«ياشلىق ۋە پىداكارلىق»ناملىق بۇ لېنتا 30مىنۇتلىق بولۇپ ھەزرىتى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى،ئۇنىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ھاياتى، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنكى ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش،ھەبەشىستانغا ھېجرەت قىلىشى،مەدىنىدە دىنى تەشۋىقاتنى باشلىشى،ئۇنىڭ بەدرى ۋە ئۆھۈد غازاتلىرىدا كۆرسەتكەن جەڭگىۋارلىقى ۋە ئۆھۈد غازىتىدا شەھېت بولىشى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ بىرىدۇ.