قىسقىچە چۈشەنچە

ئاياللار ھەيز، نىپاس كۆرگەندە ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتماي راھەت ئالىدۇ، لېكىن ئەرلەر ئىبادەت قىلغاندا ئاياللارغا ئوخشىغان راھەت ئېلىش ۋاقتى بېكىتىلمىگەن بۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىبادەت جاپا-مۇشەققەت ئەمەس، بەلكى قەلبگە راھەتتۇر

 

125994- نومۇرلۇق سوئال

سۇئال:

ئاياللار ھەيز، نىپاس كۆرگەندە ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتماي راھەت ئالىدۇ، لېكىن ئەرلەر ئىبادەت قىلغاندا ئاياللارغا ئوخشىغان راھەت ئېلىش ۋاقتى بېكىتىلمىگەن بۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟

جاۋاپ:

پۈتۈن ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا بولسۇن.

ئىبادەت دېگەن ھارغىنلىقتىن ئارام ئالىدىغان جاپا-مۇشەققەتلىك ئىش ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئۇ جانابى ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ياخشى كۆرۈشتىن بارلىققا كىلىدىغان ئەمەلدۇر.

مۇسۇلمان كىشى جانابى ئاللاھغا يۈزلىنىپ ھەرۋاقىت دۇئادا بولىشى، ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقىتى، مەغپىرىتىنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشىنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى ئۈلگە قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. رەسۇلۇللاھ بىلالنى نامازغا ئەزان ئېيتىشقا بۇيرۇپ «بىزنى راھەتلەندۇرگىن» دەيتتى. ئىبادەت مۆمىننىڭ قەلبىگە راھەت بېغىشلايدىغان ئاجايىپ روھى قۇۋۋەتتۇر.

ئىبنى قەييۇم (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيتتى: "ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ تولۇق بولىشى جانابى ئاللاھنى تولۇق ياخشى كۆرۈشكە باغلىقتۇر. تولۇق ياخشى كۆرۈش ياخشى كۆرۈلگۈچىنىڭ، ياخشى كۆرگۈچىنىڭ دىلىدىن ئالغان ئورنىغا باغلىق.

جانابى ئاللاھ بارچە نۇقساندىن خالى تولۇق كامالى قۇدرەتكە ئېگە زاتتۇر. كىمىكى ئاللاھنى ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن، ئۇ زاتقا تولۇق قۇلچىلىق قىلىشى تەقەززا قىلىنىدۇ.

ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئۇ زاتقا تولۇق بەندىچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ. ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدىراش دېمەكتۇر. بۇ تۈردىكى بەندىچىلىك ھەقىقى كۈچلۈك كاتتا بەندىچىلىك دەپ قارىلىدۇ.

ئاللاھ ھەر قانداق نەرسىگە بۇيرىسا ياكى ئۇنىڭدىن چەكلىسە، بەندىنىڭ دىلى ئۇ بۇيرۇقنى بېجا كەلتۈرۈشتە ھەقىقى ھەق مەبۇدقا يۈزلىنىشى كېرەك.

بەزى سەلەپ ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: "ئېغىز ئېپادىلىيەلمىگەن سۆيگىنى ئىنساننىڭ دىلى ئىپادىلەيدۇ". ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۇھەيب توغرىسىدىكى سۆزىدە: "ئەگەر ئۇ ئاللاھنىڭ يەڭگىللىتىپ بېرىشىنى بىلىمىگەن بولسا ئىدى، گۇناھ سادىر قىلمىغان بولاتتى".

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەھەججۈد نامازدا ئۇزۇن ئۆرە تۇرۇش سەۋەبلىك پۇتى ئىششىپ كەتكىنىدە، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى جانابى ئاللاھ سىلىنىڭ ئىلگىرى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن تۇرسا، يەنە نېمە ئۈچۈن مۇنداق جاپالىق ئىبادەت قىلىلا؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: "جانابى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا، رەھمەت ئېيتىدىغان بەندە بولمامدىم!".

جانابى ئاللاھ ئىبادەت قىلىنىدىغان، ھەمدۇ-سانا ئېتىش، ياخشى كۆرۈشكە لايىق ئۇلۇغ زات ۋە ياراتقۇچىدۇر. ھەر قانداق بىر بەندە جانابى ئاللاھ تەلەپ قىلغان شەكىلدە تولۇق قۇلچىلىق قىلالىشى ناتايىن. پۈتۈن بەندىلىرىنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ياخشىسى، ئەدەپ- ئەخلاق، بىلىملىك، ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدىغان، تەقۋادارى (سۈپەتلەپ بولغىلى بولمايدىغان) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەمەللەرگىلا تايىنىپ نىجاتلىققا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ساھابىلەرگە مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھېچ بىرىڭلارنى سىلەرنىڭ قىلغان ئىش- ئەمەللىرىڭلار قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. دېگىنىدە، ساھابىلار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئې ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۆزلىرىمۇ شۇنداقمۇ؟ دەپ سورىغىنىدا، مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: ھەتتا مەنمۇ شۇنداق، پەقەت ئاللاھ ئۆزىنىڭ رەھمىتى ۋە پەزلى كەرىمى بىلەن نىجاتلىق بېرىدۇ».  يەنە بىر ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دېيىلگەن: پەرىشتىلەرنىڭ بىر قىسمى يارىتىلغاندىن باشلاپ سەجدە قىلىپلا تۇرىدۇ. يەنە بىر تۈركۈمى رۇكۇ قىلىپلا تا قىيامەت قايىم بولغىچە بىشىنى كۆتۈرمەي رۇكۇدا تۇرىدۇ. ئۇلار ئاخىرەت كۈنى ئى ئاللاھ ئۆزلىرىگە يارىغۇدەك ئىبادەت قىلالمىدۇق" دېيىشىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز