پىتىر سەدىقىسىنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ مىقدارى توغرىسىدا

قىسقىچە چۈشەنچە

«پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلمىغۇچە رامىزاننىڭ روزىسى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلمەيدۇ» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟. ئەگەر روزىدار ئۆزى ئېھتىياجلىق كىشىلەردىن بولسا، مەزكۇر ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە ياكى باشقا سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن بېكىتىلگەن شەرئى دەلىللەرنىڭ ھۆكمى بويىچە ئۇ كىشىنىڭمۇ پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشى پەرز بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    پىتىر سەدىقىسىنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ مىقدارى توغرىسىدا

    حكم زكاة الفطر ومقدارها

    < ئۇيغۇرچە >

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى ئىشلار پەتىۋا تەشۋىقات كۆمتېتى

    اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء والدعوة والإرشاد

    —™

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    پىتىر سەدىقىسىنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ مىقدارى توغرىسىدا

    12459-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    «پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلمىغۇچە رامىزاننىڭ روزىسى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلمەيدۇ» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟. ئەگەر روزىدار ئۆزى ئېھتىياجلىق كىشىلەردىن بولسا، مەزكۇر ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە ياكى باشقا سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن بېكىتىلگەن شەرئى دەلىللەرنىڭ ھۆكمى بويىچە ئۇ كىشىنىڭمۇ پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشى پەرز بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىش ھېيت-بايرام كۈنىدە ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك تەمىناتىدىن ئاشقىدەك ئىقتىسادقا ياكى يېمەك-ئىچمەككە ئىگە بولغان بارلىق مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارغا پەرز بولىدۇ.

    بۇنىڭ دەلىلى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۆر-قۇل، ئەر-ئايال، چوڭ-كېچىك بارلىق مۇسۇلمانلارغا پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ئۈچ كىلوگىرام ئەتراپىدا ئادا قىلىشنى پەرز قىلدى. بۇنى كىشىلەر ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىشقا بۇيرىدى.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. بۇ بۇخارىينىڭ لەپزى].

    ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە پىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىكتىن ياكى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ياكى ئۈزۈمدىن ياكى پىشلاقتىن ئۈچ كىلو ئەتراپىدا بېرەتتۇق.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    شۇنىڭدەك، گۈرۈچ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزى ياشاۋاتقان يۇرتلاردا كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەردىن ئادا قىلسىمۇ بولىدۇ.

    بۇ يەردە ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغان مىقدار بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەۋرىدە قوللانغان ئۆلچەم «سائ» مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بىر «سائ» تۆت ئۇۋۇچ ئەتراپىدا بولۇپ ھازىرقى دەۋرىدىكى ئالىملار بۇنى ئۈچ كىلوگىرام ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ دەپ قارىغان.

    ئەگەر كىمكى پىتىر سەدىقىسى بېرىشنى تەرك قىلسا، گۇناھكار بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ قازاسىنى بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ.

    سوئالدا بايان قىلغان ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. بىز ۋە سىلەرنىڭ بارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلسۇن.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى ئىشلار پەتىۋا تەشۋىقات كۆمىتېتى (9/364).

    ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.