پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ يۈزگە بىرى كەم 99 ئىسمى بار، كىمكى ئۇنى سانىسا (يەنى ئەمەل قىلسا) جەننەتكە كىرىدۇ.» ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن دۇئا قىلىش. بۇ ئىككى تۈرلۈك بولۇپ: بىرىنجىسى: ھەمدۇ-سانا ۋە ئىبادەت. ئىككىنجىسى: ئاللاھتىن ھاجىتىنى سوراش قاتارلىقلارمۇ ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئەمەل قىلغانلىق بولىدۇ. كىمكى قۇرئانغا ۋە سەھىھ سۇننەتكە مۇراجىئەت قىلسا ئۇنى سانىيالايدۇ ۋە ئەمەل قىلالايدۇ.