معلومات المواد باللغة العربية

ئا.مەجىد - كىتابلار

بۆلۇم سانى: 2

  • ئۇيغۇرچە

    ئاپتور : مۇرشىدە ئۇيسال خانىم تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.مەجىد تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «دىنىمنى ئۆگۇنىمەن» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەر سۇرەتلىك كىتاپ بولۇپ، بالىلار تىلى بىلەن ياش ئوسمۇرلەرنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى چۇشەنچىسىنى يىتەكلەشتە تۈرتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى.بۇ كىتاپ 2 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،1-قىسمىدا، ئىماننىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا تەپسىلى ۋە قىزىقارلىق ھىكايىلەر، سوئال-جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن ئوسمۇرلەر چۇشەنچىسىگە ماس ھالدا بايان قىلىنىدۇ.2- قىسمىدا، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئوسمۇرلەرگە تەلىم بىرىش مۇھىم دەپ قارالغان دىنى ئەھكاملارنى سوئال-جاۋاپ شەكلىدە ۋە قىزىقارلىق بالىلار ھىكايىلىرى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    ئاپتور : دوكتۇر ئىبراھىم سارىچام ئاپتور : سەۋگى قارا بۇلۇت ئاپتور : سۇئاۋى كامال يازگىچ تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.مەجىد تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز» ناملىق بۇ ئەسەر سۆيۇملۇك ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، پەيغەەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشى، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئوسمۇرلۇك دەۋرى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى، ئەخلاقى، سەۋىرچانلىقى،كەمتەرلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىكى...قاتارلىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىغا ئائىت، ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.