نىزامىددىن تەمكىنى - ئاۋازلىق ئەسەرلەر
بۆلۇم سانى: 51
- ئۇيغۇرچە لېكتور : ئەھمەد ئوبۇلقاسىم قەشقەرى (لېكتور) تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرلۇق ھاياتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ياشلىق دەۋرى، ئۆز قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى ۋە بۇتلارنى چىقىپ تاشلىشى، ئۆز قەۋمى بىلەن ئىلمى مۇنازىرە قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنى دوستلۇققا تاللىشى ۋە ئېغىر سىناقلار بىلەن سىنىشى، ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتائەتمەنلىكى، ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بەيتۇللاھنى بىنا قىلىشى ۋە زېمىندا تەۋھىدنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئاساس سېلىشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : ئەھمەد ئوبۇلقاسىم قەشقەرى (لېكتور) تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ياشلىق دەۋرى، ئۆز قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا كۆتۈرۈشى، ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى باتىل كۆز قاراشلارغا قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىللىك جاۋاپ بېرىش بىلەن بىرگە، خىرىستىئانلارنىڭ كىتابلىرىدىكى زىتلىقلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھ بولماستىن بەلكى بىر ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : نىزامىددىن تەمكىنى لېكتور : ئەھمەد ئوبۇلقاسىم قەشقەرى (لېكتور) تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىم؟» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كېلىپ چېقىشى، دۇنياغا كېلىشى ۋە ۋەھيى چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى ھاياتى، ئەخلاقى ۋە پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى دىنى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى، ھىجرەت ۋە غازاتلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا تارتقان ئەزىيەتلىرى ۋە سەۋرچانلىقى، ۋاپاتى قاتارلىق ئۇ زاتنىڭ ھاياتىغا ئائىت ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار mp3 پورماتى بىلەن ھوزۇرۇڭلاردا.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«قانداق قىلسام تاھارەت ۋە نامازنى ساغلام ئادا قىلالايمەن» ناملىق بۇ لېكسىيە، نامازنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ئىنسان ھاياتىغا بولىدىغان تەسىرى، نامازنى قەستەن تەرك قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى، تاھارەت ئىلىش ۋە نامازنى توغرا ئادا قىلىش قاتارلىق، نامازغا ئائىت مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : نىزامىددىن تەمكىنى لېكتور : ئابدۇرىشىت مەخدۇم ھاجىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
نامازنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى، بۇ لېكسىيە مەرھۇم ئابدۇرىشىت مەخسۇم ھاجىمنىڭ جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ لېكسىيەدە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى توغرىسىدا قىسقا چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، نامازنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ھېكمىتى ھەققىدە نوختىلىق توختىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ئەخلاق ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، گۈزەل ئەخلاقنىڭ شەرئىي ئىبادەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى، ئەخلاقنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى، مۇسۇلمان رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ھاياتىدا ئۆرنەك قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«زاكات ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ناملىق بۇ لېكسىيە زاكاتنىڭ ئەھمىيىتى، ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت، زاكاتنىڭ روھ ۋە ئەخلاق، ئىجتىمائىي جەمئىيەت ، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە رولى، زاكاتنىڭ شەرتلىرى ۋە نىساۋى، زاكاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى، زاكات ئايرىمىغۇچىلارنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قاتارلىق، ئىقتىسادى ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان زاكاتقا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«دەۋەتنىڭ ئەھمىيىتى، دەۋەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاللاھدىن يىراقلاپ كېتىش، دىنى ئېتىقادتىن سۇسلىشىش، ئەخلاقى، سىياسى، ئىجتىمائىي، ئائىلە ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە يۇز بىرىۋاتقان زالالەت يوللىرى، خۇددى جەمئىيىتىمىزدە دىنى ھەقىقەتپەرۋەر دەۋەتچى زىيالىلار يوق بولۇپ كەتكىنىدەك، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دەۋەتچىلىك ئىشلىرىدا زور دەرىجىدە چېكىنىشنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە دىنى زاتلارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونىمايۋاتقانلىقى، دەۋەت مىللەتنى ئىسلاھ قىلىشتا تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : ئۇستاز ئەبۇ ئەكرەم كۈسەنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«رامىزاننى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلەت خىسلەتلىرى، مۇسۇلماننىڭ رامىزاندىن ئىبارەت بۇ ئىبادەت مەۋسۇمىنى غەنىمەت بىلىشى ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئىشلەشكە تىرىرىشىنىڭ لازىملىقى، مۇسۇلمان ئۈچۈن ھاياتىدىكى سەلبىيىلىكنى ئۆزگەرتىشكە رامىزان ئەڭ مۇناسىپ پۇرسەت ۋە ئىلاھىي مەدرىسە بولۇپ، بۇنى ئىمان ۋە ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تېتىغۇچىلارنىڭلا قەدىرلەيدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : ئۇستاز ئەبۇ ئەكرەم كۈسەنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، قىيامەتنىڭ چۆڭ-كىچىك ئالامەتلىرى، ئۆلۈم، قەبرە ۋە ئۇنىڭدا بولىدىغان نېئمەت ۋە ئازابلار، بەرزەخ ھاياتى، سۇرنىڭ چېلىنىشى، مەخلۇقاتلارنىڭ قايتىدىن تىرىلدۇرۇلىشى ۋە ھەشرى مەيدانىغا توپلىنىشى، ھېساب، ئەمەل دەپتىرى، تارازا، پىلسىرات، كەۋسەر كۆلى، شاپائەت، كۆۋرۈك، جەننەت- دوزاخ ۋە ئۇنىڭدىكى مۇكاپات ۋە جازالار قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان ئەبەدى سەئادەتكە ئالاقىدارلىق بولغان بارلىق مەزمۇنلارنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ. (ھۆججەتنى يوتكىسىڭىز، مەنبەنى ئەسكەرتىڭ).
- ئۇيغۇرچە لېكتور : ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال قەشقەرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
بۇ ئاۋازلىق ئەسەر دوكتۇر ئابدۇلكەرىم زەيداننىڭ «ئۇسۇل فىقھى ھەققىدە قىسقىچە بىلىم» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىك نۇسخىسىدۇر. شۇنداقلا ئىجتىھاد سەۋىيەسىدىكى ئۆلىمالار ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولغان تارماق مەسىلىلەردە، قۇرئان- سۈننەت نۇرى ئاستىدا شەرىئەتنىڭ؛ ھالال ياكى ھارام، رۇخسەت ياكى مەكرۇھ، مۇباھ ياكى پەزىلەتلىك ئەمەل، دېگەن ھۆكۈملەرنى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قانۇنى پىرىنسىپىدىن ھالقىمىغان ھالدا، شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : ئەھمەد ئوبۇلقاسىم قەشقەرى (لېكتور) تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇت ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىن ئارىيە» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، داۋۇت ئەلەيھىسسالام ھاياتىدا ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان خاس مەرھىمىتىنىڭ ئوچۇق نامايەندە بولىشى، ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق مۆجىزاتلارنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈلىشى، ھۆكۈمدە ئادالەتپەرۋەرلىكى، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ياخشى كۆرۈشى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : ئەھمەد ئوبۇلقاسىم قەشقەرى (لېكتور) تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ئىمام ئەبۇ ھەنىيپىنىڭ ھاياتىدىن ئىبرەتلىك دەرسلەر» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، ئىمامنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئۇنىڭ ئەخلاق ۋە سەۋرچانلىق، تەقۋادارلىق، راستچىللىق، سېخىلىق، ھەقىقەتپەرۋەرلىككە ئوخشىغان ئالى جاناب پەزىلەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا شەرئىي بىلىملەرگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، پىقھى ئىلمى تەتقىقاتلارغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق تارىختا ئۆچمەس قۇياشقا ئايلىنىشىدەك مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : ئەھمەد ئوبۇلقاسىم قەشقەرى (لېكتور) تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«مۇھەببەتكە مۇھەببەت قىلىش» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتى، ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى، رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈشى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى ئائىلىمىزنىڭ ئەزاسى دەپ ئىلان قىلىشى، غازاتلاردا رەسۇلۇللاھقا ھەمراھ بولىشى، شېھىتلىك دەرىجىسىگە ئېرىشىشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلاردا.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : ئەھمەد ئوبۇلقاسىم قەشقەرى (لېكتور) تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەزى ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىۋاتامدۇق-يوق، رەسۇلۇللاھنى راستىنلا ياخشى كۆرەمدۇق-يوق؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۇستىدە تارىخ ۋە بۈگۈننى سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلغان ئاساستا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : ئەھمەد ئوبۇلقاسىم قەشقەرى (لېكتور) تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«تەڭداشسىز ھەقىقەت» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ھەقىقەتنىڭ زامان ۋە ماكان ئايرىماستىن ئۈستۈنلۈك شەرىپىگە نائىل ئىكەنلىكى، ساغلام ئەقىدە بىلەن شەرەپلەنگۈچىلەر ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە پەخىرلىنىشى لازىملىقى، مۇسۇلماننىڭ ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ دىنى تەشۋىقاتىنىڭ ئەۋۋەلقى باسقۇچلىرىدا ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن ئۇچرىغان تىراگىدىيىلىك ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«سەدىقە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، سەدىقىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى، سەدىقە بېرىشنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى، سەدىقىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىشتىن پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى قاتارلىق ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان سەدىقە بېرىشكە دائىر مەلۇماتلارنى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا تايىنىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : ئەھمەد ئوبۇلقاسىم قەشقەرى (لېكتور) تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھى، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپى ساغلام ئەقىدىنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقى، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئومۇمىي تۈرلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلارنىڭ ھاكىمىيەت دەۋرىدىن مىساللارنى كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرنەك ئېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختىلىدۇ.