قىسقىچە چۈشەنچە

بىرقىسىم كىشىلەر رەجەپ ئېيىدا  ( سالاتۇررەغائىب) ئارزۇ قىلىش، ئۈمىت قىلىش نامىزى ئوقۇشتەك، بۇ ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈشتەك بەزەن ئىبادەتلەرنى بۇ ئايدا قىلىشقا خاسلاشتۇرىۋالىدۇ، بۇ ئىسلام دىنىمىزدا ئاساسى بار ئىبادەتلەردىنمۇ؟

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

رەجەپ ئېيىدىكى بىدئەتلەر

 

سوئال:

بىرقىسىم كىشىلەر رەجەپ ئېيىدا  ( سالاتۇررەغائىب) ئارزۇ قىلىش، ئۈمىت قىلىش نامىزى ئوقۇشتەك، بۇ ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈشتەك بەزەن ئىبادەتلەرنى بۇ ئايدا قىلىشقا  خاسلاشتۇرىۋالىدۇ، بۇ ئىسلام دىنىمىزدا  ئاساسى بار ئىبادەتلەردىنمۇ؟

جاۋاپ:

 رەجەپ ئېيىنى ئارزۇ قىلىش، ئۈمىت قىلىش نامىزى، يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىنى ئۆز گۇمانىدا بۇ مىراج كېچىسى (پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىچىدە مەككىدىن پەلەستىندىكى ئەقسا مەسچىتىگە بېرىپ ئۇ جايدىن يەتتە قات ئاسمانغا ئۆرلەپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا چىقىپ قايتىپ چۈشكەن كىچە دەپ) ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈشتەك بەزەن ئىبادەتلەرنى خاسلاشتۇرىۋىلىش ئىسلام شەرىئىتىدە ئاساسى بولمىغان كىيىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ بىرقىسىم تەتقىقاتچى ئالىملار كىشىلەرنى بۇ توغرىدا ئاگاھلاندۇردى، بىزمۇ كىشىلەرگە بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش بېرىپ بىرقانچە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ بۇ ماقالىدا بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ رەجەپ ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى جۈمە كېچىسىنى خاس قىلىپ ئارزۇ قىلىش، ئۈمىت قىلىش نامىزى ئوقۇشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇ ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىنى مىراج كېچىسى دەپ گۇمان قىلىپ ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈشتەك بەزەن ئىبادەتلەرنى خاسلاشتۇرىۋىلىش  ئىسلام دىنىمىزدا  ئاساسى بولمىغان كىيىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلارنىڭ قاتارىدىن دەپ بايان قىلدۇق. مىراج كېچىسىنىڭ قايسى كۈننىڭ كېچىسىدە يۈز بەرگەنلىكى ئېنىق ئەمەس، ئەگەر ئېنىق بولغان تەقدىردىمۇ بۇ كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈشتەك بەزەن ئىبادەتلەرگە خاسلاشتۇرىۋىلىش جائىز ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كىيىنكى ئىز باسار خەلىپىلەر ۋە باشقا ساھابىلەرمۇ بۇ ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈشتەك بەزەن ئىبادەتلەرنى قىلمىغان، ئەگەر بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن بولغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇلار بۇ ئىشنى بىزدىن بۇرۇن قىلغان بولاتتى. ھەقىقى ئىبادەت ۋە ياخشىلىق دېگەن ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگىشىشتىن ئىبارەت بولۇپ ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر(يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھ دىن مەمنۇن بولدى، ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر».                                                  

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى بىزنىڭ ئىشىمىزدا يوق نەرسىنى پەيدا قىلسا، بۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ» يەنى بۇ ھەدىستىن دىندا ئەسلى يوق ئىشنى كىم پەيدا قىلسا بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ۋە جىنايىتى شۇ كىشىگە قايتىدۇ  دېگەن مەنا ئىپادىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۆز خۇتبىسىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ:«سۆزنىڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابى، يولنىڭ توغرىسى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تۇتقان يولى، ئىشلارنىڭ ئەڭ ئەسكى، ناچارلىرى دىننىڭ سىرتىدا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلار، دىننىڭ سىرتىدا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتىن ئىبارەت».                                    

بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يولىغا ئەگىشىشى، بۇ يولدا مۇستەھكەم تۇرۇشى، باشقىلارنى بۇنىڭغا تەۋسىيە قىلىشى، دىننىڭ سىرتىدا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلار دىن ھەزەر قىلىشى زۆرۈردۇر. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ :« ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار» ۋە « زامان بىلەن قەسەمكى ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر بىرىگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر»، دېگەن سۆزىگە، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ: «دىن دېمەك سەمىمىيەت، ساداقەت دېمەكتۇر» (دىن دېمەك نەسىھەتتۇر) دېگىنىدە، كىمگە ساداقەتمەنلىك قىلىنىدۇ دېيىلدى؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقلىرىغا ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا» دېگەن سۆزىگە ئەمەل قىلغانلىقتۇر.

(دېمەك، ئىبادەتلىرىمىزدە ئىنتايىن دىققەت قىلىشىمىز، دىنىمىزدا ئەسلى يوق ئىشلارنى قارىغۇچىلارچە ئىتىقاد بىلەن، ساۋابقا ئېرىشىمەن دەپ گۇناھ ئىشلەپ ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولوپ قىلىشتىن ساقلىنىشمىز لازىم ۋە كۈندىلىك ئىبادەتلىرىمىزنىڭ قۇرئان - سۈننەتكە ئۇيغۇن بولىشىغا ھېرىسمەن بولىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.-مۇھەررىر-)

 

 

.

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز