مەشھۇر مۇپەسسىر ئىبنى كەسىر تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ھەممە جەھەتتىكى ساغلاملىقى، مۆتېدىللىقى ۋە ئاممىيبابلىقى بىلەن نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان نادىر ئەسەر «قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر»، «ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى» تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 6 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ھەجمى ئەڭ چوڭ دىنى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.