قىسقىچە چۈشەنچە

"ئەقىدە تاھاۋىيە" دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟، بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

"ئەقىدە تاھاۋىيە" ناملىق ئەسەر توغرىسىدا

93197- سوئال

سوئال:

"ئەقىدە تاھاۋىيە" دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟، بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئەقىدە تاھاۋىيە ئىمام تاھاۋىي يازغان ۋە ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەر بولۇپ، بۇ ئەسەر توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بىرقانچە تەرەپتىن قاراپ چېقىشقا توغرا كېلىدۇ:

1- مەزكۇر كىتابنىڭ مۇئەللىپى ھەدىس ۋە پىقھى ئىلىملىرىدە كامالەتكە يەتكەن، ئۆز زامانىدا ئىلمى ساھەدە چاقنىغان يۇلتۇز ئەبۇ جەئپەر ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سەلامە ئەتتەھاۋىي. "تەھاۋىي" مىسىرنىڭ سەئىد ۋىلايىتىدىكى بىر كەنىتنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئىمامنىڭ ئىسمىگە نىسبەت بېرىلگەن. ئۇ كۆپ ئۇستازلاردىن تەلىم ئالغان ۋە پايدىلانغان. ئىمام تەلىم ئالغان ئۇستازلارنىڭ سانى ئۈچ يۈزگە يەتكەن. ئۇ كىشى ھىجىريىنىڭ 321-يىلى ۋاپات بولغان بولۇپ، مىسىرنىڭ قۇراپە دېگەن يېرىگە دەپنە قىلىنغان.

كۆپچىلىك ئالىملار ئىمام تەھاۋىنى ماختىغان:

شەيخ ئىبنى يۇنۇس مۇنداق دېگەن: «تاھاۋىي ئىشەنچىلىك، مۇستەھكەم، پىقھى بىلىملىرىگە كامىل، ئەقىللىك كىشى بولۇپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوخشىشى بولمىغان».

ئىمام زەھەبىي مۇنداق دېگەن: «تاھاۋىي پىھقى-ھەدىس بىلىملىرىدە كامالەتكە يەتكەن مەشھۇر ئالىملارنىڭ بىرى ھەم  ئىشەنچىلىك، ئەقىللىك كىشى ئىدى».

ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئىشەنچىلىك، قەتئىي، ئېسىدە تۇتۇش قابىلىيىتى يۇقىرى كىشى ئىدى».

ئىمام تاھاۋىي نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، بەزى كىتابلىرى ناھايتى زور ئەھمىيەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان.   ئۇنىڭ مىسالى: "مائانىيل ئاسار " ۋە "مۇشكىلىل ئاسار" دېگەن كىتابلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇلغان پىقھى تەتقىقاتلىرى، ئىختىلاپى مەسىلىلەرنى ئىلمى ئۇسۇل بىلەن مۇنازىرە قىلىش ۋە كۈچلاندۇرۇش قائىدىلىرى بايان قىلىنغان.

"سىيەرىي ئەئلامۇن نۇبەلا 15توم27-33-بەت، ۋە "ئەلبىدايە ۋەننىھايە 11توم 174-بەت" دېگەن ئەسەرلەردە ئىمامنىڭ تەرجىمىھالى تەپسىلى بايان قىلىنغان.

2- ئىمام تاھاۋىي بۇ ئەقىدە كىتابىدا: ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ (سەلەپلەرنىڭ) ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە كىشىلىرى ۋە ھەنەپىي ئالىملىرىنىڭ ئەقىدە كۆزقارىشىنى تەپسىلى بايان قىلغان. ئىمام تاھاۋىي ئەبۇ ھەنىيپە مەزھىبىدىكى كىشى بولۇپ، ئۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۆزىنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتىن بولغان مەقسىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ كىتاب ئۈممەتنىڭ پىقھىشۇناشلىرىدىن بولغان، كۇپىيلىق ئەبۇ ھەنىيپە نۇئمان ئىبنى سابىت، ئەبۇ يۈسۈپ يەئقۇب ئىبنى ئىبراھىم ئەلئەنسارىي، ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەششەيبانىي قاتارلىقلارنىڭ ( ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن ) ئىتىقاد قىلغىنى دىننىڭ ئەسلىدىن بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا يېقىنلىشىدىغان ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسىنى زىكىر قىلىدۇ".

ئىمام تەھاۋىي بۇ كىتابتا، ئەقىدىنىڭ ئاساسىدىن باشلاپ، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئىشىنىدىغان 105 ئىشنى زىكىر قىلدى. كىتابنى ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى بايان قىلىش، ھاياتلىق، بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى دائىم ئىدارە قىلىپ تۇرۇش، يارىتىش، رىزىق بېرىش قاتارلىق پەرۋەردىگارلىق سۈپەتلىرىنى زىكىر قىلىش، كامالى سۈپەتلىرىنى شەكىللەندۈرمەستىن بىر نەرسىگە ئوخشاتماستىن ئاللاھ تائالا قۇرئان-كەرىمدە بايان قىلغان «ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر» دېگەن ئايەتنىڭ روھى بىلەن مۇقىملاشتۇردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ھەممىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىگە ئېشىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلدى. ئاندىن  قۇرئان-كەرىمنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى باشقا يارىتىلغۇچى مەخلۇقلاردىن ئەمەسلىكىنى، ئاخىرەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنى كۆرۈشىنى ئىسپاتلىدى.

ئاندىن ئەھلى سۈننەت ئېشىنىدىغان  ھەۋزى-كەۋسەر، شاپائەت، ئەرىش، كۇرسى قاتارلىق بەزى غەيبى ئىشلارنى بايان قىلدى.

ئاندىن ئىماننىڭ ئاساسلىرى ۋە قازا-قەدەر مەسىلىلىرى ۋە ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئېتىقادى چۈشەنچىسىنى بايان قىلدى.

ئاندىن كىيىن ئىماننى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئىماننىڭ كەم-زىيادە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن  بىرگە خاۋارىچ ۋ ە مۇرجىئەلەرنىڭ ئەقىدىسى بىلەن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ قارىشىدىكى پەرق ۋە ئۇلارنىڭ ساھابىلار توغرىسىدىكى مەيدانىنى زىكىر قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش دىن، ئىمان ۋە ئېھساننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى، ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈش بولسا كۇفرىلىق، نىپاقلىق ۋە ئاسىيلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئاندىن قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ۋە قىيامەت كۈنى بولىدىغان ئىشلارنى بايان قىلدى. ئاندىن ئۆزىنىڭ كىتابىنى دىننىڭ ئاساسى پرىنسىپىدىن ھالقىمىغان ۋە ئەسلىدىن كەمەيتىلمىگەن ئوتتۇراھاللىقنى چىقىش قىلغان دىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

3- "تاھاۋىي ئەقىدىسى" ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئىبارەتلىرى ئاسان ۋە ئاممىباب، مەنىسى چۈشىنىشلىك، بىر-بىرىگە مۇۋاپىق ھالدا توپلانغان ۋە ئىخچاملاشتۇرۇلغان، ئەسەرنىڭ كۆپ قىسمىغا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ۋە ئىلىم ئىگىلىرى بىرلىككە كەلگەن ۋە ماختاشقان.

كۆپچىلىك ئالىملار بۇ كىتابنى بىر-بىرلەپ شەرھىلىگەن. ئىلگىرىكى ئۆلىمالاردىن: ئىبنى ئەبى ئىز ئەلھەنەپىي   بۇ كىتابقا تەپسىلى شەرھى يازغان. يېڭى ئەسىر ئۆلىمالىرىدىن: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ مۇھەممەد ناسىرىددىن ئەلبانىي، شەيخ سەپەر ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھەۋالىي قاتارلىقلار شەرھىلىگەن. يەنىمۇ تەپسىلى چۈشىنىشنى مەقسەت قىلغانلار شەرھىلەرگە مۇراجىئەت قىلسۇن.

4- "تاھاۋىي ئەقىدىسى" ئومۇمى مەسىلىلەرنى بايان قىلغان، بولۇپمۇ سەلەپلەرنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر بولغان ئەقىدىگە ئائىت مەسىلىلەرنى زىكىر قىلغان.

ئەللامە ئۇستاز ئىبنى ئەبى ئىز ئەلھەنەپىينىڭ شەرھىسى كەڭ دائىرىدە يېزىلغان مۇھىم شەرھى ھېسابلىنىدۇ. ئۇستاز بۇ شەرھىنى  مەشھۇر ئالىملارنىڭ كىتابىدىن بولۇپمۇ شەيخۇل ئىسلام ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبنى قەييۇمنىڭ كىتابلىرىدىن سۈزۈپ ئالغان.

5- بىز يۇقىرىدا ئىبنى ئەبى ئىز ئەلھەنەپىينىڭ شەرھىسى ۋە بۇ ئەقىدە كىتابىنىڭ پايدىلىق ۋ ە ئالاھىدىلىك تەرەپلىرىنى بايان قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ كىتابتا سەلەپ ئەقىدىسىگە خىلاپ بولغان بەزى مەسىلىلەرمۇ تەنقىت قىلىنغان. مەسىلەن: ئىماننى تونۇشتۇرۇشتا: ئىمان دېگەن: «تىل بىلەن ئىقرار قىلىپ دىلىدا تەستىق قىلىش» دېيىلگەن.  بۇ سۆز ئەمەللەرنى ئىماننىڭ ھەقىقىتىدىن چىقىرىۋەتكەن مۇرجىئە ئەقىدىسىدىكى پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر. شۇنىڭدەك: ئىمان بىر بولىدۇ. ئىماننىڭ ئەسلىدە ھەممە كىشى باراۋەر  دېگەن قاراشلار.

بۇ كىتابتا مەنىسى ھەقىقەتنىڭ ئەكسىگە دالالەت قىلىدىغان ئوچۇق بولمىغان ئىبارەتلەر بار.  بەلكى كۆپچىلىكى بىدئەتچىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ قارشىسىدا قوللىنىدىغان ئىبارەتلەردۇر. مەسىلەن "ئاللاھ تائالا دائىرە، چەك، ئاساس، ئەزا ۋە ۋاستىلەردىن خالىدۇر، باشقا پەيدا بولغۇچى شەيئىلەردەك تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ دېگەندەك بۇ ئىبارەتلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان-ھەدىستە ئىسپاتلانغان سۈپەتلىرىنى رەت قىلىپ بىكار قىلىۋەتكۈچىلەر  كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ يۈز، ئىككى قول ۋە ئىككى كۆزگە ئوخشاش ئۆز زاتىغا لايىق گۈزەل سۈپەتلىرىنى ئەزا دەپ ئاتايدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكدۇر.

ئاللاھنىڭ ئۆز مەخلۇقاتلىرىدىن ئالى بولغانلىقىنى، ئاسماننىڭ ئۈستىدە ئەرىشتە ئورۇنلاشقانلىقىنى "تەرەپ، ماكان" دەپ ئاتايدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن دىنى ئوقۇغۇچىلار بۇ كىتابنى شەرھىلەش ياكى دەرسلىك قىلىشتا، ئىبنى ئەبى ئىز ئەلھەنەپىيگە ئوخشاش ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى شەرھىلىگەن نۇسخىلىرىغا شۇنىڭدەك يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك يېڭى ئەسىر ئالىملىرىنىڭ ئىزاھات ۋە ئىلاۋىلىرىگە تايىنىشى ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ كىتابنىڭ شەيخ سالىھ ئال-شەيخ ۋە يۈسۈپ غەپىيس قاتارلىقلار ۋە باشقا ئالىملارنىڭ شەرھىلىگەن ئاۋازلىق شەرھىسىمۇ بار.

شەيخ سەپەر ھەۋالىي ئىبنى ئەبى ئىز ئەلھەنەپىينىڭ شەرھىسىگە بەزى ئىزاھات ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى يازغان. ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئاللاھ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز