معلومات المواد باللغة العربية

مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى - ئاۋازلىق ئەسەرلەر

بۆلۇم سانى: 6

  • ئۇيغۇرچە

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «زاكات ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ناملىق بۇ لېكسىيە زاكاتنىڭ ئەھمىيىتى، ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت، زاكاتنىڭ روھ ۋە ئەخلاق، ئىجتىمائىي جەمئىيەت ، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە رولى، زاكاتنىڭ شەرتلىرى ۋە نىساۋى، زاكاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى، زاكات ئايرىمىغۇچىلارنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قاتارلىق، ئىقتىسادى ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان زاكاتقا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «دەۋەتنىڭ ئەھمىيىتى، دەۋەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاللاھدىن يىراقلاپ كېتىش، دىنى ئېتىقادتىن سۇسلىشىش، ئەخلاقى، سىياسى، ئىجتىمائىي، ئائىلە ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە يۇز بىرىۋاتقان زالالەت يوللىرى، خۇددى جەمئىيىتىمىزدە دىنى ھەقىقەتپەرۋەر دەۋەتچى زىيالىلار يوق بولۇپ كەتكىنىدەك، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دەۋەتچىلىك ئىشلىرىدا زور دەرىجىدە چېكىنىشنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە دىنى زاتلارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونىمايۋاتقانلىقى، دەۋەت مىللەتنى ئىسلاھ قىلىشتا تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «سەدىقە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، سەدىقىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى، سەدىقە بېرىشنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى، سەدىقىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىشتىن پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى قاتارلىق ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان سەدىقە بېرىشكە دائىر مەلۇماتلارنى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا تايىنىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىڭىز» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، تۇرمۇشتا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھەق-ھوقۇق، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتىكى ئىمانى مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىيەتلىرى، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەشتە ساغلام ئەقىدىنى چېقىش قىلغان ھالدا، ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە، مىللىتىگە، ئانا ۋەتىنىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان كېرەكلىك ئەۋلادلارنى تەربىيەلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «تەقۋالىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادىتى» ناملىق بۇ لېنتىدا، تەقۋالىقنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقى چۇشەنچىسى، ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىغا كورسىتىدىغان تەسىرى، ئۇنىڭ بىلەن مۆمىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقى ۋە نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ تەقۋالىق بىلەن زېچ مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن ئىسپاتلاپ بايان قىلىپ بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «رامىزان ئېيى مۇبارەك ئايدۇر» ناملىق بۇ لېنتىدا رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى، رامىزاندا خالىس ئاللاھ رىزالىقىنى ئۆمۈت قىلىپ ، ۋاقىتلىرىنى ناماز ۋە قۇرئان ئوقۇشقا ئوخشاش ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار ئۈچۈن، ئەۋۋەلقى 10كۈنلىرىنىڭ رەھمەت،ئوتتۇرىدىكى 10 كۈنلىرىنىڭ مەغپىرەت، ئاخىرقى 10 كۈنلىرىنىڭ دوزاختىن ئازات بولىدىغان ئاي ئىكەنلىكى، قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، رامىزان ئېيىدىن كىيىنمۇ ، ئۇ ئايدا ھاسىل قىلىنغان پەزىلەتلەرنى داۋاملىق چىكىنمەستىن تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسگە تايىنىپ تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.