ئىككى ئائىلە ھەر بىرى يەنە بىرىگە پىتىر سەدىقىسى بېرىشكە ئىتتىپاقلىشىش توغرىسىدا

قىسقىچە چۈشەنچە

ئىككى ئائىلە ھەر بىرى يەنە بىرىگە پىتىر سەدىقىسى بېرىشكە بىرلىككە كەلگەن بولسا، بۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بەرگەن پىتىر سەدىقىسىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    ئىككى ئائىلە ھەربىرى يەنە بىرىگە پىتىر سەدىقىسى بېرىشكە ئېتتىپاقلىشىش توغرىسىدا

    عائلتان اتفقتا على أن تعطي كل واحدة منهما زكاة فطرها للأخرى

    < ئۇيغۇرچە >

    ئىسلام سوئال جاۋاپ ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى

    القسم العلمي بموقع الإسلام سؤال وجواب

    —™

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    ئىككى ئائىلە ھەربىرى يەنە بىرىگە پىتىر سەدىقىسى بېرىشكە ئېتتىپاقلىشىش توغرىسىدا

    233600 – نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ئىككى ئائىلە ھەر بىرى يەنە بىرىگە پىتىر سەدىقىسى بېرىشكە بىرلىككە كەلگەن بولسا، بۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بەرگەن پىتىر سەدىقىسىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالا زاكاتنى پەرز قىلىپ، پەقىر-مىسكىنلەردىن ئىبارەت ھەقلىق بولىدىغان كىشىلەرنىڭ تۈرلىرىنى بايان قىلدى. بۇ ئارقىلىق ئىنساننى بېخىللىق، ئاچ كۆزلۈك قاتارلىقلاردىن پاكلىنىشتىكى ئاساسلىق ئامىل قىلىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمْ بِهَا﴾ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتكەيسەن.» [سۈرە تەۋبە 103-ئايەت].

    ئىقتىسادىنىڭ زاكىتىنى ئايرىغان كىشى كۆڭلى-كۆكسىدىن رازى بولۇپ، خۇرسەنلىك بىلەن ئايرىشى كېرەك، باشقىلارغا زاكات بېرىشنىڭ بەدىلىگە مەلۇم مەنپەئەت ئېلىشنى شەرت قىلسا توغرا بولمايدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار قەرز ئىگىسىنىڭ قەرزدار كىشىگە ئۆزىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش شەرتى بىلەن زاكات بېرىشىنى توغرا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زاكاتنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قەرزىنى تولۇقلاپ ئېلىش مەقسىتىدە بەرسە دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى زاكات دېگەن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ھەقلىق بولغان كىشىگە بېرىلىدىغان مال بولۇپ، ئۇنى ئۆزى تىزدىن ئېرىشىدىغان مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسى قىلىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ.

    ئېنىق چۈشەندۈرگەندە: شەرىئەت زاكاتقا ھەقلىق بولغان كىشىدىن بەرگەن زاكىتىدىن قايتۇرۇپ ئېلىشنى چەكلىدى. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەرگەن سەدىقىنى قايتۇرىۋالمىغىن، ئۇنى پۇلغىمۇ سېتىۋالمىغىن.» [بۇخارى رىۋايىتى].

    ئۆزى بەرگەن نەرسىنى ھەقلىق بولغان كىشىدىن پۇلغا سېتىۋېلىشنى بەرگەن سەدىقىسىنى قايتۇرىۋالغانلىقنىڭ جۈملىسىدىن قىلدى. ئەگەر ئۇنى ھەقلىق بولغان كىشىدىن بىر مەنپەئەتكە ئېرىشىش مەقسىتىدە بەرسە قانداق بولىدۇ؟". ["ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين ناملىق ئەسەر 5-توم 271-بەت].

    سوئالدا بايان قىلىنغان شەرت بولسا، ئۇ بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىشنىڭ ئۆزى بولۇپ، بۇ بەرگەن زاكاتنىڭ ئۆزىنى ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ھىيلە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە قايتۇرۇۋىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

    مۇشۇنداق قىلىش بىلەن زاكات بەرگۈچى ئۆزىدىكى بېخىللىق ۋە ئاچ كۆزلۈكتىن ئىبارەت بولغان ناچار سۈپەتنى تازىلىيالمايدۇ. ئۇ كىشى زاكاتنى بەرگەندە، زاكاتنىڭ ئۆزىنى ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ئۆزىگە قايتۇرۇشنى شەرت قىلىپ بەرسە، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ بېخىللىق بىلەن سۈپەتلەنگەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز