرەمدە قىلىنغان ئېتىكاپ، باشقا ئادەتتىكى مەسچىتلەردە قىلىنغان ئېتىكاپلاردىن ئۇلۇغ ۋە پەزىلەتلىك بولىدۇ، ساۋابىمۇ كۆپ بولىدۇ.

2- ئېتىكاپنى نىيەت قىلىش:

ھەرقانداق ئەمەل- ئىبادەتلەردە نىيەت قىلىش شەرت بولغىنىدەك، ئېتىكاپ قىلىش ئۈچۈنمۇ نىيەت قىلىش شەرتتۇر. نىيەتنىڭ شەرت قىلىنىشى ئىبادەتلەرنى ئادەتلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى كىشىلەر ئادەتتە باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈنمۇ مەسچىتلەردە ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنى مەسچىتتە ئولتۇرغىنى ئۈچۈنلا ئېتىكاپ قىلغۇچىلار دېيىشكە بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەمەللەرنىڭ مەقبۇل بولۇشى پەقەت نىيەتلەر بىلەن بولىدۇ، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ»(بۇخارى رىۋايىتى).

 3- ئېتىكاپتا روزا تۇتۇش:

رامىزاندا ئېتىكاپ قىلغان كىشى زادى روزا تۇتماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئېتىكاپ قىلغان كىشىنىڭمۇ، ئەگەر قىلماقچى بولغان ئېتىكاپىنىڭ تۈرى ۋاجىب بولغان ئېتىكاپلاردىن بولسا روزا تۇتۇشى شەرتتۇر. ئەگەر ئېتىكاپنىڭ تۈرى سۈننەت بولغان ئېتىكاپلاردىن بولغان بولسا، ئۇنىڭدا روزا تۇتۇش شەرت ئەمەس، بىراق تۇتۇش ئەۋزەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىسىز ئېتىكاپ قىلغان ئەمەس. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىتىكاپتىكى كىشىنىڭ كېسەل يوقلىشى، جىنازە نامىزىغا بېرىشى، ئايالىنى تۇتۇشى ياكى يېقىنچىلىق قىلىشى، تەبىئىي ئېھتىياجىدىن (يەنى تەرەتكە بېرىشتىن ياكى ئېھتىلام بولۇپ قالغان بولسا غۇسلە قىلىشتىن) باشقا ھاجەتلەر ئۈچۈن مەسچىتتىن چىقىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئېتىكاپ پەقەت روزا تۇتۇش بىلەن بولىدۇ. ئېتىكاپ پەقەت چوڭ مەسچىتلەردە قىلىنىدۇ» (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

4- ئاياللارنىڭ ھەيز ۋە نەپاسلاردىن پاك بولۇشى:

ئېتىكاپ قىلماقچى بولغان ئاياللارنىڭ ھەيز ۋە نەپاسلاردىن پاك بولۇشى شەرتتۇر. ئەگەر ئاياللار ئېتىكاپ ئەسناسىدا ھەيز كۆرۈپ قالسا ياكى تۇغسا، ئېتىكاپتىن ھامان چىقىپ كېتىدۇ ۋە كېيىن پاك بولغاندا خالىسا ئېتىكاپنى كەلگەن يېرىدىن داۋام قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى ئەگەر ئېھتىلام بولۇپ قېلىپ، مەسچىتتە غۇسلە قىلىدىغان جاي بولمىسا، مەسچىتتىن چىقىپ، يۇيۇنۇپ كېلىدۇ ۋە ئېتىكاپنى كەلگەن يېرىدىن داۋام قىلىدۇ.

ئېتىكاپنى بۇزىدىغان ئامىللار:

1- جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش.

ئېتىكاپتا بولغان كىشىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى ئېتىكاپنى بۇزىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مەسچىتلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا، ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار»(بەقەرە سۈرىسى 187- ئايەت).

2- ئەقلىدىن ئايرىلىش:

ساراڭ بولۇش، ئايلىنىش ياكى مەس بولۇش سەۋەبىدىن ئەقلىنى يوقاتقان كىشىنىڭ ئېتىكاپى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى ئېتىكاپ ئىبادەتتۇر.  ھەر قانداق ئىبادەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئەقىل- ھۇشىنىڭ جايىدا بولۇشى شەرتتۇر.

3- ئاياللارنىڭ ھەيز كۆرۈشى ياكى تۇغۇشى:

ئاياللارنىڭ ئېتىكاپ ئەسناسىدا ھەيز كۆرۈپ قېلىشى ياكى تۇغۇشى ئېتىكاپنى بۇزىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پاكلىق شەرت بولغاندەك، ئېتىكاپنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈنمۇ ئاياللارنىڭ پاك بولۇشى شەرتتۇر.

4- ئېھتىلام:

ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشىنىڭ ئايالىنى سۇيۈشى ياكى قۇچاقلىشى نەتىجىسىدە ئېھتىلام بولۇشى ئېتىكاپنى بۇزىدۇ. ئەگەر يوقىرىقى مۇقەددىمىلەرنى ئىشلىمەستىن، ئىختىيارسىز ھالدا ئېھتىلام بولغان بولسا ئېتىكاپ بۇزۇلمايدۇ. شۇنىڭدەك گەرچە ئايالىنى قۇچاقلىغان بولسىمۇ ئېھتىلام بولمىغان بولسا يەنە ئېتىكاپ بۇزۇلمايدۇ.

5- مەسچىتتىن چىقىش:

تەبىئىي ئېھتىياجلاردىن تاشقىرى ئادەتتىكى ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن مەسچىتتىن سىرتقا چىققان كىشىنىڭ ئېتىكاپى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى ئېتىكاپنىڭ تەقەززاسى مەسچىتتە تۇرۇشنى تەلەب قىلىدۇ. ئەمما بىرەر كىشىنىڭ ھاياتىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش ياكى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەسچىتتىن چىققان كىشىنىڭ ئېتىكاپى بۇزۇلمايدۇ. شۇنىڭدەك ئەگەر ئۆزى ئولتۇرغان مەسچىت جۈمە نامىزى ئوقۇلمايدىغان مەسچىتلەردىن بولغان بولسا، ئېتىكاپ قىلغان كىشىنىڭ مەسچىتتىن چىقىپ، جۈمە نامىزىنى ئوقۇشى بىلەن قىلغان  ئېتىكاپى بوزۇلمايدۇ . چۈنكى جۈمە نامىزىنى ئوقۇش پەرز، ئېتىكاپ قىلىش بولسا سۈننەتتۇر. پەرزنى ئورۇنلاش سۈننەتنى ئورۇنلاشتىن مۇھىمدۇر، ئەلۋەتتە.

ئېتىكاپ قىلغان كىشى ئۈچۈن مۇستەھەب بولغان ئىشلار:

ئېتىكاپ قىلىشتىن مەقسەت ئاللاھ تائالانىڭ رازلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئاللاھتىن ھاجەتلىرىنى سوراپ ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى مەسچىتكە بەنت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئىكەن، ئېتىكاپ قىلغان كىشىنىڭ بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ناماز ئوقۇش، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش، ئىستىغفار ئېيتىش (يەنى تەۋبە قىلىش)، پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئىېيتىش، بىلىم ئۈگىنىش قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىشى مۇستەھەپتۇر.

ئېتىكاپ قىلغان كىشى ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار:

ئېتىكاپ قىلغان كىشىنىڭ ئېلىم- سېتىم ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئېتىكاپ قىلغان بولسۇن ياكى قىلمىغان بولسۇن ھەرقانداق كىشىنىڭ مەسچىتنىڭ ئىچىدە ئېلىم- سېتىم ئىشلىرىنى قىلىشى مۇتلەق ھارامدۇر. چۈنكى مەسچىتلەر ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان مۇبارەك جايلاردۇر. بۇ جايلاردا دۇنيالىق سودىلارنى قىلىش خاتادۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مەسچىتتە بىر نەرسە ئېلىش ياكى سېتىش بىلەن سودا قىلغان كىشىنى كۆرسەڭلار، ئۇلارغا "سوداڭلارغا ئاللاھ تائالا بەرىكەت بەرمىسۇن!، مەسچىتلەر تىجارەت قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان ئەمەس" دەڭلار»(تىرمىزى رىۋايىتى).

ئاياللار نەدە ئېتىكاپ قىلىدۇ؟

ئاياللار ئېتىكاپ قىلماقچى بولسا، ئۇنى نەدە ئولتۇرۇپ قىلىدۇ دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى ئىختىلاپ قىلىشقان. ھەنەپىي مەزھىبىدىن باشقا مەزھەبلەرگە كۆرە، ئايال كىشىمۇ ئېتىكاپنى مەسچىتتە قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ:«سىلەر مەسچىتلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ۋاقتىڭلاردا ...» دېگەن سۆزى ئېتىكاپنى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ھەرقانداق كىشىنىڭ پەقەت مەسچىتتىلا قىلىشى لازىم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، ئايال كىشى ئېتىكاپنى ئۆز ئۆيىدە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەسچىتلەردە ئېتىكاپ قىلىشى مەكرۇھتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتىكاپتىن مۇھىم بولغان بەش ۋاخ نامازلارنىمۇ ئاياللارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە ئوقۇشىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: « ئاياللار ئەگەر بىلسە، ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى (مەسچىتلەرگە بارغىنىدىن) ياخشىدۇر» دېگەن. بۇ مەسىلىدە ھەنەپىي مەزھىبىنىڭ كۆرۈشى بويىچە ئەمەل قىلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتىكاپ قىلماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ئاياللىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېتىكاپ قىلماقچى بولغىنى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نۆۋەتتىكى ئېتىكاپنى تەرك قىلىپ، كېيىن شەۋۋال ئېيىدا قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. بۇ ھەدىسمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللارنىڭ مەسچىتلەردە ئېتىكاپ قىلىشىنى ياقتۇرمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز